ئىمىنجان ئوسمان

ياش ناخشىچى ئىمىنجان ئوسمان 1976-يىلى7-ئاينىڭ26-كۈنى قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھيەسى تەكتى ماكان قارساي باغىردىكى قەدىمى يۇرىت دولان دىيارى شاقۇر يىزىسدا ئەمگەكچان دېھقان ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇكىچكىدىن باشلاپ ئاتا-ئانسىنىڭ قەسىردە ناخشا ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇپ چوڭ بولغان.

ئۇ ئانا يۇرتى شاقۇر مەكتەپتە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇردا ئوقۇش مەزگىللىردە سەنئەت كۇرژۇكلىرغا قاتنىشىپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئۆزنىڭ ناخشا ئوقۇش تالانتىنى نامايان قىلغان.ئائىلە قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە سەنئەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرشەلمىگەن.

ئۇ ئاخىرى ئۆزنىڭ قىزغىنلىقى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن 1998-يىلى9-ئايدا شىنجاڭ بىڭتۈۋەن مىللى سىفەن مەكتىپىدە ئوقۇش پۇرسىتىنى ياراتقان، ئۇبۇجەرياندا ئۆزى تەخسىم قىلنغان ئومۇمى پەن سىنپىنىڭ دەرىسىنى ئۈگۈنۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزنىڭ كىچكىدىن باشلاپ قەلبىگە پۈككەن ناخشىچى بولۇش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمىگەن .ئىمىنجان ئوسمان بىڭتۈۋەن مىللى سىفەننىڭ ئومۇمى پەن سىنپىدا ئوقۇش جەرياندا سەنئەت سىنپىدكى ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچلار بىلەن ھەمكارلىشىشپ ئىلكتۇرۇنلۇق چالغۇلارنى ناخشا بىلەن تەڭكەش قىلىپ چېلىشنى ئۈگەنگەن. بۇجەرياندا ئۇ بىڭتۈۋەن مىللى سىفەن مەكتەپتە ئىلكتۇرۇنلۇق چالغۇ بىلەن ناخشا ئورۇنداشتا كۆزگە كۆرۈنگەن شەخىسكە ئايلىنىپ قالغان.

ئىمىنجان ئوسمان بىڭتۈۋەن مىللى سىفەن مەكتەپنى غەلبىلىك پۈتتۈرگەندىن كىيىن 2001-يىلى3-ئايدائانا يۇرتى دولان دىيارى شاقۇر مەكتەپكە موزىكا ئوقۇتقۇچىلىقىغا قوبۇل قىلنغان.بۇخىل شارائىت ئۇنىڭ ناخشا-مۇزىكىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجە يارتىشغا تېپىلغۇسىز پۇرسەت ياراتقان.

ئىمىنجان ئوسمان موزىكا ئوقۇتقۇچىلقىغا قوبۇل قىلنغاندىن كىيىن ھەرتەرەپتىن موزىكا دەرسى ئۆتسە يەنە بىر تەرەپتىن داڭلىق ناخشىچىلارنىڭ ناخشىلىرنى ئوقۇش ۋە مەشىق قىلىش، مەكتەپنىڭ ناخشا-مۇزىكا كۇرژىكلىرغا يىتەكچىلىك قىلىپ،ئانا يۇرتى،ئانا مەكتىپى شاقۇر مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت ئشلىرنى يۇقۇرى سەۋيىگە يەتكۈزۈپ، بىڭتۈۋەن 3-دىۋزىيە مائارىپ تارماقلىرنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئىرشىشتەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

ئىمىنجان ئوسمان دىۋزىيە بويۇنچە ئۆتكۈزۈلگەن يالغۇز كىشلىك ناخشا مۇسابىقسىدە ئىلكتۇرۇنلۇق چالغۇنى ئۆزى چېلىپ ئورۇنلاشتا بىر قېتىم1-دەرجىگە ئىككى قىتىم2-دەرجىگە ئىرشىپ ئانا يۇرتى شاقۇر دىيارىغاۋە ئانا مەكتىپى شاقۇر مەكتەپكە شان-شەرەپ كەلتۈردى.

ئىمىنجان ئوسمان2012-يىلى9-ئاينىڭ29-كۈنى،ئۆزنىڭ ناخشا-مۇزىكىغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن شاقۇر مەكتەپ مەمۇرىيتى ۋە جەميەتتىكى مەرىپەت سۆيەر دوسلىرنىڭ ياردىمى ۋە مەدەت بىرشى بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى داڭلىق ناخشىچىلاردىن سەنۇبەر تۇرسۇن،ئەيسابەگ مامۇت،ئابلاجان ئاۋۇت قاتارلىقلار كۈلدۈرگە چولپانلىردىن سەۋرىدىن ئىمام،ئەنۋەر ياسىن قاتارلىقلار قاتناشقان‹‹ئىمىنجان ئوسمان ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيەت كېچىلكى››نى مۇۋاپىقيەتلىك ئۆتكۈزۈپ.3-دىۋزىيە50-تۈۋەن شاقۇر يىزىسىدىكى4000دىن ئارتۇق كۆرۈرمەننىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ۋە يۈكسەك مەدھسىگە ئىرىشتى.