ئىقتىساد-ئادەم مەركەزچىلىكى (ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق)

ئاپتورى: زىيا گۆكئالپ

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ھەبىيبۇللاھ مەتقۇربان

تۈنۈگۈن يەنە ھېلىقى يوچۇن پەيلاسوپتىن ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزنىڭ ئەسكىرىي ۋە سىياسىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزگە ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىيەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى سورىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى:

− ئىقتىسادىي ھايات سىياسىي ۋە ئەسكىرىي ھاياتقا ئوخشىمايدۇ. بىرىنچىسى كىشىلىك جەمئىيەتتە ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئىككىنچىسى ھەممەيلەننىڭ كۈچ مەنبەسىدۇر.

ئىقتىسادىي ھاياتتا ئالتۇن، ئالماس، مەرۋايىت، كەشتە ۋە تېرە دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى كوللېكتىپ ئاڭنىڭ ئۇلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەنلىكى تۈپەيلىدىندۇر. ئەمما نان، تېتىتقۇ، گۆش ۋە ياڭيۇ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى بولسا كىشىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى بەلگىلەيدۇ. ئالدىدىكى ماددىلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ئوزۇقلىنىشىغا پايدىسى بولمىغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئىقتىسادىي قىممىتى تولىمۇ يۇقىرى. كېيىنكى ماددىلارنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ماددىي جەھەتتىكى پايدىلىرىدىن كېلىپ چىققان.

دېمەك، ئىقتىسادىي ھاياتتا كۆپ نەرسىلەرنىڭ قىممىتى ماددا تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ، ماددىنى ئاساس قىلىدۇ.

چارلىس جايد (Charles Jid)نىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسلىرى ماددىي ئېھتىياجلاردۇر. بۇ قاراش بويىچە بولغاندا ئېستېتىكىلىق ئېھتىياجلارمۇ ماددىي ئېھتىياجلارغا قوشۇلۇشى كېرەك. بۇ چاغدا ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى ھۇزۇر – ھالاۋەتكە مۇناسىۋەتلىك دېگىلىمۇ بولىدۇ. دېمەك، ئالتۇن، ئالماس، مەرۋايىت، كەشتە ۋە تېرىلەرنىڭ ئۇنچىۋالا قىممەتلىك بولۇشى ئېستېتىكىلىق جەھەتتىن گۈزەل بولغانلىقىدىندۇر. بۇ ئېستېتىكىلىق قىممەتلەر نەزەردىن ساقىت قىلىنغىنىدا، ئىقتىسادىي ھاياتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ئانچە ئالاقىسى يوقتەكلا كۆرۈنىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كەسپىي خىزمەت تەقسىماتى ۋە كەسىپتە مۇتەخەسسىسلىشىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر.

دۆلىتىمىزدە ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ھۆكۈمەتنىڭ ئىلكىدىكى ئىش ئەمەس. كەسپىي خىزمەت تەقسىماتى دېگىنىمىز ئىجتىمائىي زىچلىق ۋە نوپۇسنىڭ ئېشىشى دېگەنلىكتۇر. نوپۇسنىڭ ئېشىشى تۇغۇش – تۇغۇلۇش ئارقىلىق بولغىنىدەك، كۆچمەنلەر سەۋەبىدىنمۇ بولىدۇ.

ھۆكۈمەت كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە بۇنچىۋالا ئەھمىيەت بېرىشتە مۇنداق ئىككى نىشانغا يېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ:

بىرىنچىسى، مىللەتداشلىرىمىزنى زالىملارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىككىنچىسى بولسا دۆلىتىمىزدە نوپۇسنىڭ زىچلىقىنى ئاشۇرۇشتۇر. ھازىر مەملىكەت سىرتىدا، بالقان دۆلەتلىرىنىڭ زۇلمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان بىر مىليوندىن ئارتۇق تۈرك بار. بۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنىمىزگە يىغىلىشى مىللىتىمىزنىڭ سانىنى ھەم كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

ھۆكۈمەت يەنە بىر تەرەپتىن پويىز يوللىرى، بانكا ۋە ئاكسىيە بازارلىرىنى ئېچىش قاتارلىق ئىقتىسادىي ساھەدە مۇھىم بولغان ئورگانلارنى قۇرۇپ چىقىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلار روياپقا چىقىپ قالسا، ئىقتىسادىي پائالىيەت ئۆزلۈكىدىن ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىدۇ. چۈنكى ئىنسانلار ئالدى بىلەن ماددىي ئېھتىياجلىرىنىڭ قامدىلىشىنى، تۇرمۇشلىرىنىڭ پاراۋانلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھەتتا بەزىدە ھەشەمەتلىك تۇرمۇشى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

ئىقتىسادىي ھاياتنىڭ تۈرتكىلىك ئامىللىرى مانا مۇشۇلاردۇر. ھۆكۈمەت پەقەت بۇ ئىشلارغا ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئوينىيالايدۇ. ئىقتىسادىي ھاياتنى ھەقىقىي تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئامىل جەمئىيەتتىكى ئىش تەقسىماتىدۇر. بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان كۈچ ھۆكۈمەت ئەمەس.

ئۇنداق بولغانىكەن، ئىقتىسادىي ئورگانلارنى ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىش كېرەكمۇ؟ ئەگەر ئىقتىساد ئىشلىرىغا ھۆكۈمەت ئارىلىشىدىغان ئىش بولسا، مەن بۇ سوئالغا «ھەئە» دەپ جاۋاب بېرىمەن. چۈنكى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئىقتىسادىي ھايات سىياسىي ھاياتقا: «پەقەت يولۇمغا پۇتلاشمىساڭلا، باشقا تەلىپىم يوق!» دېمەكتە.

جەمئىيەتشۇناسلىققا ئۇل سالغۇچى دۇركېيم (Durkheim): «مەن باشقا بارلىق ساھەلەردە مەركەزىيەتچىلىك تەرەپدارىمەن. پەقەت ئىقتىسادىي ساھەدە ئادەم ئامىلىنى ئاساس قىلىمەن» دەيدۇ. بۇ يەردىكى ئادەم مەركەزچىلىكتىن مەقسەت ئىقتىسادىي ئىشلاردا ھۆكۈمەتنىڭ مەركەز بولماسلىقىدۇر.

ئىقتىساد ئىشلىرى خەلق ئاسانلىقچە يۈرۈشتۈرۈپ كېتەلەيدىغان ئىش ئەمەس. بۇ ئىشلاردا خەلقنىڭ ئىرادىسى ئەمەس، بەلكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھوقۇققا ئىگە بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، ئادۋۇكاتلارغا ئائىت مەسىلىلەر «ئادۋۇكاتلىق ئىشخانىسى»نىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلۇشى كېرەك. دوختۇرلۇق ۋە دورىگەرلىك مەسىلىسىنى «سەھىيە ئىدارىسى» داۋالاش تۈزۈمى بويىچە ھەل قىلىدۇ.

مائارىپ ئىشلىرىنى ھەل قىلىش مەسىلىسى ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كەسپىي بىلىملىرىگە ھاۋالە قىلىنىشى كېرەك. بۇ ساھەلەردىكى ھوقۇق ۋە قارار قىلىش ئىشلىرىنى پەقەت خەلق، ئالاھىدە خادىم ۋە نازارەتچىلىك تەرەپلىرىدىلا دەپ قارىماسلىق لازىم. ئىش تەقسىماتى بىلەن مۇتەخەسسىسلىك مۇھىم بولغان بىر دۆلەتتە كەسپىي ساھەدە گېپى ئۆتىدىغان بولۇشمۇ مۇھىمدۇر. ئىش تەقسىماتى بىلەن كەسپىي مۇتەخەسسىسلىكنىڭ ئېتىبارى يوق جايلاردا بولسا، مۇتەخەسسىسلىكنى تەلەپ قىلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىشىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا دۆلەتكە قالىدۇ.

ھالبۇكى، خەلقنى باشقۇرۇش سالاھىيىتى بار كىشىلەرنىڭ ھەممە ساھەدە مۇتەخەسسىس بولالىشى ناتايىن. ھەر ساھەنىڭ ئەلىمى – تەلىمىنى بۈيۈك ئالىملارغا قارىغاندا شۇ ساھەدە مۇتەخەسسىس بولغانلار ياخشىراق بىلىدۇ. ئالىم ھەر نەرسىنى بىلگەن كىشىدۇر. ھەزارفەن (بۈيۈك ئۇستاز) دېگەن گەپمۇ ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدىغان دېگەنلىك بولىدۇ. لېكىن بۇ قاراش ھازىر ئاقمايدۇ. ھازىر پەقەت قانداقلا بولمىسۇن باشقىلارنىڭ مۇتەخەسسىس ياكى ئەمەسلىكىگە قارىلىدۇ. ھەتتا بىر مۇتەخەسسىسمۇ ئۆزى مۇتەخەسسىسلەشكەندىن باشقا ساھەلەردە نەزەرگە ئېلىنمايدۇ.

مانا بۇ ئەھۋال تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئىش تەقسىماتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى چوڭ شەھەرلەردىكى نوپۇسنىڭ ئېشىشىغا ۋە ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا باغلىقتۇر. ئەپسۇسلىنارلىق نۇقتا شۇكى، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنىڭ ئىدارە قىلىنىشى ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدا ئەمەس. لېكىن كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش، ئۆيلىنىشنى تەشۋىق قىلىش ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىق پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئامىللار نوپۇسنىڭ ئېشىشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. يوللارنى ياساش، پويىزلارنى ئومۇملاشتۇرۇش، بانكىلار ۋە ئاكسىيە بازارلىرىنىڭ ئېچىلىشىمۇ ئىقتىسادىي ھاياتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

بۇ گەپلەرنى «ھۆكۈمەت ئىقتىسادىي ساھەگە پەقەت ئارىلاشمىسۇن!» دەپ چۈشىنىشكە قەتئىي بولمايدۇ. مەن بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، ھۆكۈمەتنىڭ چوقۇم «مىللىي ئىقتىساد پىلانى» بولۇشى كېرەك دەپ قارايدىغانلاردىن بىرى.

− ئۇنداقتا، «ئىقتىساد-ئادەم مەركەزچىلىكى» (ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق) دېگەندىن نېمىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىسىز؟ ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلاردىمۇ مەركەز قىلىنىشىنى نېمىشقا خالىمايسىز؟

− چۈنكى ھازىر ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەمۇرلىرىنىڭ ھەممىسى سىياسىي كادىرلار تەرىپىدىن ئىشقا ئېلىنغان سىياسەتۋازلاردۇر. سىياسەتۋازلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىقتىسادشۇناس ئەمەس. چارلىس جايد مۇنداق دەيدۇ:

«بۇلغارىستاندىنمۇ چوڭ شىركەتلەرنىڭ خۇددى سائەت ئىسترېلكىسىدەك سىستېمىلىق شەكىلدە يۈرۈشۈشىنىڭ سەۋەبى شىركەتلەرنىڭ سىياسىي مەمۇرلار تەرىپىدىن  ئىدارە قىلىنماستىن، ئىقتىسادشۇناسلار تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغانلىقىدىندۇر».

ئۇنداق بولغانىكەن، ھەر قانداق دۆلەت ئىقتىساد ساھەسىنى پىششىق بىلىدىغان مەمۇرلار تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنسا ئىدى، شۇ دۆلەتمۇ ئىقتىسادىي ساھەدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايتتى. لېكىن ئەپسۇسكى، ھازىر ھەممە دۆلەتنىڭ مەمۇرىي خادىملىرى سىياسىي مەمۇرلاردۇر. پۈتۈن ئىقتىساد ئىشلىرى پەقەت ئىقتىسادشۇناسلار تەرىپىدىنلا ئىدارە قىلىنىدىغان بىر دۆلەت قۇرۇلغان ۋاقىتتا «دۆلەت ئىقتىسادىي ساھەگە ئارىلاشماسلىقى كېرەك» دەيدىغان پىرىنسىپ ئەمەلدىن قالىدۇ. چۈنكى دۆلەت ئىقتىسادىي جەھەتتە لاياقەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىدا بولسىلا ئىقتىساد ساھەسىگە ئارىلاشسا بولىدۇ. لېكىن ھازىرقىغا ئوخشاش بارلىق ئىشلار سىياسىي مەمۇرلارنىڭ قولىدىلا بولىدىكەن، دۆلەت ئىقتىساد ئىشلىرىغا ئارىلاشسا بولمايدۇ.

(جۇمھۇرىيەت، 1924 – يىلى، 31 – ئىيۇل)

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «چىنار ئالتى يازىلارى» ناملىق ئەسىرى، توكەر نەشرىياتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى