ئىلى دەرياسى (ژۇرنال)

<ئىلى دەرياسى> - قوش ئايلىق ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدەبىياتى - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلىدۇ، ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمى نەشرگە تەييارلايدۇ، مەملىكەت ئىچىدە ئاشكارا تارقىتىلىدۇ، ئاساسەن ئىلى ئوبلاستىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى - شائىرلارنىڭ، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. 1978 - يىل 1 - ئايدا ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشقۇرۇشىدا پەسىللىك ژۇرنال سۈپىتىدە چىقىرىلىشقا باشلىغان، 1988 - يىلدىن باشلاپ قوش ئايلىققا ئۆزگەرتىلگەن. ژۇرنالنىڭ <نەسرىي ئەسەرلەر>، <شېئىرلار>، <يېڭى روماندىن پارچە>، <ئالمىزار ئەدىبلىرى>، <بالىلار كۆڭلى>، <تارىختىن سۆز>، <ئەسەر ۋە باھا>، <چەت ئەل ئەدەبىياتىدىن>، <لاپلار>، <خەلق ئەدەبىياتىدىن> قاتارلىق سەھىپىلىرى بار.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش