ئۆتكۈزگۈچ : بەزى جىسىملارنىڭ ئاتۇم يادروسى يادرو سىرتىدىكى ئىلىكتىرونلارنى تارتىش كۈچى ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا ، ئىلىكتىرونلار ئوڭايلا تەرتىپلىك يۆتكىلەلەيدۇ ، شۇڭا ، ئىلىكتىر توكىغا بولغان قارشىلىق كۈچى ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا ، بىز ئۇنى توك ئۆتكۈزۈش خۇسۇسىيتى ياخشى دەپ ئاتايمىز .

بۇخىل توك ئۆتكۈزۈش خۇسۇسىيتى ياخشى بولغان جىسىم ئۆتكۈزگۈچ دىيىلىدۇ .

مەسىلەن : ھەرخىل مىتاللار ، تۇز ، كىسلاتا ، ئىشقار قاتارلىق سۇيۇقلۇقلار : سۇ ۋە نەم توپىلارنىڭ ھەممىسى ئۆتكۈزگۈچكە كىرىدۇ . ئادەم بەدىنىمۇ ئۆتكۈزگۈچ ھىسابلىنىدۇ . لېكىن يۇقىرىدا ئېيتىلغانلاردەك ئۇنداق ياخشى ئۆتكۈزگۈچ ئەمەس .