ئىنتېل شىركىتى ( Intel Corporation ) كالىفورنىيە شىتاتىدىكى كىرىمنى جىلغىسىدا، 1968-يىلى 7-ئايدا كالىفورنىيە سانائەت ئۇنىۋېرستىنىڭ دوكتۇرى روبېرت نوئىس(Robert Noyce) ۋە گوردون مور (Gordon Moore) ، ئاندىي گروۋ(Andy Grove) تەرىپىدىن قۇرۇلغان، شىركەت نامى ئىنتېل(integrated electronics توپلاشتۇرۇلغان توپ يولى ئۈسكۈنىلىرى) نىڭ قىسقارتمىسى بولۇپ ھازىر دۇنيا بويىچە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك پلاستىنكا ۋە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU)نى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ شىركەت. ئىنتېل شىركىتى1971- يىلى دۇنيادىكى تۇنجى مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU)نى تۇنجى بولۇپ ئىشلەپ چىقارغان ھەمدە شىركەتنىڭ ئىستىقبالىنى ئۆزگەرتىپ، سانائەتكە زور تەسىر كۆرسەتكەن. مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ ئېلىپ كەلگەن كومپيوتېر ۋە ئالاقە تورى ئىنقىلابى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن. 2002- يىلى ‹‹ئىنتېل شىركىتى››نىڭ كىرىمى 26 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ساپ كىرىمى 3 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. 2002- يىلى فېۋرالدا ‹‹بايلىق›› ژورنىلى ئىنتېل شىركىتىنى دۇنيادىكى ئون چوڭ شىركەتنىڭ 9-سى دەپ باھالىغان. 2002- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ ‹‹بايلىق›› ژورنىلى ھەرقايسى شىركەتلەرنىڭ كەسپىي ئىپادىسى، خىزمەتچىلىرىنىڭ سەۋىيىسى، باشقۇرۇش سۈپىتى، شىركەتنىڭ مەبلەغ سېلىش قىممىتى قاتارلىق ئالتە ئۆلچەمگە ئاساسەن، ‹‹2002- يىللىق ئەڭ ياخشى شىركەت››نى رەت- تەرتىپكە تۇرغۇزغاندا، ‹‹ئىنتېل›› شىركىتى 28- ئورۇندا تۇرغان. 2006-يىلى ئىنتېل شىركىتى دۇنيادىكى 500كۈچلۈك كارخانىنىڭ پايدا سوممىسى رەت تەرتىۋىدە8مىلىيارت 633مىلىيۇن دوللارلىق پايدىسى بىلەن 23-ئورۇننى ئىگەللىگەن.