ئىستىمال مەدەنىيتى

بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر بەھىرلىنىۋاتقان مەدەنىيەتلەرنىڭ كۈپىنچىسىنى ئىستىمال مەدەنىيتى(Consuming Culture)نىڭ مەھسۇلاتلىرى دەپ قاراش مۇمكىن. ئىستىمال مەدەنىيتى ھاياتتىكى ھەممە نەرسىدىن ھوزۇرلۇنۇشنى تەرغىپ قىلىدۇ. ئىستىمال مەدەنىيتى كاپىتالىزىمنىڭ بازار ئىگىلىكىنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان مەدەنىيەت ئىستىمال شەكلىدىن ئىبارەت.

ئىستىمال مەدەنىيتى كىشىلەرنى ھەر ۋاقىت ماددى بۇيۇم ۋە مۇلازىمەتلەرنى سېتىۋېلىشقا ئۈندەيدۇ. مەسىلەن، ھەرخىل تېخنىكىلىق بويۇملار ناھايتى تىز يىڭىلىنىپ كىشىلەرنى يىڭىسىنى سېتىۋېلىشنى تەشۋىق قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلاردا بىر نەرسىنى ئۇزۇن ئىشلىتىدىغان ئادەت شەكىللەنمەيدۇ. ھەممە نەرسىنى قىسقا ئىشلىتىش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغاچقا، ئىشلەتكەن نەرسىمىزگە مۇھەببىتىمىز چوڭقۇر بولمايدۇ.

ئىسىتىمال مەدەنىيتى زامانىۋىلىشىشنىڭ نەتىجىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتە ماددى بايلىقلارنىڭ ۋە مۇلازىمەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى بۈگۈنكىدەك تىز ئەمەس ئىدى. ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتە مەھسۇلاتلار ئاساسەن ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلاتتى. بىراق، زامانىۋى جەمئىيەتتە مەھسۇلاتلار ئىستىمال قىلغۇزۇش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولدى.

زامانىۋى ئستىمالچىلار ئەسلىدە مەلۇم بىر مەھسۇلاتنى ئەمەس، بەلكى مەلۇم تۇيغۇنى سېتىۋالاتتى. ئىلگىرىكى زامانلاردا مەھسۇلات سېتىۋېلىش ئىھتىياجى قامداش بولسا، بۈگۈنكى كۈندە، ئۆزىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش، سېتىۋېلىشتىن خۇشاللىق ئىزدەشتىن دىرەك بىرەتتى. بۇ سەۋەپتىن، بۈگۈنكى كۈندە داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى قوللىنىش كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سالاھىيتىنى ئىپادىلەشتىكى ۋاستىسىگە ئايلانغان ئىدى.

ئىستىمال مەدەنىيتنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى تۇرمۇشتا سېتىلمايدىغان نەرسىنىڭ ئاساسەن ئاز قالغانلىقىدىن ئىبارەت. بۈگۈنكى تۇرمۇشتا، ئىستىمال ئاساس بولغاچقا، نورغۇن نەرسىلەر بازارلاشتۇرۇلغان ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، كرېدىت كارتىلارنىڭ ئومۇملىشىشى، ئىستىمال مەدەنىيتىنىڭ رۇشەن بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ، كرېدىت كارتا پۇلى يوق كىشىلەرنىمۇ مەھسۇلات سېتىۋالالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە قىلغان ئىدى.

بۈگۈنكى  دەۋرىدە، مائارىپتىن تارتىپ بىلىمغىچە، پاراۋانلىقتىن تارتىپ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچلەرگىچە[2]  ئىسىتمال مەدەنىيتىنىڭ مەقسىتىگە لايىقلاشتۇرۇلغان. كۈنىمىزدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى بازاردا ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشىنى ۋە بەلگىلىك كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىنى قامداپ ئىستىمال قىلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن، بۈگۈنكى زامان مەدەنىيتىنىڭ كۆپ قىسمى  ئىستىمال مەدەنىيتىدۇر.

———

[2] Hans Van Der Loo and Willem Van Reijen, Modernleşmenin Paraddoksları, Kadir Canatan Çev, İnsan Yayınları, 2014, S.158