ئىكراندىكى نورۇز ۋە زاماندىكى نورۇز

نورۇز شەرقتە قومۇلدىن غەربتە ئىستانبولغىچە قۇتلۇنىدىغان تۈرك ۋە پارىس تىللىق مىللەتلەرنىڭ يېڭى يىل بايرىمى. بۇ سۆزنىڭ تۈركچە تەلەپپۇزى نەۋرۇز،ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزى نورۇزدۇر.تاجىكچە ۋە پاشتۇنچە تەلەپپۇزىمۇ نورۇز ئېكەن. تۈنۈگۈن20-مارت ئامېرىكا پېرىزدېنتى ئوباما نورۇزلۇق نوتۇق ئېلان قىلىپ ئېران خەلقىنىڭ نورۇزىنى مۇبارەكلىدى(ئىنگىلىزچىدىمۇ نورۇز دەپ يېزىلىپتۇ قارىغاندا نورۇز تەلەپپۇزىمۇ يايغىن تەلەپپۇز ئىكەن).بۇ يەردىكى نەۋ،نو سۆزى يېڭى،رۇز سۆزى كۈن دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.تولۇق مەنىسى يېڭى كۈندۇر. نورۇز 2000يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمى بايرام. كۈن تۈن تەڭلەشكەن،ھايات باھارغا قۇچاق ئاچقان خاسىيەتلىك پەيتلەدىكى مۇبارەك بايرامدۇر. بۇ بايرامنى ئەزەلدىن ئورتاق زېمىندا ئىناق قوشنا، مەدەنىيەتتە يېقىن ھەمراھ، تىلدا پىكىرداش بولۇپ كېلىۋاتقان تۈرك(ئۇيغۇر)ۋە ۋە پارىس تىللىق خەلقلەر بىرلىكتە خاتىرلەپ كەلگەن.بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرى بۇ تۇققانلىقنى تاتسىز تۈرك بولماس دېگەن ماقال ئارقىلىق يەتكۈزگەن.بۇ يەردىكى تات پارىس تىللىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

1.نورۇز نىمىشكە سۇسلاشقان؟ قانخور فاشىست شىڭشىسەي زامانىدا بۇ بايرام چەكلەنگەن.سەۋەپلەرنىڭ بىرى ئۇ ئۆزىنىڭ تەختكە چىققان ئاپىرىلنى بايرام قىلپ بېكىتىپ نورۇزنى ئەمەلدىن قالدۇرغان دېيىلىدۇ. يەنە بىرى ئۇ فاشىستىك پەلەسەپىسى بويىچە يەرلىك خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە ئورتاق مۇنبەرگە يىغىلىش پۇرسىتىنى يوقاتماقچى بولغان. بايرام مىللەتنىڭ مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى،مىللەت ئەزالىرى بۇ كۆرگەزمە ئارقىلىق ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىدۇ،پەخرلىنىدۇ،ئۆزلەشتۈرىدۇ ۋە كېڭەيتىدۇ. بۇنداق پۇرسەتنىڭ بولۇشى ئەينى دەۋردىكى فاشىستىك ھۆكۈمەتكە خەۋپ بولۇپ تۇيۇلغان شۇڭا بۇ بايرام تەقىپلەنگەن. شۇندىن كېيىن بۇ بايرام سۇسلاشقا باشلىغان.ئادەمنىڭ مەدەنىيەتتىكى خاسلىقى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىلىپ سىنىپى خاسلىقى تەكىتلەنگەن 30 يىلدا نورۇز تېخىمۇ ئۇنتۇلۇپ پەقەت ئەڭ چەت تاغلىق كەنتلىرىمىزدىلا ساقلىنىپ قالغان.

