ئىسمائىل ئىبنى ھەمماد جەۋھەرىي

ئىسمائىل ئىبنى ھەمماد جەۋھەرىي (ئەرەبچە: ابو نصرإسماعيل بن حماد الجوهري) شانلىق قاراخانىيلار دۆلىتى دەۋرىدە ياشىغان بۈيۈك لۇغەتشۇناس ئالىم، يازغۇچى ۋە كەشپىياتچى.

قاراخانىي تۈركلىرىدىن ئەبۇ نەسر فارابىي ئىسلام پەيلاسوپى دەپ ئاتىلىپ پەلسەپىدە، مەھمۇد كاشغەرىي ئەڭ بۈيۈك تۈركولوگ دەپ ئاتىلىپ، تۈرك – ئەرەب تىلشۇناسلىقىدا زور شۆھرەتلەر قازانغان بولسا، قاراخانىيلار دۆلىتى تەۋەلىكىدىكى فارابتا تۇغۇلغان ئۇشبۇ قەھرىمانىمىزنىڭ «سىھاھ» دەپ مەشھۇر بولغان «تاجۇللۇغە ۋە سىھاھۇل ئەرەبىييە (ئەرەب تىلى تاجى ۋە سەھىھ سۆزلۈكلەر)»[1] دېگەن كىتابى ئۇنى ئەرەب تىلىنىڭ پېشۋاسى بولۇشقا لايىق قىلغان ۋە ئۇ بۇ كىتابى ئارقىلىق ئەرەب تىلشۇناسلىقىدا زور شۆھرەت قازانغان. جەۋھەرىينىڭ ۋاپاتىدىن بەش يىل كېيىن تۇغۇلغان مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىيۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» كىتابى تۈرك تىلى ساھەسىدە ئەڭ چوڭ ئىشەنچلىك مەنبە بولغاندەك، ئىمام جەۋھەرىينىڭ «سىھاھ» كىتابى ئەرەب تىلى ساھەسىدە ئەڭ چوڭ ئىشەنچلىك مەنبەدۇر. ئىمام بۇخارىي ھەدىسلەرنى ئىلغاپ، ئەڭ سەھىھلىرىنى كىتابى «سەھىھۇلبۇخارىي»غا توپلىغاندەك، ئىمام جەۋھەرىيمۇ ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ ئەڭ سەھىھلىرىنى كىتابى «سىھاھ (سەھىھلەر)» دېگەن كىتابىغا توپلىغان ۋە ئۇنىڭ «سىھاھ» كىتابى «سەھىھۇلبۇخارىي»دەكلا زور مەرتىۋە قازانغان. شۇنداقلا، ئۇ بىر تىلشۇناس بولۇپلا قالماستىن، تارىختا تۇنجى قېتىم ئۇچۇشنى سىناق قىلغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ شۇ سىنىقى بىلەن «ئىلىم شەھىدى» بولغان ۋە كېيىنكى ئۇچقۇچىلارغا ئۇل سېلىپ بەرگەن. ئەپسۇسكى، ئۇ ئەرەب دۇنياسىدا مەشھۇر بولسىمۇ، ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىرى ئارىسىدا تونۇلماي قالغان.

نام - شەرىپى ۋە تۇغۇلغان ۋاقتىتەھرىر

ئىمام جەۋھەرىينىڭ تولۇق ئىسمى ئىسمائىل ئىبنى ھەمماد جەۋھەرىي[2] تۈركىي (مىللىتى تۈرك) ئوترارىي (يۇرتى ئوترار) – ئوترار فاراب شەھىرىنىڭ ئۆزىدۇر – بولۇپ، داڭلىق تىلشۇناستۇر ۋە تىل پېشۋالىرىنىڭ بىرىدۇر، ئەبۇ نەسر تەخەللۇسىدۇر. ئۇ «دىيۋانۇلئەدەب» ناملىق لۇغەتنىڭ مۇسەننىپى ئەبۇ ئىبراھىم فارابىينىڭ ھەمشىرىسىنىڭ ئوغلىدۇر[3][4]. تۈرك يۇرتلىرىدىن بولغان فارابتا تۇغۇلغان[5]. لېكىن، كۆپلىگەن تەرجىمىھال كىتابلىرىغا ئۇنىڭ تەرجىمىھالى يېزىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى تىلغا ئالغان ياكى ئىشارەت قىلغان بىرەرسىنىمۇ ئۇچرىتالمىدۇق.

جەۋھەرىي بىر يەردە مۇقىم تۇرۇشتىن سەپەر قىلىشنى ئەلا بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ ئىراققا، ئاندىن ھىجاز زېمىنىغا بارغان. ھەج – تاۋاپنى تۈگەتكەندىن كېيىن خۇراسانغا قايتقان، كېيىن نېشاپۇرغىمۇ بارغان. نېشاپۇردا ئۇ ئاخىرەتكە راۋان بولغۇچە ئىزچىل مۇدەررىسلىك ۋە يېزىقچىلىق، ھۆسنخەت ئۆگىتىش، قۇرئان ۋە كىتاب كۆچۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇل بولغان[5].

جەۋھەرىينىڭ شەيخلىرىتەھرىر

جەۋھەرىي ئىراققا كىرىپ، ئۆز زامانىسىنىڭ ئىككى شەيخى ۋە كۆز قارىچۇقى بولغان ئەبۇ ئەلى فارسىي ۋە ئەبۇ سەئىد سىرافىيدا ئەرەب تىلى ئىلمىنى ئوقۇغان ۋە ھىجازغا سەپەر قىلىپ، ساپ ئەرەب تىلى بىلەن سۆزلەشكەن. بۇنى ئۇ «سىھاھ» دېگەن كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە تىلغا ئالغان. ئاندىن ئۇ شەھەر – يېزىلارنى كەزگەن، رەبىئە ۋە مۇزەر يۇرتلىرىنى بىرمۇبىر ئايلىنىپ، ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن كۆپ رىيازەت چەككەن[5].

جەۋھەرىي تاۋاپ قىلىش، يۇرتلارنى كېزىش، شام ۋە ئىراق ئالىملىرىدىن ئىلىم ئېلىش قاتارلىق ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، خۇراسانغا قايتىپ، دامغانغا كەلگەن. ئۇ يەردە داڭلىق يازغۇچىلاردىن ۋە ئۇلۇغلاردىن بىرى بولغان ئەبۇ ئەلى ھۇسەين ئىبنى ئەلى ئۇنى دەرگاھىدا مېھمان قىلىپ، ئۇنىڭغا ناھايىتى ئىززەت – ئىكرام كۆرسەتكەن ھەم ئۇنىڭ ئەدەبىياتى ۋە ھۆسنخېتىدىن تېگىشلىك نېسىۋىسىنى ئالغان، ئاندىن ئۇنى نېشاپۇرغا يولغا سېلىپ قويغان. جەۋھەرىي نېشاپۇردا مۇقىم تۇرۇپ، مۇدەررىسلىك، يېزىقچىلىق، خۇشخەت تەلىمى، قۇرئان ۋە كىتاب كۆچۈرۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بولۇپ، گۈزەل ئىزلارنى ۋە ياخشى ناملارنى قالدۇرۇپ ۋاپات تاپقان[6].

جەۋھەرىي يەنە ئەرەب تىلىنى «دىيۋانۇلئەدەب» لۇغىتىنىڭ مۇسەننىپى، ئانا تەرەپ تاغىسى ئەبۇ ئىبراھىم ئىسھاق ئىبنى ئىبراھىم فارابىيدىنمۇ ئۆگەنگەن[3][7].

  • جەۋھەرىينىڭ ئەڭ داڭلىق شاگىرتلىرى: ئەبۇ ئەلى ھۇسەين ئىبنى ئەلى[5]، ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ئىبنى سالىھ ئەلۋەرراق[5] ۋە باشقىلار.
  • جەۋھەرىينىڭ تالانتى ۋە ئەخلاقى:

جەۋھەرىي سەپەرنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ زېرەكلىك ۋە ئۆتكۈرلۈكتە، ئىلىمدە زامانىنىڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرى ئىدى[5]. ئۇ ئاللاھ ئەقىل – پاراسەت ۋە ئەخلاق – پەزىلەت بەرگەن كىشىلەردىن ئىدى. زەھەبىي ئۇنى «جاھان زېرەكلىرىدىن بىرى ئىدى» دەپ سۈپەتلىگەن[8]. ئىبنى ھەجەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش سۈپەتلىگەن[9]. ئۇ تىل – ئەدەبىيات ئىلمىدە چاقناپ، ئەرەب تىلشۇناسلىقىدا بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك كىشىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

جەۋھەرىينىڭ تالانتى تىل ئىلىملىرى ۋە ئەدەبىيات بىلەنلا توختاپ قالمىغان. بەلكى باشقا ئىلىم – پەنلەرگىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرگەن. ئۇلارنىڭ ئەڭ ۋەكىللىكى ھۆسنخەت بولۇپ، جەۋھەرىي ئۇ جەھەتتىمۇ داڭدار نەمۇنىگە ئايلانغان. ھەتتا ئۇ ئىبنى مۇقلە، ئىبنى بەۋۋاب، مۇھەلھەل، يەزىيدىي قاتارلىق داڭدار خەتتاتلار بىلەن بىر قاتاردا سانالغان بولۇپ، ئۇنىڭ خېتى بىلەن ئىبنى مۇقلەنىڭ خېتىنى كۆرگەن ئادەم ئۇ ئىككىسىنى بىر – بىرىدىن ئايرىيالمىغىلى تاس قالاتتى[10].

ئالىملارنىڭ جەۋھەرىي ھەققىدىكى قاراشلىرى

ياقۇت ھەمەۋىي ئۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇ تىل – ئەدەبىيات ئىلمىدە ئىمامدۇر»[5]. ئەبۇلھۇسەين باخەرزىي ئۇنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇ ‹سىھاھۇللۇغە›نىڭ مۇئەللىپى بولۇپ، ئۇ كىتابىدا تەڭتۇشلىرىنىڭ ئارقىدىمۇ قالمىغان، زامانداشلىرىنىڭ دەرىجىسىدىن تۆۋەن دەرىجىدىمۇ ئەمەس ئىدى»[5].

تىلشۇناس ئەبۇ مەنسۇر سەئالىبىي مۇنداق دېگەن: «ئەبۇ ئىسمائىل ئىبنى ھەمماد جەۋھەرىي دۇنيانىڭ مۆجىزىلىرىدىندۇر… ئۇ ئەرەب تىلى ئىلمىدە ئىمامدۇر. ئۇنىڭ ھۆسنخېتى گۈزەللىكتە داڭدار نەمۇنىگە ئايلانغان… ئۇنىڭ ‹سىھاھ› دەپ كىتابى بار»[11]. ئىبنى بەررىي مۇنداق دېگەن: «جەۋھەرىي تىلشۇناسلار ئىچىدە ئەڭ ئۇستا گىرامماتىكىچىدۇر»[12].

  • ئالىملارنىڭ جەۋھەرىينىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى

ئۇنىڭ «سىھاھ» ناملىق كىتابى ئالىملار، مۇدەررىسلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن. ياقۇت ھەمەۋىي ئۇنىڭ تىل ھەققىدىكى بۇ كىتابى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «بۇ كىتاب بۈگۈن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ئۇلارنىڭ تايانچىغا ئايلاندى. مۇسەننىپ ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرگە قارىغاندا ئەسىرىنى ناھايىتى رەتلىك، ناھايىتى قوللىنىشچان شەكىلدە ئوبدان يازغان. ئۇشبۇ كىتابنىڭ تۈزۈلۈشى ساغلام ئەقىل ۋە زور بىلىمدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ ‹الجمهرة› دېگەن لۇغەتتىنمۇ ياخشىراق، ‹تهذيب اللغة› دېگەن لۇغەتتىنمۇ ئوبدانراق، ‹مجمل اللغة› دېگەن لۇغەتتىنمۇ قولايراقتۇر»[13].

شائىر جەۋھەرىي

جەۋھەرىي ئەرەب تىلى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتى ئىلىملىرىدە چاقنىغان بولۇپ، ئەرەب تىلىغا ئائىت ھەرقانداق بىر پەن بولسا ئۇنىڭدا ئىز قالدۇرغان بولسا كېرەك. شېئىر – نەزمە ھەققىدە زەھەبىي: «جەۋھەرىينىڭ گۈزەل نەزمىسىمۇ بار» دېگەن[14]. سەئالىبىيمۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «جەۋھەرىينىڭ تالانتلىق شائىرلارچە ئەمەس، ئالىملارچە شېئىرلىرى بار»[15]. تۆۋەندىكى بېيىتلەر ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىن نەمۇنىدۇر:

ئەي ئۆمرى زايە خام خىياللاردا،

قارا! قانچىلىك پارلىغان زامان.

قوپ بىز بىلەن ئەي‌ ئويۇنگاھ مۇرتى،

بارايلى بىز تا بەھرى بۇشتەقان[16].

ئېرىشكۈمىز خۇشاللىق ئۇندا،

ئىككى‌ جەننەتلىك مېۋە يېقىنلا.

بىز ئۇندا گويا ۋە قەسىرلەردە،

جەننەت كەۋسەرىن قىرغاقلىرىدا.

قۇشلار شاخلارنىڭ ئۈستىدە ئېيتار،

خۇش ئاۋازلىرى بىلەن ناخشىلار.

تەڭكەشلەپ بۇلبۇل دەمدەرلەرنى ھەم،

خۇددى زىل، بوم ۋە ئورتا تارىدەك.

پۇرسىتىڭ بۈگۈن، غەنىيمەت بىلگىن،

ئۇندىن باشقا چاغ يوققا تەڭ دېمەك[17].

جەۋھەرىينىڭ ئەسەرلىرىتەھرىر

جەۋھەرىينىڭ ئىككى قىسىملىق «سىھاھ»تىن باشقا كىتابى بولمىغان تەقدىردىمۇ، جەۋھەرىيگە «سىھاھ» يېتىپ ئاشاتتى. ئۇنىڭ يەنە باشقا پايدىلىق ئەسەرلىرىمۇ بار. ئۇنىڭ ئارۇز ھەققىدە بىر كىتابى بار بولۇپ، ئۇمۇ ياخشى تۈزۈلگەن بىر كىتاب ئىدى. ئۇ ئۇنى «عروض الورقة» دەپ ئاتىغان. يەنە ئۇنىڭ گىرامماتىكا ھەققىدە «مۇقەددىمە» دېگەن كىتابىمۇ بار[13].

جەۋھەرىينىڭ تىل ھەققىدىكى كىتابى «سىھاھ»تا تۇتقان يولى

جەۋھەرىي ئۆزىنىڭ «سىھاھ» كىتابى ئارقىلىق ئەرەبچە لۇغەتلەرنىڭ تەرتىپى جەھەتتە يېڭىلىق ياراتقۇچىسى ۋە تەرەققىي قىلدۇرغۇچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تىل پېشۋالىرى ئىچىدە قالتىس ئىجادكار بىرى. جەۋھەرىي فەراھىدىينىڭ «معجم العين»، ئىبنى دۇرەيدنىڭ «الجمهرة»، ئەزھەرىينىڭ «تهذيب اللغة» قاتارلىق لۇغەتلەردىن سۆزلۈك ئاختۇرغۇچى يولۇقىدىغان قىيىنچىلىقلارنى چۈشىنىپ يەتكەنىدى. ئىبنى دۇرەيد ۋە ئەزھەرىي ئوقۇرمەنلەرگە ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشنى كۆزلىگەن بولسىمۇ، نىشانىغا يېتەلمىگەن. شۇڭا، ئۇلارنىڭ لۇغەتلىرىدىن سۆزلۈك ئاختۇرغان ئادەم ئىزدىگىنىنى ئاسان تاپالمايتتى. شۇ جەھەتتىن، جەۋھەرىي لۇغەت ئاختۇرغان ئادەم خالىغىنىنى نەقمۇنەق تاپالىشى ئۈچۈن، لۇغىتىنى قولاي شەكىلدە تۈزۈشكە بار كۈچى بىلەن تىرىشقان[18].

جەۋھەرىي لۇغىتىنىڭ تەرتىپىنى تۈزۈش جەھەتتە تاغىسى ئەبۇ ئىبراھىم فارابىينىڭ «دىيۋانۇل ئەدەب» لۇغىتىدە قوللانغان ئۇسۇلىنى قوللانغان. بۇ ئۇسۇلنى يەنە مەھمۇد كاشغەرىي «دىيۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىمۇ قوللانغان[19].

جەۋھەرىي كىتابىغا ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ سەھىھلىرىنى تىزىشقا كۆڭۈل بۆلگەن. سۇيۇتىي بىر قاتار مەشھۇر لۇغەت كىتابلىرىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسىدە مۇئەللىپلىرى سەھىھلىرىنىلا ئېلىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن، بەلكى كىتابلىرىغا سەھىھ بولغان ۋە بولمىغاننىمۇ خاتىرلىگەن… تۇنجى بولۇپ سەھىھلىرىنىلا ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سەھىھ بىلەنلا كۇپايىلەنگەن كىشى ئىمام ئەبۇ نەسر ئىسمائىل ئىبنى ھەمماد جەۋھەرىيدۇر. مۇشۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ كىتابىنى ‹سىھاھ (سەھىھلەر)› دەپ ئاتىغان»[20].

جەۋھەرىي كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇشبۇ كىتابقا بۇ تىل (ئاللاھ ئۇ تىلنىڭ مەرتىۋىسىنى شەرەپلىك قىلىپ، دىن ۋە دۇنيا ئىلىملىرىنى ئۇنى بىلىشكە باغلاپ قويغان) دىكى مېنىڭ نەزىرىمدە سەھىھ بولغان سۆزلەرنى ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان بىر تەرتىپ ۋە تۈزۈلۈش بويىچە 28 باب قىلىپ تىزدىم. ھەربىر باب ئېلىپبە ھەرپلىرىنىڭ سانى ۋە تەرتىپى بويىچە 28 بۆلەكتۇر»[20].

لېكىن بۇ كىتابنىڭ بەزەن يەرلىرى تەنقىدكە ئۇچرىغان بولۇپ، تىلشۇناس ئەبۇ زەكەرىييا خەتىب تەبرىزىي مۇنداق دېگەن: «بۇ كىتاب تەرتىپى ياخشى، ئىزدىگەننى ئاسان تاپقىلى بولىدىغان بىر كىتابتۇر. بۇ كىتابتا ياخشى مەنپەئەتلەر ۋە تىلدىكى مۈشكۈل سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىرى كەلتۈرۈلگەن. لېكىن، شۇنداق تۇرۇپ، ئۇنىڭدا خاتالىقلار سادىر بولۇپ قالغان. مەزكۇر خاتالىقلارنىڭ كۆچۈرگۈچى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى مۇسەننىپ تەرىپىدىن سادىر بولغانلىقىدا شەك يوق. چۈنكى، كىتاب ھەرپلەر ئاساسىدا يېزىلغان. بۇنداق چوڭ كىتابلار سەۋەنلىك ياكى خاتالىقتىن خالىي بولالمايدۇ. بىراق بۇ ئازغىنە خاتالىقلار ئۇلارنىڭ ئىجتىھات قىلىپ، مىڭ جاپادا تۈزەتكەن ۋە تەھرىرلىگەن نۇرغۇن توغرىلىرى يېنىدا ئەپۇ قىلىنىدۇ»[12].

بۇ خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا سۇيۇتىي مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، جەۋھەرىي ئۇنى يازغاندىن كېيىن تەھرىرلەپ «ز» ھەرپىگە كەلگەندە، كاللىسىغا بىر ۋەسۋەسە كىرىۋېلىپ، ئۆگزىدىن سەكرەپ ئۆلگەن. كىتابنىڭ قالغان يەرلىرى تەھرىرلەنمەي ۋە قايتا يېزىلماي شۇ پېتى قېپقالغان. ئاندىن ئۇنىڭ شاگىرتى ئىبراھىم ئىبنى سالىھ ئەلۋەرراق قايتىدىن يېزىپ چىقىپ، بىرنەچچە ئورۇندا ئېغىر خاتالىقلارنى سادىر قىلغان».

قانداقلا بولمىسۇن، ئالىملار ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچىلەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ خاتالىقلاردىن ۋاقىپلانغان. قەتئىي خاتالاشمايدىغان كىم بار؟! كىمنىڭ پەقەت توغرىسىلا بار؟! ئۇنىڭغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇنكى، ئۇمۇ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئالىملارغا ئوخشاشلا ھەم خاتالاشقان ھەم توغرىنى تاپقان. مۇئەللىپى ھەممە ئادەمنىڭ بىردەك قايىللىقىغا ئېرىشكەن ۋە كېيىنكىلەرنىڭ تەنقىدىدىن ساقلىنىپ قالغان بىرمۇ كىتابنى بىلمەيمەن[21].

ئىمام ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى بەررىي «الحواشي على الصحاح» دېگەن نامدا «سىھاھ»قا ھاشىيە يازغان. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئەسىرىدۇر. ۋەيەنە ئىمام رەزىييۇددىن ھەسەن ئىبنى مۇھەممەد ساغانىي «التكملة على الصحاح» دېگەن نامدا تولۇقلىما يازغان ۋە بۇ كىتابىدا جەۋھەرىي تىلغا ئالمىغان سۆزلەرنى قاتقان. بۇ تولۇقلىما ھەجىمدە سىھاھتىن چوڭراق.

فەييۇمىي جەۋھەرىينىڭ «سىھاھ»ىنى كىچىك بىر لۇغەتكە قىسقارتىپ، ئۇنىڭغا «مختار الصحاح (سىھاھتىن تاللانمىلار)» دەپ ئات قويغان. بۇ لۇغەت ھەتتا ئوقۇغۇچىلارغا قەدەر بۈگۈنگىچە كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەن داڭلىق بىر لۇغەتتۇر.

جەۋھەرىينىڭ ۋاپاتىتەھرىر

جەۋھەرىينىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا، تارىخىي مەنبەلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مۇنداق بىر قىسسە كەلتۈرۈلگەن: جەۋھەرىي ياغاچتىن ئىككى قانات ياسىغان ۋە ئۇلارنى ئارغامچا بىلەن باغلىغان. ئاندىن نېشاپۇردىكى كونا بىر جامەگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆگزىسىگە چىققان ۋە مۇنداق دېگەن: «ئەي خالايىق! مەن دۇنيادا ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان بىر ئىشنى قىلدىم. ئەمدى ئاخىرەت ئۈچۈن ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان بىر ئىشنى قىلىمەن». ئاندىن ئىشىكنىڭ ئىككى قانىتىنى ئىككى بېقىنىغا ئارغامچا بىلەن تېڭىپ، جامەنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە چىققان ۋە ئۆزىنى ئۇچۇۋاتقاندەك ئويلاپ، يىقىلىپ ئۆلگەن[21].

زەھەبىي مۇنداق دېگەن: ئەبۇ نەسر (جەۋھەرىي) نى بىر سەۋدا قاپلىۋېلىپ، قۇشنىڭ قانىتىغا ئوخشايدىغان ئىككى قاناتنى ئۆزىگە تاڭغان ۋە: «مەن ئۇچماقچىمەن» دېگەن. كىشىلەر كۈلگەن. ئاندىن ئۇ سەكرىگەن ۋە ئۇچقان. ئاندىن ئېغىر يارىلىنىپ ئۆلگەن[14].

ئۇنىڭ ۋاپات بولغان يىلى ھەققىدە بىرنەچچە خىل قاراش بار بولسىمۇ، زەھەبىي كىتابىدا ھىجرىيە 393 – يىلى (مىلادىيە 1003 – يىلى) دەپ نەقىل قىلغان[14].

ھاياتىنى قۇرئان تىلىغا خىزمەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن، ئەرەب تىلىنىڭ پېشۋاسى ۋە ئىلىم شەھىدى ئىمام جەۋھەرىيگە جانابىي ئاللاھتىن ئۇلۇغ ماقاملار ۋە مول ئېھسانلار تىلەيمىز. ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرىتى بولسۇن![22]

مەنبەلەرتەھرىر

  1. بۇ كىتاب نۇرغۇن قېتىم بېسىلىپ نەشر قىلىنغان. ئەڭ قەدىمكى قوليازما نۇسخىلىرىدىن بىرى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئاممىۋى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان بولۇپ، ھىجرىيە 591 – يىلى (مىلادىيە 1194 – يىلى) كۆچۈرۈلگەن. بۇ كىتابنى 16 – ئەسىردە مۇھەممەد ئىبنى مۇستافا ۋانكۆلۈ ئوسمانلى تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلغان ۋە 1729 – يىلى ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ تۇنجى رەسمىي مەتبەئەسى بولغان ئىبراھىم مۇتەفەررىقە مەتبەئەسىدە بېسىلغان. بۇ ۋانكۆلۈ لۇغىتى ئىبراھىم مۇتەفەررىقە مەتبەئەسىدە يورۇق كۆرگەن تۇنجى كىتابتۇر. بۇ تەرجىمىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بالىكەسىر شەھىرى كىتابخانىسىدا ساقلىنىقلىق.
  2. مۇھەممەد ئابدۇلھەق رەھىمەھۇللاھ ئىمام نەسەفىينىڭ تەپسىرىگە يازغان «الإكليل على مدارك التنزيل وحقائق التأويل» ناملىق شەرھىدە ئۇنىڭ «جەۋھەرىي» دەپ ئاتىلىشى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: ئۇ ئۈنچە – مەرۋايىت جەۋھەرلەرنى ساتقانلىقى ئۈچۈن، ياكى خېتىنىڭ چىرايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ياكى ئۇ ياقۇت – جەۋھەرگە ئوخشىتىلغانلىقى ئۈچۈن، ياكى ئۇندىن باشقا سەۋەبتىن شۇنداق ئاتالغان.
  3. 3.0 3.1 الصفدي: الوافي بالوفيات 9/69.
  4. الذهبي: سير أعلام النبلاء 17/80.
  5. 5.0 5.1 5.2 5.3 5.4 5.5 5.6 5.7 ياقوت الحموي: معجم الأدباء، دار الغرب الإسلامي، بيروت، الطبعة الأولى، 1993م، ج2، ص656، رقم الترجمة (240).
  6. الثعالبي: يتيمة الدهر 2/117. ياقوت الحموي: السابق نفسه، الصفحة نفسها.
  7. ابن حجر: لسان الميزان 1/167.
  8. الذهبي: تاريخ الإسلام 27/283.
  9. ابن حجر: لسان الميزان 1/401.
  10. الذهبي: تاريخ الإسلام 6/372.
  11. الثعالبي: يتيمة الدهر 2/117، 118.
  12. 12.0 12.1 السيوطي: المزهر 1/75.
  13. 13.0 13.1 ياقوت الحموي: معجم الأدباء 2/657.
  14. 14.0 14.1 14.2 الذهبي: سير أعلام النبلاء 17/82.
  15. الثعالبي: يتيمة الدهر 2/118.
  16. بۇشتەقان نىشاپۇردىكى بىر سەيلىگاھلىق يېزىنىڭ ئىسمى.
  17. الصفدي: الوافي بالوفيات 9/70. شېئىرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەلدەر.
  18. د. رحاب خضر عكاوي: موسوعة عباقرة الإسلام 3/169.
  19. ۋېكېپىدىيا ئەرەبچە، ئەبۇ ئىبراھىم فارابىي بېتى.
  20. 20.0 20.1 السيوطي: المزهر 1/74.
  21. 21.0 21.1 ياقوت الحموي: معجم الأدباء 2/658.
  22. ئەرەب تىلىنىڭ پېشۋاسى ئىمام جەۋھەرىي، ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى، 21-12-2020 ئۇلىنىشى