ئىبنۇل جەۋزىي (ابْنُ الجَوْزِيِّ جَمَالُ الدِّيْنِ عَبْدُ الرَّحْمَانِ بنُ عَلِيٍّ البَغْدَادِيُّ): جامالۇددىن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلباغدادىي (ئەبۇلفەرەج). (ھ. 510 – 597 / م. 1116 – 1201) نەسەبى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە تۇتىشىدۇ. ئاتاقلىق مۇھەددىس، تارىخچى، فەقىھ، ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىدىن. «زادۇل مەسىر» (تەفسىر)، «تەلبىسۇ ئىبلىس (شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى)» ۋە «سەيدۇل خاتىر (ئوي -پىكىر مەھسۇللىرى)» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.