13- باب ئىجارە توختامى

  • 212- ماددا ئىجارە توختامى ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە نەرسىنى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىشلىتىشى، مەنپەئەتلىنىشىگە تاپشۇرىدىغان، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققى تۆلەيدىغان توختامدۇر.
  • 213- ماددا ئىجارە توختامىنىڭ مەزمۇنى ئىجارە نەرسىنىڭ نامى، سانى، ئىشلىتىلىش ئورنى، ئىجارە مۆھلىتى، ئىجارە ھەققى ۋە ئۇنى تۆلەش مۆھلىتى، ئۇسۇلى، ئىجارە نەرسىنى ئاسراش- رېمونت قىلىش قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  • 214- ماددا ئىجارە مۆھلىتى 20 يىلدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. 20 يىلدىن ئېشىپ كەتسە، ئېشىپ كەتكەن قسىمى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ئىجارە سۈرۈكى توشقاندا، ئالاقىدارلار ئىجارە توختامىنى داۋاملىق تۈزسە بولىدۇ، لېكىن پۈتۈشكەن ئىجارە مۆھلىتى توختامنى داۋاملىق تۈزگەن كۈندىن باشلاپ 20 يىلدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
  • 215- ماددا ئىجارە مۆھلىتى ئالتە ئايدىن ئاشىدىغان بولسا، يازما شەكىل قوللىنىش كېرەك. ئالاقىدار يازما شەكىل قوللانمىغان بولسا، قەرەلسىز ئىجارە، دەپ قارىلىدۇ.
  • 216- ماددا ئىجارە بەرگۈچى نەرسىنى ئىجارە ئالغۇچىغا پۈتۈشكىنى بويىچە تاپشۇرۇشى ھەمدە ئىجارە نەرسىنى ئىجارە سۈرۈكىدە پۈتۈشكەن ئورنىغا ئىشلىتىشى كېرەك.
  • 217- ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى پۈتۈشكەن ئۇسۇل بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك. ئىجارە نەرسىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، ئىجارە نەرسنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ ئىشلىتىشى لازىم.
  • 218- ماددا ئىجارە ئالغۇچىلاردىن ئىجارە نەرسىنى پۈتۈشكەن ئۇسۇل ياكى خاراكتېرى بويىچە ئىشلىتىپ ئۇپرىتىپ قويغانلىرى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
  • 219- ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى پۈتۈشكەن ئۇسۇل ياكى خاراكتېرى بويىچە ئىشلىتىپ زىيانغا ئۇچراتسا، ئىجارە بەرگۈچى توختامنى بىكار قىلسا ھەمدە زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  • 220- ماددا ئىجارە بەرگۈچى نەرسىنى ئاسراش- رېمونت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  • 221- ماددا ئىجارە نەرسىنى ئاسراش- رېمونت قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە بەرگۈچىدىن مۇۋاپىق مۆھلەتتە ئاسراش - رېمونت قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئىجارە بەرگۈچى ئاسراش- رېمونت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئىجارە ئالغۇچى ئۆزى ئاسرىسا، رېمونت قىلسا بولىدۇ، ئاسراش- رېمونت قىلىش خىراجىتىنى ئىجارە ئالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىجارە نەرسىنى ئاسراش - رېمونت قىلىش سەۋەبىدىن ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىشلىتىشىگە تەسىر يەتسە، ئىجارە ھەققىنى مۇناسىپ كېمەيتىش ياكى ئىجارە مۆھلىتىنى ئۇزارتىش كېرەك.
  • 222- ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك، ئوبدان ساقلىماي ئىجارە نەرسىنى بۇزۇۋەتكەن ۋە يوقىتىۋەتكەنلەر زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
  • 223- ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ ئىجارە نەرسىنى ياخشىلىسا ياكى ئۇنىڭغا باشقا نەرسىلەرنى قوشسا بولىدۇ.

ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئىجارە نەرسىنى ياخشىلىسا ياكى ئۇنىڭغا نەرسىلەرنى قوشسا، ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە ئالغۇچىدىن ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشنى ياكى زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

  • 224- ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئىجارە نەرسىنى ئۈچىنچى كىشىگە ئىجارە بەرسە بولىدۇ. ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسنى باشقا كىشىگە ئىجارە بەرسە، ئىجارە ئالغۇچى بىلەن ئىجارە بەرگۈچى ئوتتۇرىسىدىكى ئىجارە توختامى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئۈچىنچى كىشى ئىجارە نەرسىنى زىيانغا ئۇچراتسا، ئىجارە ئالغۇچى زىياننى تۆلىشى لازىم.

ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا كىشىگە ئىجارە بەرسە، ئىجارە بەرگۈچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

  • 225- ماددا ئىجارە سۈرۈكىدە ئىجارە نەرسىنى ئىگىلەپ، ئىشلىتىپ ئېرىشكەن مەنپەئەت ئىجارە ئالغۇچىغا تەۋە بولىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  • 226- ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە تۆلىشى كېرەك. تۆلەش مۆھلىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، ئىجارە سۈرۈكى بىر يىلغا توشمايدىغانلار ئىجارە سۈرۈكى توشقان چاغدا تۆلىشى؛ ئىجارە سۈرۈكى بىر يىلدىن ئاشىدىغانلار يىلدا بىر تۆلىشى، قالغان سۈرۈكى بىر يىلغا توشمىغانلار ئىجارە سۈرۈكى توشقان چاغدا تۆلىشى كېرەك.
  • 227- ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنى تۆلىمىگەنلىككە ياكى كېچىكتۈرگەنلىككە ئورۇنلۇق سەۋەب كۆرسىتەلمىسە، ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە ئالغۇچىدىن مۇۋاپىق مۆھلەتتە تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئىجارە ئالغۇچى مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۆلىمىسە، ئىجارە بەرگۈچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
  • 228- ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئۈچىنچى كىشى ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن ئىشلىتەلمىسە، مەنپەئەتلىنەلمىسە، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىشنى ياكى تۆلىمەسلىكنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

ئۈچىنچى كىشى ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە بەرگۈچىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

  • 229- ماددا ئىجارە نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئىجارە سۈرۈكىدە ئۆزگەرسە، ئىجارە توختامىنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتمەيدۇ.
  • 230- ماددا ئىجارە بەرگۈچىلەردىن ئىجارە ئۆينى ساتىدىغانلىرى سېتىشتىن بۇرۇن ئىجارە ئالغۇچىغا مۇۋاپىق مۆھلەتتە ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئىجارە ئالغۇچى ئوخشاش شەرت بىلەن ئالدىن سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
  • 231- ماددا ئىجارە نەرسە جاۋابكارلىقنى ئىجارە ئالغۇچىدىن كۆرگىلى بولمايدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي بۇزۇلغان، يوقالغان بولسا، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىشنى ياكى تۆلىمەسلىكنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ئىجارە نەرسە قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي بۇزۇلغانلىقى، يوقالغانلىقى سەۋەبىدىن توختامدىكى مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىسا، ئىجارە ئالغۇچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
  • 232- ماددا ئالاقىدارلار ئىجارە مۆھلىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، قەرەلسىز ئىجارە، دەپ قارىلىدۇ. ئالاقىدارلار توختامنى ھەر ۋاقىت بىكار قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە ئالغۇچىغا توختامنى بىكار قىلىشنى مۇۋاپىق مۆھلەتتىن بۇزۇن ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
  • 233- ماددا ئىجارە نەرسە ئىجارە ئالغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ياكى سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزسە، ئىجارە ئالغۇچى توختام تۈزگەندە شۇ ئىجارە نەرسىنىڭ سۈپىتى ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ، توختامنى ھەر ۋاقىت بىكار قىلسا بولىدۇ.
  • 234- ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئۆينى ئىجارە ئالغان مەزگىلدە ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ھايات چاغدا بىللە ئولتۇرغان كىشى ئەسلىي ئىجارە توختامى شۇ ئۆينى ئىجارە ئالسا بولىدۇ.
  • 235- ماددا ئىجارە سۈرۈكى توشقاندا، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشى كېرەك. قايتۇرۇلغان ئىجارە نەرسە پۈتۈشكىنى ياكى ئىجارە نەرسىنىڭ خاراكتېرى بويىچە ئىشلەتكەندىن كېيىنكى ھالىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
  • 236- ماددا ئىجارە سۈرۈكى توشقاندا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى داۋاملىق ئىشلەتمەكچى بولغاندا، ئىجارە بەرگۈچىنىڭ باشقىچە پىكرى بولمىسا، ئەسلىدىكى ئىجارە توختامى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ، لېكىن ئىجارە مۆھلىتى بېكىتىلمىگەن ھېسابلىنىدۇ.