<ئىلى - گېزىتى> - ئىلى قازاق ئاپتونوم رايونلۇق ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى. <ئېلى گېزىتى> نىڭ ئاساسىنى 1910 - يىللاردا نەشر قىلىنغان <ئىلى ۋىلايىتىنىڭ گېزىتى> گە باغلاشقان بولىدۇ. ئىلىدا گېزىتچىلىك ئىشلىرى بالدۇر مەيدانغا كەلگەن. 1912 - يىلى <ئىلى گېزىتى>، 9191 - يىلى <ھۆر سۆز گېزىتى>، 1930 - يىلى <ئىلى دەرياسى> گېزىتى، 1933 - يىلى <ئىلى - شىنجاڭ گېزىتى> قاتارلىق گېزىتلەر نەشر قىلىنغان، 1950 - يىلى گېزىت نامى <يېڭى يول گېزىتى> گە ئۆزگەرتىلەن. 1951 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى <يېڭى يول گېزىتى> نىڭ نامى <ئىلى گېزىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە بۇ گېزىت كېيىنچە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتىگە ئايلانغان. 1955 - يىلى گېزىت نامى <ئىلى دېھقانلىرى> غا ئۆزگەرتىلگەن، 1957 - يىل 10 - ئايدا نامى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ھازىرغىچە شۇ نامدا چىقىۋاتىدۇ.  ئازادلىقتىن بۇرۇن ھەر خىل نامدا چىقىرىلىدىغان <ئىلى گېزىتى> نىڭ ئەدەبىيات بېتى (ئىستونى) بار ئىدى. <ئىلى گېزىتى> 1951 - يىلدىن كېيىنمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلشقا ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن، 1960 - يىلى <ئىلى دەرياسى> نامىدىكى مەخسۇس ئەدەبىيات بېتى چىقىرىلغان، بۇ بەت ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ گېزىتتە 1980 - يىلدىن تارتىپ <گۈلشەن> بېتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ بەتتە <بىزنىڭ ئەدىبلىرىمىز>، <مىراس>، <مۇھاكىمە> قاتارلىق ئىستونلار ئېچىلغان. بۇ بەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلار تونۇشتۇرۇلىدۇ، ئەدەبىي ئوبزورلار، مۇھاكىمە ماقالىلىرى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى بېرىلىدۇ.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش