ئۆزىڭىزدىكى بارلىق تالانتلارنى بايقىۋېلىڭ

ئۆزىڭىزدىكى بارلىق تالانتلارنى بايقىۋېلىڭ

بىلىمخۇمار

مەن مەزكۇر ماقالىنى يېزىشنى 2011-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنىلا باشلىغان بولۇپ، ئۇنى خېلە بۇرۇنلا تورغا چىقىرىپ بولۇشنى ئۈمىد قىلغانىدىم. ئەپسۇسكى، يېقىنقى ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مەن ئىدارىدە قاتنىشىۋاتقان بىر چوڭ پروجېكت (تەتقىقات تۈرى) بىر جىددىي باسقۇچقا كىرىپ قېلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئاخشاملىرى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ئىشلىمىسەم بولمايدىغان بىر ئەھۋالنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدىم. شۇ سەۋەبتىن مەزكۇر ماقالە بىر قانچە ئاي سوزۇلۇپ كەتتى. مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەمدە ئالدىنقى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ماڭا ئېلخەت يېزىپ، مەندىن ھال-ئەھۋال سورىغان، ھەمدە مېنىڭ يېڭى ماقالەمگە بولغان تەقەززاسىنى بىلدۈرگەن قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن چوڭقۇر تەشەككۈر بىلدۈرىمەن.

ماڭا ۋەتەندىن ھازىرغا قەدەر مەسلىھەت سوراپ خەت يازغان ياشلارنىڭ ئىچىدە، كەسىپنى قانداق تاللاش توغرىسىدىكى خەتلەر ئەڭ كۆپ. دېمىسىمۇ ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەر ئالىي مەكتەپتىكى كەسىپنى قانداق تاللاش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماي، بىر خىزمەت تېپىپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات سەپىرىنى باشلىماقچى بولغانلارمۇ، ئۆزى ئۈچۈن قايسى كەسىپنى قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقى ھەققىدە بېشى قاتىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان خىزمەتنى تېپىش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز. شۇنداق بولسىمۇ، ئەگەر ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك، ھەممە ئىش ئۆزى ئارزۇ قىلغاندىكىدەك بولغاندا، كەسىپنى نېمىگە ئاساسلىنىپ تاللاش كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىش يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم. ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، كەلگۈسىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇماقچى بولغانلار، ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىدىكى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات يۆنىلىشىنى قانداق تاللاش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئالدىدىكى پەرزەنتلىرى بار ئاتا-ئانىلار بولسا بالىلىرىنىڭ كەسپ تاللاش ئىشىغا ياردەم قىلىشتا بېشى قاتىدۇ. ئاللىقاچان ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ھازىر بىر ئورۇندا خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرمۇ، ھازىر ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمەت ياكى كەسىپ ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق خىزمەت ياكى كەسىپمۇ-ئەمەسمۇ، دېگەننى بىلىۋالغۇسى كېلىدۇ. ئۇنداقتا سىز كەسىپنى نېمىگە ئاساسەن تاللىسىڭىز ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ ئۆزىڭىزگە قايسى خىزمەت ياكى كەسىپنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى قانداق قىلغاندا توغرا ئۆلچىيەلەيسىز؟ مەن مەزكۇر ماقالىدا ئاشۇنداق قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

بەزىلەر يۇقىرىدىكى بايانلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن، «مېنىڭ خىزمىتىم ياكى كەسپىم ئۆزەمنىڭ تۇغما تالانتلىرىغا توغرىلانمىسا نېمە بوپتۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز ئۆز ئۆمرۈڭىزدە ئۆزىڭىزنىڭ بارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىڭىز ئېرىشەلەيدىغان نەتىجە-مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىشنى ئىستەيدىكەنسىز، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ كەسپى ياكى خىزمىتىنى ئۆزىڭىزدىكى تۇغما تالانتلارغا توغۇرلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز ئۆز كەسپىڭىز ياكى خىزمىتىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ھۇزۇرلىنىدىغان بىر ئىشىغا ئايلاندۇراي دەيدىكەنسىز، سىز چوقۇم ئۆزىڭىز ئەڭ قىزىقىدىغان ئىشنى ئۆزىڭىزنىڭ كەسپى ياكى خىزمىتى قىلىپ تاللىشىڭىز كېرەك. ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدە ھەممە كىشىلەر ئۈچۈن ئۆزى قىزىقىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ تۇغما تالانتىغا توغرىلانغان ئىشنى كەسپ قىلىپ تاللاش ئىمكانىيىتى بار بولۇپ، ئۇ يەردىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆز ئۆمرىنى ئەنە ئاشۇنداق ئۆتكۈزىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنداق ئىمكانىيەتلەر ئىنتايىن چەكلىك. شۇنداق بولسىمۇ قىزىقىش ۋە تۇغما تالانتلارنىڭ كەسپ تاللاشتىكى ئورنى، ۋە ئۇلارنىڭ سىزنىڭ ئۆز ئۆمرىڭىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئىلمىي ئاساستا چۈشىنىۋېلىش، ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارايمەن.

مەن بۇرۇنقى بىر يازمامدا ئۆزەمنىڭ ھايات تەجرىبىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە مۇنداق دېگەن ئىدىم: «ئۆز-ئۆزىنى بايقاش ئۆمۈرلۈك ئىش. سىز بىر ئىشنى ياخشى قىلالىغان بىلەن، يەنە بىر ئىشنى ياخشى قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. شۇڭا سىز ئۆز ئالاھىدىلىكىڭىزنى تولۇق بايقاپ، ئۇنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىڭ. » كەسىپ تاللاش مەسىلىسى ھەققىدە مەن ئۆزەمنىڭ 2007-يىلى يازغان «ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك » دېگەن ماقالىسىدىمۇ بىر ئاز توختالغان ئىدىم. يېقىندا بىر تونۇشۇمنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئىنگلىزچە «سترەڭتھ فىندەر 2. 0» دېگەن، ئۇيغۇرچە «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى 2. 0» دېگەن مەنىدىكى توم رەس (Tom Rath) نىڭ كىتابىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم. بۇ كىتاب ئامېرىكىدىكى بىر دۇنياغا داڭلىق چوڭ تەتقىقات ئورگىنىنىڭ 40 نەچچە يىللىق تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:

1-كىشىلەر كەسىپ تاللىغاندا ئۆزلىرىنىڭ تۇغما تالانتلىرى ۋە ئەڭ كۈچلۈك قابىلىيەتلىرىنى ئاساس قىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان

2-ئادەملەردە بار بولىدىغان تۇغما تالانتلارنى 34 تۈرگە ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى قىسقىچە تەسۋىرلىگەن

3-ئاشۇ تالانتلارنىڭ ھەر بىرىگە بىر قانچە مىسال كەلتۈرگەن

4-ھەر بىر تالانتنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تىزىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ چىققان

5-ھەر بىر تالانتقا نىسبەتەن، ئوخشاش تالانتقا ئىگە كىشىلەر قانداق شەكىلدە ھەمكارلاشسا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۆز تەكلىپلىرىنى ئوتتۈرىغا قويغان

6-لازىرلىق پلاستىنكا (CD) غا قاچىلانغان، ئۆزىدىكى تۇغما تالانتلارنى تېپىش يۇمشاق دېتالىنى كىتاب بىلەن بىللە تەمىنلىگەن

مەن مەزكۇر ماقالىدە ئاشۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. بىر كىتابتىكى مەزمۇنلارنى بىر پارچە ماقالىدە تولۇق تونۇشتۇرۇپ چىقىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا مەن پەقەت يۇقىرىدىكى 1-مەزمۇن بىلەن 2-مەزمۇننىلا تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئىنگلىزچىنى بىلىدىغان ۋە بۇ تېمىغا قىزىقىدىغان ئوقۇرمەنلەر ئەسلىدىكى كىتابنى تولۇق ئوقۇپ چىقسا بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئىشىنىمەنكى، بۇ ماقالە ئۆزىدىكى ياكى ئۆز پەرزەنتىدىكى تۇغما تالانت ۋە كۈچلۈك قابىلىيەتلەرنى بىلىۋېلىشنى ئىستەيدىغان ھەر بىر ئوقۇرمەنگە ناھايىتى زور پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ.

1. «ئارتۇقچىلىق» (Strength) دېگەن سۆز ھەققىدە

كىتابنىڭ ئىسمىدىكى ئىنگلىزچە «finder» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «تاپقۇچى، بايقىغۇچى» بولۇپ، «strength» دېگەن سۆز يۇلغۇن لۇغىتىدە «كۈچ، قۇۋۋەت، كۈچـقۇۋۋەت، ئارتۇقچىلىق، ئالاھىدىلىك، ئەسكەر كۈچى» دەپ ئىزاھلانغان. مەن ئۆزەمنىڭ «ئارتۇقچىلىق، ئاجىزلىق، پۇرسەت، ۋە تەھدىت » دېگەن ماقالىسىدە، «strength» دېگەن سۆزنى «ئارتۇقچىلىق» دەپ ئالغان ئىدىم. مەزكۇر ماقالىنى تەييارلاش جەريانىدا، مەن بۇ سۆز ھەققىدە بىر ئاز ئويلۇنۇپ قالدىم. «ئارتۇقچىلىق» دېگەن سۆز بىلەن قارىمۇ-قارشى مەنىدىكى سۆز ھەققىدە ئويلىغىنىمىزدا، ئادەتتە كاللىمىزغا ئالدى بىلەن «كەمچىلىك» دېگەن سۆز كېلىدۇ. لېكىن، مەزكۇر كىتابتا ئىنگلىزچە «strength» دېگەن سۆز «ئاجىزلىق» قا قارىمۇ قارشى مەنىدىكى سۆز ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، «كەمچىلىك» بىلەن «ئاجىزلىق» نىڭ مەنىسىدە ناھايىتى زور پەرق بار. مەسىلەن، مەكتەپلەردىكى مەۋسۇملۇق ياكى يىللىق ئوقۇغۇچىلار باھالىشىدا «مەمەت ئۆگىنىشتە ناھايىتى تىرىشچان، دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىنى دىققەت بىلەن ئاڭلايدۇ، ھەر كۈنى دەرسكە كېچىكمەي كېلىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش تەسۋىرلەر ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يەردىكى «ئۆگىنىشتە ناھايىتى تىرىشىش، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاش، دەرسكە كېچىكمەي كېلىش» قاتارلىقلار مەمەتنىڭ «ئارتۇقچىلىقلىرى» ياكى «كەمچىلىكلىرى ئەمەس» بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ «تۇغما تالانتلىرى، كۈچلۈك قابىليەتلىرى، ياكى كۈچلۈكلۈكى» ئەمەس. ئىنگلىزچە لۇغەتتە «strength» دېگەن سۆز «جىسمانىي، روھىي، ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىكى كۈچلۈك ھالەت ياكى كۈچلۈكلۈك؛ تەسىر، نوپۇز، بايلىق مەنبەسى ۋە سانلىق قىممەت جەھەتتىكى ھوقۇق ياكى كۈچ-قۇۋۋەت» دەپ ئىزاھلانغان. ئىنگلىزچە سۈپەت سۆزى «strong» نىڭ مەنىسى «كۈچلۈك» بولۇپ، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئىسىم سۆزى «strength» نىڭ ئۇيغۇرچىدىكى ئۇتتۇر مەنىسى «كۈچلۈكلۈك» بولىدۇ. بىراق، مەن ئىنگلىزچىدىكى «strength» دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلىش سانى ۋە دائىرىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرچىدا «كۈچلۈكلۈك» دېگەن سۆزنىڭ ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن «ئارتۇقچىلىق» دېگەن سۆز كۆپ مەنىلىك سۆز بولۇپ، ئۇ «كەمچىلىك» كە قارىمۇ-قارشى مەنىدىمۇ، ھەمدە «ئاجىزلىق» قا قارىمۇ-قارشى مەنىدىمۇ ئىشلىتىلىدىكەن، دېگەن خۇلاسىغا كەلدىم. مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ ئاشۇنداق دەپ چۈشىنىشىنى سورايمەن. يەنى يۇقىرىدىكى كىتابتا ۋە مەزكۇر ماقالىدا كۆزدە تۇتۇلغىنى ئادەملەرنىڭ تۇغما تالانتلىرى ۋە كۈچلۈك قابىلىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «كۈچلۈكلۈكلىرى»، ياكى بولمىسا «ئاجىزلىق» قا قارىمۇ-قارشى بولغان ھالەتلەر بولۇپ، ئۇنى مەزكۇر ماقالىدا «ئارتۇقچىلىقلار» دەپ ئالىمەن.

