ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى(تۈركچە: İstanbul Üniversitesi) 1846 - يىلى 23-ئىيۇل "دارۇلڧۇنۇن" (تۈركچە:Darülfünûn) ئوسمانلى سۇلتانى ئابدۇلمەجىد II (تۈركچە: Abdülmecid II) تەرىپىدىن كونسىتانتىنىپول(ئىستانبۇلدا) قۇرۇلغان بىر ئالىي بىلىم يۇرتىدۇر. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاساسى ئەسلىدە 1453-يىلى ئوسمان ئېمپىرىيىسىنىڭ ياش سۇلتانى مەھمەد II ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى(شەرقى رىم ئىمپىرىيىسى)نىڭ پايتەختى كونسىتانتىنىپول(ئىستانبۇل)نى ئالغاندىن كىيىن بىر مەدرىسە سۈپىتىدە قۇرۇلغان. شۇ سەۋەپتىن، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى 1453-يىلى دەپ ھېسابلىنىپ كەلمەكتە.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى |
---|
تۈركچە ئىسمى : İstanbul Üniversitesi |
ئورنى : ئىستانبۇل،تۈركىيە |
قۇرۇلغان ۋاقتى: 1453 |
تۈرى: دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى |
مەكتەپ مۇدېرى: پروڧ. در. يۇنۇس سۆيلەت (Yunus Söylet) |
ئوقۇغۇچى سانى - |
باكلاۋىر: 60،000 |
ماگىستېر ۋە دوكتور ئاسپىرانتى: 8،000 |
كامپۇس(مەكتەپ رايونلىرى): 7 |
رەسمى تور بېتى: [1] |