ئىمام شەۋكانىي
تۇغۇلۇشھ. 1173 / م. 1760
ۋاپاتىھ. 1250 / م. 1834


ئىمام شەۋكانىي (الإمَامُ بَدْرُ الدِّيْنِ مُحَمَّدُ بْنُ عَليّ بْنِ مُحَمَّدِ بْنِ عَبْدِ اللهِ الشَّوْكَانِيُّ): بەدرۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەششەۋكانىي (ئەبۇ ئابدۇللاھ). (ھ. 1173 – 1260 / م. 1760 – 1834) سانئادا قازى ۋە ھاكىم بولغان يەمەن ئەللامەلىرىدىن بىرى، كۆپ قىرلىق ئالىم، مەشھۇر مۇجتەھىد، «ئىرشادۇفۇھۇل» (ئۇسۇلى فىقھ)، «نەيلۇل ئەۋتار» (ھەدىس ئەھكاملىرى)، «فەتھۇل قەدىر» (تەفسىر)، «ئەسسەيلۇل جەررار»( فىقھ) ۋە «ئەلبەدرۇتتالىئ» (تەرجىمىھال) قاتارلىق نۇرغۇن كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرغان.