ئىسمايىل تىلىۋالدى

رەئىس ئىسمايىل تىلىۋالدى


رەئىس ئىسمايىل تىلىۋالدى 1944-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر، شىنجاڭ كونا شەھەر ناھىيىسىدىن، 1973-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن.

1977-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان.

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكولتىتىنىڭ ماتېماتىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە.

1962-يىلى 9-ئايدىن 1967-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكولتىتىنىڭ ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان. 1967-يىلى 9-ئايدىن 1968-يىلى 8-ئايغىچە مەكتەپتە خىزمەت كۈتكەن.

1968-يىلى 8-ئايدىن 1969-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ زەمىندە قايتا تەربىيە ئالغان. 1969-يىلى 1-ئايدىن 1973-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى كوناشەھەر ناھىيلىك تىراكتۇر زەندە، تاشمىلىق يېزىسىدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن.

1973-يىلى 9-ئايدىن 1976-يىلى 11-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى كوناشەھەر ناھىيىلىك تەشكىلات بۆلۈمىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1976-يىلى 11-ئايدىن 1980-يىلى 4-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەر ۋىلايەتلىك تەشكىلات بۆلۈمىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1980-يىلى 4-ئايدىن1983-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، باشقارما باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1983-يىلى10-ئايدىن 1990-يىلى 11-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ مۇاۋىن ۋالىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

1990-يىلى 11-ئايدىن 1993-يىلى 4-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، مەمۇرى مەھكىمىنىڭ ۋالىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

1993-يىلى 4-ئايدىن 1995-يلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۆمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ، پارتگۇرۇپپىسى بەنگوتىڭىنىڭ شۈجىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

1995-يىلى 10-ئايدىن 1998-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسى كومىسسارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

1998-يىلى 2-ئايدىن 2000-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، سىياسى قانۇن كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۈجىلىق خىزمىتىنى ئشلىگەن.

2000-يىلى 12-ئايدىن 2003-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2003-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۆمەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

ھازىر ئىسمايىل تىلىۋالدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.