ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شىئېرى

ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،

ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.


ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،

ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.


قالدى ئىز چۆللەر ئارا، گاھى داۋانلاردا يەنە،

قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشتى-چۆلدە قەبرىسىز.


قەبرىسىز قالدى دىمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،

گۈل چېچەككە پۈركىنۇر تاڭلا-باھاردا قەبرىمىز.


قالدى ئىز، قالدى مەنزىل، قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،

چىقسا بوران،كۆچسە قۇملار،ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.


توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئۇرۇق،

تاپقۇسى بۇ ئىزنى بىر كۈن، نەۋرىمىز-يا ئەۋرىمىز[1].

شىئېرنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى [2]

مەنبئەلەر تەھرىرلەش

  1. "Archive copy". Archived from the original on 2016-04-19. Retrieved 2016-08-31.CS1 maint: archived copy as title (link)
  2. "Archive copy". Archived from the original on 2006-01-18. Retrieved 2016-08-31.CS1 maint: archived copy as title (link)