ئىمام شەئبىي (عَامِرُ بنُ شَرَاحِيْلَ بن عَبْدٍ الشَّعْبِيُّ) رەھىمەھۇللاھ: ئامىر ئىبنى شەراھىيل ئىبنى ئەبد ئەششەئبىي (ئەبۇ ئەمر). (ھ. 21 – 104 / م. 641 – 723) تابىئىنلارنىڭ چوڭلىرىدىن. كۇفەلىك مۇھەددىس، فەقىھ، قازى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە قاتارلىق كۆپ ئىماملارنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ بىرى. ئۇمەۋىي خەلىپە ئابدۇلمەلىك ئۇنى ۋىزانتىيەگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن. خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن قازى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئالىم.