ئىمام ئەبۇ ھەنىفە

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ئىمام ئەزەم)

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، تولۇق ئىسمى:  نۇئمان ئىبنى سابىت زۇتى . ئىمام ئەززەم. نوئمان ئىبنى سابىت ئىبنى زۇتى ئەل فارىسى ھىجرىيەنىڭ 80  (مىلادىيەنىڭ 699 ) - يىلى(ئىراقنىڭ) كۇفە شەھىرىدە پارس ئىرقىدىن بولغان ئافغانىستانلىق سۆدىگەر ئائىلىسدە تۇغۇلغان بۇلۇپ ئىسلام تارىخچىلىرنىڭ قارشىچە ئەبۇ ھەنىفەنىڭ دادىسى سابىتنىڭ نەسەبى ساھابىلەردىن سالمان ئەل فارىسقا تۇتىشىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىندۇ. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ دادىسى سابىت كۇفە شەھىرىدىكى بىر ئىسلام ئۆگنىش مەركىزىدە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ بىلەن كۆرۈشكەن. ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ سابىتقا دۇئا قىلغان ئىدى. ئەبۇ ھەنىفە ئىلىمنىڭ كامالىتى بىلەن ئىسلام دۇنياسىدا ئىمام ئەززەم ( قالتس ئىمام) دەپ ئاتالغاندۇر.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى كۇفىدە ئوقۇش ـ ئوقۇتۇش ۋە ئىجتىھاد ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى ھاللىق تىجارەتچى ئىدى.كۇفە شەھىرى ئەينى زاماندا ئىراقنىڭ بارلىق فىقھى (قانۇنشۇناسلىق) ئالىملىرى  توپلاشقان جاي بولۇپ، بۇ خىل مۇھىت ئۇنىڭ بۇ ساھەدە پىشىپ يېتىلىشىگە ناھايىتى زور قولايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەن. ئەبۇ ھەنىفە شۇ دەۋىرىدىكى 4000 دىن ئارتۇق ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن بىۋاستە مەنپەئەتلىنەلىگەن ئالىم بۇلۇپ قالماستىن بەلكى ساھابىلەردىن بىۋاستە بىلىم ئالالىغان تابىئىندۇر. ( ھىجىرىيە 120 - يىلى ئۆلۈپ كەتكەن ساھابە ئىمام ھاممىد ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئۇستازىدۇر).

ئۇ ئىلىم- ئىجتىھات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە تىجارەت قىلىشنىمۇ تاشلىمىغان. ئۇ ئىلىمدا ئۆلىمالارغا ئۈلگە بولغىنىدەك، تىجارەتتىمۇ تىجارەتچىلەرگە ئۈلگە ئىدى. ئۇ تىجارەتتە تۆۋەندىكى تۆت خىل سۈپەت بىلەن سۈپەتلىنەتتى.

1 ـ ئۇنىڭ كۆزى توق ، تاماخورلۇقتىن يىراق ئىدى .

2 ـ ناھايىتى ئامانەتدار ئىدى.

3 ـ ئەپۇچان ئىدى. ئاللاھ  تائالا ئۇنى ئىچى تارلىقتىن ساقلىغان ئىدى.

4 ـ ئۇ دىنىنى ناھايىتى چىڭ ساقلايتتى ھەم قاتتىق ئىبادەتگوي ئىدى. ئۇ كۈندۈزى روزا تۇتاتتى، كېچىسى ناماز ئوقۇيتتى.

كۆپىنچە كىشىلەر تىجارەتتىكى سۈپەتلىرىدە، ئۇنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشىتاتتى.  

بىر كۈنى بىر ئايال ئىمام ئەبۇھەنىفىگە بىر يىپەك كىيىم ئېلىپ كەلدى. ئىمام ئەبۇھەنىفە:

بۇنى قانچىگە ساتىسىز؟ دېدى. ئۇ خوتۇن:

يۈز دەرھەمگە، دېدى. ئىمام ئەبۇھەنىفە:

بۇ يۈزدىن جىق پۇلغا يارايدۇ، قانچىگە ساتىسىز؟ دېدى. ئۇ ئايال يەنە يۈزنى قوشتى، ئىمام ئەبۇھەنىفە:

يەنىلا ئەرزان بولۇپ قالدى، دەۋەردى ھەتتا ئۇ كېيىمنىڭ باھاسى  تۆت يۈزگە چىقىۋېدى، ھېلىقى ئايال:

مېنى مازاق قىلىۋاتامسىز؟ دەپ خاپا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئەبۇھەنىفە:

سىز بىر ئادەم ئېلىپ كېلىڭ، باھا قويۇپ بەرسۇن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم كېلىپ باھا قويۇپ بەردى.

ئىمام ئەبۇھەنىفە ئۇ كىيمنى بەش يۈزگە ئالدى. ئىمام ئەبۇھەنىفە مانا مۇشۇنداق ئېسىل ئەخلاقلىق بولۇپ، ھەرگىزمۇ  باشقىلارنىڭ بىخوتلىقىدىن پايدىلىنىۋالمايتتى. يەنە كېلىپ ئەگەر خېرىدار ئاجىز ياكى دوستى بولسا پايدا ئالمايتتى، بەزىدە تېخى ئالغان پايدىسىنىمۇ قوشۇپ بېرەتتى.

بىر قېتىم بىر ئايال ئىمام ئەبۇھەنىفەنىڭ قېشىغا كېلىپ:

مەن بىر ئاجىز خوتۇن، سەن بولساڭ بىر ئىشەنچلىك ئادەمسەن، ماڭا بۇ كىيىمنى ئىزىغا بەرگىن ـ دېدى.

بۇنى تۆت دەرھەمگە ئېلىڭ ـ  دېدى ئىمام ئەبۇھەنىفە.

مەن بىر قېرى ئايالمەن، مېنى مازاق قىلماڭ، دېدى ئۇ ئايال.

مەن ئەسلىدە ئىككى كىيىم ئالغان ئىدىم، بىرىنى ئىككىسىنىڭ پۇلىدىن تۆت دەرھەملا كېمىغا ساتقان ئىدىم، بۇ كىيىم ماڭا تۆت دەرھەمگە قالغان، دېدى ئىمام ئەبۇھەنىفە.

ئۇ يەنە ھەرقانداق شەكلىك نەرسىدىن ناھايىتى ھەزەر ئەيلەيتتى.

بىر قېتىم ئىمام ئەبۇھەنىفە بىر مالنىڭ ئەيىبىنىڭ بارلىقىنى، ساتقىچە چوقۇم خېرىدارغا بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى شېرىكىگە ئېيتىپتۇ، شېرىكى مالنى ساتقىچە ئۇنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئەيىبىنى دېمەستىنلا سېتىۋىتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مالنى ئالغان ئادەمنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن، ئىمام ئەبۇھەنىفە بۇ ئەھۋالنى بىلىپ شۇ مالنىڭ پۇلىنىڭ ھەممىسىنى سەدىقە قىلىۋېتىپتۇ.

شۇنداق بولسىمۇ، ئىمام ئەبۇھەنىفە ئاللاھنىڭ بەرىكەت بېرىشى بىلەن ناھايىتى كۆپ پايدا ئالاتتى. ئۇ مال- دۇنياسىنى ئۇستازلىرىغا، شاگىرتلىرىغا ۋە ھەدىسشۇناسلارغا بېرىپ: "ئۆز ھاجەتلىرىڭلارغا ئىشلىتىڭلار،ئاللاھ تائالادىن باشقىغا رەھمەت ئېيتماڭلار. چۈنكى، مەن ئۆزۈمنىڭ مېلىمنى بەرمىدىم، پەقەت، بۇ ئاللاھ  تائالانىڭ سىلەرگە قىلغان پەزلى ـ مەرھەمىتىدۇر" دەيتتى.

ئىمام ئەبۇھەنىفە ناھايىتى ئېسىل كىيىنىپ، پاكىزە ۋە رەتلىك ياسىنىپ يۈرەتتى.

ئىمام ئەبۇھەنىفەنىڭ زامانداشلىرىدىن فۇزەيل ئىبنى ئىياد مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام ئەبۇھەنىفە فىقىھ ساھەسىدە تونۇلغان كاتتا فىقھىشۇناس ئىدى، شۇنداقلا كاتتا بايلاردىن ئىدى. ئۇنىڭ قېشىغا بىر نەرسە ئۈمىد قىلىپ كەلسە، ئۇ ئۈمىد قىلىنغىنىدىن ئارتۇق ياخشىلىق قىلاتتى. كېچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئېغىر بېسىق ئىدى، ھەتتا مەسىلىلەرگە ھالال ياكى ھارام دەپلا جاۋاپ بېرەتتى، ھەقنى كۆرسىتىپ بېرىشتە ئۈلگە ئىدى".

ئىمام ئەبۇھەنىفە ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان كاتتا ئالىملاردىن ئىلىم ئالغان ۋە ئۇ بەزى ئۇزۇن ياشىغان ساھابىلارنى كۆرگەن تابىئىدۇر. ئۇ كۇفەدىكى ئالىملاردىن ئىلىم ئىگەللەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، مەككىدە ئەتا ئىبنى ئەبى رەباھتىن، مەدىنىدە ئىمام مالىك قاتارلىق ئالىملار بىلەن ئىلمى سۆھبەتلەردە بولغان. ئۇ ناھايىتى ئۆتكۈر پىكىرلىك بولۇپ مۇنازىرىلىشىشتە يېتىلگەن ناتىقلاردىن ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ ھاياتىدا 22 باتىل پىرقە بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئىسلامنى قوغدىغان. 

ئىمام ئەبۇھەنىفەنىڭ فىقھى ھەققىدە ئۆزى يېزىپ قالدۇرغان كىتابى يوق. چۈنكى، ئۇنىڭ زامانىدا كىتاب يېزىش ئىشلىرى تېخى ئومۇملاشمىغان ئىدى. بەزىلەر "ئەلفىقھۇل ئەكبەر" دىگەن كىتابنى ئىمام ئەبۇھەنىفىگە مەنسۇب قىلغان بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ كىتابنى ئۇنىڭ يازغانلىقى ئېنىق ئىسپاتلانمىغان. لېكىن ئۇنىڭ قاراشلىرى شاگىرتلىرى تەرەپىدىن خاتىرىلەنگەن ياكى ئىمام ئەبۇھەنىفە ئۆزى ئېيتىپ بېرىپ خاتىرىلەتكۈزگەن، ئاندىن شاگىرتلىرى شۇ پىكىرلەرنى ئۆز كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلغان. 

چوڭ شاگرتلىرىدىن ئەبۇيۈسۈف ۋە مۇھەممەد(ئىمام شافىئىنىڭ ئۇستازى) ئىككىسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئەبۇ ھەنىفە رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنى توپلاپ كىتاب قىلىپ ئىككىسىگىلا "ئاسار" دەپ نام بەرگەن. كىيىنكىلەر ئىمام ئەبۇھەنىفە رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنى بىر كىتاب قىلىپ توپلىغان، كىيىنچە بۇ كىتاب "مۇسنەدۇ ئەبى ھەنىفە"  دىگەن نام بىلەن نەشىر قىلىنغان. 

ئىمام ئەبۇھەنىفىنىڭ فىقھى ھۆكۈم چىقىرىشتىكى پىرىنسىپى تەھرىرلەش

"تارىخى باغداد"تا ئىمام ئەبۇھەنىفەنىڭ سۆزى ئۆز تېكىستى بويىچە مۇنداق كەلتۈرۈلگەن: "مەن فىقھى ھۆكۈم چىقىرىشتا ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ كىتابىنى تۇتىمەن. ئەگەر ئۇنىڭدا بولمىسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى تۇتىمەن. ئەگەر ئۇ ئىككىسىدىلا بولمىسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئىچىدە قايسىسىنىڭ قارىشىنى خالىسام، شۇنىڭكىنى ئالىمەن. ئۇلارنىڭ قاراشلىرى بار يەردە باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئالمايمەن. ئەمما ئىبراھىم نەخەئى، شەئبى، ئىبنى سىيرىن، ھەسەن، ئەتا ۋە سەئىد ئىبنى مۇسەييىب قاتارلىقلار (بۇلار ئەبۇ ھەنىفىگە زامانداش تابىئى ئالىملاردۇر)غا كەلسەك، ئۇلارمۇ ئىجتىھاد قىلغان كىشىلەردۇر، مەنمۇ ئۇلاردەك ئىجتىھاد قىلىمەن."

ئۇ فىقھى ھۆكۈم چىقىرىشتا تۆۋەندىكى يەتتە نەرسىگە تايىنىدۇ:

1 ـ قۇرئان كەرىم:  ئىسلام شەرىئىتىدە قۇرئان كەرىم بارلىق مەنبەلەرنىڭ مەنبەسىدۇر.

2 ـ سۈننەت:  سۈننەت رىۋايەت قىلغانلارنىڭ سانىغا قاراپ: مۇتەۋاتىر، مەشھۇر ۋە ئاھاد دەپ ئۆچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.

مۇتەۋاتىر دىگىنىمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر مۇنچە كىشىلەر ئاڭلىغان، ئۇنى يەنە بىرمۇنچە كىشىلەر رىۋايەت قىلغان، رىۋايەن قىلغۇچىلارنىڭ يالغانغا بىرلىككە كېلىۋېلىش ئېھتىمالى بولمىغان ھەدىستۇر. بۇ ھەدىسلەر ئىمام ئەبۇھەنىفىنىڭ نەزىرىدە ھۆججەتتۇر.

مەشھۇر ھەدىس بولسا، مۇتەۋاتىردىن تۆۋەنرەك ھەدىستۇر، ئەمما شۇ دەۋىردە(ھىجرىيە 3 ـ ئەسىرلەردە) مەشھۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇش زۆرۈر. ئەمما شەكسىز دەپ قاراشقا بولمايدۇ.

ئەمما ئاھاد بولسا، بىر ياكى ئىككى ئادەم ئارقىلىقلا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس بولۇپ، بۇنى ئەمەل ـ ئىبادەتلەردە دەلىل قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئېتىقادىي مەسىلىلەردە قوبۇل قىلىنمايدۇ.

3 ـ ساھابىلارنىڭ پەتىۋاسى:  ساھابىلارنىڭ پەتىۋاسىنى تۇتۇش كېرەك دەپ قاراپ ساھابىلارنىڭ سۆزى بار يەردە باشقىسىنىڭ سۆزىنى ئالمايدۇ.

4 ـ ئىجمائ. بۇ، مەلۇم بىر ئەسىرنىڭ مۇجتەھىد ئۆلىمالىرىنىڭ ھەممىسى بىرەر ھۆكۈمدە بىرلىككە كېلىشى دېگەنلىكتۇر.

5 ـ قىياس:  بۇ ھەرگىزمۇ دەلىل بار تۇرۇقلۇق قىياس قىلىش بولماستىن، بەلكى دەلىل بولمىغان ياكى ھەدىسنىڭ سەھىھلىك دەرىجىسى قوبۇل قىلىنىش دەرىجىسىگە يەتمىگەندە ئاندىن شەرىئەتنىڭ ئەسلى مۇددىئاسىغا ئاساسەن قىياس قىلىش بولۇپ، قىياس قىلغاندىن كېيىن سەھىھ ھەدىس تېپىلسا ۋە ھۆكۈم ھەدىسكە مۇۋاپىق كەلسە، ئۇ ھەدىس ھۆكۈمنى كۈچلەندۈرگەن بولىدۇ، ئەمما ھۆكۈم  ھەدىسكە زىت كېلىپ قالسا، ئۇ ھۆكۈمدىن دەرھال يېنىۋېلىش كېرەك.

6 ـ ئىستىھسان: كۈچلۈك دەلىل ياكى بىرەر كۈچلۈك سەۋەبكە ئاساسلىنىپ قىياسقا خىلاپ ھالەتتە چقىرىلغان ھۆكۈمدۇر.

7 ـ ئۆرپ ـ ئادەت: ئەگەر قۇرئان، ھەدىس ۋە ساھابىلارنىڭ پەتىۋاسى بولمىغاندا ۋە ھۆكۈم چىقىرىلىۋاتقان جاينىڭ ئۆرپ ـ ئادىتى شەرىئەتكە خىلاپ بولمىسا، شۇ ئۆرپ ـ ئادەت شەرىئەتكە دەلىل بولالايدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەۋىردە ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپىسى ئەبۇ جەئفەر ئەلمەنسۇر ئۇنى قازىلىققا تەيىنلەيدۇ. ئەمما ئەبۇ ھەنىفە مەن بۇ ئۇرۇنغا لايىق ئەمەس دەپ رەت قىلىدۇ. خەلىپە ئەل مەنسۇر ئەبۇ يۈسۈپنى قازىلىققا تەيىنلەيدۇ.ئىككىنچى قېتىم خەلىپە ئەل مەنسۇر ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنى شەكلىنىپ قالغان مەسىلىلەردە قازىلىق قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغاندا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە مەن بۇ ئورۇنغا مۇۋاپىق ئەمەس دەپ رەت قىلىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەن بۇ ئورۇنغا مۇۋاپىق ئەمەس دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان خەلىپە ئەل مەنسۇر سەن يالغان گەپ قىلما يالغانچى دەيدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە خەلپىگە ھۆرمەتلىك خەلىپە سىلە مەندەك يالغانچىنى نېمە دەپ قازىلىققا تەيىنلەيلا دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ جاۋابىغا ئاچچىقى كەلگەن خەلىپە ئەل مەنسۇر  ئۇنى زىندانغا  سولاپ ئۇرۇپ قىيناشقا بۇيرۇيدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە زىنداندا تۇرۇپ ئۇنى يوقلاپ كەلگەنلەرگە مۇددەرسلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ سالامەتلىكى ناچار تاماق ۋە ياخشى كۈتۈلمەسلىك سەۋەبىدىن كۈنسىرى ناچارلىشىپ  ھىجىرىيە 150 (مىلادىيەنىڭ 767 ) - يىلى 68 يېشىدا باغداتتا ۋاپات بولىدۇ. ( ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن. ئاميىن).

ئەمما ئىسلام تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە خەلىپە ئەل مەنسۇر تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ قەيت قىلىنىدۇ. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ جىنازا نامىزى ئوقۇلغان كۈنى باغداد شەھىرىگە ئادەملەر سەللىدەك ئاقىدۇ. جىنازا نامىزى 6 قېتىم ئوقۇلىدۇ. جىنازا نامىزىغا 50 مىڭدىن كۆپ ئادەمنىڭ قاتناشقانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. 

قاراڭ تەھرىرلەش

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە

ئىمام شافىئىي

ئىمام ھەنبەلىي

ئىمام مالىك