UYGHURCHE, [[|УЙҒУРЧӘ]]

ئۆردەك جۇغى كىچىكرەك، پەيلىرى قىسقا، ئۇچۇش مۇساپىسى چەكلىك، سۇ ئۈزۈشكە ماھىر بولغان ئۆيدە بېقىلدىغان ئۆي قۇشلىرىنىڭ بىرى.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى تەھرىرلەش

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئۆردەك

ئېنگىلىزچە ئىسمى :duck


تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :قۇشلار سىنىپى

تۈركۈمى :ياۋا غازسىمانلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :ئۆردەكلەر ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ئۆردەك ئۇرۇقدىشى

تۈرى :ئۆي قۇشلىرى

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھازىرقى قۇشلار كەنجى سىنىپى

كەنجى ئائىلىسى :ئۆردەك كەنجى ئائىلىسى

كەنجى ئۇرۇقدىشى :ئۆردەك كەنجى ئۇرۇقدىشى

ياشاش قانۇنىيىتى تەھرىرلەش

5پارچەئۆردەكئۆردەك جۇغى كىچىكرەك، پەيلىرى قىسقا، ئۇچۇش مۇساپىسى چەكلىك،  سۇ ئۈزۈشكە ماھىر بولغان ئۆيدە بېقىلدىغان ئۆي قۇشلىرىنىڭ بىرى. ئائىلىلەردە دان ۋە باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن بېقىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دائىم ئېرىق-ئۆستەڭ ۋە كۆللەردە غاقىلىدىشىپ ئەركىن ئۈزۈپ يۇرۇپ سۇنىڭ ئاستىدىكى لاي-لاتقىلارنى ۋە كىچىك بېلىجان ھەم يۇمران ئوت چۆپلەرنى ئۇزۇقلۇق قىلىپ يەيدۇ. تۇخۇم تۇغۇپ چۈجە چىقرىش ئارقىلىق كۆپيىدۇ. تۇخۇم شاكىلى سىلىق ھەم سۈزۈك بولدۇ. ئىككى پۇتى قاتمۇقات تەڭگىچىلەر بىلەن قاپلانغان بۇلۇپ ئەركەك ئۆردەك ھەر يىلى ئىككى قېتىم پەي تاشلاشدۇ. ئۆردەك گۆشىنى يېيىشكە، پەيلىرىدىن ياستۇق، يوتقان قىلىشقا بولىدۇ.

تۈرى ۋە سىرتقى شەكلى تەھرىرلەش

ئۆردەكئۆردەك جۇغى كىچىكرەك، پەيلىرى قىسقا، تۇمشۇقى ياپىلاق، پۇتى قىسقا، بارماق ئارىلىقىدا پەنجىسى بار. ئۆي ئۆردىكى ۋە ياۋا ئۆردەك دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.

ۇ.

ئۆردەك نېمە ئۈچۈن قىشتا سوغۇق سۇدىن قورقمايدۇ؟

ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، ئۆردەكنىڭ نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسى 42 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ، ئادەم بەدىنى تېمپېراتۇرىسىدىن بەش-ئالتە سېلسىيە گرادۇس يۇقىرى بولىدىكەن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئۆردەك سوغۇق سۇدا ئۇزۇن تۇرسىمۇ، زادىلا توڭلىمايدىكەن، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

ئەسلىدە، ئۆردەكنىڭ پاچىقى ياكى سەكرەش بوغۇمىنىڭ ئىچىدىكى يىلىك بىر قەدە سۇيۇق بولۇپ، سەكرەش بوغۇمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن ھالەتتىمۇ يىلىك قېتىشىپ قالمايدۇ. شۇڭا، ئۆردەك مۇزدەك سوغۇق سۇدا تۇرغاندىمۇ پۇتىدىكى سۇيۇقلۇق ئايلىنىپ تۇرغاچقا ئۇنىڭ پۇتى تەبىئىي ھالدا سوغۇقتىن قورقمايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۆردەكنىڭ كۆپ ۋاقتى سۇدا ئۆتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىدا سۇدا ياشاشقا ماس كېلىدىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەر بار. مەسىلەن، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى شۇنداقلا ئىچكى ئەزالىرىنى ماي قاپلاپ تۇرغان بولىدۇ. قۇيرۇق قىسمىدا بولسا بىر جۈپ تەرەققىي قىلغان ماي بېزى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ماي ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ. ئادەتتە، ئۆردەك دائىم كەڭ ئېغىزى بىلەن قۇيرۇقىنى چوقۇپ ماينى سىقىپ چىقىرىدۇ، ئاندىن ئۇنى پۈتۈن بەدىنىدىكى پەيلىرىگە سۈركەپ چىقىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭ بەدىنى بىر قەۋەت ماي بىلەن قاپلىنىپ، بەدىنىگە ئوڭايلىقچە سۇ يۇقمايدۇ.

يۇقىرىقى پاكىتلاردىن ئۆردەكنىڭ نېمە ئۈچۈن قىش كۈنلىرىمۇ سوغۇق سۇدىن قورقمايدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

مەنبە:ئىزدە قامۇسى