ئىسلاھاتچىلىق ۋە مۇھاپىزىكارلىق مەسىلىسى

2005-يىلى تۈركىيەدە تەتقىقاتتا بولغان چاغلىرىمدا بىر سىياسەت تەتقىقاتچىسىنىڭ مېنى "سەن بەك مۇھافازاكار ئىكەنسەن" دېگىنى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئۇ كىشى سىياسەتشۇناس بولغاچقا مېنى سىياسىي كۆز قاراش نوقتىسىدىن مۇھاپىزىكار (كونسېرىۋاتىپ) دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن ئېدى. شۇ چاغلاردا مەنىسىنى چۈشەنمىگەن بۇ كەلىمە ماڭا بىر كېلىشمەسلىك كەلتۈرىدىغاندەك، بۇ گەپ كىملەرنىڭدۇر قۇلىقىغا يېتىپ قالسا مېنى پالاكەت باىسىدىغاندەك تەھدىتلىك تۇيۇلۇپ تەشۋىشكە چۈشكىنىم ئېسىمدە. شۇ چاغدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا خاس ئىھتىياتچانلىقىم تۇتۇپ كېتىپ سىياسىيغا پەقەت قىزىقمايدىغانلىقىمنى، سىياسىي دېگەن بۇ نەرىسىدىن قانچىلىك ئۇزاق تۇرغىلى بولسا شۇنچىلىك ئۇزاقلىققا قېچىشنى خالايدىغانلىقىمنى ئۇرغۇلىدىم. مەزكۇر كىشى كۈلۈپ كېتىپ "سىلەر ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن سىياسىغا قىزىقمايدىغانلارنى تونۇمايدىكەنمەن. سىلەردەك دۇنيا سىياسىيسىغا بۇنچە ھەۋەس بىلەن كۆز تىكىدىغان كىشىلەرنى ئاز كۆردۈم. قىزىق يېرى، سىياسىيغا ئائىت شۇنچە قىزغىن تالاش تارتىشلاردىن كېيىن كۆپىنچىڭلار سىياسىغا قىزىقمايدىغانلىقىڭلارنى تەكىتلەيدىكەنسىلەر. سىلەرنىڭ گېپىڭلار كىشىگە ئۇسسۇز كىشىنىڭ سۇ بىلەن خوشۇم يوق دېگىنىنى ئەسلىتىدىكەن" دېگەنىدى.

ئەلۋەتتە بۇ تۈركىيىلىك ئۇيغۇرنىڭ سىياسىيدىن قورقۇش كېسىلىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيتتى. بىلگەن تەقدىردىمۇ باشتىن كەچۈرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن سىياسىي پالاكەتلەر دەستىدىن يۈرەكلەرنىڭ قانداق قانايدىغانلىقىنى ھىس قىلالمايتتى. پۈتۈن جانلىقلارغا ئورتاق بولغان ياشاش، كۆپىيىش ۋە بىخەتەرلىك ئىھتىياجىدىن باشقا بارلىق ئىنسانىي ھوقۇق ۋە ئىھتىياجىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇرنىڭ كۈلپەتلىرىنى، ئازابىنى تارىختا ھىچقاچان ۋەتەنسىز قالمىغان بۇ تۈرك ھىس قىلىپ يېتەلمەيتتى. بۇ مىللەتنىڭ زىيالىسىدىن تارتىپ دېھقىنىغىچە، ئەمەلدارىدىن تارتىپ پۇقراسىغىچە ھەممە كىشىنىڭ مەسىلىنى تىترەپ تۇرۇپ سىياسىي كۆزەينەكتە كۆزىتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەيتتى. شۇ چاغدا بۇ مۇھاپىزىكار دېگەن ئاددىي بىر سۆزنى قەلبىمنى قاپلىغان سىياسىي ۋەھىمە تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرنى قورقىتىدىغان سىياسىي قالپاقلارنىڭ بىرى بولسا كېرەك، دەپ قورقۇپ ئىسەنكىرەپ كېتىپتىكەنمەن. چۈشەنسەم ئۇنچە قورقۇنچلۇق گەپمۇ ئەمەسكەنۇ ئادەمنى ئويغا سالىدىكەن. شۇندىن كېيىن ئۆزەمدىن توختىماي سورايدىغان بولۇپ قالدىم، "مەن مۇھاپىزىكارمۇ، ياكى بۇنىڭ تەتۈرى بولغان ئىسلاھاتچىمۇ؟ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن نۆۋەتتە ئىسلاھاتچىلىق موھىممۇ مۇھاپىزىكارلىقمۇ؟"

ئۇيغۇرچىدا مۇھاپىزىكار دېگەن تۈركچە كەلىمىگە ماس كېلىدىغان سۆز كونسىرىۋاتىپ ئىكەن. كونسىرىۋاتىپلىقنىڭ قارىشىسى لېبرالىزىم بولىدىكەن. قارىسام بۇ لىبېرالىزىم ۋە كونسېرۋاتىزىم دېگەن سۆزلەرنى ھىچ چۈشەنگەندەك قىلمىدىم. تۈركىيە تۈركچىسىدە كونسېرۋاتىزىم- مۇھاپىزىكارلىققا مەۋجۇد ھالەتنى قوغۇداشنى مەقسەد قىلىدىغان پوزىتسىيە، جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارشى، ئىجتىمائىي ۋە مىللىي قىممەت قاراشلارنىڭ ساقلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئوڭ قانات ئىدولوگىيە دەپ تەبىر بېرىپتۇ. مەزكۇر ئۇقۇمغا قارشى ئۇقۇم بولغان ئىسلاھاتچىلىق- لىبرالىزىمغا كىشىلىك ھوقۇق، پۇقرالىق ھوقۇقى، باراۋەرلىك، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، ئىتىقاد ئەركىنلىكى، مۈلۈك ھوقۇقى، ئەركىن سودا، سۆز ئەركىنلىكى…قاتارلىق ئۇقۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىدولوگىيە دەپ تەبىرلەپتۇ. قىزىقارلىق يېرى، تۈركچە ۋىكىپېدىيە قامۇسىدا مۇھاپىزىكارلىق دېگەن ئۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يېرىم بەتتىن ئاشمايدىكەن. لىبېرالىزىمغا ئاجرىتىلغان سەھىپە رەسىمىلىك، تەپسىلى، ئىلمىي بولۇپ ئون نەچچە بەت چىققۇدەك. بۇنىڭدىن تۈركىيە ئىلىم ساھەسىدە لىبېرالىزىمغا بولغان تەشەببۇس، تەتقىقات ۋە قىزغىنلىقنىڭ مۇھاپىزىكارلىققا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

تۈركچىدە ياۋرۇپا تىللىرىدىكى كونسېرۋاتىپلىق دېگەننى مۇھاپازاكارلىق دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەپتۇيۇ لىبېرالىزىمغا تۈركچە سۆز تاپالمىغاندەك ئۆز پېتى ئاپتۇ. تۈركچىدىكى مۇھاپىزىكارلىق- كونسېرۋاتىپلىق ۋە لىبېرالىزىمدىن ئىبارەت ئىككى پىكىر ئېقىمىغا ئاجرىتىلغا سەھىپىنىڭ ئاز كۆپلۈك جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقى تۈركچە ئارقىلىق ئۇچۇر قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇرمەندە چۈشەنچە تەڭپۇڭسىزلىقى پەيدا قىلىدۇ. ئوقۇرمەنلەر قايسى تەشەببۇسقا ئائىت ماتېرىيال كۆپ بولسا كىشىلەر شۇنى كۆپرەك بىلىدۇ، ئەلۋەتتە. تۈركىيەدە كىشىلەر سولچى ۋە ئوڭچى دېگەن ناملار بىلەن بىر بىرىنى ۋە پارتىيەلەرنى پەرقلەندۈرىدۇ. ھېلىقى سىياسەتشۇناسنىڭ مېنى مۇھاپىزىكار دېگىنىنىڭ سەۋەبى مېنىڭ پاراڭ ئارىلىقىدا ھازىرقى ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ تەشەببۇسلىرىغا يېقىنراق پوزىتسىيەدە بولغىنىمدىن بولسا كېرەك. بىلىشىمچە تۈركىيەدە مۇھاپىزىكار ئوڭچى پارتىيەلەر دىنچى پارتىيىلەرنى، لىبېرال سولچى پارتىيىلەر كامالىزىمچى ۋە كومۇنىستىك پىكىر ئېقىمىدىكى پارتىيەلەرنى كۆرسىتىدىكەن. غەپ تىللىرىدىكى لىبېرالىزىمنىڭ تەبىرىگە سالىدىغان بولساق ھازىرقى ئەدوغاننىڭ پارتىيىسىمۇ مۇھاپىزىكارلىق ئۆلچىمىگە توشمايدىكەن. مەسىلەن، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلىشلىرى، ئەركىن ئىقتىسادقا مايىللىقى، باراۋەرلىكنى تەرغىپ قىلىشلىرى مەزكۇر پارتىيىنى لېبرالىزىمغا بەكرەك مايىل كۆرسىتىدىكەن. بۇ مەنىدىن مەن مۇھاپىزىكار ئەمەس لىبېرالىزىمچى بولسام كېرەك.

ئېنگىلىزچىدە پۇھاپىزىكارلىق كونسېرىۋاتىزىم دېيىلىدۇ. بۇ بۇ بىر پەلەسەپىۋىي، سىياسىي ئۇقۇم بولۇپ ئۇقۇمدىكى غول مەنە ساقلاپ قېلىش بولۇپ قالغان مەنىلەر بۇ تۈپتىن شاخلانغان. بۇندىكى ساقلاش ئەنەئەنىۋىي قىممەت قاراش ۋە ئىجتىمائى قۇرۇلىمىلارنى ساقلاپ قېلىشقا قارىتىلىدۇ. لىبرالىزىمنىڭ مەنىسىدە ئەركىنلىك بىلەن باراۋەرلىك، كىشىلىك ھوقۇق ھۇل قىلىنغان بولۇپ قالغان مەزمۇنلار تۈركچىدىكى لىبېرالىزىمنىڭ تەبىرىدىن جىق پەرقلەنمەيدۇ. ئۆزگەرتىش، يېڭىلاش، قوبۇلچانلىق، ئاشقۇنلۇق ۋە مۇرەسسەسىزلىك لىبېرالىزىمچىلارنىڭ كەيپىياتىدىكى ئالاھىدىلىك بولسا كېرەك. مۇھاپىزىكارلاردا بولسا مۇھاپىزەت قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەخلاقنى، دىننى، مەۋجۇد ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلاش ئاساسلىق تەشەببۇس ھىساپلىنىدىكەن. غەرپتە مۇھاپىزىكارلىققا جەمئىيەتنىڭ غۇل ئېقىمىنى تەشكىل قىلىدىغان بايلار، دىندارلار، ئەرلەر ۋە ياشانغان سىياسىيۇنلاردا مايىللىق كۆپرەك ئىكەن. ياشلا، ئاياللار، كۆچمەنلەر، ئاز سانلىقلار، كىچىك- ئوتتۇرا كارىخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى، زىيالىلار، سەئەتكارلار…قاتارلىقلاردا لىبېرالىزىملىق خاھىش كۈچلۈكرەك كېلىدىكەن. غەرپتىكى دېموكراتىك ئەللەردە پاتىيىلەر ئىككى قاناتقا بۆلۈنگەن بولۇپ بۇلار بىر بىرىدىن مۇھاپىزىكارلىق ياكى لىبېرالىزىملىق تەشەببۇسلىرى بىلەن پەرقلىنىدىكەن. ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى مۇھاپىزىكارلىق تەرەپتارلىرىنىڭ پارتىيىسى دەپ قارالسا دېموكراتلار پارتىيىسى لىبېرالىزىمچىلارنىڭ تەشكىلاتى ھىساپلىنىدىكەن. ۋىكىپېدىيا قامۇسىنىڭ ئېنگىلىزچىسىدە لېبرالىزىمغا بېرىلگەن سەھىپىنىڭ ئاز كۆپلىكى مۇھاپىزىكارلىققا بېرىلگەن سەھىپىدىن جىق پەرقلەنمەيدۇ. بۇ كىشىدە چۈشەنچە تەڭپۇڭلىقى يارىتىپ، ئىككىلا پىكىر ئېقىمىغا باراۋەر پوزىتسىيە تۇتۇش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئەمدى ئۇيغۇرچىغا كەلسەك بۇ ئىككى ئۇقۇم ھەققىدە ئىزاھلىق لۇغەتلەردە قىسقىچە چۈشەندۈرش بار بولۇپ، بۇ چۈشەندۈرۈشلەر خەنسۇچە لۇغەتلەردىن تەرجىمە قىلىنغان. كونسېرىۋاتىپلىق ۋە لىبېرالىزىملىق دېگەن بۇ گەپلەر ئۇيغۇرچىدا خەلقئارا خەۋەرلەرنىڭ تەرجىمىسىدە ۋە باشقا خەلقئارا سىياسىيغا دائىر تەرجىمە ماتىرىياللاردا ئۇچرىغاندىن باشقا يەرلەردە كۆزگە چېلىقمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ تۈرلۈك سىياسىي كۆز قاراش، ئىقتىسادىي چۈشەنچە، ئىجىمائىي تەشەببۇسلار مەۋجۇد. بۇلارنىڭ ئىچىدە كونسېرىۋاتىپلىق ۋە لىبېرالزىملىققا ياتىدىغان قاراش، چۈشەنچە ۋە ھەرىكەتلەر تېپىلىپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى، تۇرمۇشىمىزدا شۇنداقلا سىياسىشۇناسلىق ۋە خەلقئارا سىياسىدىكى بۇ ئىككى ئۇقۇم ھەققىدە تەپسىلىيرەك بىر يېشىمنىڭ يوقلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بۇ ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىنىڭ دۇنيا رىياللىقىنى ۋە ئۆز رىياللىقىمىزنى تەرجىمىگە تايانماستىن ئوبىكتىپ، مۇستەقىل، ۋاقتىدا خاتىرىلەش ۋە چۈشەندۈرۈشتە نەقەدەر ئاجىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يازمامدا چۈشىنىشلىك بولۇشنى ئويلىشىپ غەرپ تىللىرىدىكى كونسېرىۋاتىپلىق دېگەن بۇ ئاتالغۇنى تۈركچىدىكى مۇھاپىزىكارلىق دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەشنى توغرا تاپتىم. ئۇيغۇرچىمىزدا مۇھاپىزەت قىلماق دېگەن سۆز بار بولۇپ مەۋجۇد ھالەتنى ساقلىماق، داۋام قىلماق، مۇكەممەلەشتۈرمەك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مەنچە مۇھاپىزىكارلىق دېگەن بۇ ئاتالغۇنى كۆپ كىشىلەر چۈشەنمەديغان كونسېرىۋاتىپلىق دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا دەسسەتسەك تىلىمىزغا ئاسان ئۆزلىشىدۇ. ئەمدى لىبېرالىزىم دېگەن ئاتالغۇغا ئىسلاھاتچلىق دەپ ئىسىم قويۇشنى لايىق كۆردۈم. چۈنكى لىبېرالىزىمچىلارنىڭ تەشەببۇسى مەۋجۇد رىياللىقنى شۇ پېتى داۋاملاشتۇرۇشقا قارشى بولۇپ ئىددىيە ۋە ھەرىكىتىدە ئىسلاھاتچىلىق، ئۆزگەرتىش ۋە قايتا باھا بېرىش تۈسى قويۇق.

تۈركچە ۋە ئېنگىلىزچىدىكى مۇھاپىزىكارلىق ۋە ئىسلاھاتچىلىق سۆزلىرىنىڭ مەنىسىدە سەلبىيلىك ياكى ئىجابىيلىق، ئىلغارلىق ياكى قالاقلىق، ئۆرلەش ياكى چۆكۈش قاتارلىق ئامىللار مەۋجۇت ئەمەس. ئەمما ئۇيغۇرچىدا ئىسلاھاتچىلىق (لىبېرالىزىم) ئىجابىي سۆز بولۇپ كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا بىر قاينام تاشقىنلىقنىڭ ساداسىنى ئاڭلىتىدۇ. ئادەملەرنىڭ كۆز ئالدىغا بىر پاراغەتلىك ھالەتنى نامايەن قىلىدۇ. پۇقرالارنىڭ قەلبىگە بىر ھوزۇرلۇق تۇيغۇنى بەخىش ئېتىدۇ. مۇھاپىزىكارلىق (كونسېرىۋاتىپلىق) بولسا كىشىگە خارابىنىڭ سۈرىنى، مۇتىئەسسىپلىكنىڭ ھەيۋىسىنى، كونىلىقنىڭ بۇسىنى ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ تەشۋىشىنى ھىس قىلدۇرىدۇ. سۆزلەردىكى مەنانىڭ خاراكتىرى ۋە ئۆزگىرىشى جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن دىيارىمىزدا كومۇنىستىك ھاكىمىيەت تىكلىنىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللىي سۆزى دۆلەتلىك دېگەن مەنىدە، ئۆلكە سۆزى دۆلەت دېگەن مەنىدە، يۇرت سۆزى ۋەتەن دېگەن مەنىدە ئېدى. شۇڭا شۇ چاغدىكى مىللىي ئارمىيە، ئۆلكە تارىخى، يۇرت چىگرىسى…دېگەن ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىنى دۆلەتلىك ئارمىيە، دۆلەت تارىخى، ۋەتەن چىگرىسى دەپ چۈشەنمىگەندە ئۇقۇم خاتالىقى كېلىپ چىقىدۇ. ئەمدى ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوڭچىلىق يەنى كونسېرۋاتىپلىق (مۇھاپىزىكارلىق) نىڭ سەلبىي مەنىلىك سۆز سۈپىتىدە قوللۇنىلىشى، سولچىلىق يەنى ئىسلاھاتچىلىقنىڭ ئىجابىي مەنىلىك سۆز بولۇپ قېلىشى جەمئىيەتنىڭ ۋە ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن بولغان.

چاغداش ئۇيغۇر كىملىكىنى قۇرۇپ چىققان ۋە ئۇيغۇر چاغداش مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان ئىسلاھاتچىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا باشلانغان. ئىسلاھاتچىلىق ۋە ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولغان ئامىل بىرى تاشقى سىياسى ئامىل( سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ ۋە خەلقئارا ئىنتىرناتسىۇنالنىڭ سىتىراتىگىيىلىك ئورۇنلاشتۇررىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر،تاتار كومۇنىست مىللەتچىلىرىنىڭ تەسىرى)يەنە بىرى ئىچكى مەدەنىيەت ئامىلى(بۇنىڭغا تاتار تۈرك ۋە ئۇيغۇر تۈرك زىيالىلىرىنىڭ جەدىتچىلىك ھەرىكىتى) بولۇپ بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشىدىكى رولى ۋە ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ تېما. ئەمدى شۇنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى ئەينى دەۋردە بۇنداق ئىسلاھاتچىلىققا مۇقابىل مۇھاپىزىكارلىقنىڭ مەيدانغا چىققىنىمۇ چوقۇم. لېكىن بىز ئىسلاھاتچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە پائالىيەتلىرى ھەققىدە بىر قەدەر ئەتراپىلىق مەلۇماتقا ئېرىشكەندىن باشقا مۇھاپىزىكارلارنىڭ تەشەببۇسلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىدىن ساۋاتسىزمىز. ئەقىلچىلەرگە سىر ئەمەسكى مەسىلىنىڭ بىر تەرىپىنى زىيادە كۆپتۈرۈش ھۆكۈمنىڭ توغرىلىقىغا ۋە دەللىكىگە توسالغۇ بولىدۇ. بىزدە ئەينى چاغدىكى مۇھاپىزىكارلىق ھەققىدە تۈزۈك بايانلارنىڭ يېتەرلىك ساقلانماسلىقىدا بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن تارىخى ساۋاقلارنى مۇستەقىل باھالاشقا، سېلىشتۇرۇپ ھۆكۈم قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا ئىنسانىيەتنىڭ سولچىل رومانتىك جەمىيىتىگە كىرىپ كەلگەنلىكىمىزدىن بولسا كېرەك. ئۇندىن باشقا دىيارىمىزدا 49-يىلدىن كېيىن ۋەتەننى جايىناماز دەپ قارايدىغان مۇھاپىزىكارلار مەغلۇپ بولۇپ، كومۇنىزىمغا يېتىشنى يۇرتنىڭ چىقىش يولى دەپ قارايدىغان ئىسلاھاتچىلارنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ئىسلاھاتچىلققا تېخىمۇ مايىل قىلىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

49- يىلى ئۆكتەبىردىن كېيىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى مىڭ نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان مىسلىسىز ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى. ئۇيغۇرنىڭ ئىسلامغا مۇيەسسەر بولغاندىن بېرى ئۈزۈلمەي داۋام قىلغان ئەدىلىيە (قازىخانا)، مائارىپ (مەدىرىس) ۋە ئىقتىساد سېستىمىسى (خۇسۇسىي ئىگىلىك) تۇنجى قېتىم كۇمپەيكۇم بولدى. ئۇيغۇرلار كومپارتىيە ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن زىيالىلارنىڭ يېتەكچىلىگىدە يوچۇن بىر رومانتىك جەمئىيەتكە ئاياق باستى. مەن بۇ يەردىكى رومانتىك، غايىۋىي جەمئىيەت دېگېنىمدە يازغۇچىلىرىمىزنىڭ 49- يىلى 10- ئايدىن كېيىن يازغان ئەسەرلىرىدىن ئالغان تەسىراتنى كۆزدە تۇتىمەن. دېمىسىمۇ 50-يىللاردا ئىمتىيازلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرى جەمئىيەتنى كومۇنىستىك غايىسىگە ئۇيغۇن قېلىپتا تەسەۋۋۇر قىلىپ رومانتىك چۈشلەرگە غەرق بولغان. مەسىلەن، ئۈرۈمچىنى قاراخانلار دەۋردىكى قەشقەرگە،سەئىدىيە دەۋرىدىكى بۇخارا ،ياركەنتكە ئوخشاتقانىكەن.("ئىزدىنىش" 1-قىسىم،بىرىنجى بۆلۈم، "شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئىتى" ژورنىلىدىكى ھىكايە، شىئېرلارغا، "ئازات زامان" دېگەندەك بىر يۈرۈش ناخشالارغا قاراڭ). .50 -يىللاردىن بۇيان سولچىلىق ،ئەشەددىي ئىسلاھاتچىلىق ئىلغارلىققا مىسال ؛مۆتىدىلىك ،يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىدىغان مۇھاپىزىكارلىق ئىزچىل قالاقلىققا تىمسال قىلىندى. مۇھاپىزىكار زىيالىلىرىمىز ئوڭچى مىللەتچى ،ئوڭچى ئۇنسۇر دېگەن قالپاقلار بىلن ناھەق تۇرمىلاردا ياتتى. 49- يىلى ئۆكتەبىردىن كېيىن ئۈزۈلمىگەن غايىۋىي ھەرىكەتلەر ۋە رومانتىك ئىسلاھاتچىلار كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي سۆيگۈ، قېرىنداشلىق، ۋەتەنداشلىق، دىندارلىق قاتارلىق ئادىمىي تۇيغۇلىرىنىمۇ ئىنقىلابىي قىزغىنلىققا يەم قىلىۋەتتى. كومۇنىستىك ئىسلاھاتچىلار ئىزچىل ھۆكۈمران بولغانلىق تۈپەيلى سولچىلىق، ئىسلاھاتچىلىقنى چوڭ بىلىپ،چوقۇنۇپ چوڭ بولدۇق. كۆزلىرىمىزگە نەچچە مىڭ يىللىق ئۇيغۇرچە ئەنئەنە، جەمەتچىلىك، مەدەنىيەت، تىل قاتارلىق ئامىللار بىقسىغان قىغدەك كۆرۈمسىز كۆرسىتىلدى. كومۇنىزىمغا تەلپۈنگىچىلەرنىڭ نەزىرىدە مىللەتنىڭ تىلى، دىنى، ئۆرپ ئادىتى كونىلىققا مەنسۇپ ئېدى. ئۇلار مىللەتنى ئىتىراپ قىلمايتتى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە دۇنيادا ئەزگۈچى ۋە ئېزىلگۈچىدىن ئىبارەت ئىككىلا سىنىپ مەۋجۇد بولۇپ مىللەت مەۋجۇد ئەمەس ئېدى. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلىدا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇرىدا ئىسلاھاتچىلىققا تەلپۈنۈش ۋە مۇھاپىزىكارلىقتىن سەسكىنىش ئامىللىرى يامراشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا مۇھاپىزىكارلىق سەلبىي سۆز، ئىسلاھاتچىلىق ئىجابىي سۆز بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇرلار ئىسلاھاتچىلىققا، سولچىلىققا مايىل قىلىنغان 30 يىللىق ئىجتىمائى ھەركەتلەردىن كېيىن جوڭگۇدا ھەقىقىي ئىسلاھات باشلاندى. بۇ ئىسلاھاتنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار تاكى 90-يىللارغىچە بىسبەتەن باراۋەر پۇقرالىقنىڭ تەمىنى تېتىشقا كۆندى. بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار ئۆزى ھەققىدە ئويلاندى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئويغاق زىيالىلارنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇردا كۆرۈلگەن ئسلاھاتچىلىق ئويغاق كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىدا يېڭىلىنىش پەيدا قىلدى. بۇ يىللاردا تولىمۇ ئەپسۇسلۇق بولغىنى ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي تەلەيسىزلىكى، جۇغراپىيىلىك يېتىمىلكى ۋە ئىسلاھاتچىلار بىلەن ئاۋام ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭ…قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېتەكچىلەر چەندىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. 80-يىللاردىن كېيىنكى ئۇيغۇردىكى ئسلاھاتچىلىقنى بىرقانچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

1.ئەدەبىياتتىكى گۇڭگا شىئېر ھەرىكىتى

2. بىدئەتچىلىك- ئۇيغۇرچە ئۆرپ - ئادەت ۋە كىيىم كېچەكنى ئىنكار قىلىش ھەرىكىتى (ئادەتسىزلەشتۈرۈش، دوپپىسىزىلاشتۇرۇش، يۇسۇنلارنى بىدئەتكە چىقىرىش )

3.ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى ياتلارنىڭ تارازىسىدا ئۆلچەش- ئىللەتچىلىك ھەرىكىتى

4.مىللەتتىن ھالقىغان ئۈممەتچىلىك ھەرىكىتى (ئىسلام ئۈممەتنى تونۇيدۇ، مىللەتنى ئىتىراپ قىلمايدۇ. ئىسلامدا كاپىر ۋە مۇسۇلمان دەپ ئىككى مىللەت بار. ئۇيغۇر بىلەن مۇسۇلماننى ئايرىيمىز…) جوڭگۇدا ئىسلاھات بولۇپ قىسقىلا بىر قانچە يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن بۇنچە كۆپ ھەركەتلەردە ئۇيغۇردىكى سولچىلىق، ئىسيانچىلىق روھىدا تەربىيەلەنگەن بىر ئەۋلاد ئاۋانگارت رول ئوينىدى. يۇقارقى ئىسلاھاتلاردىن ئەدەبىياتتىكى ۋە قىسمەن دائىرىدە سەنئەتتىكى گۇڭگىچىلىق ھەرىكىتى ھازىر ئاساسەن پەس كويغا چۈشتى. ھالبۇكى تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغىنى ۋە ھازىرغىچە كۈچلۈك داۋام قىلىۋاتقىنى بىدئەتچىلىك، ئىللەتچىلىك ۋە ئۈممەتچىلىك ھەركىتىدۇر. مەن بۇ ئىسلاھاتچىلىق ھەققىدە كۆپ توختۇلۇشنى خالىمايمەن، ئەمما شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتسەم بۇ ھەرىكەتلەردە ئىلمىيلىك، سەمىمىيلىك، ئەمەلىيلىك ۋە ئادىللىق كەمدەك تەسەۋۋۇر قىلىمەن. مەسىلەن، ئىنسان ئاۋۋال جىنس ئىتىبارى بىلەن ئەر ۋە ئايال دەپ ئايرىلىدۇ. ئاندىن مەدەنىيەت (تىل، تارىخ، ئۆرپ-ئادەت…) ۋەجىدىن مىللەتلەرگە ئايرىلىدۇ. بۇ ئىككى ئامىلدىن ھالقىغان بىر ئىنساننى تېپىش مۇمكىن ئەمەس. ماڭا ئىسلامدا كاپىر بىلەن مۇسۇلمانلا بار، مىللەت يوق دېگەنلىك خۇددى كومۇنىستلارنىڭ دۇنيادا ئەزگۈچى بىلەن ئېزىلگۈچىلا بار مىللەت يوق دېگىنى بىلەن مەنىداشتەكلا ئاڭلىنىدۇ. تارىختىكى مىللەتنى ئىتىراپ قىلمايدىغان خەلقئارا ئىنتىرناتسىئۇنال بىلەن بۈگۈنكى ئۇيغۇرنى ئىنكار قىلىدىغان ئۈممەتچىلىك كىشىلەر رىياللىقتىن تولۇق ئۈمىتسىزلەنگەندە ئىزدەپ ماڭىدىغان قۇملۇقتىكى ئالۋۇندەك تۇيۇلىدۇ ماڭا.

مەنچە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئىسلاھاتچىلىقنىڭ تۇمانلىرىدا تەمتىرەۋاتىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار ئۆزى قوزغىغان يۇقارقى ئىسلاھاتلاردىن باشقا ھۆكۈمرانلار لايىھەلىگەن ئىسلاھاتلاردىن مەھەللە ،كوچىلارنى چۇۋۇپ توقۇش ھەرىكىتى، ئۆيلەرنى قورشاۋغا ئېلىپ قاشالاشتۇرۇش ھەرىكىتى، مائارىپنى قوش تىللاشتۇرۇش، دېھقانلارنى يەرسىزلەشتۈرۈش، ئاياللارنى توغماس-ئەرسىزلەشتۈرۈش، كىشىلەرنى مىنكاۋخەن(خەنزۇۋان)لاشتۇرۇش ھەرىكىتى، قىز خوتۇنلارنى ياغلىقسىزلاشتۇرۇش، ئەرلەرنى ساقالسىزلاشتۇرۇش…قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. يۇقارقى ھەرىكەتلەردە پېتىقلىنىۋاتقان ئىنسانىي غۇرۇر، مۇستەقىل ئاڭ، كىشىلىك قەدىر قىممەت، پۇقرالىق ھوقۇق، مىللىي مەدەنىيەت قاتارلىقلاردۇر. مەيلى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن مەنبەلەنگەن ئىسلاھاتچىلىق بولسۇن ياكى تاشقى كۈچ تەرىپىدىن تېڭىلىۋاتقان ئىسلاھاتچىلىق بولسۇن بىر مىللەتنىڭ بۇنداق ئىسلاھاتلار، ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۆزگەرتىلىشلەر قاينىمىغا چۈشۈپ قېلىشى مەزكۇر مىللەتنىڭ ئەزالىرىدا ساراسىمە، ئەندىشە، خەۋپسىرەش ۋە بىسرەمجانلىق پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق پاراكەندىچىلىك ئىچىدە كىشىلەر ئۆزىدىن باشقىغا كۆڭۈل بۆلمەس، نەپسىدىن ئۆزگىگە ئاشىنالماس ھالغا كېلىپ قالىدۇ.

ئۆزگەرتىلىش، يېڭىلىنىش پاراكەندىچىلىكى شۇنداقلا تەرەققىيات مەجبۇرىيىتىدە قالغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەن ئۆزەمنى ئىسلاھاتچىلىق ۋە مۇھاپىزىكارلىق تەرەپتارلىرى ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان خەستەك ھىس قىلىمەن. مەنچە ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى مەسىلىسى ئىسلاھاتچىلىق ياكى مۇھاپىزىكارلىقنىڭ قايسىسىنى تاللاش مەسىلىسى ئەمەس مەۋجۇدلۇق مەسىلىسىدۇر. ئۇيغۇرنىڭ بىر مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇدلۇقى ئۆزگەرتىش بىلەن ساقلاپ قېلىشنىڭ، يېڭىلاش بىلەن مۇستەھكەملەشنىڭ، چۇۋۇپ توقۇش بىلەن مۇداپىيە قىلىشنىڭ بىرىنى تاللاپ يەنە بىرىدىن ۋاز كېچىش ئۈستىگە قۇرۇلمايدۇ. مىللىي مەۋجۇدلۇق ئۆزىنى ئىسلاھاتچى ياكى مۇھاپىزىكار دەپ قاراۋاتقان بىر تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپنى ئۇجۇقتۇرىشى بەدىلىگە كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ. مەن يازمىلىرىمدا مۇھاپىزىكار، مۆتىدىل، ئىلمىي ۋە ئوتتۇراھال يول تۇتقۇچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىپ كەلدىم. مەن مۇھاپىزىكارلىقنى تاللايمەنكى، ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنى ئىسلاھاتچىلىققا دەۋەت قىلغۇچىلاردىن ئەمەسمەن. ئۆلىمالىقنىڭ بەلگىسىگە، تەقۋادارلىقنىڭ ساداسىغا ئايلانغان ئادەتنى بىدئەتكە چىقىرىش، يېڭىلاش، بۇزۇش، قايتا قۇرۇش چۇقانلىرى ئىچىدە ئىگىسىز قالغان ساقال ۋە ياغلىق، پەگاغا مەھكۇم ئانا تىل، تەقىپلىنىۋاتقان ئىتىقاد، دەپسەندە قىلىۋاتقان ئىنسانىي ھوقۇقلارنى خىلۋەت بۇلۇڭدا يېتىمسىرەۋاتقاندەك سېزىمەن.

مەنچە بۈگۈنكى مەسئۇلىيىتىمىز مەۋجۇدلۇقنى مۇرەسسەسىز قوغۇداشتۇر. ئىسلاھاتچىلىق ئىسلاھاتقا سالاھىيەتلىك مىللەتكە يارىشىدۇ. يەنى بۇنداق مىللەتلەر ئۆزىنىڭ تەرەققىيات خەرتىسىنى تۈزۈش پۇرسىتىگە ۋە ئەركىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. ئۇلار ئۆز قەۋمىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلىيەلەيدۇ ۋە ھەرقانداق قورقۇنچ ۋە تەھدىتلەردىن مۇستەسنا مۇھاكىمە قىلالايدۇ، ھەمدە مۇۋاپىق تەدبىرلەنى تۈزۈپ ئىجرا قىلالايدۇ. ئەڭ ھالقىق يېرى ئۇلار ئىسلاھ قىلىش ھوقۇقىغا ۋە ئۆزگەرتمەي قوغۇداپ قېلىش پۇرسىتىگىمۇ مۇيەسسەردۇر. ئۇلار تەتقىقات ئەركىگە خوجايىنلا ئەمەس بەلكى تەدبىقلاش ئىمكانىيىتىگىمۇ قادىردۇر. بىز مەيلى قايسى نوقتىدىن چىقىپ ئويلاشمايلى ئۇيغۇرلار ئىسلاھ قىلىش ياكى قىلماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. بىز ئۇيغۇلارنىڭ رىياللىقى بارنى بۇزۇش، يوقنى پەيدا قىلىش ۋە كىشىلەر ئارىسىغا تەپرىقچىلىق سېلىشتىن ئىبارەت ئىسلاھاتچىلققا تەقەززا ئەمەس. ئاتالمىش ئىسلاھ قىلىمىز دەۋاتقانلار پەقەت خەق كەيدۈرۈپ قويغان ئاياغ ئۇيغۇرنىڭ پۇتىنى قىستىسا چاتاقنى ئاياقتىن كۆرمەي ئۇيغۇردىن كۆرۈپ توختىماي پۇتنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرىنى يونۇيدىغان،بارلىق ئىللەتنى ئۇيغۇرغا يۈكلەپ گەپتانلىق ۋە ۋەزخانلىق قىلىدىغان خىلۋەت خانىلاردىكى داستىخانچى زىيالىلار ۋە ئۆلىمالاردۇر. بۇنداق ھە دىسىلا مەسىلە بىلەن، ئەمەلىيەت بىلەن، شارائىت بىلەن ھىساپلاشماي مەسلەكۋازلىق قىلىش پەقەت بىر مەزگىللىك پىسخىك بوشلۇقىمىزغا،مەنىۋىي ئاجىزلىقىمىزغا مەلھەملا بولىدۇ، خالاس. بۇنداق ئىسلاھاتچىلىق ئارىمىزدىن مەلۇم توپنى ياكى بىر نەچچە يۈز كىشىنى "ھەببەللى!" دېگۈزىشى مۇمكىن ياكى ئەكسىچە ئاران تۇرغان يەنە بىر توپنى تېخىمۇ "ۋاي دات!" دېگۈزۈپ ئۈمىدسىزلىك ، مەھرۇملۇق ھاڭىغا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىتتىرىشى مۇمكىن. بەلكىم، ئۇيغۇر ئاۋامنى ئارتۇقچە مۇنازىرىگە جەلپ قىلىپ مۇنەۋۋەر ئوغلانلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى ئىچىنىشلىق، تەھدىتلىك،خىرىسلىق رىياللىقتىن تۈگىمەس ئىچكى نىزاغا بەنت قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. مەنچە بىز ئىسلاھاتچىلىق ۋە مۇھاپىزىكارلىقتىن ئىبارەت ئىددىيە توقۇنىشى ئىچىدىن مەۋجۇدلۇق قۇدرىتىگە ئېرىشەلمەيمىز. مەۋجۇدلۇق ئۈچۈن كۆرەشتە تەخىرسىز لازىم بولۇۋاتقىنى بىر بىرىدىن ئالىملىق تالىشىپ ئاغزىنى ئۆمەللەۋاتقانلار ئەمەس ئېنىق ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۈچۈن يەڭنى تۈرۈۋاتقانلاردۇر.


ئالدىنقى: گۈلەن- بايرام، بازار ۋە كىملىك

كـىيىنكى: ئۈستۈن ئاتۇش 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە سۆزلەنگەن لىكسىيە