تەرەققىيپەرۋەر ئىسلاھاتچى، ھەربىي ئالىم __ ئۇلۇغ ئىلتەبىر تۈمىد

ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر ھەربى ئالىمى بوسات تېكىن مىلادى 630-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇلۇغ ئىلتەبىر تۈمىد دادىسىنىڭ ئورنىغا تەختكە ۋارىسلىق قىلىدۇ.ئۇ 10 يىلچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ھاكىمىيەتنى پۇختىلايدۇ.مىلادى 646-يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇلارغا ياردەملىشىپ،تاڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالدىكى ئەشەددىي دۈشمىنى سىرتاردۇشلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە قوزغىغان ھۇجۇمىغا قارشى تۇرىدۇ.بۇ ئۇرۇشتا تۈمىد ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقىنى نامايەن قىلىپ،سىرتاردۇش خاقانى دومىنى مەغلۇپ قىلىپ مۇنقەرز قىلىدۇ. «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» دىكى مەلۇماتقا قارىغاندا تۈمىد ئۇلۇغ ئىلتەبىر مىلادى 646-يىلى سىرتاردۇشلارنى مۇنقەرز قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى خاقان دەپ جاكالاپ مەنسەپدارلارنى تەيىنلىگەن.تۈركلەرنىڭ مەنسەپ تۈزىمى بويىچە 6 چەت بۇيرۇق (ۋەزىر)، 3 ئىچ بۇيرۇق تەيىنلىگەن.ئۇندىن باشقا تۇتۇق بەگ،سانغۇن، ئەمر قاتارلىق مەنسەپلەرنىمۇ تەيىنلەپ سىياسى جەھەتتىن زور ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ھاكىمىيەتنى تېئىخىمۇ مۇستەھكەملىگەن.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، تۈمىد ئۇلۇغ ئىلتەبىر ئۇيغۇرلار يۇرتىدىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى جايلىرىغىچە بارىدىغان غول قاتناش يولى«تەڭرى خاقان يولى»نى ياسىتىپ،چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى جايلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى جايلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

مىلادى 648-يىلى بارلىققا كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر خاقانلىقى ئىچىدە يېغىلىق يۈز بېرىپ،تۈمىد ئۇلۇغ ئىلتەبىر ئۆز ئاكىسىنىڭ ئوغلى تەرپىدىن ئۆلتۈرلىدۇ.تاڭ سۇلالىسى بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن توپىلاڭنى تىنجىتىشقا ياردەم بېرىدۇ ۋە تۈمىدنىڭ ئوغلى بايان ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانى بولىدۇ.

دېمەك تۈمىد تەرەققىپەرۋەر ئىسلاھاتچى خاقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىغا سىياسى جەھەتتىن ئۇل سالغۇچى مەشھۇر تۆھپىكاردۇر.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش