ئىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابى

ئىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابى ( 1912 - يىل )

ليۇ شيەنجۈن باشچىلىقىدىكى بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىي پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ 1911 - يىل 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى دىخۇا ( ئۈرۈمچى )دىكى قوراللىق قوزغىلىڭى بەختكە قارشى مەغلۇب بولدى . 1912 - يىل 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ياڭ زەنشۈي ، فېڭ تېمىن باشچىلىقىدىكى بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىي پارتىيىسىدىكىلەر ئىلىنىڭ خۈييۈەن دېگەن يېرىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ، بىراقلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ ، بەش مىللەت جۇمھۇرلىقىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلاپ ، شىنجاڭ ئىلى ئۇلۇغ تۇتۇق مەھكىمىسىنى قۇردى . شۇنىڭدىن كېيىن ، شەرققە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى قوزغاپ ، شىخوغىچە باردى ، زەربە نىشانىنى بىۋاسىتە دىخۇاغا قاراتتى .

ئىلىدىكى قوراللىق قوزغىلاڭ _ شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ ، ئۇنىڭ تۆھپىسى شۇكى ، ئۇ مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، جۇمھۇرىيەت قۇردى ، مەنچىڭ پادىشاھى شۈەنتۇڭنىڭ غەربكە كۆچۈش كويىدا بولۇش سۈيىقەستىنى بىتچىت قىلدى .