ئىختىيارىي مۇخبىر

ئاخباراتچىلىقتا ھەممە تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى تېز، ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن، كەسپىي مۇخبىرلارغىلا تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇلاردىن باشقا، جايلاردىكى ئىختىيارىي مۇخبىرلارغىمۇ تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئەمەلىيەتتە شتات سىرتىدىكى ئاخباراتچىلار بولۇپ، ئاخبارات ئاپپاراتلىرىغا ئۆزلۈكىدىن ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ تۇرۇش، ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئەھۋال ئىگىلەپ خەۋەر يېزىش، گېزىت ئوقۇش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاممىنىڭ گېزىت توغرىسىدىكى ئىنكاسلىرىنى توپلاش ئىشلىرىنى قىلىدۇ.

مەملىكىتىمىزدىكى گېزىتلەر ئىچىدە ھەممىدىن ئاۋۋال «خىتاب گېزىتى» (报申) ئىختىيارىي مۇخبىرلار سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، بۇ گېزىت1872 - يىلى نەشر قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي خاڭجۇدا تۇنجى باشقا شەھەرلىك ئىختىيارىي مۇخبىر تەسىس قىلغان، 1875 - يىلى بېيجىڭ، نەنجىڭ، سۇجۇ، نىڭبو قاتارلىق26 جايدا ئىختىيارىي مۇخبىر بارلىققا كەلگەن.

گېزىت، رادىئو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئاخبارات ئاپپاراتلىرى ئىچىدە گېزىتنىڭ ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى ھەممىدىن كۆپ. ھازىر مەملىكىتىمىزدىكى گېزىتلەرنىڭ ھەممىسى ئاممىۋى خىزمەت بۆلۈمى ياكى ئالاقە باغلاش بۆلۈمى دېگەنگە ئوخشاش بۆلۈملەرنى تەسىس قىلدى، جايلاردا كەسپىي ياكى قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خەۋەر قىلىش گۇرۇپپىسى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار پونكىتى قۇرۇپ، ھەرقايسى سىستېما، ئورۇنلاردىن نۇرغۇن ئىختىيارىي مۇخبىرلارنى تەكلىپ قىلىپ، تۇراقلىق، كەڭ ئىختىيارىي مۇخبىرلار تورىنى شەكىللەندۈردى. گېزىتلەرنىڭ ئاممىۋى خىزمەت بۆلۈمى ياكى ئالاقە باغلاش بۆلۈمى ئىختىيارىي مۇخبىرلارنى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تەربىيىلەپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.