شىنجاڭ ئىخلاس كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2000-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان.مۇسۇلماچە يىمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش،توپ تارقىتىش،تاللا بازىرى ئېچىش،ئىمپورت-ئىكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى ۋاكالىتەن سېتىشنى ئاساسلىق تىجارەت ئوبىيكتى قىلغان.2001-يىلى2-ئايدا ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈكتىكى تۇنجى تاللا بازىرىدا تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان،شىركەتنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادى كۈچى كۈنسايىن زورايدى.ئىشلەپچىقارغان ئىخلاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلىرى كۆپەيدى.سېتىلىش مىقدارى ئاشتى.ئىخلاس شىركىتى تەرەققىيات داۋامىدا پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ،ئەنئەنىۋىي،يەرلىك،دورىلىق،ئوزۇقلۇق ماتېرىياللارنى زامانىۋىي ئىلغار ماشىنا-ئۈسكۈنىلەردە پىششىقلاپ ئىشلەپ،زامانىۋىلىق ۋە ئەنئەنىۋىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىپ كەلدى.مەھسۇلات سۈپىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى.سودىدا ئادىل بولۇپ،ئىستىمالچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى.ئىخلاس شىركىتى قارمىقىدا ئىككى چوڭ،يۈرۈشلەشكەن يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرش بازىسى بولۇپ،بىرى ئۈرۈمچى ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان ئىخلاس پىرەنىك زاۋۇتى،ئىككىنچىسى،ئۈرۈمچى2-ئوت ئېلىكتىر ئىستانىسىسنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئىخلاس يىمەكلىك سانائەت بازىسىدۇر.بۇ سانائەت بازىسىدا 6چوڭ زاۋۇت بولۇپ، ئىخلاس ماركسىدىكى چوڭلار،بالىلار،ئاياللار،قۇۋۋەت تولۇقلاش ئوزۇقلۇقلىرى،يۈرۈشلۈك ئىخلاس فرىمالىرى،شاكىلات،شاكىلاتلىق گوفرېت،كەمپۈت،ۋە مېۋە تەملىك كەمپۈتلەر،تۇخۇم تۈرمەللىرى،ئاي توقاچ قاتارلىقلار بۇيەردە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا بولسا ھەرخىل بوۋاقلار پىرەنىكى ،ئاي پىرەنىك،مىنىڭ پىرەنىكىم،قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.ئىخلاس مەھسۇلاتلىرى ھازىر شىنجاڭنىڭ مىللىيچە،مۇسۇلمانچە بۇيۇملار بازىرىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.ئىخلاس شىركىتىنىڭ شاكىلات،شاكىلاتلىق گوفرېت،شاكىلاتلىق گوفرېت،شاكىلاتلىق كەمپۈت،مېغىزلىق فرىما،بوۋاقلار پىرەنىكى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى ئىخلاس ئۆزى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان تۇنجى يېڭى مەھسۇلاتلاردۇر. ئەمەلىيەتتە ئىخلاس شىركىتىنىڭ ھەقىقى تارىخى1989-يىل3-ئايدىن باشلىندىغان بولۇپ،ئىخلاس شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى1989-يىلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى ئالتۇن بۈركۈت سودا چەكلىك شىركىتى نامىدا مۇنتىزىم شىركەت قۇرۇپ تىجارەت پائالىيىتى بىلەن بىلەن شوغۇللانغان.كارخانىنىڭ تىجارەت دائىرىسى:دېھقانچىلىق قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرى،يەر-زىمىن،ئۆي-مۈلۈك تىجارىتى،ئىمپورت-ئىكسپورت تىجارىتى،كىيىم-كېچەك،يىمەك-ئىچمەك،ئائىلە ئېلىكتىر سايمالىرى،تۇقۇلما بۇيۇملار تىجارىتى قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،ئاپتونۇم رايون ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەر تەۋەسىدە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولغان،شۇنداقلا ئۈرۈمچىدە بىر قانچە سودا بىناسى،شەھەردە قاتنايدىغان65 تاكسى كىرا ماشىنىسى بار ئىدى.ئىخلاس يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش بولسا،كارخانىنىڭ يېقىنقى8يىل ئىچىدىكى تىجارەت تۈرلىرىنىڭ بىرى.

2004-يىلى ئىخلاس مەھسۇلاتلىرى ئاپتونۇم رايونلۇق سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرپىدىن ئىشەنچىلىك مەھسۇلات،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىستىمالچىلار جەمئىيىتى تەرپىدىن ئىستىمالچىلارغا تەۋسىيە قىلىنغان مەھسۇلات ،كارخانا خەلقئارالىق سۈپەت ئۆتكىلى ISO9001:2000دىن ئۆتكەن ئورۇن، خەلقئارالىق يىمەكلىك بىخەتەرلىكى HACCPئۆتكىلىدىن ئۆتكەن ئورۇن دىگەن نامغا،ئاپتونۇم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك نازارىتى تەرىپىدىن يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا،ئاپتونۇم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى تەرىپدىن يۇقىرى پەن-تېخنىكا كارخانىسى،مەملىكەتلىك مىللىي ئىشلار ئىدارىسى تەرىپىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا،جۇڭگو يېشىل يېمەكلىكلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزى تەرپىدىن A دەرىجىلىك يېشىل يىمەكلىك دىگەن شەرەپلىك نامغا نائىل بولدى،ئىخلاس ماركىسى ئاپتونۇم رايونلۇق داڭلىق ماركىلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى تەرىپىدىن <شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى> دىگەن نامغا ئېرىشتى.

<ئۈلكەر>،<خەلىق>،<مىسبىس>قاتارلىقلار بار بولۇپ،بۇكارخانىلارنىڭ شاكىلات،پىرەنىك،قەھۋە،ئىچىملىك قاتارلىق300خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن جۇڭگودا ۋاكالىتەن سېتىش بىلەن شۇغۇلىنىدۇ.

ھازىر ئىخلاس شىركىتى مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى 200خىلغا،ئىشچى-خىزمەتچىلىرى 1500گە،ئاپتونۇم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاللا بازارلىرى1000 غا،توپ تارقىتىش نۇقتىلىرى45كە،پارچە سېتىش نۇقتىلىرى30000گە يىتىپ،بارلىق<ئىخلاس>،ۋە<ھوزۇر>،<ئىخلاسمەن>،<ھايات>،<شاتلىقىم>،قاتارلىق ماركىلاردىكى مەھسۇلاتلارنى ئۆز قولىدا،ئۆز دىيارىمىزدا ئىشلەپچىقىردىغان بىردىنبىر مىللىي پۇقراۋى كارخانىغا ئايلاندى.