ئىلزابىت بىرنجى

ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت بىرنجى (1533-1603)

ئۇنىڭ ياش ئۆسمۈرلۈك چاغلىرى ئانچە ياخشى ئۆتمىگەن، ئۇ 3 ياشقا كىرگەن چاغدا ئۇنىڭ ئانىسىنى خان ئاتىسى ئۆلتۈرىۋەتكەن بولۇپ ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەخىتكە ۋارىسلىق قىلىشىمۇ ناھايىتى تەس ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئىنىسى بىلەن ئاچىسىدىن كىيىن ئاندىن ئۇنىڭغا نۆۋەت كىلەتتى. مۇشۇ ئىشلار يۈ بەرگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىنىسى ئىدۋارد 10 ياشتا تەخىتكە ئولتۇردى، 16 ياشتا ئۆلۈپ كەتتى، ئاندىن كىيىن ئاچىسى مارى تەخىتكە ۋارىسلىق قىلدى، ئانچە ئۈزۈن ئۆتمەي ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىمۇ .ئاخىرلاشتى. ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن تولىمۇ چىرايلىق، تەرەققىپەرۋەر ئىلزابىت ئەنگىلىيىنى تەرەققىيات يولىغا باشلاپ ماڭدى. كىلىشمەسلىك شۇ بولدىكى ئۇ پادىشاھلىقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئەينى چاغدىكى كۈچلۈك دۆلەت ئىسپانىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى نىزادىن پايدىلىنىپ ئەنگىلىينى ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك ئىمپىرىيە قىلىش مەقسىدىدە توي قىلىشتىن ۋاز كەچكەن.