ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى

<ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى> - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ ئورگان گېزىتى. بۇ گېزىتنىڭ ئۇيغۇرچىسى 1952 - يىل 11 - ئايدىن تارتىپ <شىنجاڭ ئىشچىلىرى> دېگەن نام بىلەن نەشر قىلىنشقا باشلىغان، 1953 - يىل 2 - ئايدا <شىنجاڭ گېزىتى> بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن، 1981 - يىل 6 - ئايدا گېزىت يەنە ئەسلىگە كېلىپ <شىنجاڭ ئىشچىلىرى گېزىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن. ھازىر چوڭ فورماتلىق، ھەپتىدە ئىككى سان چىقىدۇ، <ئىشچىلارۋاقىت گېزىتى> نىڭ ئەدەبىيات بېتى بۇ گېزىت 1981 - يىلى ئەسلىگە كەلگەندىن تارتىپلا بار ئىدى. ئەدەبىي بەت 1981 - يىلدىن 1993 - يىلغىچە <گۈلىستان> نامى بىلەن چىقىرىلغان، 1993 - يىلغا كەلگەندە <قارلىق چوققا> غا ئۆزگەرتىلگەن، ھازىر شۇ نام بىلەن چىقىرىلىۋاتىدۇ. بۇ بەتتە يەنە <قەلەمكەشلەر>، <گۈلدەستە>، <چوغلۇق> قاتارلىق سەھىپىلەر بار. <ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى> نىڭ ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىدىغان <دېرىزە> بېتىمۇ بار.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش