ئىلىم-پەننىڭ ياراتقۇچىنى ئىسپاتلاشتىكى رولى
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئىلىم-پەننىڭ ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى ئالىملار ۋە پەيلاسوپلار سۆزلىمەكتە. قۇرئان كەرىمدىمۇ: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ. ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ دېگەن ئايەت بار.
مۇتەپەككۇر ئالىم ئابدۇلمەجىد زەندانى تەۋھىد ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: ئىلىم ـ پەن بىزگە بىر دەرەخنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ تۇپراقتىكى ئوزۇقلىرىنى قانداق ئالىدىغانلىقىنى، بۇ ئوزۇقلارنى يوپۇرماقلىرىغىچە قانداق يەتكۈزىدىغانلىقىنى، مېۋىلەرنىڭ قانداق مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىكى تەم، رەڭ، شەكىلنىڭ قانداق يوسۇندا پەيدا بولىدىغانلىقىنى شەرھلىمەكتە ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇكەممەل قانۇنىيەت ۋە نىزام ـ سىستېما ئاستىدا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلماقتا. ئىلىم ــ پەن يەنە بىزگە بىر جانلىقنىڭ ئىچ قۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئەقلىمىزنى ئاچماقتا. بىئولوگىيە ئالىملىرى ھەر بىر جانلىقنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاجايىپ مۇكەممەل بىرەردىن فابرىكا ئىكەنلىكىنى كۆردۇق دەيدۇ. ئادەمنى چاقىدىغان زەھەرلىك ھەرە شېرىن ۋە شىپالىق ھەسەل بېرىدۇ. يىپەك قۇرۇتى رەخت توقۇيدۇ. قولسىز ئۆمۈچۈك تور توقۇيدۇ. تىلسىز قوي سۈت بېرىدۇ. مۇندىن باشقا يەنە ئىلىم ــ پەن بىزگە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاددى بىر سامان بىلەن سۇدىن تەركىپ تاپقان ھەلەپتىن سۈت ئىشلەپ چىقىرىش ئەقىل ــ ئىدراكسىز قوينىڭ ياكى كالىنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى قوي ـ كالا، ھەرە، ئۆمۈچۈك، يىپەك قۇرۇتى ۋە باشقا جانلىقلار رەسسامنىڭ پۇرشىسىغا، ئاپتورنىڭ قەلىمىگە، ياغاچچىنىڭ رەندىسى بىلەن ھەرىسىگە ۋە دېھقاننىڭ كەتمىنىگە ئوخشاش بىرەردىن سايمانلاردۇر. ئەمما ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىشىنىڭ ئىگىسى شۈبھىسىزكى، پۈتۈن كائىناتنىڭ ئىجادكارى بولغان ئاللاھتۇر!
مەزكۇر ئەسەردە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: ئاسترونومىيە ئىلىمىنىڭ ۋاستىسى بىلەن دۇنيانىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئەھۋالى بىلىندى. بىز ياشاۋاتقان بۇ يەرشارى قۇياشنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ ناھايىتى تېزلىكتە ئۇچىۋاتقان بىر سەييارە يۇلتۇزى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. قاناتسىز، موتورسىز، پلوتسىز ۋە ئاۋازسىز ئۇچىۋاتقان بۇ يەرشارى سەييارىسىنىڭ ئۈستىدىكى يولۇچىلار راھەت ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ساياھەت قىلىۋاتماقتا. يەرشارى بىر تەرەپتىن ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشقا داۋام قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن قۇياشنىڭ ئەتراپىدا تېزلىكتە ئۇچۇشىنى داۋام قىلدۇرماقتا. ئەمما ئىچىدىكى يولۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇچىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. كېچىلەر، كۈندۈزلەر ۋە مەۋسۇملار بۇ ئىككى ئايلىنىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. يەرشارى قۇياشقا ــ ھازىرقى مۇساپىسىدىن ــ ئازراق يېقىنلاشسا كۆيۈپ ھالاك بولىمىز، ئۇزاقلاشسىمۇ مۇزلاپ ھالاك بولىمىز. قۇياشنىڭ ئەتراپىدا ئۈزىۋاتقان يەر شارىلا ئەمەس، بەلكى باشقا سەييارىلەرمۇ باردۇر. بۇ سەييارىلەرنىڭ بىر ــ بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس، بەلكى ھەر بىر سەييارە ئۆزىنىڭ بەلگىلەنگەن مەخسۇس ئوقىدا سەير قىلىدۇ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كېچىكىپمۇ قالمايدۇ. بۇ سىستېما قانچىلىغان مىليون يىللاردىن بېرى ھېچبىر بۇزۇلماستىن، بىر خىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە. بۇنداق ئىنچىكە نىزامنى ۋە قانۇنىيەتنى كىم بېكىتتى؟ بۇزۇلمىغان ۋىجدان ۋە ساپ ئەقىل ئىگىسى بولغان ھەر قانداق ئادەم شۇنداق جاكارلايدۇكى، بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى ئاللاھتۇر!
مەنبەلەر
تەھرىرلەشسەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمى
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى