جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ئىستانبۇل چىن كونسۇلى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى (خەنچە: 中华人民共和国在伊斯坦布尔总领事馆)، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھرى بولغان ئىستانبۇل شەھرى سارىيەر ناھىيىسى تارابىيا رايونىدا بولۇپ، ئىستانبۇل بوغۇزى ئۈستىدىكى ڧاتىھ سۇلتان مۇھەممەد كۆۋرۈكىنىڭ ئازاراق شىمالىدا، تارابىيا ساھىلىغا قاراپ تۇرغان تۆپىلىككە جايلاشقان.

1971- يىلى 8- ئاينىڭ 4- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.[1]

كونسۇلخانەدە بېجىرىلىدىغان كەسىبلەر تەھرىرلەش

  • تۈركىيەلىكلەر ياكى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ج خ ج پۇقراسى بولمىغان چەتئەللىكلەرنىڭ، شىركەت ياكى شەخس نامىدىن، زىيارەت ياكى ئوقۇش ۋىزىلىرى بېجىرىش؛
  • ج خ ج پۇقرالىرىغا قارىتا، ئاتا ئانىسى جۇڭگو پۇقراسى بولغان، تۈركىيەدە توغۇلغان بۇۋاقلارغا پاسپورت بېرىش؛ ۋاقتى توشقان، بېتى توشقان ياكى مەلۇم سەۋەپلەر تۈڧەيلى نابۇت بولغان پاسپورتلارنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش؛ يۈتۈپ كەتكەن ياكى پاسپورتلارنى تولۇقلاش ياكى ساياھەت بەلگىسى، قايتىش خېتى بېرىش؛ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان جۇڭگو پۇقرالىرىغا توي خېتى بېرىش قاتارلىقلار...[2]

يېڭىدىن بېجىرىلگەن پاسپورت، يول خېتى ياكى ساياھەت بەلگىسى كونسۇلخانىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندۇ.[2]

توربەت: http://istanbul.chineseconsulate.org/chn/lsfw/passport/

  • 2016- يىلى 26- كۆنەكتىن ئېتىبارەن پاسپورت بېجىرگۈزۈش ئىلتىماسى توردىن سونۇلىدىغان، شۇ توربەتتە بېرىلگەن ئۆچرەت كۈنىگە توغرلاپ ئىش بېجىرىلىدىغان بولدى.[3]

توربەت: https://web.archive.org/web/20201115055038/http://ppt.mfa.gov.cn/appo/ {{|url=https://web.archive.org/web/20201115055038/http://ppt.mfa.gov.cn/appo/ |date=2020-11-15 }}

كونسۇلخانە ئۇچۇرلىرى تەھرىرلەش

باش كونسۇل: چىيەن بو (钱波)

رايون نومىرى: 212-0090

باش ئاپپارات نومىرى: 2992188 (0212) 90+، 2992634 (0212) 90+، 2622721 (0212) 90+

ڧاكس: 2992633 (0212) 90+

ئورنى: Ahi Çelebi Cad. Çoban Çeşme Sok. No:4, Tarabya, Sarıyer, İstanbul

(ئاھى چەلەبى يولى، چوبان چەشمە كوچا، 4- نومۇر، تارابىيا، سارىيەر، ئىستانبۇل)

توربەت: http://istanbul.chineseconsulate.org

http://istanbul.china-consulate.org

ياردەم تېلېڧونى: 9459 338 531-90+

(پەقەتلا جۇڭگو پۇقرالىرى بايرام-دەم ئېلىش ۋە ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا جىددى ياردەمگە مۇھتاج ئەھۋاللار ئۈچۈن، كونسۇلخانە كەسب بېجىرىش مۇلازىمەت نومىرى ئەمەس.)[4]

كونسىۇلخانىگە بېرىش تەھرىرلەش

ئىستانبۇل جۇڭگو كونسۇلخانىسىگە تاكسى، شەخسىي ماشىنلار بىلەن كونسۇلخانە ئالدىغا بېرىش مۇمكىن. ئامماۋىي قانتاش ۋاستىسى قوللانغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ تېز ۋە تۈز يول ئىستانبۇل يېڭىقاپى — ھاجىئوسمان مېترو قاتنىشىنىڭ ئاخىرىقى بېكىتى ھاجىئوسماندىن 25Y قاتارلىق تارابىيا ساھىل تەرەڧتىن ئۆتىدىغان ئاپتوبۇسلارغا ئولتۇرۇپ، ساھىلدە تۈشۈپ قالغاندىن كېيىن قىرىققوناقلار تەرەپكە، دۆڭگە يامىشىپ تەخمىنەن 300 مېتردەك ماڭىدۇ.

ئەلبەتتە ئىستانبۇلدىكى باشقا ئاپتوبۇسلار بىلەنمۇ كەلگىلى بولىدۇ. (تاكسىم ۋە بېشىكتاشتىن بىۋاستە كېلىش مۇمكىن)

مەنبە تەھرىرلەش