ئىلىدىكى تاتارلار ھەققىدە

ئىلىدىكى تاتارلار ھەققىدە

ئىلى دىيارى قەدىمدىن تارتىپ يېرى كەڭ، سۈيى مول، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنغان مۇنبەت زېمىن. ئورمانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك – زېمىننىڭ ئاۋات بولۇش ئامىللىرىنىڭ بىرى. ئىلى ۋادىسى ھۈنەر، ھېكمەت، ئەدەبىيات – سەنئەت بەرپا قىلىنغان تارىخىي زېمىن بولغانلىقى بىلەنمۇ مەشھۇر. بۇ باياشات زېمىندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئېجىل- ئىناق بىللە ياشاپ كەلگەن.

تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تاتارلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 19 -ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدىن باشلاپ كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان. غۇلجا شەھىرى شىنجاڭ بويىچە تاتارلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جاي. ۋ. ۋ. رادلوف 1862 – يىلى ئىلىغا كەلگەندە بۇ يەردە تاتارلارنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئىنتايىن ئىناق ياشاپ، ئەركىن ئازادە، كۆڭۈللۈك ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدى(«تاتارلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» 1988-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى).

1882 – يىلدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، ئىلى ۋىلايىتىدە 1900 دىن ئارتۇق تاتار بولۇپ، ئۇلار غۇلجا، موڭغۇلكۈرە، قورغاس، نىلقا، تېكەس، توققۇزتارا، كۈنەس ۋە باشقا ناھىيىلەرگە تارقالغان. تاتارلارنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە غۇلجا شەھىرىدىن قالسا چۆچەك 2 – ئورۇندا تۇرىدۇ. تاتارلار دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتىن باشقا سودا بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇلار مەرىپەت سۆيگۈچى خەلق ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ۋە تاتار خەلقلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ راۋاجلىنىپ كەلگەن دوستلۇقى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى كېيىنكى يىللارغىچە داۋاملىشىپ، ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. بۇ دوستلۇق خۇسۇسەن مەدەنىيەت – مائارىپ ساھەسىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ باردى. تاتارلار بىلەن ئۇيغۇرلار غۇلجا شەھىرىدە قويۇق ئارىلىشىپ ۋە ئىناق ياشاپ كەلدى. تاتارلار ھەر تۈرلۈك دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىپ، ئەركىن ياشاشقا، ھەق ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىشقا ئۆزلىرى باشلامچىلىق قىلدى. جۈملىدىن 1917 – يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىغاندا خەلق ئىچىدە كەڭ تەشۋىق ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ھەقتە «تاتارلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان:«… غارىپ غابىتوف «مەكتەبى نۇر» نىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى. ئۇ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىدىن زور ئىلھام ۋە مەدەت ئېلىپ، غۇلجىدىكى مەكتەبى نۇرنى ئاساس قىلغان ھالدا تاتار زىيالىيلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ، 1918 – يىلى 8-مارت ئاياللار بايرىمى كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈشنى بەلگىلىدى. ياش ئوقۇتقۇچى ئەسمە ئەختەمىيە باشلىق تۆت تاتار قىزىنى نامايىشتا ئاياللارنىڭ ئازادلىقى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇردى.

ئىلى خەلقىنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇپ بىلىم بېرىشتە، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىشتە تاتار مەرىپەتچىلىرىنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدۇ.

20 − 30 – يىللىرى غۇلجىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئىشلىگەن تاتار مۇئەللىملەر ئاز ئەمەس. شۇنىڭدەك ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مائارىپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە خۇسۇسەن غۇلجا شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل قىزلىرىغا بىلىم بېرىشتە 1914 – يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلغان تاتار مەكتىپى ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان. كېيىنرەك بۇ مەكتەپ «مەكتەبى نۇر» دەپ ئاتالدى. بۇ يەردە يالغۇز تاتار ياش ئۆسمۈرلىرىلا ئوقۇپ قالماي، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، شىبە، تۇڭگان بالىلىرىمۇ بىلىم ئالدى. ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ دەسلەپتە مۇشۇ مەكتەپتە بىلىم ئالغانىدى، شۇ دەۋردە نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر، تاتار مەرىپەتچىلىرى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇپ جەمئىيەتكە قوشۇلغان. ئۇيغۇر ۋە تاتار خەلقى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان مانا شۇ دەسلەپكى مەرىپەتچىلەر قول تۇتۇشۇپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ سەۋىيىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئارقىدىن ئىز بېسىپ كەشپۇل ئەسرار داموللا ۋاھاپ(1858 – 1957) ۋە تاتار ئالىمى ئابدۇللا بوبىيلار غۇلجىدا قۇرۇلغان نوغاي مەكتىپى − تاتار مەكتىپىنىڭ تەشەببۇسكارلىرىدىن بولۇپ قالدى. مەزكۇر مەكتەپكە قوشۇپ بىر قىرائەتخانىمۇ تەشكىل قىلىندى. ئۇنىڭغا «قىرائەتخانا نۇر» دەپ نام بېرىشتى. مانا بۇ تەشەببۇس يولىدا بولۇۋاتقان يېڭىلىقلار شۇ دەۋردىكى جاھالەت ۋە مۇتەئەسسىپلەرگە قارشى بولۇۋاتقان چوڭ كۆتۈرۈلۈش ئىدى. خۇسۇسەن تاتار ئالىمى ئابدۇللا بوبىينىڭ بۇ يولدا كۆرسەتكەن خىزمىتى مۆلچەرلىگۈسىز ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا مەكتەپ تەشكىل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇ يەردىكى مۆتىۋەر، تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تەشۋىق- تەرغىب قىلىپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىئانە توپلىدى. شۇندىن كېيىن مەكتەپ قۇرۇشقا كىرىشتى. ئابدۇللا بوبىينىڭ مەرىپەتچىلىك ئىشى ئۇزۇن داۋام قىلمىدى. چۈنكى بۇ يەردىكى خۇراپات، مۇتەئەسسىپ كۈچلەر بۇنىڭغا قارشى چىقتى. شۇ سەۋەبلىك ئۇ 1916 – يىلدىن كېيىن قازانغا كېتىپ قالدى.تاتار مەرىپەتچىلىرىنىڭ ئىلى زېمىنىدا خەلق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان جاپالىق خىزمەتلىرىنى بىرتەرەپلىمە قاراشقا بولمايدۇ. ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا بىلىم ۋە كۈچىنى ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشكە ھەمدە ئۇلارغا بىلىم بېرىشكە سەرپ قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلق ئارىسىدا تەشۋىق ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، خەلقنى مەكتەپ قۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. بۇ توغرىلىق خەلق ئىچىدىكى مۆتىۋەر، تەرەققىيپەرۋەر، ھىممەتلىك ئادەملەرنىڭ مونۇ ساخاۋەتلىك ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرسەك كۇپايە بولىدۇ: غۇلجا خەلقى ئارىسىدا ئىلىم ۋە مائارىپ خۇسۇسىدا زور بىر ھەرىكەت ۋە بەك قىممەتلىك بىر پائالىيەت بارلىققا كەلدى. بۇ ئەرلەرنىلا ئەمەس، ئاياللارنىمۇ ئوقۇتۇش، ھەتتا ئۇلارنى ئەرلەردىن ئارتۇق ئوقۇتۇش ۋە ئەرلەردىن ئارتۇق تەربىيىلەش لازىم ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. مانا بۇ مۇقەددەس مەقسەتكە يارىشا سەككىز سىنىپلىق قىزلار مەكتىپى سېلىندى.

بۇنىڭدىن كېيىن قانداقلا تويدا بولمىسۇن يىغىلغان پۇلنى( شەربەت ئاخچىسى) قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان يېتىم قىزلار پايدىسىغا سەرپ قىلىشقا باشلىدى. ئەڭ ئاۋۋال مەھەممەت سالىخ سەدىردىن ئەپەندى بىلەن كەشىفە خانىمنىڭ تويىدا يىغىلغان 46 سوم 14 تىيىن پۇلنى، كېيىن يۈسۈپ لايش ئەپەندى بىلەن پاتىمە يانسىپنىڭ تويىدا يىغىلغان 50 سوم 10 تىيىننى شۇ يېتىم قىزلار پايدىسى ئۈچۈن ئېلىپ، خەزىنىگە تاپشۇردى. غۇلجا مۇسۇلمانلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىنى تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ. تىرىشىڭلار ئەپەندىلەر! بەلكىم سىزدىن كۆرۈپ بىزنىڭ ئىچكى رۇسىيىدىمۇ يۇقىرى سىنىپلىق مەكتەپ ئېچىشقا باشلاپ قالار( سۈيۈمبىكە ژۇرنىلىنىڭ 1914 – يىللىق 15-سانى). يەنە شۇ ژۇرنالنىڭ 17 – سانىدا غۇلجىدىكى نۇرغۇنلىغان خانىم – قىزلارنىڭ شۇ قىزلار مەكتىپى بىناسى ئۈچۈن 575 سوم 60 تىيىن ئىئانە توپلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېسىلغان.

ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى غۇلجا شەھىرى مەدەنىيەت مائارىپنىڭ بىر ئاز راۋاجلىنىشى سەۋەبلىك شەھەرمۇ كېڭىيىشكە باشلىدى. بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان تاتارلارنىڭ نوپۇسى كۆپىيىپ باردى. باشقا شەھەرلەردىن تاتارلارنىڭ كۆچۈپ كېلىشى كۆپەيدى. شۇنىڭ ئۈچۈن غۇلجىدىكى تەرەققىيپەرۋەر ۋە مۆتىۋەر تاتار زىيالىلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 20 – يىللارنىڭ بېشىدا غۇلجا شەھىرىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى بوشلۇققا يېڭىشەھەر نوۋي گورود بىنا قىلىنىپ، ئۇنىڭغا تاتارلار ئولتۇراقلاشقانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق نوۋي گورودنى نوغاي گورود دەپ ئاتاپ ئۇنى مەشھۇر قىلىۋەتكەن. مانا شۇ نوۋي گورودتىكى ئوقۇتۇش ئىشلىرى توغرىسىدا شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرىنىڭ 25 – سانىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: بۇ چاغدا يەنە غۇلجىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان چەت ئەللىك رۇس، تاتارلارمۇ ئۆز ئۆيلىرىدە خۇسۇسىي مەكتەپلەرنى ئېچىپ رۇسچە ئوقۇتتى. يالغۇز نوۋي گورود مەھەللىسىنىڭ ئۆزىدىلا خۇسۇسىي مەكتەپلەر 6 دىن ئاشقانىدى. ھەر بىرىدە 51 تىن ئارتۇق بالا ئوقۇيتتى. تاتارلارنىڭ غۇلجىدىكى كونا شەھىرىدە بىر يېڭى مەكتەپ، بىر مىچىت، نوۋي گورود شەھىرىدە بىر يېڭى مەكتەپ، بىر مىچىت بار ئىدى.1933 – يىلدىكى ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن باشقا ۋىلايەتلەرگە ئوخشاش ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىەت – مائارىپ ئىشلىرى بىر ئاز يۈكسىلىشكە باشلىدى. غۇلجا شەھىرىدە بار بولغان مەكتەپلەر قايتىدىن قۇرۇلۇپ، يېڭىدىن مەكتەپلەر تەشكىلقىلىندى. مۇشۇ ۋاقىتتا غۇلجىدىكى ھەر مىللەت مەرىپەتپەرۋەر ۋە ئىلغار كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن غۇلجىدىكى مەكتەپ ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن 27 كىشىدىن تەركىپ تاپقان مائارىپ باشقارمىسى تەشكىل قىلىنغانىدى. بۇنىڭغا نەجىپ ئەپەندى خەمىتوف ۋە خەمىت سەئىدىيلەر باشلىق بولدى. سۇلتاناخۇن مەتيۈسۈپ ھاجى، نامان ئاخۇن، ھۈسەيىن يۇنۇسوف، نىزامىدىن ئەپەندى ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلاندى. نەجىپ ئەپەندى(1981- 2491) قازاندا تۇغۇلغان. ئۆسكەن يېرى ياركەنت بولۇپ، كىچىكىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشىپ چوڭ بولغان. 1909 – يىلى غۇلجىغا كېلىپ تا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن. ئىلىدىكى تاتار مەرىپەتچىلىرى يالغۇزلا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيەت- مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماستىن، قېرىنداش خەلقلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت- مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۇشتە بارلىق كۈچىنى سەرپ قىلدى.1933 – يىلدىن كېيىن غۇلجا شەھىرىدە 20 دەك باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلغان بولسىمۇ، مانا بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مۇئەللىملەر جىددىي ئېھتىياجلىق ئىدى. بۇ زور قىيىنچىلىقنى تاتار مۇئەللىملىرى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. يىگىرمىچە مەكتەپنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تاتار مۇئەللىملىرى بار ئىدى. بەزى مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرىمۇ تاتارلار ئىدى. بۇ مۇدىر ۋە مۇئەللىملەر پەقەتلا ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەنلا مەشغۇل بولۇپ قالماي، خەلقتىن ئىئانە توپلاپ، بالىلارغا كېرەكلىك قوراللارنى ۋە مەكتەپ ئىقتىسادىنى تەمىن قىلاتتى. غۇلجىدىكى مەكتەپلەر 1937 – يىلغىچە خەلق خىراجىتى( ئۆشرە – زاكات، پىتىر، خەلق ئىئانىسى) بىلەن تەمىن قىلىنغان. 1937 – يىلدىن كېيىن مەكتەپلەرنى ھۆكۈمەت تەمىنلەشكە باشلىغان. بۇ جاپالىق، قىيىن شارائىتلاردا زەينەپ خانىم يىلقىباي، رەشىدە خانىم شەھىدەۋا، ماھىنۇر سىراجى، مۇنىرە خانىم ۋاھىت، غارىپ سىراجى، زۆھرە يىلقىباي، رەمزىيە يىلقىباي، نازىم بېكىنىي، رەشىدە باراتوۋا، پاتىمە بۇرناشېۋا، مالىك بېكتېمىروف، پاتىمە خاپپار، جامال سەفەرغەلىيېۋا، فەرىخە غەلىئەكبەر ۋە باشقا كۆپلىگەن تاتار مۇئەللىم ۋە مەرىپەتچىلىرى ئىلى دىيارىنىڭ مەدەنىيەت- مائارىپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.

پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى زەينەپ خانىم يىلقىباي 1943 – يىلى غۇلجىدىكى خەيرىيە، نەمۇنە، تائالىيە، ئىلى ۋىلايەتلىك قىزلار مەكتىپى ۋە سايرامىيە مەكتەپلىرىدە مۇدىر ۋە مۇئەللىمە بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ تەربىيىلىگەن تاتار، ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۇڭگان ۋە قىسمەن خەنزۇ پەرزەنتلىرى جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدە ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدى. 40 يىل ئۆمرىنى مەرىپەتكە سەرپ قىلغان مۇنىرە ۋاھىت، غۇلجىدىكى يېتىملار مەكتىپى خەيرىيە( كېيىنرەك ئايخان مەكتىپى دەپ ئاتالدى) مەكتىپىنى دەسلەپكى كۈنىدىن تارتىپ تىكلەشتە ئۆزىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىگە قارىماستىن مۇشەققەتلىك كۈنلەردە ئەرلەر بىلەن تەڭ ئىشلىگەن زۆھرە يىلقىباي، مەرىپەت ساھەسىدە 30 يىلغا يېقىن ئىشلىگەن ئەر-ئايال غارىف سىراجى بىلەن ماھىنۇر سىراجى غۇلجىدىكى ئۈمىد مەكتەپ ۋە باشقا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە 25 يىلغا يېقىن تەر تۆكۈپ ئەمگەك قىلغان رەشىدە باراتوۋا ۋە باشقىلارنىڭ ئىزگۈ پائالىيەتلىرىنى قەدىرلىشىمىز كېرەك. ئورنى كەلگەندە شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، غۇلجا شىپاخانىلىرى ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئورگانلىرىدا ئىشلىگەن تاتار دوختۇر ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئاز ئەمەس. ئەنە شۇلارنىڭ ئارىسىدا دوختۇر شامىل تاجىدىنوف بىلەن شەفىقە سەدىردىنوفلارنىڭ شەرەپلىك نامى بار. ئۇلار ھەر كۈنى شىپاخانىلاردا خەلقنى داۋالاش بىلەن بەند بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن غۇلجىدىكى تېببىي تېخنىكۇمدا ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈپ تېببىي كادىرلارنى تەربىيىلەشتە چوڭ ھەسسە قوشتى. ئىلىدىكى تاتارلار يالغۇزلا مەدەنىيەت – مائارىپ ساھەسىدىكى ئىشلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ سەرپ قىلىپ قالماستىن، تىياتىر ۋە سەنئەت ساھەسىدىمۇ كۆپ پائالىيەت كۆرسەتتى. ئۇيغۇر، ئۆزبېك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى بىلەن بىرلىكتە تاتار مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ سانايى نەپىسە ئۆمىكى قۇرۇلدى. ئۇلار خەلق ئاممىسىغا «باشماغىم»، «تاھىر-زۆھرە»، «ئاسىليار»، «غالىيەبانۇ» غا ئوخشاش سەھنە ئەسەرلىرىنى نامايىش قىلدى. 30 – يىللاردىكى ئىلى ئۇيغۇر تىياتېرى شەرت – شارائىتنىڭ ئەڭ قىيىن مەزگىللىرىدە تاتار ئاياللىرى خەدىچە، مەدىنە، شەكۇرە ئابباسوۋا، پەرىدە، مۇنەۋۋەر، پىرۇزە سىراجىدىنوۋالار ئۆز خىزمەتلىرىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭدەك ئەدەبىيات، مەتبۇئات ساھەسىدە ئىشلىگەن تاتار مەتبەئەچىلىرى بىلەن يازغۇچى-شائىر، ژۇرنالىستلىرى ئۇيغۇر نەشرىيات ۋە تەھرىر بۆلۈملىرىدە ئۈنۈملۈك ئەمگەك قىلدى. 1934- يىلى غۇلجا شەھىرىدە چىقىدىغان ئىلى دەرياسى گېزىتىگە ھەبىب يۇنىچى باش مۇھەررىر بولغان بولسا، 1944 – يىلدىكى ئىلى ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا يەنە شۇ گېزىت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىدى. 1947 – يىللىرى ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتىگە ئەسئەت ئىسھاقوف مۇھەررىر بولغان.ئەمگەك پائالىيىتىنى مۇئەللىملىكتىن باشلىغان ئە. ئىسھاقوف ئىلى ئىنقىلابى پارتىزانلار شتابىنىڭ كاتىپى، ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى ھەم دائىمىي ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق مەسئۇل خىزمەتلەردە بولدى. رەھىم سەپەرغەلى، رەفىق غابىدىي، خەمىت تۆھپى، ئەنۋەر لوقمان، مۇنىر ئېرزىن، ئەسئەت تاھىر، سۇبۇتاي ئابدۇراخمانوف، شەرىپ ۋە باشقىلار ئۇيغۇر مەتبۇئاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن خادىملار ئىدى. 1949 – يىلدىن باشلاپ غۇلجا شەھىرىدە چىقىشقا باشلىغان «خانىم -قىزلار ئاۋازى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى تەۋەي خانىم مىرشانوۋا، تەھرىر ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ بىرى رەمزىيە يىلقىباي بولغان.ئىلى ۋادىسىدا ياشىغان تاتارلار ئۇيغۇرلار بىلەن قولغا قولتۇتىشىپ، خەلق ھاياتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە دېگۈدەك بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرگەن، جاپالىق ئەمگەكلەرنى ۋە ھالاۋەتنىمۇ تەڭ كۆرگەن. ئىلىنىڭ ھەممە مۈشكۈل جايلىرىدا ۋە داۋانلىرىدا ئۇلارنىڭ ئىزى بار. سودا -سانائەت ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلىرىغىمۇ ئۇلارنىڭ ھەسسە قوشقانلىقى مەلۇم. ئۇششاق ۋە ئوتتۇرا ھالسودىگەرلەر سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن باشقا غۇلجىدىكى مۇسابايېفلارنىڭ سودا دۇكانلىرىدا پرىكازچىك، بوغالتىر، تېخنىك، ئىشچى ۋە باشقا ئورۇنلاردا خىزمەت قىلاتتى. ئىلىدىكى بىر قانچە سودا شىركەتلىرى قاتارىدا ئالتاي شىركىتى خېلى مەشھۇر ئىدى. ئۇنى زاكىرجان ئاللايارى، فارىخ ئاللايارى، غىلاجىدىن تاجىدىنوف، نىزام ئەپەندى فەتخۇللىن، پازىلجان ئاقساقال يۇنىچى،، غادىلشا توقموللىنلار باشقۇراتتى. غۇلجا شەھىرىدە 1909 – يىلى مۇسابايېفلار قۇرغان تېرە زاۋودىدىن باشقا غالىئەخمەت سەدرى بىلەن سالىخ سەدرىلەر قۇرغان تيانشان تېرە زاۋۇتىمۇ ئىلىنىڭ سودا – سانائىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەلۇم ھەسسە قوشقان. كۈنەستە بەش ئاكا -ئۇكا قۇرغان نوغاي زاۋۇتى تېرە ئەيلەپ، كۆن ئىشلەپ، چەم ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانا ئىدى(«تاتارلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» 1988 – يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى).1944 – يىلى ئىلىدىكى گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى كۆتۈرۈلگەندە پۈتكۈل خەلق قوزغىلىپ، دۈشمەنگە قارشى قورال ئېلىپ جەڭگە قاتناشتى. مانا شۇ چاغدا باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش تاتار خەلقىمۇ ئىنقىلاب باشلانغان نىلقا تاغلىرىدىن ماناس دەرياسىنىڭ بويىغا بارغىچە گومىنداڭغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭ تۈرمىسىدە بىگۇناھ يېتىپ ئۆلگەنلەرمۇ بار. ئۇلار رەئۇف بۇرۇندىكوف، پەررۇخ سىراجىي، زىيا ئاللايارى، ئابباس ئىسمائىلوف، مۇنىر ئىسمائىلوف، غاياز سېمىنېيېف، پاتىخ ۋە باشقىلار. مانا شۇ قوراللىق جەڭلەردە تاتار ئوغۇل- قىز ياشلىرى مەردلىك كۆرسەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق پاكىتلارنى كۆرسىتىش كۇپايە. نىلقا ناھىيىلىك ساقچى مەھكىمىسىنى دۈشمەندىن ئازات قىلىشتا خەمىت مۇسلىموف قۇربان بولدى. تەلكە تاغ- داۋانلىرىدىكى شىددەتلىق جەڭلەردە قورقماس يىگىت غارىف سىراجى مەردلىك كۆرسىتىپ ۋە ھاياتىنى خەلق ئۈچۈن تىككەن بولسا، سۈيدۈڭدىكى سوقۇش مەيدانىدا شەپقەت قىز پاتىمە يەھياروۋا يارىدار جەڭچىلەرنى دۈشمەندىن قۇتقۇزۇش مەزگىلىدە ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى. يەنە شاۋەلى ئابزى، ئەختەم ئابزى، چاپاي قاتارلىك 14 تەك جەڭچى-ئوفىتسېر شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى.تاتار ئەمگەكچىلىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ئۆزلىرى بىۋاسىتە قاتنىشىشتىن باشقا ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ماددىي- مەنىۋى جەھەتتىن ھەمكارلىشىپ، ئۆز ئۈلۈشىنى قوشتى. ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، تەشكىللەشتە ئۇلارنىڭ مەلۇم ھەسسىسى بار. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەسكەرلىكتىن گېنېراللىققىچە ئۆستى. شۇلارنىڭ ئىچىدە پاتىخ مۇسلىموف، مەرغۇپ ئىسھاقوف، ئايتۇغان يۇنىچى، فۇئات خەمىتوف، رەپىق بايچۇرىن، خەمىت ئەلىيېف، مالىك غىمادى، رەئۇف سەلىموف، سەغىت شەيخوف، غىمران خەسەن، خەمىت ئېنىكېيېف، پاتىخ چانىشوف، ماخمۇت سەئىدى، جەۋدەت سەدرى، ئەنەس ئوسمانوف، تالغات غىمادىيېف، مالىك بېكتېمىروف قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق مەرد ئوغۇل- قىز بار. ئۇلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.ئىلى دەرياسىدىكى ئۇيغۇر تاتار خەلقلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ دوستلۇقتا بىللە ياشاپ ھايات كەچۈرىشىنىڭ ئۆزى بىر تارىخ. تارىخنى خەلق يارىتىدۇ. مانا شۇ شانلىق تارىخنى يارىتىشتا ئۆز ئۈلۈشىنى قوشقان تاتار خەلقىنىڭ ئەمگەكلىرىنى قەدىرلەيدىكەنمىز، دېمەك، ئىلى زېمىنىنىڭ تارىخىنى يارىتىشتا ئۇلارنىڭ ئۆلمەس تۆھپىلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىش كېرەك. بۇ بىزنىڭ تارىخ ئالدىدىكى بۇرچىمىزدۇر.