ئىجتىمائى سۇغۇرتا

دولەتنىڭ يېتەكلەش سىياسىتى ئارقىلىق يولغا قويىلىدىغان پاراۋانلىق ئالاھىدىلىككە يەنە كېلىپ پايدا ئېلىشنى مەخسەت قىلمىغان مەجبۇرلاش تۇردىكى تۇزۇم بولغانلىغى ئۇچۇن بۇنى <ئىجتىمائى سۇغۇرتا> دەپ ئاتايدۇ. ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۇزىمى دولىتىمىزدە 1986-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

چۈشەنچە تەھرىرلەش

ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۇزىمى دولىتىمىزدە 1986-يىلى 10-ئايدا يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ تاھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان جەرياننى بېسىپ ئوتۇپ ھازىرقى مۇككەممەل،ئەتىراپلىق كولەملەشكەن ھالەتكە ئوتتى.يېقىندا ئېلان قىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتىتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش ژىغىنىدا دىيىلىشىچە يېڭى تۇزۇپ چىقىلغان <ئىجتىمائى سۇغۇرتا باشقۇرۇش قانۇن>نىىڭ سىناق نۇسخۇسىنىڭ دائىمى كومتىت يىغىنىنىڭ قارارىدىن ئوتكەنلىگى مەلۇم بولدى.ئىجتىمائى سۇغۇرتا ھەم سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ سۇغۇرتىسىدەك ئالدىن ھەق تولەپ بەھرىمەن بولىدىغان ئالاھىدىلىككە ھەم دولەتنىڭ يېتەكلەش سىياسىتى ئارقىلىق يولغا قويىلىدىغان پاراۋانلىق ئالاھىدىلىككە يەنە كېلىپ پايدا ئېلىشنى مەخسەت قىلمىغان مەجبۇرلاش تۇردىكى تۇزۇم بولغانلىغى ئۇچۇن بۇنى <ئىجتىمائى سۇغۇرتا> دەپ ئاتايدۇ. دولىتىمىزدىكى ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۇزىمى نوۋەتتىكى< ياشانغاندا كۇتۇنۇش سۇغۇرتىسى养老保险><ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى失业保险>،<تۇغۇت سۇغۇرتىسى 生育保险>،<ئىش ئۇستىدە زەخمىنلىنىش سۇغۇرتىسى工伤保险>،<داۋالىنىش سۇغۇرتىسى医疗保险>دەپ بەش تۇرلۇك بولىدۇ.

ياشانغاندا كۇتۇنۇش سۇغۇرتىسى تەھرىرلەش

بۇ سۇغۇرتا يەنە 3خىل تۈرگە بۈلۈندۇ

1.ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەھرىرلەش

(ئۆلكە دەرىجىلىك جۇغلىما سۇغۇرتا)

سۇغۇرتا ئوبىكتى: 1.مەمۇرى، كەسپى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان بارلىق شىتات سىرتىدىكى خادىملار. 2. كارخانا ۋە يەككە تىجارەتچىلەر بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى بار بارلىق خادىملار، ‹ئەمگەك قانۇن›نىڭ 72-ماددىسى ۋە‹ ئەمگەك توختام قانۇنى› نىڭ 17- ماددىسىغا ئاساسەن مۇشۇ خىل سۇغۇرتىغا مەجبۇرى قاتنىشىدۇ. 3.يەككە تىجارەتچىلەر ئۆز ئالدىعا قاتناشسىمۇ بۇلىدۇ.

رولى: بۇ حىل سۇعۇرتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئەمگەكچى بەلگىلەنگەن نىسپەت بۇيىچە ئورتاق تاپشۇردۇ.(يەككە تىجارەتچىلەر ھەممىسنى ئۆزى تاپشۇرىدۇ) بۇ خىل سۇغۇرتىنىڭ نۇپۇس چەكلىمىسى بولمايدۇ. ئەمگەك مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن ھامان كارحانا ئەمگەكچىنى بۇ خىل سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش لازىم. قانۇندا بەلگىلەنگەن پىنسىيە يېشىغا تۇشقاندا (ئەرلەرنىڭ 60ياش، ئايال كادىرلارنىڭ 55ياش، ئايال ئىشچىنىڭ 50ياش) سۇغۇرتىغا قاتناشقان يىل چىكى 15يىلغا توشقان بولسا قانۇن بۇيىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بۇلالايسىز. سىز بەھرىمان بۇلىدىغان ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرىتىسىنىڭ ئاز كۆپلىكى: 1. سىزنىڭ خىزمەت تارىخڭىزنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى، 2.سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ۋاقتىڭىزنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى، 3. تۆلىگەن سۇغۇرتا سوممىڭىزنىڭ ئاز كۆپلىكى، 4. پىنسىيە چقىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى جەمىيەت ئوتتۇرچە مائاش ئۆلچىمى قاتارلىق بىر قانچە ئامىلغا باغلىق.ئەگەر ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۆلىمىگەن بولسىڭىز سىزنىڭ خىزمەت تارىخىڭىز مەۋجۇت بولمايدۇ. بۇخىل سۇغۇرتىنى مەلۇم بىر ئورۇندا بىر مەزگىل تاپشۇرغاندىن كيىن باشقا ئۇرۇنغا يۆتكەلسڭىز يۆتكەلگەن ئۇرۇندا ئۇلاپ تاپشۇرغىلى بۇلىدۇ ياكى ئۆزىڭىز يەككە تىجارەتچى شەكلىدە داۋاملىق تاپشۇرسىڭىز بۇلىدۇ.خىلمۇ خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئوتتۇردا سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قالغان بولسا شارائىت يار بەرگەندە تۇلۇقلاپ تاپشۇرسىمۇ بۇلىدۇ. تۇلۇقلاپ تاپشۇرغان سۇغۇرتىغا بانكا قەرىز ئۆسۈمى ئۆلچىمى بۇيىچە ئۆسۈم تۆلەيدۇ. لىكىن پىنسىيەگە چۈشمەي تۇرۇپ ئىلگىرى تاپشۇرعان سۇعۇرتا پۇلى شەحسىگە قايتۇرۇپ بىرىلمەيدۇ. بۇ يىلدىن باشلاپ ئۆلكە ئارا يۆتكەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قايسى ئۇرۇندا سۇغۇرتا تاپشۇرغان بولسىڭىز شۇ ئۇرۇندا پىنسىيە رەسمىيتى بىجىرىسىز. بۇخىل سۇغۇرتا دۆلەت بەلگىلىگەن نىسپەت بۇيىچە ئىدارە ھىساۋاتى ۋە شەخسى ھىساۋات دەپ ئىككىگە بۈلۈپ خاتىرلىندۇ. ئەگەر پىنسىيە يېشىغا توشماي تۇرۇپ(سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمان بولماي تۇرۇپ) ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتسىڭىز كىسەل سەۋەبى بىلەن ئارامغا چىقىش رەسمىيتى بىجىرسىڭىز بولىدۇ.پىنسىيە يېشىغا توشماي تۇرۇپ (سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمان بولماي تۇرۇپ) ئۈلۈپ كەتسە، شەخسى ھىساۋاتتىكى پۇلى، دەپنە پۇلى، نەپىقە پۇلى قاتارلىقلار ئۆلگۈچىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسىغا بىرلا قېتىمدا بىرىلدۇ.پىنسىيە مەزگىلىدە ئۈلۈپ كەتسە يۇقىرقىغا ئوخشاشلا شەخسى ھىساۋاتتىكى قالدۇق، دەپنە پۇلى، قورامىغا يەتمىگەن پەرزەتلىرى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ بېقىلىش ھەققى، 20ئايلىق مائاش قاتارلىقلار بىرلا قېتىمدا قانۇنلۇق ۋارىسىغا بىرىلدۇ.

2.يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەھرىرلەش

(دېھقان چارۋىچىلارعا قارىتىلعان سۇعۇرتا، ناھيە دەرىجىلىك جۇعلىما سۇعۇرتا)

سۇغۇرتا ئوبىكتى: يېزا نۇپۇسىدىكى 16ياشتىن 59ياشقىچە بولغان بارلىق كىشىلەر (ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسغا قاتناشقانلارنى ۋە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)بۇ خىل سۇغۇرتىغا قاتناشسا بۇلىدۇ، بۇخىل سۇغۇرتىغا قاتنىشىش قانۇن تەرىپىدىن مەجبۇرلانمايدۇ. (سىياسەت مەجبۇرلايدۇ) بۇخىل سۇغۇرتىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلىچمى بىر يىللىقى ئۈچۈن 100يۇەن ، 200يۇەن .............1000يۇەن دىگەندەك 10خىل ئۆلچەمدە بۇلىدۇ. 60ياشتىن ئاشقانلار مەيلى سۇغۇرتىغا قاتناشقان بولسۇن ياكى قاتناشمىغان بولسۇن ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ. بۇ خىل سۇغۇرتا 2010-يىلدىن باشلاپ رايۇنىمىزنىڭ بىر قىسىم رايۇنلىرىدا سىناق قىلىغان، 2011-يىلدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭ بۇيىچە يولغا قۇيۇلدى. بۇ خىل سۇغۇرتا يەنىلا دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. بۇخىل سۇغۇرتىنىڭ تەمىناتى ھەر قايسى رايۇنلاردا ئوخشىمايدۇ، ئايلىق سۇغۇرتاتەمىناتى 50-60يۇەندىن تارتىپ 100-200يۇەنگىچە بولىدۇ. سۇغۇرتا تەمىناتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى ئاساسلىقى يەرلىك مالىيە تۇلۇقلىمىسى ۋە تاپشۇرغان سۇغۇرتا پۇلىڭىزنىڭ ئاز كۆپلىكىگە باغلىق.

3. شەھەر بازار ئاھلىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەھرىرلەش

(شەھەر نۇپۇس ئىشسىزلارعا قارتىلعان سۇعۇرتا، ناھيە دەرىجىلىك جۇعلىما سۇعۇرتا)

سۇغۇرتا ئوبىكتى: شەھەرنۇپۇسىدىكى 16ياشتىن 59ياشقىچە بولغان بارلىق كىشىلەر (ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسغا قاتناشقان ۋە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)بۇ خىل سۇغۇرتىغا قاتناشسا بۇلىدۇ، بۇخىل سۇغۇرتىغا قاتنىشىش قانۇن تەرىپىدىن مەجبۇرلانمايدۇ. (سىياسەت مەجبۇرلايدۇ) بۇخىل سۇغۇرتىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلىچمى بىر يىللىقى ئۈچۈن 100يۇەن ، 200يۇەن .............1000يۇەن دىگەندەك 10خىل ئۆلچەمدە بۇلىدۇ. 60ياشتىن ئاشقانلار مەيلى سۇغۇرتىغا قاتناشقان بولسۇن ياكى قاتناشمىغان بولسۇن ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ. بۇ خىل سۇغۇرتا 2011-يىلدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭ بۇيىچە يولغا قۇيۇلدى. بۇخىل سۇغۇرتىنىڭ تەمىناتى يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسغا ئوخشايدۇ

ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ھەر قانداق بىر پۇقرا يۇقىرقى ئۈچ خىل ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىدىن بىرلا ۋاقىتتا پەقەت بىر خىلغىلاقاتنىشالايدۇ. مىسال: بىر دېھقان بۇلتۇر 500يۇەن ھەق تاپشۇرۇپ يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىعا قاتناشتى بۇيىل مەلۇم كارحانىدىن ئىش تاپقان بولسا بۇيىل كارحانا ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىعا قاتناشتۇردۇ،لىكىن يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىعا قاتناشسا بۇلمايدۇ.ئىككى حىل سۇعۇرتىعا قاتناشقان ۋاقتى قۇشۇپ ھىساپلىندۇ،دىمەك ئۇچ حىل سۇعۇرتىنى ئۆز ئارا ئۇلىعىلى بۇلىدۇ.

خەنزۇچە نامى تەھرىرلەش