ئىككى مەدەنىيەت ۋە تارىخنىڭ دىئالېكتىكىسى

ئىككى مەدەنىيەت ۋە تارىخنىڭ دىئالېكتىكىسى ئىنسانىيەت تارىخى ماددى مەدەنىيەتتىن مەنىۋى مەدەنىيەتنى يارىتىش، مەنىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق ماددى مەنىۋىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش تارىخىدىن ئىبارەت. مەيلى رەسمى لەۋھە تەرىقىسىدە ئېغىزغا ئېلىنغان بولسۇن - بولمىسۇن ئىككى خىل مەدەنىيەتتىن نوقۇل بىرى بىلەنلا كىشىلىك تۇرمۇشنى تەمىن ئېتىش مۇمكىن ئەمەس. ئىككى خىل مەدەنىيەت ئوتتۇرسىدا زىددىيەتمۇ بولىدۇ. ئۇ بەزىدە تۇتۇق بەزىدە روشەن، بەزىدە ھەتتا پاجىئەلىك ھالەتكە كۆتۈرىلدۇ. ھازىرقى زامان جاھان مەدەنىيەت تۈزۈلمىسىدىكى پاجىئەلىك زىددىيەت ئۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى.

بىر خىل كونا ئىقتىسادى تۈزۈلمە ۋە جاھالەتتىن يېڭى ئىقتىسادى تۈزۈلمە ۋە مەرىپەتكە ئۆتۈشتە، ئومۇمەن ئۈچ خىل سەۋەپ تۈپەيلى بۇ ئىككى خىل مەدىنيەت ئارىسىدا زىددىيەت روشەن گەۋدىلىنىشى مۇمكىن. بىرىنجى، يېڭى - كونا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ۋە ھالەتنىڭ بىر خىل زىددىيەتنى ھەل قىلىپ، ئۇنىڭ ئىككىنجى خىل شەكلىنى پەيدا قىلىشى ؛ ئىككىنجى، ئۆتۈش مەزگىلىدىكى داۋالغۇشلار تۈپەيلى ئىككى خىل مەدىنيەت زىددىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى ؛ ئۈچىنجى، كىشىلەرنىڭ تارىخى تەجرىبە ۋە قانۇنىيەتلەردىن چەتنىگەن سۇبىكتىپ قىزىپ كېتىشلىرى ۋە كونتىرول ئىقتىدارىنى ۋاقتىدا ئىشقا سالالماسلىقىدىن ئىبارەت. نەتىجىدە كەڭ ئاۋام قەلبىدە ئاڭ قاراش، ئىستىل، پوزىتسىيە، مۇھاكىمە، ئەدەپ - ئەخلاق، ئېتىقاد ۋە چارە - تەدبىر جەھەتلەردە بىر قاتار نورمالسىزلىق، ھەتتا بۇزۇلۇش، چىرىش ھادىسلىرى يۈز بېرىدۇ. بەزىدە ماددى مەدىنيەت، ۋە مەنىۋى مەدىنيەتتىكى تەكشىسزلىك، مەسلەن نوقۇل ھالدا ماددىي تاپاۋەتنى ياكى نوقۇل قانۇنىي جازالاشنى مىقدارى جەھەتتە ئۇتۇق - نەتىجە دەپ قاراش ۋە ئەكىس ھالدا بۇ جەھەتتە ئۈمىتسىزلىككە بېرىلدىغان ئەھۋاللار خېلى كەڭتاشا ھاۋاغا ئايلىنىدۇ. رېئال تۇرمۇشىمىزدا، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزدە كۆرۈلىۋاتقان بەزى بىنورمال ئەھۋاللار بىزنى پاكىتقا ئىگە قىلىدۇ. مەسىلەن، ياشلاردىكى يۇقىرى ئىستىمال قىزغىنلىقى، ھۆرمەتسىزلىك، ئوقۇغۇچىلاردىكى ياسانچۇقلۇق، ئويۇن تاماشىغا بېرىلىپ كېتىپ كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇماسلىق، ئۇقۇتقۇچىلارغا ئۇقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات سىرتىدىكى كىرىم بېسىمى، ئۇلار دۇچار بولۇۋاتقان ھۆرمەتسىزلىك ۋە كەمسىتىشلەر، نەشرىياتچىلىق قىيىنچىلىقى، نەشىر ئەپكارلىرىدىكى ئىقتىسادىي ئۈنۈم قوغلۇشۇپ سەلبى خاھىشتىكى باسما بۇيۇملىرىنىڭ يامراپ كېتىشى، دوست تارتىشلار، داۋالىنىش قىيىنچىلىغى، ‹‹ ئېتى ئۇلۇغ سۇپۇرىسى قۇرۇق ›› دورىلارنىڭ كۆپلىكى، سەھىيە ئەخلاقىدىكى نورمالسىزلىق، ئائىلىلەردىكى ماددى پاراۋانلىقنى ئۆلچەم قىلىپ، قايتا تەشكىللىنىش خاھىشى، كۆپ قىرلىق سىرىتقا بېرىلىش ھادىسىى، كىرىم - چىقىم ئالدىدا تەمتىرەپ قېلىش روھىيىتى ۋەھاكازالار بۇ خىل ئىجتىمائى ۋە مەنىۋى بۇزۇلۇشنىڭ بىر قىسمى.

قارىغاندا ماددىي پاراۋانلىق قوغلىشىش، مەنىۋى تۇرمۇشنى تولۇقلاشقا سەل قاراش، ماددىي مەدىنيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆز - ئۆزىنى نەزەردە تۇتالماسلىق، ماددىي مەدىنيەت رىقابىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش، ئۇنىڭ نېگىزى بولغان مائارىپ رىقابىتىگە ئاخىرقى ساھە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش، رېئاللىقنى كۆرۈپ، تەجرىبە ساۋاقلارنى ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىك ھادىسلىرىنى بىر ۋارقىراپلا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتلىقلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھادىسە بولۇپ بىر مەزگىل ئەۋجىرەپ كەتسىمۇ، لېكىن بەرىبىر تۈزۈلۈشكە يۈزلىندىغان ھادىسە. تارىخ - ئىككى خىل مەدىنيەتنى ئارقاق ۋە ئۆرۈش قىلىپ توقۇلىدىغان ئۇزۇن ھېكايە. ئۇنىڭدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئەبەدىيلىك ئابىدىلىرى بولۇشى ناتايىن. سىزگە ئېغىر ئاپەتلەرنى كەلتۈرىشى مۇمكىن.