ھۆججەت:Izzetilyas.jpg

ئۆزىنىڭ جۇشقۇن، يارقىن ۋە لىرىك ناخشىلىرى بىلەن كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ئىززىتىگە مۇيەسسەر بولغان ئىززەت ئىلياس 1967- يىلى ئۈرۈمچىدە بىر زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا سەنئەتكە ئىشتىياق باغلىغان ئىززەت ئىلياس 1982- يىلى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتوتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. ئۇ بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى قەدىرلەپ ئۆگەنگەچكە تېز يۈكسەلدى. نەتىجىدە 1985- يىلى ياپونىيەسانتىيەن شىركىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جوڭگو ياشلار تىياتىر دوستلۇق ۋەكىللەر ئۆمىگى تەركىۋىدە ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى. ئىززەت ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئوپىرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىن 1989- يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەملىكەتلىك ئاممىباب ناخشا چولپانلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسى» غا قاتنىشىپ ئاپتونۇم رايۇنىمىزغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەن ناخشا چولپىنىغا ئايلاندى. شۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىن كېيىن گۇاڭجۇدا چىقىدىغان «ياڭچىڭ كەچلىك گېزىتى» ئىززەتنىڭ شەرىپىگە «تەڭرىتاغدىن ئۇچۇپ كەلگەن بۇلبۇل» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى. ئىززەت 1989- يىلى سىنتەبىردە شىنجاڭ سەنئەت دوستلۇق ئۆمىكىنىڭ تەركىۋىدە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولۇپ «ئالتۇن ئالما » ۋە «ياۋروپا ئاۋازى» غا قاتنىشىپ سوۋىت ئىتتىپاقى تاماشىبىنلىرىنىڭمۇ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىشكەن.