بەشىنچى ئەۋلاد قومۇل ۋاڭى ئىسھاق (1767-يىلىدىن 1780-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان). چيەنلوڭنىڭ 32-يىلى (1767-يىلى) يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىسھاق ئىنانچىخان دەرىجىلىك دوروبېلىلىق مەرتىۋىسىگە ۋارسىلىق قىلىدۇ. چيەنلوڭنىڭ 36-يىلى (1771-يىلى) ئۇ بېيجىڭغا بېرىپ خاننى زىيارەت قىلغاندا چىڭ ھۆكۈمىتى ئۈچ كۆزلۈك _توز قانىتى سانجىلغان قالپاق ، سېرىق پەشمەت ئىنئام قىلىدۇ ۋە چيەنچىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ چىقىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.

يۈسۈپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئىش بېجىرىدىغان كۈچلۈك ياردەمچىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى. گاۋزۇڭ خان كۆپ قېتىم ھازىر "قابىل ئادەملەر بەك ئازىيىپ كەتتى " دەپ ئاھ ئۇرغانىدى. ئىز باسارلارنى تەييارلاش ئۈچۈن، چىڭ ھۆكۈمىتى ئىسھاقنى تەربىيلەش قارارىغا كېلىدۇ. چيەنلوڭنىڭ 38-يىلى(1773-يىلى) چىڭ ھۆكۈمىتى ئىسھاققا "ئاغلاقچى ئامبال" دىگەن مەنسەپنى بېرىپ، ئىلىغا ئەۋەتىدۇ. ئۇ نامدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈۋاتقان قۇمۇللۇق ئۇيغۇر دېھقانلارنى باشقۇرىدىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئىلى جاڭجۇڭى شۇخۇدېدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ماھارىتى ئۆگىنىدۇ. ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن (1776-يىلى) ئۇ قۇمۇلغا قايتىدۇ. چيەنلوڭنىڭ 45-يىلى (1780-يىلى) ئىسھاق چېچەك چىقىپ ئۆلىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق ئېچىنىدۇ ۋە دەپنە ئىشلىرى ئۈچۈن 300سەر تەڭگە بېرىدۇ.