ئىلى كەچلىك گېزىتى

<ئىلى كەچلىك گېزىتى> - ئىلى ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ ئورگان گېزىتى بولۇپ، 1992 - يىل 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سىناق تەرىقىسىدە نەشر قىلىنغان، 1993 - يىل 1 - ئايدىن باشلاپ رەسمىي نەشر قىلىنىدۇ. <ئىلى كەچلىك گېزىتى> نىڭ ئەدەبىيات بېتى گېزىت نەشر قىلىنىش بىلەن تەڭلا تەسىس قىلىنغان، گېزىتنىڭ ئەدەبىيات بېتىدە <تولۇن ئاي> ۋە <ھەسەن - ھۈسەن> دىن ئىبارەت ئىككى مەخسۇس بەت بار. <تولۇن ئاي> بېتىدە ئىلى ۋىلايىتىدىكى ئاپتورلارنى ئاساس قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى بېرىلىدۇ. <ھەسەن - ھۈسەن> بېتىدە ئاساسەن ئەدەبىي ئوبرازلار، كىتابخانلاردىن خەت، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى، چەت ئەل ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىن نەمۇمىلەر، شۇنداقلا ئەدەبىيات مەسىلىلىرى ھەققىدىكى نەزەرىيۋى مۇھاكىمە ماقالىلىرى قاتارلىقلار بېرىلىدۇ.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش