ئىمىن تۇرسۇن
ئىمىن تۇرسۇن 1924 - يىلى 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھازىرقى سەنشىخاڭزا مەھەللىسىدىكى بىر مەرىپەتپەرۋەر قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ھەسەن تۇرسۇن مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ، پەرزەنتلىرىگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى، ئىمىن تۇرسۇن دادىسىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئالتە يېىشىدىلا مەھەللىدىكى دىنىي مەكتەپكە كىرىپ دىنىي ساۋاتلارنى، ئەرەب-پارس تىل - يېزىقى ، شۇنداقلا چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى پىششىق ئۆگەنگەن ھەمدە نەۋائى قاتارلىق كلاسسىك ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان. قۇل غوجا ئەھمەد قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشقان .
ئىمىن تۇرسۇننىڭ بالىلىق دەۋرى شىنجاڭنىڭ راسا داۋالغۇپ تۇرغان ئىجتىمائىي مۇھىتىدا ئۆتتى . بۇ مۇھىت گۆدەك ئىمىننىڭ قەلبىدە تۈرلۈك ھادىسىلەرگە نىسبەتەن قىزىقىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلدى . ئۇ ئون يېشىدا ئائىلىسى بىلەن شىخو، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا بېرىپ جەمئىيەت ھاياتى بىلەن ئۇچىراشتى . «ئاپرېل ئۆزگىرىشى» دىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە يېڭى مەكتەپلەر ئېچىلدى . ئىمىن تۇرسۇن 1935 - يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئەينى چاغدىكى چوڭ مەسچىت ( ھازىرقى خانتەڭرى مەسچىت)يېنىدا قۇرۇلغان «نىيازىيە» مەكتىپىدە ئوقۇغان. بۇ مەكتەپنى 1938 - يىلى تۈگەتكەن . ئۇ نىيازىيە مەكتىپىدە ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، دەسلەپتە رۇس مەكتىپىدە رۇس تىلى، كېيىن خەنزۇ 1 - مەكتىپىدە خەنزۇ تىلى ئۆگەندى . ئۇ چاغلاردا يەنە مەكتەپنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن خوجىنىياز ھاجىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ئىشتىن سىرتقى سەنئەت ئۆمىكىدە قوشۇمچە ساپليور بولدى، شۇنداقلا مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشما تەۋەسىدىكى سانايىنەپىسەنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، سەھنىلەردە دېكلاماتسىيە ئوقۇدى . ئىمىن تۇرسۇن 1938 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا نۆۋەتتىن سىرت ئىمتىھان بېرىپ، ئۈرۈمچى 1 - گىمنازىيىگە ئوقۇشقا كىردى . ياش گىمنازىست بۇ مەزگىلدە يەنە ماياكوۋسىكىي، ئابدۇللا توقاي، سەدرىدىن ئەينى، ئۆمەر مۇھەممىدى، شاۋسەن قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇدى ؛ ئۇيغۇر كلاسسسىك ئەدەبىياتنىڭ بىر قىسىم نەمۇنىلىرى بىلەن ئۇچىراشتى . ئىلغار سوۋېت ئەدەبىياتى بىلەن باي كلاسسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ياش ئىمىننى شېئىرىيەت باغچىسىغا باشلاپ كىردى . شۇنىڭ بىلەن، ئۇ مەكتەپنىڭ تام گېزىتلىرىگە شېئىر يېزىشقا باشلىدى . ئوقۇيمەن ، ئوتۇنچى ، ئاچىل ، قويچى بالا ناملىق شېئىرلار شائىرنىڭ دەسلەپكى شېئىرىي مەشىقلىرىنىڭ مەھسۇلى ئىدى . 1941 - يىلى، ئۇ ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تۈگىتىپ شۇ يىلى 8 - ئايدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى .
1941 - يىلىدىن 1950 - يىلىغىچە باشلانغۇچ مەكتەپ، دارىلمۇئەللىمىن ۋە دارىلفۇنۇندا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانى ئىمىن تۇرسۇننى تۈرلۈك پەنلەرنى چۇڭقۇر ئۆگىنىش ئىمكانىيتى بىلەن تەمىنلىدى . شۇڭا، ئۇ بۇ مەزگىلدە شېئىر ئىجادىيتىدىن تاشقىرى، ئەدەبىي تەنقىد، ئەدەبىيات - تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى . ئۇ 1942 - يىلى يانۋاردا ئۇلۇغ لېنىننى ئەسلەش بىلەن لېنىن يولىدا ئالغا ناملىق تۇنجى پوبلىستىك ماقالىسىنى ئېلان قىلدى . ئۇنىڭدىن كېيىن ئەدەبىي تەنقىد توغرىسىدا ، يېڭى ئەدەبىي ئىجادىيمىزنىڭ ئون يىللىقى ، پرولېتارىيات يازغۇچىسى گوركىي، ئەدەبىي مىراس ۋە ۋەسىقىلىرىمىز ، ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە ، چىن مودەن قاتارلىق ماقالىلەرنى يازدى ۋە ئېلان قىلدى .
ئىمىن تۇرسۇن دراما ئىجادىيتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى، يېرىم جىڭ - سەككىز سەر ، بىرىنچى تىياتىر ناملىق كومېدىيىلەرنى يېزىپ، سەھنىلەشتۈردى . تاھىر - زۆھرە ئوپېراسىنى يازدى .
ئىمىن تۇرسۇننىڭ ۋەتەنپەرۋەر، ئىنقىلابىي شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن دوستلۇقى 40 - يىللارنىڭ بېشىدا باشلانغانىدى، كېيىن ئۇلار يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى . ئۇلار دەم ئېلىش كۈنلىرىنى دائىم دېگۈدەك بىللە ئۆتكۈزەتتى . ئۇلارنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى لۇتپۇللا ئاقسۇغا سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىنمۇ ئۈزۈلمىدى، ئىمىن تۇرسۇن لۇتپۇللانىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا تاھىر - زۆھرە ھېكايسىنىڭ قوليازما نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بەردى . لۇتپۇللا ئۆزىنىڭ ئاقسۇدىكى ھاياتىدىن ئىمىن تۇرسۇنغا ئۈزلۈكسىز ھالدا خەت يېزىپ تۇردى .
40 - يىللار ئىمىن تۇرسۇن ئىجادىي ھاياتىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ، ئۇ بۇ يىللاردا خىلمۇ - خىل ئىجتىمائىي تېمىلاردا ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان قىسقا شېئىرلارنى يازدى . لېكىن ئىجادىيەت يۈكسەكلىكىگە ئىنتىلىۋاتقان جۇشقۇنلۇق ياش شائىر گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ تۈرمىسىگە تاشلىنىپ، دەھشەتلىك ئازاب - ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولدى . بۇ ھال ئۇنىڭ ياش قەلبىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدا دۇنيادىن بىزار بولۇش، ھەممىگە نەپرەت بىلەن قاراش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلدى . 1947 -، 1948 - يىللىرى دەۋرانى تەخەللۇسى بىلەن يازغان بىر مۇنچە شېئىرلىرى ئەنە شۇ خىل ئىددىيە ۋە ھېسىياتنىڭ مەھسۇلى ئىدى .
شائىر 1949 - يىلى يانۋاردا يازغان ئىشتىياق ناملىق شېئىرى ئارقىلىق قەلبىدە يېڭىدىن لاۋۇلداشقا باشلىغان ئۈمىد يالقۇنىنى روشەن ئىپادىلىدى . ئۇ ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ تارىخىي ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە يەنئەن ئەدەبىيات - سەنئەت سۆھبەت يىغىندا سۆزلەنگەن نۇتۇق ناملىق ئەسىرىنى ئەڭ دەسلەپ تەرجىمە قىلدى ۋە شىنجاڭ گېزىتى دە ئېلان قىلدى . ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى .
ئىمىن تۇرسۇن ئازادلىقتىن كېيىن، ئاساسەن، مەتبۇئاتچىلىق، نەشىرىياتچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى، ياش ئاپتورلارنى قىزغىن قوللاپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنىڭ تولىسىنى ئۇلارغا يېقىندىن ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى تەربىيلەش بىلەن ئۆتكۈزدى ؛ ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ نەزەرىيسى، تارىخى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىغا دائىر تەتقىقاتلار بىلەنمۇ كەڭ شۇغۇللاندى ھەمدە بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلەرنىمۇ يازدى . ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە ئۇنىڭ ئاتالغۇلىرىنى ئىشلەش مەسىلىلىرى ناملىق ئىلمىي ئەمگىكى جامائەتچىلىكنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى . ئۇ يەنە تۈركىي تىللار دىۋانى نىڭ تەرجىمە، تەھرىرلىك خىزمەتلىرىگە قاتناشتى . تارىخ، فىلولوگىيە پەنلىرى بويىچە ئىلمىي جەھەتلەردە، تەرجىمانلار سىمنارىيىلىرىدا تۈرلۈك تېمىلاردا ئىلمىي لېكسىيەلەرنى سۆزلىدى . ئارخېئولوگىيە، قەدىمكى يېزىق تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى، ئۇ ئۇيغۇر كلاسسك ئەدەبىياتى بىلەن ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئۇرزۇن يىل تەتقىق قىلىپ، بۇ ساھەدىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئەسەرلەرنى ئىشلىدى . ئىمىن تۇرسۇن ئۆز زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىر بولۇشىغا قارىماستىن، شېئىرىي ئىجادىيتى بىلەنمۇ ئىزچىل تۈردە شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ . نۇرغۇنلىغان شېئىرلىرى كىتابخانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى . شائىرنىڭ ئازادلىقتىن بۇرۇن يازغان شېئىرلىرىدىن ساقلىنىپ قالغانلىرى بىلەن ئازادلىقتىن كېيىن يازغان بىرقىسىم شېئىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەۋەس ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىردىن چىقىپ، كەڭ كىتابخانىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى .]]
تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىردا تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم ئالىي تەرجىمان، ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى، ئالىم، جامائەت ئەربابى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 2011 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.