2.ئىكراندىكى نورۇز بۇ يىللىق مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىدىكى نورۇز 23-قېتىملىقىكەن. مۇشۇ پېتى بولغاندا نورۇز 1986-يىلى بېڭجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان بولىدۇ. تېلۋىزوردىكى نورۇزنىڭ قاچان باشلانغالىقى ھەققىدە بىلىشكە ئاجىزمەن. لېكىن بېيجىدا باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي باشلانغالىقىنى تەخمىن قىلىمەن.مۇشۇ بويىچە بولغاندا ئىكراندىكى نورۇزغىمۇ 20يىل بولۇپ قالغاندۇ. لېكىن ئىكراندىكى نورۇز خەلققە قانچىلىك تەسىز قىلالىدى؟ ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەندىن سورىسام، سىزدىكى ھېيتلىق تۇيغۇ نورۇزدا پەيدا بولامدۇ؟ سىز بىزگە نىسىپ بولامىغان تۇيغۇ ئاۋامغا نىسىپ بولغاندىمۇ؟ بۇ يەردە شۇنداق بىر رەھىمسىز رىياللىق بار بىز نورۇزدا ياۋرۇپا كالىندارىدىكى يېڭى يىلنى كۈتىۋالغاندەك ھاياجانلانمايمىز،ياشلار بايرىمىنى تەبرىكلىگەندەك تەبرىكلەپ بولالمايمىز. مانا بۇ ئىجتىمائى قۇرۇلمىنىڭ بىزنىڭ تۇيغۇمىزغا شەكىلسىز تەسىر قىلىشى ۋە بىزنى شاتلىق ۋە ئارمانلىق تۇيغۇلارغا ئەسىر قىلىشىدۇر. مەشرەپ يوقۇلۇپ سەھنىدە پەيدا بولدى ئۇنىڭ خاراكتىرى نورۇزنىڭ يوقۇلۇپ سەھنىدە پەيدا بولۇشى بىلەن ئوخشاش. كېيىنكى ئون يىلدا مەشرەپنى ئۇيغۇر پەقەت نورۇزدەكلا بىر تېل پروگراممىسى دەپ بىلىدۇ خالاس،ھاياجانلانمايدۇ،ئارمان قىلمايدۇ ،خۇرسىنمايدۇ. نورۇزنىڭ ئىكىران ئاقىلىق ئاۋامغا سىڭمىگەنلىكى مەشرەپنىڭ ئىكىران ئارقىلىق قايتا ھاياتقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئەمدى كېيىنكى نۆۋەت قايسى بايرامغا كەلدى؟ 18 دىن تۆۋەن، مەكتەپ،ئورگان،زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ھېيىت نامىزىغا بارمىسا، تۇپراق بېشىدا قۇرئان ئوقۇمىسا، ھېيىتلىق تېل پروگراممىسى كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ، بۇنداق ئامىمىۋىي تۈس ئالمىغان تېلبايرام قانچىلىك مەدەنىيەت قىممتى يارىتار؟. پەقەت ھاراق شىركەتلىرى ئېلان قىستۇرۇپ پۇل تېپىش ئۈچۈن، كىيىم شىركىتى خەقنى كىيىدۈرۈش ئۈچۈن. يىمەلىك شىركىتى خەقنى بىر كۈنلۈك زىيادە يىدۈرۈش بۇ بايرامنى ساقلاپ قالارمۇ؟

3.زاماندىكى نورۇز بىز ئاياللار بايرىمى قاتارلىق كالىندار بايراملىرىنى ئۆتكۈزمەيتتۇق. بوۋىمىز بىلمىگەن،مومىمىز كۆنمىگەن ھەر قانداق بايرامنى ئۆتكۈزمەيتتۇق، ئانىلىرمىزغا ھەركۈن بايرامدەك سېخى، ئاياللىرىمىزغا بايرامدەك خۇشچىراي،پەرزەنتلىرمىزگە بايرامدەك شادىمان ئېدۇق. زامان ئۆزگەردى ھەممە نەرسە تۈزۈمگە چۈشتى ،قېلىپلاشتى. كالىندارسىز ياشاپ كەلگەن خەلقىمىز كالىندارلارغا قاراپ شاتلىنىشنى ياكى قايغۇرۇشنى بەلگىلەيدىغان بولۇپ قالدى. ئەپسۇس،كالىندارنى بىز تۈزەلمىدۇق،قانۇن قائىدىلەرگە بىزنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىمىز يېزىپ قويۇلدى. كالىندارغا نىمىشكە نورۇزنى قوشالمىدۇق، ئۆرپ ئادىتمىز قوغۇدالغان بولسا مەشرەپ نەگە كەتتى؟ نىمىشكە قانۇنسىز يىغىلىشقا ئايلىنىپ قالدى؟ مىللي ئەنئەنە تۈسىنى ئالغان ھيت،مىيىت ،قەبرە بېشى دۇئاسى قانداق قىلىپ قانۇنسىزلاشتى؟

زامان ئۆزگەردى كالىندارغا كىرمىگەن بايرام، قانۇنغا ئاسالانمىغان مىللىيلىك قۇرۇق گەپكە ئايلىنىۋاتىدۇ.شۇ قۇرۇق گەپلەرمۇ ۋاقتىچە داۋاملىشىدۇ ،ئاخرى يوقايدۇ. ھەممىمىز قانۇنلۇق قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمىغا ياسىنىمىز.شۇنداق بىركۈنلەرگە قاراپ سىلجىۋاتىمىز، بىز ئۈنسىز ھالدا بىر ئۇلۇغ مەدەنىيەتنى ئۇلۇغ خەن خەلقى ۋە دۇنيا خەلقلىرىدىن مەھرۇم قۇيۇيۋاتىمىز.



ئالدىنقى: ئۈستۈن ئاتۇش 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە سۆزلەنگەن لىكسىيە

كـىيىنكى: مۇسىبەتتە مەھمۇد ۋەتىنى