ئىسلام دىنىدا ئادەتتە دېيىلىدىغان”ئىمان“ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ”ئىشىنىش“ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتساق، 1) ئاللاھقا ئىشىش؛ 2) ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە ئىشىنىش؛ 3) ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ئىشىنىش؛ 4) ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىش؛ 5) قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەت. ئاللاھنىڭ كىتابلىرى: ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىگە نۇرغۇن كىتابلارنى چۈشۈرگەن، بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىدىن ئۇلۇغى « قۇرئان كەرىم»، ئۇنىڭدىن قالسا « تەۋرات»، « ئىنجىل» ۋە «زەبۇر». ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى: ئادەم ئەلەيھىسسالام(Adam)، ئىدىرس ئەلەيھىسسالام (Enos)،نۇھ ئەلەيھىسسالام(Noah)، ھۇد ئەلەيھىسسالام (Eber)، سالىھ ئەلەيھىسسالام (Shelah)،ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام (Abraham)، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام (Ishmael)، ئىسھاق ئەلەيھىسسالام (Isaac)،ياقۇپ ئەلەيھىسسالام (Jacob)،يۈسۇپ ئەلەيھىسسالام (Joseph)، ئايۇپ ئەلەيھىسسالام(Job)، مۇسا ئەلەيھىسسالام(Moses)، ھارون ئەلەيھىسسالام (Aaron)، داۋۇت ئەلەيھىسسالام (David)، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام (Solomon)،ئىلياس ئەلەيھىسسالام (Elijah)،يۇنۇس ئەلەيھىسسالام (Jonah)، ئەيسا ئەلەيھىسسالام (Jesus)، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (Mohammed) قاتارلىقلار. پەرىشتىلەر: پەرىشتىلەر ئاسماندىمۇ، زېمىندىمۇ مەۋجۇت، ئۇلار نۇردىن يارىتىلغان بولۇپ، ئەر-ئايال دەپ ئايرىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ. پەرىشتىلەر ھەرۋاقىت ئاللاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە تەييار تۇرىدۇ. ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ئىنساننى يارىتىشتىن بۇرۇن ياراتقان، ئادەم ئەلەيھىسسلامنى ياراتقاندىن كېيىن، پەرىشتىلەرنى ھەزرىتى ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان. پەرىشتىلەر يېمەيدۇ، ئىچمەيدۇ، ئۇخلىمايدۇ، ئۆلمەيدۇ، ياش قېرى دەپ ئايرىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ھەرخىل، ئۇلارنىڭ بەزىسى جەننەتكە مۇئەككەل، بەزىسى جەھەننەمگە مۇئەككەل ۋە بەزىسى ئاللاھنىڭ ئەرشىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشقا مۇئەككەل. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممىدىن مەشھۇر تۆت پەرىشتىنىڭ بىرى جىبرىئىل(Gabriel) بولۇپ، ئۇ ئاللاھتىن پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى ئېلىپ كېلىشكە مەسئۇل؛ مىكائىل(Michael) ئالەمنى كۆزىتىشكە، بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل؛ ئەزرائىل(Azrael) جان ئېلىشقا مەسئۇل؛ ئىسرافىل (Raphael) قىيامەت قايىم بولغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ سۇر چېلىشقا مەسئۇل. سۇر، يەنى كاناي، چېلىنغاندا، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى تىرىلىپ، ئاللاھنىڭ سورىقىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا، يەنى مەيدانغا، جەم بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە مۇنكىر، نەكىر ئاتلىق ئىككى پەرىشتە گۆردە سوراق قىلىشقا مەسئۇل. كىشىلەرنىڭ ياخشى يامان ئەمەللىرىنى خاتىرىلەپ تۇرۇشقا مەسئۇل پەرىشتىلەرمۇ بار.