مەزكۇر كىتابتا بايان قىلىنغان «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆلچەيدىغىنى تالانت بولۇپ، ئارتۇقچىلىقلار ئەمەس ئىكەن. ئاپتورنىڭ ئۇنىڭغا «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» دېگەن ئىسىمنى قويۇشىدىكى سەۋەب، بۇ يەردە ۋۇجۇتقا كەلتۈرمەكچى بولغان نەرسە ھەقىقىي ئارتۇقچىلىقلار بولۇپ، تالانت بولسا ئارتۇقچىلىقلارنىڭ پەقەت بىر تەركىبىي قىسمىدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىدۇر.

2. «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» قانداق ۋۇجۇتقا كەلگەن

ئامېرىكىدا 1958-يىلى قۇرۇلغان «گاللۇپ تەشكىلاتى» (The Gallup Organization) دېگەن بىر شىركەت بار بولۇپ، ئۇنىڭ 27 ئەلدە 40 تىن ئارتۇق تارماق ئىدارىسى بار. بۇ شىركەتنىڭ قىلىدىغىنى ئىلمىي تەتقىقات ئاساسىدا، شىركەت خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئىپادىسى ئۈستىدە مەسلىھەت بېرىش، ئىسپاتلىنىپ بولغان ئىش-ھەرىكەت ئىقتىسادى پرىنسىپلىرىدىن پايدىلىنىپ، شىركەت ۋە ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. بۇ شىركەتنىڭ باش شتابى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان. «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى توم رەس 1998-يىلىدىن باشلاپ مۇشۇ شىركەتنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، مەزكۇر كىتابنى 2007-يىلى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان.

بۇ شىركەتتىكى بىر توپ ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر كىشىلەرنىڭ تۇغما تالانتلىرى ئۈستىدە 40 يىلدىن ئارتۇق ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان. 100، 000 قېتىمدىن كۆپرەك تالانت ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. كىشىلىك ئارتۇقچىلىقلار تۈرىدىن 5، 000 دىن كۆپرەكىنى تاپقان. نەتىجىدە ئۇلار ئەگەر كىشىلەر ئۆز ئېنېرگىيىسىنى ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى تولدۇرۇشقا ئەمەس، ئۆزىنىڭ تالانتى ۋە كۈچلۈك قابىلىيەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاجرىتىدىكەن، ئۇلارنىڭ يۇقىرىلاپ ئۆسۈش ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقى نەچچە ھەسسە ئاشىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئىنسانلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ھەققىدە 40 يىلدىن ئارتۇق ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە، گاللۇپ تەشكىلاتىدىكىلەر ئىنسانلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تالانتلارنى 34 تۈرگە ئايرىپ، «كلىفتون ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» نى ئىشلەپ چىققان. بۇ يەردىكى «كلىفتون» ئارتۇقچىلىقلار پىسخولوگىيىسىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان دونالد كلىفتون (دونالد ئو. كلىفتون) نىڭ ئىسىم پەمىلىسىدۇر. گاللۇپ تەشكىلاتى «كلىفتون ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» نى 2001-يىلى «ھازىر ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايقىۋېلىڭ» (نوۋ، دىسكوۋەر يوئۇر سترەڭتھس) دېگەن كىتابقا كىرگۈزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ 20 دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، 100 دىن ئارتۇق ئەللەردىكى شىركەت، مەكتەپ ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردا قوللىنىلىشقا باشلىغان. ھازىرقى كىتابتا بايان قىلىنغىنى « ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» نىڭ 2-نۇسخىسىدۇر. بۇ كىتابنى گاللۇپ تەشكىلاتى ھازىرمۇ ھەر خىل شىركەت، مەكتەپ، ۋە ئىدارە-ئورگانلارنىڭ خادىملىرىنى تەربىيىلەشكە ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ كىتابتىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە مەخسۇس تەييارلانغان بىر تور بېتى، تۇغما تالانتلارنى باھالاش يۇمشاق دېتالى، ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى يېتىلدۈرۈش قوللانمىسى قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.

گاللۇپ تەشكىلاتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا راي سىناشمۇ ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئېرىشكەن راي سىناش نەتىجىلىرى ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى باشقا نۇرغۇن ئەللەردە ناھايىتى يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە.

ماڭا مەزكۇر كىتابنى تەۋسىيە قىلغان تونۇشۇممۇ مەلۇم بىر چوڭ شىركەتنىڭ خادىمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ شىركىتى ئۆز تارمىقىدىكى ھەممە كەسپىي خادىملارنى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تېپىش ھەققىدىكى بىر قانچە كۈنلۈك مەخسۇس كۇرسقا قاتناشتۇرۇپ، ئۇ كۇرستا بىر مۇتەخەسسىسنىڭ يېتەكلىشىدە ئۆزلىرىدىكى تۇغما تالانتلارنى باھالاتقۇزغان. ھەمدە مەزكۇر كىتابنى ھەممە تەربىيىلەنگۈچىلەرگە بىردىن تارقىتىپ بەرگەن. بىر شىركەت ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم خادىملىرىنى بىر قانچە كۈن ئىشتىن ئايرىپ، مۇشۇنداق بىر ئىشنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قانچىلىك ئىقتىسادىي چىقىم تارتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش ئانچە قىيىن ئەمەس. ئۇلار پەقەت مۇشۇ ئىشنى قىلىش ئارقىلىق ئاخىرىدا ناھايىتى زور ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈنلا مۇشۇنداق قىلىدۇ. شۇڭلاشقا مەن ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن بۇنداق بىلىملەرگە ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىقىنى، كىشىلىك تەرەققىيات ساھەسىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھازىرقى زامان بىلىملىرىدىن ئۆزلىرىنى تولۇق قوراللاندۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىركەت قۇرغان ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۈچۈن بۇ بىلىملەر تېخىمۇ مۇھىم. شىركەت خادىملىرىنى مۇشۇنداق بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سېلىنغان بىر قىممەتلىك مەبلەغ بولۇپ، بۇنداق ئىش ئۇزۇنغىچە ناھايىتى يۇقىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈم بېرىدۇ. شۇڭلاشقا شىركەت قۇرغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئىشقا ھەرگىز سەل قارىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

3. تۇغما تالانتلارنى كۈچلەندۈرۈش ئاجىزلىقلارنى تولدۇرۇشتىن مىڭ ئەلا

«ئەگەر سىز يېتەرلىك دەرىجىدە تىرىشسىڭىز، ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغاندەك ھەر قانداق بىر ئادەم بولۇپ چىقالايسىز» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز ھەممەيلەنگە ئايان. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئاشۇ ھېكمەتلىك سۆزگە ئىشىنىپ، ئۆز پەرزەنتىنىڭ تەبىئىي ياكى تۇغما تالانتلىرىغا ھېچ قانداق ئېتىبار بەرمىگەن ھالدا، ئۇلار ئۈچۈن مەكتەپ ۋە كەسىپ تاللاپ بېرىدۇ. مەن ئوقۇتقۇچىلىققا ئازراقمۇ قىزىقمايدىغان ياشلارنىڭ ئىچكىرىدىكى بىر پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم. تەبىئىي پەنگە ۋە ئىنجىنىرلىككە (قولى بىلەن بىر نەرسە ياساشقا) ناھايىتى قىزىقىدىغان ۋە ئۇنى ياخشى قىلالايدىغان ياشلارنىڭ بىر تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا ياكى تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە كىرىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم. ئىجتىمائىي پەنگە قىزىقىدىغان ياشلاردىن تەبىئىي پەنگە كىرىپ قالغانلىرىنى كۆردۈم. نۇرغۇن ياش ئۆسمۈرلەرمۇ ئۆزىدىكى تەبىئىي ياكى تۇغما تالانتلارنى ھېچ قانداق چۈشەنمىگەن، چۈشەنسىمۇ ئۇنىڭغا ھېچ قانداق ئېتىبار بەرمىگەن ھالدا، مەلۇم بىر كەسىپنى تاللاپ، ئاشۇ كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماقچى بولىدۇ. يېشى خېلە بىر يەرگە بېرىپ، كەسىپ ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتى يوق بىر ئالىي مەكتەپكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ياكى بولمىسا خىزمەت ئالمىشىش ئىمكانىيىتى يوق بىر خىزمەتكە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئۇ كەسىپكە قىلچە قىزىقمايدىغانلىقىنى، ياكى بولمىسا ئۇ كەسىپنى ھەرگىزمۇ ياخشى قىلالمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر بىر كۈننى ھەسىرەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرى بولىدۇ. ماڭا ئاشۇنداق تەقدىرگە دۇچ كەلگەن ياشلاردىن نۇرغۇنلىرىدن خەت كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاتا-ئانىسىغا قاتتىق نارازى بولغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما، گاللۇپ تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالايدىغان مەلۇم بىر ساھە بار بولۇپ، كىشىلىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچى ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىنى ئۆزىنىڭ تەبىئىي ياكى تۇغما تالانتلىرىغا توغرىلاپ تۇرۇپ تاللاشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا يۇقىرىدىكى ھېكمەتلىك سۆزنىڭ توغرىسى مۇنداق بولىشى كېرەك: «سىز ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان ھەر قانداق بىر ئادەمگە ئايلىنالمايسىز، ئەمما سىز ئۆزۈڭىزدىكى تۇغما تالانتلار ئاساسىدا ھازىرقىدىن كۆپ كۈچلۈك بىر ئادەم بولالايسىز (You cannot be anything you want to be—but you can be a lot more of who you already are).

4. تۇغما تالانتلار ئادەملەرنىڭ كىچىك يېشىدىلا نامايان بولىدۇ

ھەقىقەتەنمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئادەملەر ئۆزگىرىدۇ. بىزنىڭ مىجەزىمىز ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتقا ماسلىشىشقا قاراپ ئۆزگىرىدۇ. ئەمما، ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، ئادەم مىجەزىدىكى يادرولۇق ئورۇندا تۈرىدىغان ئالاھىدىلىكلەر، ئادەمنىڭ يۈكسەك قىزغىنلىقى ۋە قىزىقىشى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئانچە كۆپ ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك مىجەزىنىڭ يىلتىزلىرى ئىنتايىن كىچىك يېشىدىلا نامايان بولۇشقا باشلايدۇ. يېڭى زىللاندىيىدە 1، 000 نەپەر بالىلار ئۈستىدە ئۇدا 23 يىل ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ بالىلار ئۈچ ياشقا كىرگەندە ئىپادىلىگەن خۇلقى-مىجەزلەر بىلەن ئۇلار 26 ياشقا كىرگەندىكى خۇلقى-مىجەزلىرى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدىكى ئوخشاشلىق بايقالغان. شۇڭلاشقا، «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» كىشىلەرنىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن بولغان كىشىلىك مىجەز ئېلېمېنتلىرىنى، يەنى تۇغما تالانتلىرىنى، ئۆلچەيدىغان قىلىپ تەييارلانغان.

ئارتۇقچىلىق تەڭلىمىسىدە بىلىم، ماھارەت ۋە پراكتىكا (ئەمەلىي مەشىق) لەرمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر كۆڭلىڭىزدە ئاساسىي ئېلېمېنتلار ۋە قولىڭىزدا زۆرۈر بولغان ماھارەتلەر بولمايدىكەن، سىزدىكى تالانتلارمۇ ئېچىلماي كۆمۈلۈپ قېلىۋېرىدۇ. تەلىيىمىزگە يارىشا، ئۆز ئارتۇقچىلىرىمىزغا بىلىم بىلەن ماھارەتلەرنى يېڭىدىن قوشۇۋالالايمىز. مەسىلەن، بىر كۇرسقا قاتنىشىش ياكى بىر كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق، بىز بىر يېڭى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىنى ئۆگىنىۋالالايمىز. ئەمما، ئۆزىڭىزنىڭ تالانتلىرىنى ھەقىقىي ئارتۇقچىلىقلارغا ئايلاندۇرۇش سىزدىن پراكتىكا قىلىشنى ۋە قاتتىق تىرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ خۇددى سىز ئۆزىڭىزنىڭ جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتىڭىزنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق چېنىقمىسىڭىز بولمىغانغا ئوخشاش. مەسىلەن، ئەگەر سىز مۇسكۇللىرى ناھايىتى يوغىنايدىغان ئادەم بولۇپ تۇغۇلغان بولسىڭىزمۇ، ئەگەر سىز ئۆز مۇسكۇللىرىڭىزنى داۋاملىق چېنىقتۇرۇپ تۇرمايدىكەنسىز، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئەسلىدە بىئولوگىيىلىك جەھەتتىن پروگراممىلانغاندەك يوغىنىمايدۇ. ئەمما سىز باشقا بىر بىئولوگىيىلىك جەھەتتىن سىزدەك پروگراممىلانمىغان ئادەم بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە چېنىقسىڭىز، سىزنىڭ مۇسكۇللىرىڭىز ئۇنىڭكىدىن جىق كۆپ يوغىنايدۇ.

گاللۇپ تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىر ئادەم ئۆزىدە بۇرۇن مەۋجۇت بولمىغان بىر تالانتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرمەكچى بولىدىكەن، بەزىدە يېتەرلىك دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزىدىكى ئەڭ كۈچلۈك تالانتلارنى جارى قىلدۇرۇشتىن باشلاپ، ئاندىن ئۇنىڭغا بىلىم، ماھارەت ۋە پراكتىكىلارنى قوشقان. مۇشۇنداق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى تۇغما تالانتلىرى «ھەسسىلەپ كۆپەيتكۈچى» بولۇش رولىنى ئوينىغان.

تۆۋەندىكىسى ئەسلىدىكى كىتابتا بايان قىلىنغان ئارتۇقچىلىق تەڭلىمىسىدۇر:

(تالانت) x (مەبلەغ) = ئارتۇقچىلىق

تالانت: تەپەككۇر قىلىش، تۇيۇش ۋە ئىش-ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ تەبىئىي شەكلى ياكى ئۇسۇلى

مەبلەغ: پراكتىكا قىلىشقا، ئۆزىڭىزنىڭ ماھارىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بىلىم ئاساسىنى قۇرۇشقا سەرپ قىلغان ۋاقتىڭىز

ئارتۇقچىلىق: قىلغان ئىشىڭىزنى دائىم ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللىككە يەتكۈزۈش قابىلىيىتىڭىز

5. 34 تۈرلۈك تالانت

تۆۋەندە مەن ئادەملەردە بار بولىدىغان 34 تۈرلۈك تالانتلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. سىز ئۇلارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سىزدە بار بولغان ئەڭ كۈچلۈك تالانتلاردىن بەشنى تېپىپ چىقىڭ. بۇنداق قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى، ھەر بىر تالانتنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىزدىكى ئاشۇ تالانتقا نۆلدىن 10 غىچە نومۇر قويۇپ مېڭىش. ئەگەر سىزدە بىر تالانت زادىلا بولمىسا ئۇنىڭغا نۆل قويۇڭ. ئەگەر سىزدە مەلۇم بىر تالانت تولۇق بولسا، ئۇنىڭغا 10 قويۇڭ. ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن 5 تالانتلارنى يۇقىرى نومۇرلۇقتىن تۆۋەن نومۇرلۇققىچە تىزىپ چىقىڭ. ئاشۇنداق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھازىر ئوقۇۋاتقان ياكى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىڭىز، ياكى خىزمىتىڭىزنىڭ سىزدىكى ئاشۇ 5 تالانتلارنىڭ بىرەرسى ياكى بىر قانچىسىغا توغرىلانغان-توغرىلانمىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ بېقىڭ. ئەگەر ئىمكانىيەت يار بېرىدىكەن، سىز ئۆزۈڭىزنىڭ كەسپى بىلەن خىزمىتىنى ئۆزىڭىزدىكى ئەڭ كۈچلۈك تالانتقا توغرىلاشقا تىرىشىپ بېقىڭ. ئەگەر سىز بۇرۇن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىڭىزنى نېمىگە سەرپ قىلىشنى بىلەلمىگەن بولسىڭىز، ئەمدى ئۇنى ئۆزۈڭىزدىكى ئەڭ كۈچلۈك تالانتنى جارى قىلدۇرالايدىغان ۋە سىز ئەڭ قىزىقىدىغان بىر ئىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە تىرىشىپ بېقىڭ.

ئەسلىدىكى كىتابتا بۇ 34 تۈرلۈك تالانتلار ئۇلارنىڭ باش ھەرىپىنىڭ ئىنگلىزچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە بايان قىلىنغان بولۇپ، مەنمۇ ئۇلارنى ئاشۇ تەرتىپ بويىچە تونۇشتۇرىمەن.

(1) نەتىجە چىقارغۇچى (Achiever)

سىزدىكى قىلغان ئىشتىن نەتىجە چىقىرىش تالانتى سىزدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. نەتىجە چىقارغۇچى نەتىجىگە بولغان بىر ئۆزلۈكسىز ئېھتىياجنى نامايان قىلىدۇ. ئەگەر سىز بىر نەتىجە چىقارغۇچى بولىدىكەنسىز، سىز ھەر بىر كۈن نۆلدىن باشلىنىدىغاندەك ھېسسىياتتا بولىسىز. ھەر بىر كۈن ئۆتۈپ بولغاندا، سىز پەقەت مەلۇم ئۆلچىگىلى بولىدىغان نەتىجىگە ئېرىشكەندىلا ئاندىن ئۆزىڭىز توغرىسىدا بىر ياخشى تۇيغۇغا كېلەلەيسىز. بۇ يەردىكى «ھەر بىر كۈن» دېگىنىمىز خىزمەت كۈنلىرى، دەم ئېلىش كۈنلىرى، ۋە تەتىل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىز بىر كۈن دەم ئېلىشقا قانچىلىك دەرىجىدە ھوقۇقلۇق بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر مەلۇم بىر كۈننىڭ ئىچىدە سىز مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن ئازراق نەتىجىگە ئېرىشمەيدىكەنسىز، سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە رازى بولمايسىز. بىر ئىچكىي ئوت سىزنىڭ ئىچىڭىزدە داۋاملىق كۆيۈپ تۇرىدۇ. ئۇ سىزنى تېخىمۇ كۆپرەك ئىش قىلىشقا، تېخىمۇ كۆپرەك نەتىجە يارىتىشقا ئۈندەيدۇ. ھەر بىر نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ ئوت بىر ئاز پەسلەيدۇ. ئەمما بىر دەمدىن كېيىنلا ئۇ ئوت يەنە كۈچىيىپ، سىزنى كېيىنكى نەتىجىگە ئۈندەيدۇ. سىزنىڭ نەتىجىگە بولغان قاتتىق ئېھتىياجىڭىز لوگىكىلىق بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇ ھەتتا مەركەزلەشكەن بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. لېكىن ئۇ ھەر ۋاقىت سىزدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. سىز بىر نەتىجە چىقارغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئاشۇ نارازىلىق ياكى رازى بولماسلىق ئاۋازى بىلەن بىللە ياشاشقا كۆنمىسىڭىز بولمايدۇ. ئۇنىڭ سىزگە كۆپ پايدىسى بار. ئۇ سىزنى ھارغىنلىق ھېس قىلماي تۇرۇپ ھەر كۈنى 8 سائەتتىن كۆپ ئىشلەشكە كېتىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەر دائىم سىزنى يېڭى ۋەزىپە ۋە يېڭى قىيىن ئۆتكەللەرنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىشقا ئۈندەيدۇ. سىزنى ئىش قىلىش سۈرئىتىڭىز بىلەن خىزمەت ئۈنۈمىڭىزنى بەلگىلەيدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇ سىزنى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىتىغان تالانتتۇر.

سىزنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قاتتىق تىرىشىپ ئىشلىگىلى قويىدىغان، ھەمدە ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز ھەيدەكچىلىك قىلىشقا يول قويىدىغان بىر خىزمەتنى تاللاڭ. سىز ئاشۇنداق بىر مۇھىتنىڭ ئىچىدە ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرالايسىز، ھەمدە ئۆزىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلالايسىز. توختىماي يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشنى قولغا كەلتۈرۈڭ. شۇ ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يېڭى نىشانلارنى تىكلەپ، ئېرىشىدىغان نەتىجىلەرنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزەلەيسىز.

(2) قوزغاتقۇچى (Activator)

«بىز قاچان باشلايمىز؟» دېگەن سوئال سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا قايتا-قايتا سورۇلۇپ تۇرىدۇ. سىز بىر ئىش باشلاشقا ئالدىرايسىز. ئانالىز قىلىشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكى ياكى بەس-مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرىنىڭ بەزىدە پايدىلىق ئىدىيىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما يۇرىكىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا پەقەت ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتنىڭلا ھەقىقىي ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى، پەقەت ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلا بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغانلىقىنى، پەقەت ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلا نەتىجە يارىتالايدىغانلىقىنى بىلىسىز. بىر ئىش توغرىسىدا قارار چىقارغان ھامان، سىز ئىش باشلىماي تۇرالمايسىز. باشقىلار «بىز تېخى چۈشىنىپ بولالمىغان بىر قىسىم ئىشلار بار» دەپ ئەنسىرىشى مۇمكىن، ئەمما بۇنداق ئەندىشىلەر سىزنى ئاستىلىتىپ قويالمايدۇ. بىر شەھەرنىڭ بۇ بېشىدىن يەنە بىر بېشىغىچە بېرىش قارار قىلىنغان بولسا، سىز ئۇ يەرگە ئەڭ تېز بېرىشنىڭ ئۇسۇلى بىر تۆت-كوچا چىرىغىدىن يەنە بىر تۆت-كوچا چىرىغىغا بېرىش، ھەمدە بۇنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. سىز ھەرگىزمۇ بىر جايدا تۇرۇپ، ھەممە تۆت-كوچا چىراغلىرىنىڭ يېشىلغا ئۆزگىرىشىنى كۈتۈپ تۇرمايسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئەمەلىي ئىش قوللۇنۇش بىلەن ئويلىنىش بىر-بىرىگە زىد ئىشلار ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ قۆزغاتقۇچى تالانتىڭىزنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش قورالى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىسىز. سىز بىر قارار ئېلىپ، ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ، شۇ ئارقىلىق يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىسىز. بۇ ئۆگىنىش جەريانى سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ كېيىنكى پىلانى ۋە باسىدىغان قەدەملىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئەگەر ئىنكاس قايتۇرىدىغان بىرەر ئىش بولمايدىكەن، سىز ھەرگىزمۇ تەرەققىي قىلمايدىغانلىقىڭىزنى ئوبدان بىلىسىز. شۇڭا سىز چوقۇم ئەمەلىي ئىش قىلىشىڭىز كېرەك. كېيىنكى قەدەمنى ئېلىشىڭىز كېرەك. مانا بۇ يېڭى-يېڭى ئىشلارنى ئويلاپ تېپىشنىڭ بىردىن-بىر ئۇسۇلى. سىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىسىزكى، كىشىلەر ھەرگىزمۇ سىزنىڭ نېمە دېگەنلىكىڭىزگە، ۋە نېمىنى ئويلىغانلىقىڭىزغا قاراپ باھا بەرمەيدۇ، بەلكى سىزنىڭ نېمە ئىشنى قىلالىغانلىقىڭىزغا قاراپ باھا بېرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ھەرگىزمۇ سىزنى قورقۇتالمايدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇ سىزنى شاتلاندۇرىدۇ.

قارارلارنى ئېلىشنى، ھەمدە ئۇلارنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇشنىمۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە قويۇپ بېرىدىغان بىر خىزمەت ئورنىنى ئىزدەڭ. بولۇپمۇ يېڭى قۇرۇلغان ياكى يېڭىدىن رەتكە سېلىنىۋاتقان شىركەتلەردىن خىزمەت ئىزدەڭ.

(3) ماسلىشىشچانلىق (Adaptability)

سىز ھەر قانداق ۋاقىتتا ئاكتىپ ياكى ھەرىكەتچان ھالەتتە تۇرىسىز. «كەلگۈسى دېگەن بىر مۇقىم مەنزىل» دەپ قارىمايسىز. ئۇنىڭ ئورنىغا كەلگۈسى سىز ھازىر ئېلىپ بارغان تاللاشلارنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزىڭىز ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغان بىر نەرسە، دەپ قارايسىز. شۇنىڭ بىلەن سىز بىر قېتىمدا كەلگۈسى توغرىسىدىكى تاللاشلاردىن پەقەت بىرنىلا تاپىسىز. بۇ ھەرگىز سىزنىڭ پىلانسىز ئىكەنلىكىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىزنىڭ پىلانىڭىزمۇ بار بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، سىزنىڭ ماسلىشىشچانلىق تالانتىڭىز سىزنى باشقا پىلانلىرىڭىزدىن ۋاز كەچۈرۈشكە توغرا كەلگەندىمۇ، سىزنى ھەر بىر پەيتنىڭ ئۆزىدىكى ئېھتىياجغا ئۆز رازىلىقىڭىز بىلەن ماسلاشتۇرىدۇ. بەزى كىشىلەرگە ئوخشىمىغان ھالدا، سىز تۇيۇقسىز تەلەپلەرگە نارازى بولمايسىز. سىز ئۇنداق ئىشلارنى ئالدىن مۆلچەرلەيسىز. ئۇنداق ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىز. مەلۇم دەرىجىدە سىز ئاشۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە تەقەززا بولىسىز. سىز كۆڭلىڭىزدە ناھايىتى ماسلىشىشچان بىر ئادەم بولۇپ، خىزمىتىڭىزنىڭ ئېھتىياجى سىزنى بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن باشقا-باشقا يۆنىلىشلەرگە تارتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ يۇقىرى ئىش ئۈنۈمىنى ساقلىيالايسىز.

ھەممە ئىشنى بىر مۇقىم شەكىل ئىچىدە ئېلىپ بارىدىغان خىزمەتتىن ساقلىنىڭ. ئۇنداق خىزمەت ئورنى سىزنى تېزلا زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ، سىزنى ئۇ ئورۇنغا مۇۋاپىق ئەمەستەك ھېس قىلدۇرىدۇ، ھەمدە سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىزنى بوغۇپ قويىدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىق توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئەھۋاللارغا ئىنتايىن ياخشى ماسلىشىشقا باغلىق بولغان بىر ئورۇندا ئىشلەڭ. ئاخباراتچىلىق، نەق مەيدان تېلېۋىزور پروگراممىلىرىنى ئىشلەش، جىددىي كېسەللەر بۆلۈمى، ۋە خېرىدارلار مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى كەسىپتىن بىرىنى ئويلىشىڭ. مۇشۇنداق بىر ئورۇندا، ئەڭ كۈچلۈك ئادەم ئەڭ تېز ئىنكاس قايتۇرالايدۇ، ھەمدە جىددىيلەشمەي ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئىش ئېلىپ بارالايدۇ.


(4) ئانالىتىك (Analytical)

ئۆزىڭىزنى ئوبيېكتىپ (ياكى چىن) ۋە ئاسان ھاياجانلىنىپ كەتمەيدىغان بىر ئادەم، دەپ چۈشىنىسىز. باشقىلار سىزگە بىرەر ئىدىيىنى ئېيتقاندا، ئۇلارغا «ماڭا ئۇنى ئىسپاتلاپ بېرىڭ. سىزنىڭ دېگىنىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدىغىنى ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭ»، دەپ تەلەپ قويىسىز. بەزىلەر مۇشۇنداق سوئالغا يولۇققاندا، ئۇلارنىڭ نەزەرىيىسى سۇلىشىپ نابۇت بولىدۇ. سىز باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنى مۇشۇنداق قىلىپ ۋەيران قىلىشنى ئىستىمەيسىز، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنىڭ بىر ساغلام ئىدىيە بولۇشىدا چىڭ تۇرىسىز. سانلىق مەلۇماتلار ھەقىقىي نەرسىلەر بولغاچقا، ھەمدە ئۇلارنىڭ باشقىچە مەقسىتى بولمىغاچقا، سىز سانلىق مەلۇماتلارنى ياخشى كۆرۈسىز. سىز ئاشۇنداق سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئۆزىڭىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەندىزە ۋە باغلىنىشلارنى ئىزدەيسىز. بەزى شەكىللەرنىڭ ئۆز-ئارا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىشنى ئىستەيسىز. ئۇلار قانداق بىرلىشىدۇ؟ بىرلىشىشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟ ئاشۇنداق نەتىجە ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان نەزەرىيىگە ياكى دۇچ كەلگەن ئەھۋالغا ماس كېلەمدۇ؟ مانا بۇلار سىز سورايدىغان سوئاللاردۇر. سىز بىر ئىشنىڭ تېگىگە يەتمىگۈچە، ئۇنىڭ پوستىلىرىنى سويۇپ ئىچىنى ئېچىشنى توختاتمايسىز. باشقىلار سىزگە «لوگىكىلىق ۋە تەلتۆكۈس ئادەم»، دەپ قارايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار سىزنىڭ قېشىڭىزغا باشقىلارنىڭ تاتلىق ئويلىرى ياكى كېلەڭسىز ئويلىرىغا سىزنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن كېلىدىغان بولىدۇ. سىز ئۆز ئانالىزىڭىزنى باشقىلارغا ھەرگىزمۇ قوپاللىق بىلەن ئېيتمايسىز. ئۇنداق قىلمايدىكەنسىز، ھېلىقىدەك «كېلەڭسىز ئويلار» ئۆزلىرىنىڭ بولغان كىشىلەر سىزنىڭ قېشىڭىزغا كېلىشكە پېتىنالمايدىغانلىقىنى بىلىسىز.

ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىدىغان، ئەندىزىلەرنى تېپىپ چىقىدىغان، ۋە ھەر خىل ئىدىيىلەرنى رەتلەپ چىقىدىغان بىر خىزمەت ئورنىنى ئىزدەڭ. مەسىلەن، سىز مەھسۇلاتلارنى بازارلاش، ئىقتىساد، تېببىي تەتقىقات، ئۇچۇر ئامبىرىنى باشقۇرۇش، تەھرىرلەش، ياكى خەتەرلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئوخشاش ئورۇنغا سىز ئەڭ مۇۋاپىق كېلىشىڭىز مۇمكىن.

(5) ئورۇنلاشتۇرغۇچى (Arranger)

ئىنگلىزچە «ئارراڭە» دېگەن سۆزنىڭ يۇلغۇن لۇغىتىدىكى مەنىسى «رەتلىمەك، تەرتىپكە سالماق، ئورۇنلاشتۇرماق، تەييارلىق كۆرمەك، تۈزەشتۈرمەك» بولۇپ، بۇ يەردە مەن «ئارراڭەر» (ئاشۇ ئىشنى قىلغۇچى ئادەم) نى «ئورۇنلاشتۇرغۇچى» دەپ ئالدىم. ئەگەر سىزدە مەزكۇر تالانت بار بولىدىكەن، سىز بىر دىرىژور (conductor) بولۇپ ھېسابلىنىسىز. نۇرغۇن ئامىللارغا چېتىشلىق بولغان بىر مۇرەككەپ ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، سىز ھەممە ئۆزگىرىشچان ئامىللارنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئۇلارنى ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغان شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغىچە ئۇلارنى رەتلەپ بىر تەرەپ قىلىشنى توختاتمايسىز. كۆڭلىڭىزدە سىز قىلىۋاتقان بۇ ئىشلار ئۇنچىۋالا ئالاھىدە ئىشلارمۇ ئەمەس. سىزنىڭ قىلىۋاتقىنىڭىز پەقەتلا ئاشۇ ئىشلارنى قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشتىنلا ئىبارەت. بۇ تالانتقا ئىگە ئەمەس باشقا كىشىلەر بولسا، سىزنىڭ بۇ تالانتىڭىزدىن ھېيىقىدۇ. ئۇلار سىزدىن «سىز بىرلا ۋاقىتتا بۇنچىۋالا كۆپ ئىشلارنى كاللىڭىزدا قانداقمۇ ساقلاپ بولالايسىز؟»، دەپ سورايدۇ. بىراق، سىز ئۈچۈن ئىش قىلىشنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يولى يوق. ئاددىي ئىشلاردىن تارتىپ مۇرەككەپ ئىشلارغىچە سىز چوقۇم ئەڭ مۇكەممەل قۇرۇلمىنى ئىزدەيسىز. دىنامىكىلىق (ھەرىكەتچان، ئۆزگىرىشچان) ئەھۋاللاردا سىز ئۆز قابىلىيىتىڭىزنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرالايسىز. كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە، بەزىلەر بۇرۇن تۈزۈپ چىققان پىلانلارنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا ھازىر مەۋجۇت بولغان قائىدە ياكى رەسمىيەتلەرنىڭ ئىچىدىلا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. ئەمما سىز ئۇنداق قىلمايسىز. سىز قالايمىقانچىلىقنىڭ ئىچىگە كىرىپ، يېڭى چارىلەرنى ئويلاپ چىقىپ، قارشىلىق ئەڭ كىچىك بولغان يولنى ئىزدەپ، يېڭى ھەمكارلىقنى بارلىققا كەلتۈرىسىز. چۈنكى، سىز ئۈچۈن، ئىش بېجىرىشنىڭ چوقۇم بىر ياخشىراق ئۇسۇلى بار. سىز ئەتىراپىڭىزدىكىلەرنىڭ تالانتلىرى، ماھارەتلىرى ۋە بىلىملىرىنى ئوبدان بىلىسىز. شۇڭلاشقا ئۇلارنى مۇۋاپىق ئىشقا قويالايسىز.

ئىش تاللىغاندا قائىدە-رەسمىيەتلىرى ئاز بولغان مۇرەككەپ ۋە دىنامىكىلىق ئىشلارنى قوغلىشىڭ. چوڭ يىغىن، چوڭ يىغىلىش، ياكى شىركەتنىڭ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىڭ. مۇقىم قائىدە-تۈزۈم بويىچە ئىش ئېلىپ بارىدىغان مۇھىت سىزنى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا سىز ئۆز شىركەت ياكى ئىدارىڭىزدىكى ئەڭ دىنامىكىلىق ساھەدە ئىشلەشنى قولغا كەلتۈرۈڭ.

(6) ئېتىقاد (Belief)

ئەگەر سىزدە بىر كۈچلۈك ئېتىقاد تالانتى بار بولىدىكەن، سىزدە مەلۇم مىقداردىكى يادرولۇق قىممەت قاراشلىرى بار بولىدۇ. بۇ قىممەت قاراشلىرى ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، بىراق سىزنىڭ ئېتىقادىڭىز سىزنىڭ ئائىلىنى مەركەز قىلىدىغان، خەلقپەرۋەر، ۋە دىنلىق بىر ئادەم بولۇشىڭىزنى، ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەخلاقلىقىنى قەدىرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ يادرولۇق قىممەت قاراشلىرى سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىزگە كۆپ تەرەپتىن تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلار سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا مەنە ۋە قانائەتچانلىق ئاتا قىلىدۇ. سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە، مۇۋەپپەقىيەت دېگەن پۇل ۋە نام-شۆھرەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان نەرسە. ئۇلار سىزگە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ھەمدە سىزنى تۇرمۇشنىڭ قايمۇقتۇرۇشلىرى ۋە دىققەتنى چېچىشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي، ئۆزلۈكسىز ھالدا مۇھىم ئىشلار تەرەپكە يېتەكلەيدۇ. مۇشۇ ئۈزلۈكسىزلىك سىزنىڭ بارلىق مۇناسىۋەتلىرىڭىزنىڭ ئاساسى بولىدۇ. دوستلىرىڭىز سىزگە «بەك ئىشەنچىلىك» دەپ قارايدۇ. ئۇلار سىزگە «مەن سېنىڭ مەيدانىڭنى چۈشىنىمەن» دەيدۇ. سىزنىڭ ئېتىقادىڭىز سىزنى ئاسانلا ئىشەنگىلى بولىدىغان بىر ئادەم قىلىدۇ. ئۇ سىزدىن ئۆزىڭىزنىڭ قىممەت قارىشىغا ماس كېلىدىغان خىزمەتنى تېپىشنى تەلەپ قىلىدۇ. سىزنىڭ خىزمىتىڭىز مەنىلىك بولۇشى، سىز ئۈچۈن مۇھىم بولىشى كېرەك. ئېتىقاد تالانتىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن سىز تەلەپ قىلىدىغان بىردىن-بىر نەرسە ئۆزىڭىزنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە ياشاش بولۇپ قالىدۇ.

ئەگەر سىزدە مۇشۇ تالانت بار بولسا، سىز ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ قىممەت قارىشىغا ماس كېلىدىغان روللارنى تاللاڭ. بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى جەمئىيەتكە قوشىدىغان تۆھپىسىگە ئاساسەن بېكىتىدىغان بىر ئورۇندا ئىشلەشكە تىرىشىڭ. ۋاقتىڭىزنى خىزمىتىڭىزنىڭ تەلەپلىرى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىڭىزنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇڭ. سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى ئۆز كەسپىڭىزگە بېغىشلىشىڭىز ئۆز ئائىلىڭىزگە بولغان كۈچلۈك مەجبۇرىيەتلەرنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلمىسۇن.

(7) قوماندانلىق قىلىش (Command)

قوماندانلىق قىلىش تالانتى سىزنى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىشقا ئۈندەيدۇ. بەزى كىشىلەر بىلەن ئوخشىمىغان ھالدا، سىز ئۆز كۆز-قاراشلىرىڭىزنى باشقىلارغا تاڭسىڭىزمۇ ھەرگىز راھەتسىزلىك ھېس قىلمايسىز. ئۇنىڭ ئەكسىچە، سىزدە بىرەر كۆز-قاراش شەكىللەنگەن ھامان، سىز ئۇنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ئالدىرايسىز. ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر نىشاننى تىكلىگەن ھامان، باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىزگە توغرىلاپ بولمىغىچە جىم تۇرالمايسىز. سىز باشقىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىدىن قورقۇپ قالمايسىز. ئۇنىڭ ئەكسىچە، قارشىلىق كۆرسىتىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. باشقىلار تۇرمۇشنىڭ راھەتسىزلىكلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتىن ساقلانسىمۇ، پاكىت ياكى ئىسپاتلارنىڭ ئادەمنى قانچىلىك بىئارام قىلىدىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، سىز ئۇلارنى چوقۇم ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىقارمىسا بولمايدۇ، دەپ ئويلايسىز. سىز ئۈچۈن كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىشلار ئېنىق بولۇشى شەرت بولۇپ، باشقىلارنى ئېنىق ۋە سەمىمىي بولۇشقا قىستايسىز. ئۇلارنى تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا زورلايسىز. ھەتتا ئۇلارنى قورقۇتىسىز. بەزىلەر سىزنى «ئۆزىنىڭكىنىلا راس دەيدۇ» دەپ سىزگە نارازى بولسىمۇ، كۆپۈنچە ۋاقىتتا ئۇلار ئۆز رازىلىقى بىلەن ھوقۇقنى سىزگە ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. كىشىلەر مەيدانى بار ۋە باشقىلاردىن مەلۇم بىر يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئادەمنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭلاشقا سىز كىشىلەرنى ئۆزىڭىزگە جەلب قىلالايسىز. سىز كىشىلەر ئارىسىدا داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىسىز. سىز كىشىلەرگە قوماندانلىق قىلىسىز.

بىرەر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولۇشقا، سىزنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ناھايىتى ئېنىق ئىدىيىلىرىڭىز بار بولۇپ، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ سىزگە ئەگىشىشىگە تەبىئىي ھالدا تەسىر كۆرسىتەلەيسىز. سىزدىن باشقىلارنى قايىل قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان رولنى ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، بىر شىركەتنىڭ ماللىرىنى خېرىدار ئورۇنلارغا تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا سېتىش.

(8) ئالاقىلىشىش (Communication)

ئىنگلىزچە «كوممۇنىكاتىئون» دېگەن سۆزنىڭ يۇلغۇن لۇغىتىدىكى مەنىسى «ئالاقە، يەتكۈزۈش، تارقىتىش، ئالاقىلىشىش، خەۋەرلىشىش، قاتناش» بولۇپ، بۇ تالانت بىر ئادەمنىڭ باشقا بىر ئادەم ياكى باشقا بىر ئادەم توپى بىلەن ئاغزاكى ۋە يازما شەكىلدە ئالاقە ياكى مۇناسىۋەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدە، بۇ ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش ۋە كۈچەيتىشكە باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. خىزمەتكە ئادەم ئېلىشتىمۇ، بۇ ئىقتىدارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشۇ تالانتنىڭ بولىشىنى نۇرغۇن ئەھۋالدا بىر شەرتمۇ قىلىدۇ. لېكىن، مېنىڭ كۈزىتىشىمچە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىغا ئانچە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن، ۋە بۇ ئۇقۇم ئانچە ئومۇملاشمىغان. بۇنى مەن مەندىن مەسلىھەت سوراپ ئېلخەت يازىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلخەتلىرىدە داۋاملىق كۆرۈپ تۇرىمەن. يەنى، نۇرغۇن ياشلار ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىنى توغرا ئىپادىلەشتە ئىنتايىن ئاجىز. مېنىڭ ئىنتايىن ھەيران قالىدىغىنىم، مېنىڭ ئېلخەت ئادرېسىم « erkinsidiq@gmail. com» بولسىمۇ، يەنى مېنىڭ ئېلخەت ئادرېسىمدا ئىسمىمنىڭ توغرا يېزىلىشى بار بولسىمۇ، مەندىن مەسلىھەت سوراپ ئېلخەت يازىدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ تەڭدىن تولىسى مېنىڭ ئىسمىمنى خاتا يازىدۇ. ئۇلار ئىشلەتكەن ئىسمىمنىڭ يېزىلىش شەكلىدە ئاركىن، ئاركەن، ئەركەن، سىدىك، سەدىك، سىدەك دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى بار. بۇ بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكى بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئۇچىغا چىققان بىپەرۋالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ بىر مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتكە خاس ئىش ئەمەس بولۇپ، بۇنداق ئىشلارغا غەرب ئەللىرىدە ھەرگىزمۇ يول قويۇلمايدۇ. ئەمدى ئەسلى تېمىنى داۋاملاشتۇراي.

سىز باشقىلار بىر نەرسىنى چۈشەندۈرۈشنى، تەسۋىرلەشنى، يىغىلىشلارنى باشقۇرۇشنى، ئاممىۋى سورۇنلاردا نۇتۇق سۆزلەشنى، ھەمدە يېزىشنى ياخشى كۆرىسىز. سىزنىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ئىشقا سالىدىغىنىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئالاقىلىشىش تالانتىدىن ئىبارەت. ئىدىيىلەر قۇرۇق بولىدۇ. ۋەقەلەر ستاتىك (تۇراقلىق) بولىدۇ. سىز ئۇلارغا جان بېرىشنى، ئۇلارغا ئېنېرگىيە بېرىشنى، ئۇلارنى ھاياجانلىنارلىق ۋە جانلىق قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىسىز. شۇڭا سىز ۋەقەلەرنى ھېكايىلەرگە ئايلاندۈرۈپ، ئۇلارنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرىشنى پراكتىكا قىلىسىز. سىز قۇرۇق ئىدىيىلەرگە ھەر خىل ئوبراز، مىسال ۋە ئوخشىتىشلارنى قوشۇپ، ئۇلارنى جانلاندۇرىسىز. سىزنىڭ چۈشەنچىڭىزدە، كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ بىر ئىشقا بولغان دىققىتىنىڭ ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولىدۇ. ئۇلار ھەر تەرەپتىن يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ئۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىلا ھايات قالىدۇ. سىز ئۆزىڭىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرنىڭ، يەنى بىر ئىدىيە، بىر ۋەقە، بىر مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە پايدىلىرى، ھەمدە بىر بايقاش ياكى بىر تەجرىبە-ساۋاقنىڭ ھايات قېلىشىنى ئىستەيسىز. سىز باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە قارىتىش، جەلب قىلىش ۋە باغلاپ قويۇشنى ئىستەيسىز. مانا بۇ سىزنى ئەڭ مۇكەممەل سۆز-ئىبارىلەرنى ئىزدەپ تېپىشقا ئۈندەيدۇ. سىزنى دراماتىك (ئالەمشۇمۇل) سۆزلەرنى ۋە ناھايىتى كۈچلۈك سۆز بىرىكمىلىرىنى ئىشلىتىشكە ئۈندەيدۇ. كىشىلەرنىڭ سىزنىڭ سۆزىڭىزنى ئاڭلاشقا ئامراق بولۇشىنىڭ سەۋەبى مانا شۇ. سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ دۇنياسىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ، ھەمدە ئۇلارنى بىر ئەمەلىي ئىش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

سىز باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە جەلب قىلىدىغان ئىشلارنى ياخشى قىلالايسىز. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلىق، سودا-سېتىق، بازارلاشتۇرۇش (مەھسۇلاتلارنى خېرىدارلارغا تەشۋىق قىلىش ياكى بىلدۈرۈش)، دىنىي نۇتۇقچى بولۇش ياكى ئاخبارات ساھەسىدىكى بىر كەسىپكە كىرىشكە تىرىشىپ بېقىڭ. يېزىقچىلىقنى ياخشى كۆرسىڭىز، ماقالە ئېلان قىلىش ياكى كىتاب چىقىرىشنى ئويلىشىپ بېقىڭ.

(9) رىقابەت (Competetion)

رىقابەتنىڭ يىلىتىزى سېلىشتۇرۇشتۇر. سىز دۇنياغا نەزەر تاشلىغىنىڭىزدا، باشقىلارنىڭ ئىشلارنى قانداق بېجىرىدىغانلىقىنى تەبىئىي ھالدىلا بىلىۋالالايسىز. ئۇلارنىڭ ئىش ئۈنۈمى سىزگە ئەڭ ئاخىرقى ئۆلچەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىزنىڭ قانچىلىك تىرىشقانلىقىڭىز، ۋە سىزنىڭ مەقسىتىڭىزنىڭ قانچىلىك ياراملىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر سىز ئۆز نىشانىڭىزغا يەتكەن ئەمما تەڭتۇشلىرىڭىزنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمىگەن بولسىڭىز، سىز ئېرىشكەن نەتىجىلەر سىز ئۈچۈن ئىچى قۇرۇق نەرسە بولۇپ تۇيۇلىدۇ. بارلىق رىقابەتچىلەرگە ئوخشاش، سىز باشقا كىشىلەرگە ئېھتىياجلىق بولىسىز. سېلىشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولىسىز. ئەگەر سىز سېلىشتۇرالىسىڭىز، سىز رىقابەتلىشەلەيسىز. ئەگەر سىز رىقابەتلەشسىڭىز، سىز ئۇتالايسىز. سىز ئۆلچەشنى ياخشى كۆرىسىز، چۈنكى ئۇ سېلىشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سىز باشقا رىقابەتچىلەرنى ياخشى كۆرىسىز، چۈنكى ئۇلار سىزنى روھلاندۇرىدۇ. سىز مۇسابىقىلارنى ياخشى كۆرىسىز، چۈنكى ئۇلاردا چوقۇم بىر يەڭگۈچى بارلىققا كېلىدۇ. سىز بولۇپمۇ ئۆزىڭىز چوقۇم ئۇتۇپ چىقالايدىغانلىقىڭىزنى بىلىدىغان مۇسابىقىلارنى بەكراق ياخشى كۆرىسىز. گەرچە سىز ئۆزىڭىزنىڭ رىباقەتچىلىرىگە مېھرىبانلىق كۆرسەتسىڭىزمۇ ھەمدە يېڭىلگەندە سەۋرچان بولسىڭىزمۇ، سىز پەقەت خوشاللىق ئۈچۈنلا رىقابەتلەشمەيسىز. سىز ئۇتۇش ئۈچۈن رىقابەتلىشىسىز. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سىزنىڭ ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىماللىقى يوق بولغان مۇسابىقىلەردىن ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قاچىدىغان بولۇپ قالىسىز.

سىز ئۆز نەتىجىلىرىڭىزنى ئۆلچىيەلەيدىغان خىزمەتنى تاللاڭ. رىقابەتلەشمەي تۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ خىزمەتتە قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىيالماي قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئادەتتىكى ۋەزىپىلەرنى رىقابەتلىشىدىغان مۇسابىقىلەرگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىڭ. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق سىز تېخىمۇ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن.

(10) باغلىنىشلىق (Connectedness)

ھەممە ئىشلار مەلۇم بىر سەۋەب تۈپەيلىدىن يۈز بېرىدۇ. سىز بۇنى ئوبدان بىلىسىز. چۈنكى، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە بىز ھەممىمىز ئۆز-ئارا باغلانغان بولىمىز. توغرا، بىز ھەممىمىز ئىندىۋىدۇئاللار (ئايرىم-ئايرىم ئادەملەر)، ئۆزىمىزنىڭ ھۆكۈمىگە ئۆزىمىز مەسئۇل بولىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئەركىن ئارزۇسىنى ئۆزىمىزنىڭ قولىدا تۇتىمىز. بىراق، بىز ھەممىمىز بىر چوڭراق نەرسىنىڭ بىر قىسمى. بەزىلەر ئۇنى كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق (collective unconscious)، دەپ ئاتىشى مۇمكىن. باشقىلار ئۇنى روھ ياكى ھايات كۈچى، دەپ ئاتىشى مۇمكىن. سىز تاللىغان سۆزنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىزنىڭ بىر-بىرىمىزدىن ئايرىۋېتىلگەن ئەمەسلىكىمىز ياكى بىزنىڭ يەر شارى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ھاياتتىن ئايرىۋېتىلگەن ئەمەسلىكىمىزنى تولۇق چۈشىنىش ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزدە ئىشەنچ تۇرغۇزىسىز. مۇشۇنداق باغلىنىشلىق بولۇش تۇيغۇسى مەلۇم مەسئۇلىيەتلەردىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر بىز ھەممىمىز بىر چوڭراق مەنزىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنمىز، بىز باشقىلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىكىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇنداق قىلساق ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىمىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزگەن بولىمىز. سىزنىڭ مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتلەرنى چۈشىنىشىڭىز سىزنىڭ قىممەت قارىشى سىستېمىڭىزنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ. سىز باشقىلارنى ئويلايدىغان، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈدىغان، ۋە باشقىلارنى قوبۇل قىلىدىغان كېلىسىز. ئىنسانىيەتنىڭ بىرلىكىگە قەتئىي ئىشىنىپ، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينايسىز. كۆرۈنمەس ياردەملەرگە سەزگۈر بولۇپ، باشقىلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئاددىي تۇرمۇشىدىن باشقىمۇ ھاياتىي مەقسىتىمىز بارلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارغا تەسەللى بېرەلەيسىز. سىزنىڭ ئېتىقادىڭىزنىڭ كونكرېت مەزمۇنلىرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى سىزنىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىڭىزگە ۋە سىزنىڭ مەدەنىيىتىڭىزگە باغلىق، ئەمما سىزنىڭ ئېتىقادىڭىز ناھايىتى كۈچلۈك كېلىدۇ. ھاياتنىڭ سىرلىرى ئالدىدا ئاشۇ ئېتىقاد سىزنى ۋە سىزنىڭ يېقىن دوستلىرىڭىزنى يۆلەپ تۇرىدۇ.

باشقىلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا مەسلىھەت بېرىدىغان خىزمەتنى ئويلىشىڭ. باشقا كىشىلەرنىڭ كۈنلۈك تۇرمۇش ھادىسلىرىدىكى مەقسەت ۋە باغلىنىشلارنى چۈشىنىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشكە ناھايىتى ئۇستا بىرسى بولۇپ چىقالايسىز. ئۆز ئىدارىڭىزدە خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى چوڭ مەنزىرىنىڭ قەيېرىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە ياردەملىشىڭ. سىز يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغان ئادەملەر قوشۇنىنى بەرپا قىلىش ۋە كىشىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش جەھەتتە بىر لىدېر بولۇپ چىقالايسىز. پۈتۈن يەر شارى ياكى ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىش ئېلىپ بارىدىغان مەسئۇلىيەتنى ئىزدەپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىنسانلاردا تەبىئىي ھالدا مەۋجۇت بولغان ئوخشاشلىق توغرىسىدىكى چۈشەنچىڭىزنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈڭ.

(11) بىردەكلىك (Consistency)

تەڭپۇڭلۇق سىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. كىشىلەر ئۆز ھاياتىنىڭ قايسى باسقۇچىدا ئىكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، سىز ئۇلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوبدان بىلىسىز. سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە، بىر ئادەمگە بىر خىل، يەنە بىر ئادەمگە يەنە بىر خىل مۇئامىلە قىلىش شەخسىيەتچىلىك ۋە ئىندىۋىدۇئاللىققا ئېلىپ بارىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز مۇناسىۋەتلىرىگە ياكى پايدىلىق ئارقا كۆرۈنۈشلىرىگە تايىنىپ ئادالەتسىزلىك بىلەن پايدىلىق شارائىتلارغا ئېرىشىۋالىدىغان بىر دۇنياغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال سىزنى ھەقىقەتەنمۇ بىزار قىلىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنى ئاشۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان قوغدىغۇچى، دەپ ھېسابلايسىز. ھازىرقى ئالاھىدە ھوقۇق بىلەن تولغان دۇنياغا قارىمۇ-قارشى ھالدا، سىز قائىدە-تۈزۈملەر ئېنىق بولغان، ھەمدە قانۇن-تۈزۈملەر ھەممە ئادەملەر ئۈچۈن ئوخشاش بولغان بىر بىردەكلىككە ئىگە مۇھىتتا كىشىلەر ئۆز رولىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ، دەپ قارايسىز. پەقەت مۇشۇنداق بىر مۇھىتتىلا كىشىلەر نېمىنى ئۈمىد قىلالايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەلەيدۇ. ئاشۇنداق مۇھىتتىلا ئىشلارنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى، ئىشلارنى ئادىللىق بىلەن ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، ھەمدە ھەر بىر ئادەم ئوخشاش پۇرسەتكە ئىگە بولۇپ، ئۆز قىممىتىنى ھەقىقىي تۈردە جارى قىلدۇرالايدۇ.

بىر مەيداننى تۈزلىگۈچى بولالايدىغان خىزمەتنى ئىزدەڭ. ئۆزىڭىزنىڭ خىزمەت ئورنىدا ياكى ئۆز جەمئىيىتىڭىزدە، پايدىسىز ئورۇندا تۇرۇپ قالغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان بىر شارائىتنى يارىتىپ بېرىشتىكى بىر ئۈنۈملۈك لىدېر بولۇشقا تىرىشىڭ. قائىدە-ئۆلچەملەرنىڭ ئادىل ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر ئورۇندا ئىشلەشكە تىرىشىڭ.

(12) ئارقا كۆرۈنۈش (Context)

سىز بۇرۇنقى ئىشلارغا قارايسىز، چۈنكى، نۇرغۇن سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردىن تېپىلىدۇ. سىز بۈگۈننى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۆتمۈشكە قارايسىز. سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە، ھازىر مۇقىم ئەمەس بولۇپ، ئۇ ھەر خىل رىقابەتلەشكۈچى ئاۋازلارنىڭ قالايمىقان ۋارقىراش-جاقىراشلىرىدىنلا ئىبارەت. كۆڭلىڭىزنى بۇرۇنقى بىر ۋاقىتقا، مەسىلەن پىلانلار تۈزۈلگەن ۋاقىتقا بۇرىغان ۋاقىتتىلا، ھازىرقى ئەھۋاللار سەل مۇقىملىشىدۇ. بۇرۇنقى ۋاقىتلار ئاددىي-ساددا ۋاقىتلار ھېسابلىنىدۇ. لاھىيىلەش ۋاقتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىز بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا نەزەر سالغىنىڭىزدا، ئاشۇ لاھىيىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. ئەسلىدىكى مەقسەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايسىز. ئاشۇ لاھىيىلەر ياكى مەقسەتلەر كېيىنچە باشقىچە پەردازلىنىپ كېتىپ، تونۇغۇلى بولمايدىغان بولۇپ قالغان. ئەمما سىزدىكى ئارقا كۆرۈنۈش تالانتى ئەمدى ئۇلارنى قايتىدىن ئېچىپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق چۈشىنىش سىزدە ئىشەنچ پەيدا قىلىدۇ. سىز ئاساسىي قۇرۇلمىنى چۈشەنگەنلىكىڭىز ئۈچۈن، چۈشەنچىدە قالايمىقانلاشماي، ياخشىراق قارارلارنى ئالالايسىز. خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ئۆتمۈشىنى ياخشى چۈشەنگەنلىكىڭىز ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن ياخشى ھەمكارلىشىلايسىز. ئۆتمۈشنى ياخشى چۈشەنگەنلىكىڭىز ئۈچۈن، كەلگۈسى توغرىسىدا تېخىمۇ توغرىراق ھۆكۈم چىقىرالايسىز. يېڭى ئادەملەر ۋە يېڭى ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە، سىزنىڭ ئۇلارغا ئۆزىڭىزنى توغرىلىشىڭىز ئۈچۈن بىر ئاز ۋاقىت كېتىدۇ، ئەمما سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن بۇ ۋاقىتنى چوقۇم ئاجرىتىشىڭىز كېرەك. سىز چوقۇم بۇرۇنقى ئادىتىڭىز بويىچە سوئال سوراپ، ئەسلىدىكى پىلاننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى قولغا كەلتۈرىسىز، چۈنكى، ئەھۋالنىڭ قانداق ئەھۋال ئىكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر سىز ئەسلىدىكى لاھىيە-پىلانلارنى كۆرمىگەن بولسىڭىز، ئۆزىڭىز چىقارغان قارارلارغا تولۇق ئىشەنچ قىلالمايسىز.

سىزنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش تالانتىڭىز سىزدىن ئۆتمۈشتىكى ۋاقىتتا ياشاشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، سىز ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىر ئاكتىپ ۋەكىلى بولالايسىز. سىزنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشكە بولغان تەبىئىي تۇيغۇڭىز ئارقىلىق، سىز ئۆتمۈشتىكى قايسى ئىشلارنى ئۇنتۇپ، قايسى ئىشلارنى ئەستە ساقلاش كېرەكلىكىنى باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە قارىغاندا ياخشىراق پەرق ئېتەلەيسىز.

(13) مۇلاھىزە قىلىش ياكى سالماقلىق (Deliberative)

سىز ئېھتىياتچان ۋە سەگەك كېلىسىز، ھەمدە كىشىلەرگە ئانچە سىر بەرمەيسىز. سىزنىڭ قارىشىڭىزچە، بۇ دۇنيا بىر ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ماكان. ھەممە ئىشلار تەرتىپلىك كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما چوڭقۇرلاپ تەكشۈرسە نۇرغۇن يوشۇرۇنغان خەتەرلەرنى بايقىغىلى بولىدۇ. بۇنداق خەتەرلەرنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئورنىغا، سىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىسىز. شۇنىڭدىن كېيىنلا ھەر بىر خەتەرنى تونۇۋالغىلى، باھالىغىلى، ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئازايتقىلى بولىدۇ. دېمەك، سىز بىر ناھايىتى ئەستايىدىل ئادەم بولۇپ، تۇرمۇشقا ئۆزىڭىزنى مەلۇم دەرىجىدە تۇتىۋالغان ھالدا مۇئامىلە قىلىسىز. مەسىلەن، سىز ئىشلارنى ئالدىن پىلانلاپ، قانداق مەسىلىلەرگە يولۇقۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىۋېلىشنى ياخشى كۆرىسىز. سىز دوستلىرىڭىزنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللايسىز، ھەمدە پاراڭلار خۇسۇسىي ئىشلارغا يۆتكەلگەندە ئۆزىڭىزنىڭ ئايرىم مەسلىھەتچىسىدىن باشقا ئادەملەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرمايسىز. باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ھەددىدىن زىيادە ماختاپ كېتىش ۋە ئېتىراپ قىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىسىز. سىزنىڭ باشقىلاردەك ئىنتايىن قىزغىن ئەمەسلىكىڭىزدىن بەزى كىشىلەر سىزنى ياقتۇرمايدىكەن، سىز ئۇلارغا پەرۋا قىلمايسىز. سىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھايات بىر ئابروي تالىشىش مۇسابىقىسى ئەمەس. سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە، ھايات بىر مىنا كۆمۈلگەن رايونغا ئوخشايدۇ. ئەگەر شۇنداق تاللىسا، باشقىلار ئۇنىڭدىن بىخەستەلىك قىلىپ يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ كېتەلىشى مۇمكىن، ئەمما سىز باشقىچە يول توتۇسىز. سىز خېيىم-خەتەرلەرنى تېپىپ چىقىسىز، ئۇلارنىڭ نىسبىي خەتەرلىك دەرىجىسىنى ئايرىپ چىقىسىز، ئاندىن پۇتىڭىزنى سالماقلىق بىلەن يەرگە قويىسىز. سىز ئېھتىياتچانلىق بىلەن ماڭىسىز.

سىز تەبىئىي ھالدا توغرا ھۆكۈم چىقىرىسىز. شۇڭلاشقا باشقىلارغا مەسلىھەت ۋە نەسىھەت بېرىدىغان بىر خىزمەت تېپىشقا تىرىشىڭ. بولۇپمۇ سىز بىر قانۇن شىركىتىدە سودا كىلىشىملىرى تەييارلاش ۋە قانۇن-قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىشىڭىز مۇمكىن.

(14) تەرەققىي قىلدۇرغۇچى (Developer)

باشقىلاردىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى كۆرەلەيسىز. ئەمەلىيەتتە، كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا سىزنىڭ باشقىلاردا كۆرىدىغىنىڭىز ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىنلا ئىبارەت بولىدۇ. سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە، ھېچ كىم تولۇق شەكىللىنىپ بولغان ئەمەس. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ھەر بىر ئادەم يەنىلا ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش باسقۇچىدا بولۇپ، ئۇلاردىكى مۇمكىنچىلىكلەر تېخىچە ھايات. سىز مۇشۇ سەۋەبتىن كىشىلەرنى ئۆزىڭىزگە جەلب قىلىسىز. سىز باشقىلار بىلەن ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتتە بولغاندا، سىزنىڭ نىشانىڭىز ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىش بولىدۇ. سىز باشقىلارنى قىيىن ئۆتكەللەرگە جەڭ ئېلان قىلدۇرىدىغان پۇرسەتلەرنى ئىزدەيسىز. سىز باشقىلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچلىرىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا ۋە باشقىلارنى يەنىمۇ يۇقىرى ئۆرلىتىشكە ئېلىپ بارىدىغان يېڭى-يېڭى پۇرسەتلەرنى بارلىققا يارىتىپ بېرىسىز. مۇشۇ جەرياندا، باشقىلارنىڭ ئازراق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغىنى، مەسىلەن، ئۆگەنگەن ياكى ئۆزگەرتكەن بىر ئىشى، بىر ئىقتىداردىكى ئازراق ئىلگىرىلىشى، ياخشىلىنىشقا قاراپ ئالغان بىر قەدىمى، ياكى توختاپ قالغان ئورنىدىن قۆزغىلىشىنىڭ ھەممىسى سىز ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆز يوشۇرۇن كۈچلىرىنى جارى قىلدۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باشقىلاردىكى ئانا مۇشۇنداق يۈكسىلىشلەر سىزگە مەنىۋى ئۇزۇق بولىدۇ. ئۇلار سىزنىڭ ئىرادىڭىزنى كۈچەيتىدۇ ۋە سىزنى مەمنۇن قىلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن سىزنىڭ قېشىڭىزغا ياردەم سوراپ كېلىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ ماڭىدۇ، چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ باشقىلارغا ياردەم قىلىشىڭىزنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىڭىزگە بىر خىل مەمنۇنىيەتلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

سىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىڭىز باشقىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولىدىغان بىر خىزمەتنى ئىزدەڭ. ئوقۇتقۇچى، چېنىقتۇرغۇچى ياكى باشلىق بولۇش سىزگە ئەڭ زور رازىلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

(15) ئىنتىزامچانلىق (Discipline)

سىزنىڭ ھەممە ئىشىڭىز ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك. ئۇلار رەتلىك تىزىلىشى ۋە پىلانلىنىشى كېرەك. شۇڭلاشقا سىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭىز تەبىئىي ھالدا بىر قۇرۇلمىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ. سىز ۋەزىپىلەرنىڭ ۋاقىت جەدۋېلى ۋە ئۇلارنى ئورۇنداپ بولۇش ۋاقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىسىز. سىز ھەر بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك پروجەكت (قۇرۇلۇش، ۋەزىپە ياكى تەتقىقات تۈرى) نى بىر قانچە كىچىك پىلانلارغا بۆلۈپ، ھەر بىر پىلاننى ئىجتىھات بىلەن ئىشقا ئاشۇرىسىز. سىزنىڭ رەتلىك ۋە پاكىز بولۇشىڭىز ناتايىن، بىراق ئىشنى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىلىك توغرىلىق بىلەن قىلىسىز. تۇرمۇشنىڭ ئەسلىدىن بار بولغان قالايمىقانچىلىقلىرىغا يولۇققاندا، ئۇلارنى ئۆزىڭىز كونترول قىلىۋاتقان تۇيغۇدا بولۇشنى ئىستەيسىز. مەزكۇر تالانتى يوق كىشىلەر بەزىدە سىزنىڭ ھەممە ئىشنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش ئېھتىياجىڭىزغا نارازى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىز بىلەن ئۇلارنىڭ نارازىلىقى ئوتتۇرىسىدا ھېچ قانداق ئىختىلاپ يوق. ھەممە ئادەملەرنىڭ سىزنىڭ ئالدىن پەرەز قىلالايدىغان بولۇش ئېھتىياجىڭىزنى تونۇپ يېتەلەيدىغان بولۇشى ناتايىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش بېجىرىشتە ئۆزىگە چۇشلۇق باشقا ئۇسۇللىرى بار بولىدۇ، شۇڭا سىز بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشىنىشىڭىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىز ئۇلارنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ بىر قۇرۇلمىغا بولغان ئېھتىياجىڭىزنى چۈشىنىۋېلىشىغا ۋە ئۇنى قەدىرلىشىگە ياردەم قىلسىڭىز بولىدۇ. سىزنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرنى ياخشى كۆرمەسلىكىڭىز، خاتالىقلارغا بولغان تاقەتسىزلىكىڭىز، تەرتىپلىك بولۇشىڭىز، ۋە ھەر بىر ئىشنىڭ تەپسىلاتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز باشقىلار تەرىپىدىن «كىشىلەرنى بىر ساندۇققا سۇلاپ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكىتىنى كونترول قىلىش» دەپ خاتا چۈشۈنىلمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، سىزنىڭ يۇقىرىقىدەك مىجەزىڭىز، ئادەمنىڭ دىققىتىنى چاچىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ يۈز بېرىۋاتقان بىر دۇنيادا، ئۆزىڭىزنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزنى ۋە ئىشىڭىزنى ئۈنۈملۈك قىلىشىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان تەبىئىي مېتودىڭىز بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى مۇشۇ بويىچە چۈشىنىشى كېرەك.

يېڭى سودا توختامىنى قولغا كەلتۈرۈش، ناھايىتى مۇھىم سودا مۇناسىۋەتلىرىنى بېجىرىش، ۋە ئىقتىسادىي ھۆججەتلەردىكى خاتالىقلارنى تېپىپ چىقىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىغان خىزمەتنى ئىزدەڭ. مۇشۇنداق خىزمەت ئورنىدا سىز ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ، باشقىلارغا دۆتتەك كۆرۈنۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.

(16) ئورتاقلىق (Empathy)

ئەتىراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىنى تۇيىلايسىز. خۇددى ئۇلارنىڭ ھېسسىياتى سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىزدەك، ئۇلارنىڭ ھېس قىلىۋاتقىنىنى سىزمۇ ھېس قىلالايسىز. بىۋاستە تۇيغۇغا تايىنىپ، دۇنيانى ئۇلارنىڭ كۆزى ئارقىلىق كۆرەلەيسىز، ھەمدە چۈشەنچە جەھەتتە ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشالايسىز. سىزنىڭ ھەر بىر ئادەمنىڭ كۆز-قارىشىغا قوشۇلۇپ كېتىشىڭىز ناتايىن. ھەر بىر ئادەمنىڭ قىيىن ئەھۋاللىرىغا ھېسداشلىق قىلىپ كەتمەسلىكىڭىزمۇ مۇمكىن—باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىش ھېسداشلىق (sympathy) بولىدۇ، ئورتاقلىق بولمايدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ تاللاشلىرىنى كەچۈرۈم قىلىشىڭىز ناتايىن، ئەمما سىز ئۇلارنى توغرا چۈشىنىسىز. بۇنداق بىۋاستە تۇيغۇغا تايىنىپ توغرا چۈشىنىش قابىلىيىتى ئىنتايىن كۈچلۈك قابىلىيەتتۇر. سىز سورالمىغان سوئاللارنى ئاڭلايسىز. باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلەيسىز. باشقىلار توغرا سۆزلەرنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، سىز توغرا سۆزلەر بىلەن توغرا ئاھاڭنى ئاسانلا تاپالايسىز. سىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆز ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەشتىكى توغرا سۆزلەرنى تېپىشىغا ياردەم قىلىسىز. باشقىلارنىڭ ئۆز روھىي ھالىتىنى توغرا چۈشەندۈرۈشىگە ياردەم قىلىسىز. مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، سىز باشقىلارنى ئۆزىڭىزگە جەلب قىلىسىز.

باشقىلارغا سىرداشچى ۋە ئۇستاز بولۇشنى ئويلىشىپ بېقىڭ. باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسى سىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسە بولغاچقا، كىشىلەر بىرەر ئېھتىياج بىلەن تارتىنمايلا سىزنى ئىزدەپ كېلەلەيدۇ. ئۇلار سىزنىڭ ھەر دائىم باشقىلارغا سەمىمىيەتلىك بىلەن ياردەم قىلىش ئىستىكىڭىزنى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە قەدىرلىنىدۇ.

(17) زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈش--فوكۇس (Focus)

ئۆز-ئۆزىڭىزدىن «مەن نەگە كېتىۋاتىمەن» دەپ ھەر كۈنى سوراپ تۇرىسىز. زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈش تالانتىڭىزنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆزىڭىزگە چوقۇم بىر ئېنىق نىشان تۇرغۇزىسىز. ئەگەر سىزدە ئېنىق نىشان بولمايدىكەن، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز ۋە خىزمىتىڭىز بىر دەمدىلا زېرىكىشلىك بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا سىز ھەر ھەپتە، ھەر ئاي ۋە ھەر يىلدا ئۆزىڭىز ئۈچۈن نىشان تۇرغۇزىسىز. بۇ نىشانلار سىز ئۈچۈن بىر كومپاسلىق رولىنى ئوينايدۇ. ئۇلار سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە تىزىپ چىقىشىڭىز ۋە يولدىن چەتنەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ. سىزنىڭ فوكۇسىڭىز ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ سىزنى قىلىدىغان ئىشلارنى سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈشكە قىستايدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ بىۋاستە تۇيغۇسىغا تايىنىپ، مەلۇم بىر ئىشنىڭ سىزنى ئۆز نىشانىڭىزغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ياكى يېقىنلاشتۇرمايدىغانلىقىنى باھالاپ چىقىشقا قىستايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ئۆزىڭىزگە پايدىلىق بولمىغان ئىشلاردىن ۋاس كېچىسىز. سىزنىڭ فوكۇسىڭىز يەنە سىزنى ئىشلارنى ئۈنۈملۈك قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز تەبىئىي ھالدا كېچىكىش، توسقۇنلۇق ۋە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەرگە تاقەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالىسىز. بۇ خىل ئەھۋال سىزنىڭ بىر توپ ئادەملەر بىلەن ناھايىتى ياخشى ھەمكارلىشىپ ئىشلىيەلەيدىغان ئىنتايىن قەدىرلىك بىر ئادەم بولۇشىڭىزغا ئېلىپ بارىدۇ. باشقىلار توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەندە، سىز ئۇلارنى ئىزىغا چۈشۈرۈپ قويىسىز. ئەگەر بىر ئىش باشقىلارنى ئۆز نىشانىغا قاراپ ئىلگىرلەتمەيدىكەن، سىزنىڭ فوكۇسىڭىز ئۇلارغا ئۇ ئىشنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى، ئەگەر ئۇ ئىش مۇھىم بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئۇ ئىش ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپ قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. سىز ھەر بىر ئادەمنى توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىپ تۇرىسىز.

بىر باشلىقنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئەمەس، ئۆز ئالدىڭىزغا مۇستەقىل ئىش ئېلىپ بارىدىغان بىر خىزمەت ئورنىنى ئىزدەڭ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈش تالانتىڭىز بىلەن، بىر كىم سىزنى باشقۇرۇپ تۇرمىسىمۇ، ئىشلارنى ئۆز يولىدا ئېلىپ ماڭالايسىز.

(18) خىيالچان (Futuristic)

«ئەگەر بولغان بولسا، نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھە؟!» سىز ئۇپۇققا تىكىلىپ قاراشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى. سىزنى كەلگۈسى مەپتۇن قىلىدۇ. خۇددى بىر تامغا شولىسى چۈشكەندەك، سىز كەلگۈسىنى تەپسىلىي كۆرىسىز. ھەمدە كەلگۈسىنىڭ ئاشۇنداق تەپسىلىي مەنزىرىسى سىزنى ئالغا، ياكى ئەتىگە ئىنتىلدۈرىدۇ. سىزنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. سىز بىر خىيالپەرەس بولۇپ، ئۆزىڭىزنى بۇنىڭدىن كېيىن نېمە بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى كىم ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بىرسى ھېسابلايسىز. ئەگەر ھازىرقى ئەھۋاللار ناھايىتى زېرىكىشلىك، ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەر بەك ئەمەلىيەتچان بولىدىكەن، سىز سېھرىگەرلىك بىلەن كەلگۈسى توغرىسىدا بىر چۈشەنچىنى ئويلاپ چىقىسىز. ئاندىن بۇ چۈشەنچە سىزنى روھلاندۇرىدۇ. سىز باشقىلارنىمۇ روھلاندۇرالايسىز. ئەمەلىيەتتە، كىشىلەر دائىم سىزدىن كەلگۈسى ھەققىدىكى ئويلىرىڭىزنى سۆزلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ روھىنى كۆتۈرىدىغان نەرسىلەرنى ئىستەيدۇ. سىز ئۇلارنى ئاشۇنداق ئوي-پىكىرلەر بىلەن تەمىنلەيسىز. سىز شۇنداق قىلىشنى پراكتىكا قىلىسىز. سۆزلەرنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللايسىز. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىڭىز سۆزلەيدىغان ئىشلارنى ئىمكانقەدەر ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جانلىق قىلىشقا تىرىشىسىز. كىشىلەر سىز تەمىنلىگەن ئۈمىدۋارلىققا ئۆزلىرىنى باغلىۋېلىشنى ئىستەيدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى ئىدىيىلىرىڭىزنى تەمىن ئېتەلەيدىغان بىر خىزمەت ئورنىنى ئىزدەڭ. مەسىلەن، سىز بىر يېڭى شىركەت قۇرۇش ئىشلىرىدا ناھايىتى ياخشى رول ئوينىشىڭىز مۇمكىن. ئۆزىڭىزنىڭ خىيالچان بولۇش تالانتى بىلەن بىر ياخشى يول باشلامچى ياكى ئۇستاز بولۇپ چىقىشىڭىز مۇمكىن.

(19) قوشۇلۇش (Harmony)

بۇ تالانتنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ئىنگلىزچە « adaptability » دەپ ئاتىلىدىغان ماسلىشىش دېگەن تالانتقا ئوخشاپ كېتىدىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، ئىنگلىزچە « adaptability » دېگەن سۆزنىڭ ئىنگلىزچە لۇغەتتىكى مەنىسى «يېڭى ياكى يېڭى ئۆزگەرگەن ئەھۋاللارغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزگىرىش ياكى ئۆزگەرتىلىش ئىقتىدارى» (the ability to change or be changed to fit changed circumstances). ئىنگلىزچە «harmony» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بولسا، «تۇيغۇ ۋە پىكىردە باشقىلار بىلەن بىردەك بولۇش ياكى باشقىلارغا قوشۇلۇش» (agreement in feeling or opinion) دىن ئىبارەت.

سىز باشقىلار بىلەن بىردەك بولالايدىغان ساھەلەرنى ئىزدەيسىز. سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە توقۇنۇش ۋە سۈركىلىش ئانچە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ، شۇڭا سىز ئۇلارنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشقا تىرىشىسىز. ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ سىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئىدىيىسى بارلىقىنى بىلگەندە، سىز بىر-بىرىنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىدىيىلەرنى تېپىشقا تىرىشىسىز. سىز ئۇلارنى توقۇنۇشتىن يىراقلاشتۇرۇش ۋە ئۆز-ئارا قوشۇلۇشقا يېقىنلاشتۇرۇش يولىنى تۇتىسىز. ئەمەلىيەتتە، قوشۇلۇش سىزنىڭ يېتەكچى ئورۇندىكى قىممەت قاراشلىرىڭىزنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىز كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىدىيىلىرىنى باشقىلارغا تېڭىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەلمەي قالىسىز. بىز ھەممىمىز ئۆز ئىدىيىلىرىمىزنى باشقىلارغا تاڭماي، ئۇنىڭ ئورنىغا ئورتاقلىقنى ئىزدىسەك، ھەمدە بىر-بىرىمىزنى قوللىساق تېخىمۇ بەك ئۈنۈملۈك ئادەملەردىن بولالمايمىزمۇ؟ سىز ئۈچۈن بۇ سوئالنىڭ جاۋابى «شۇنداق» بولۇپ، سىز ئاشۇنداق بىر ئېتىقاد بىلەن ياشايسىز. باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ نىشانلىرى، تەشەببۇسلىرى ۋە مۇستەھكەم پىكىرلىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ يۈرگەندە، سىز ئۆزىڭىزنىڭ جىم-جىتلىقىنى ساقلايسىز. باشقىلار مەلۇم بىر يۆنىلىشكە قاراپ يولغا چىققاندا، ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ سىزنىڭكى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالماسلىقى شەرتى ھەمدە ئۆز رازىلىقىڭىز بىلەن، بىرلىكنى ساقلاش روھى ئاستىدا، ئۆزىڭىزنىڭ نىشانىنى ئۇلارنىڭكى بىلەن بىرلىشەلەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىسىز . باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ نەزەرىيىسى ياكى ئۇقۇمى توغرىسىدا بىر مەيدان مۇنازىرە باشلىماقچى بولغاندا، سىز ئۆزىڭىزنى مۇنازىرىدىن يىراق تۇتۇپ، ئۆز-ئارا بىرلىككە كېلەلەيدىغان ئەمەلىي ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشىشنى ياخشى كۆرىسىز. سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە بىز ھەممىمىز ئوخشاش بىر سەپتىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۆز نىشانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇ سەپنى ساغلام تۇتىشىمىز كېرەك. بۇ سەپ ناھايىتى قىممەتلىك. سىزنىڭ «مەن قىلسام سەن نېمە قىلالايتىڭ» دېگەننى بىر كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈنلا بۇ سەپنى ۋەيران قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

ھەر كۈنى باشقىلار بىلەن قارشىلاشمىسا بولمايدىغان بىر خىزمەت ئورنىدىن ساقلىنىڭ. شىركەتنىڭ خېرىدارلىرى بىلەن ھەپىلىشىدىغان ياكى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىلىك رىقابەتلىشىش جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئورۇندا ئىشلىسىڭىز سىز زېرىكىپ ياكى خاپىچىلىققا چىدىيالماي قالىسىز.

(20) ئىدىيەخۇمار (Ideation)

سىز ھەر خىل ئىدىيىلەرگە مەستانە بولىسىز. ئىدىيە دېگەن نېمە؟ ئىدىيە دېگەن بىر ئۇقۇم، كۆپۈنچە ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈلۈشى. سىز بىر مۇرەككەپ تاشقى كۆرۈنۈشنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇلغان ھادىسىلەرنى ئۇستىلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ئاددىي ئۇقۇملارنى ئۇچراتقاندا ئىنتايىن خوشال بولۇپ كېتىسىز. بىر ئىدىيە بىر باغلىنىشتىن ئىبارەت. سىزدىكى ئىدىيە داۋاملىق ھالدا شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشلارنى ئىزدەيدىغان بىر ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇپ، بىر-بىرىگە ئازراقمۇ ئوخشىمايدىغان ھادىسىلەرنى ئۆز-ئارا باغلاپ تۇرىدىغان مۈجمەل باغلىنىشلارنى ئۇچراتقاندا، سىز ئۇلارغا باشقىچە قىزىقىپ كېتىسىز. ئىدىيە بىر ناھايىتى تونۇشلۇق بولغان قىيىن مەسىلە ھەققىدىكى بىر يېڭى نەزەر. سىز بىز بىلىدىغان دۇنيانى بىر باشقىچە غەلىتە نۇقتىدا تۇرۇپ، كىشىلەرنى باشقىچە خوشاللاندۇرىدىغان قىلىپ چۈشەندۈرۈشتىن ناھايىتىمۇ ھوزۇرلىنىسىز. سىز مەنىسى چوڭقۇر، يېڭى، قىيىن مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش كۈچى كۈچلۈك، بۇرۇنقى ئىدىيىلەرگە قارىمۇ-قارشى، ۋە ناھايىتى غەلىتە ئىدىيىلەرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىسىز. شۇڭلاشقا سىز بىر يېڭى ئىدىيىنى ئۇچراتقاندا باشقىچە روھلىنىپ كېتىسىز. باشقىلار سىزگە ئىجاتچان، يېڭىلىق ياراتقۇچى، ئۇقۇمغا باي، ياكى بەك ئەقىللىق، دەپ قارىشى مۇمكىن. سىزدە ئاشۇنداق ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى بار بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنى كىم بىلسۇن؟ ئەممە سىزنىڭ بىلىدىغىنىڭىز، يېڭى ئىدىيىلەر كىشىنى ئىنتايىن چوڭقۇر ھاياجانغا سالىدىغان نەرسىدۇر.

سىزنىڭ ئىدىيىلىرىڭىزنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە ئۇلارغا ھەق بېرىدىغان بىر خىزمەت ئورنىنى تېپىڭ. مەسىلەن، مەھسۇلاتلارنى بازارلاش (يېڭى مەھسۇلاتلارنى خېرىدارلارغا تونۇشتۇرۇش)، ئېلانچىلىق، ئاخباراتچىلىق، لاھىيىلەش، ياكى يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار. سىز بىر تەتقىقات ۋە تەرەققىيات خىزمەت ئورنىغا تەبىئىي ھالدا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىسىز.

(21) ئىچىگە ئالغۇچى (Includer)

«چەمبىرەكنى چوڭراق قىلىڭ. » مانا بۇ سىزنىڭ ھايات پەلسەپىڭىز. سىز كىشىلەرنى ئۆزىڭىزگە قوشىۋېلىپ، ئۇلارنى سىزنىڭ گۇرۇپپىڭىزنىڭ بىر ئەزاسىدەك تۇيغۇغا ئىگە قىلىشنى ئىستەيسىز. سىز باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە قاتمايدىغان گۇرۇپپىلاردىن يىراق تۇرىسىز. سىز ئۆزىڭىزنىڭ گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدىن ئىمكانقەدەر كۆپرەك كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆز گۇرۇپپىڭىزنى كېڭەيتىپ مېڭىشنى ئىستەيسىز. سىز گۇرۇپپىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ، گۇرۇپپىنىڭ ئىچىدىكىلەرگە باھا بېرىشنى ئۆچ كۆرىسىز. ئۇلارنى گۇرۇپپىنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ، ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىنىڭ ئىچىدىكى ئىللىقلىقنى بىۋاستە ھېس قىلىۋېشىنى ئىستەيسىز. سىز باشقىلارنى تەبىئىي ھالدا قوبۇل قىلىدىغان بىر ئادەم. باشقىلارنىڭ مىللىتى، جىنسى، مىجەزى ياكى ئېتىقادىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىز ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارمايسىز. باشقىلار توغرىسىدا چىقىرىلغان ھۆكۈم ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ. ئەگەر سىز مەجبۇرلانمىسىڭىز نېمە ئۈچۈن ئۇنداق قىلىسىز؟ سىزنىڭ باشقىلارنى ئەينەن قوبۇل قىلىش تەبىئىتىڭىز، كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولىدىغانلىقى، ھەمدە بىزنىڭ ئاشۇنداق ئوخشىماسلىققا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدىكى چۈشەنچىگە ئاساسلانغان بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئەكسىچە، تۈپ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەممە ئادەملەر ئۆز-ئارا باراۋەر، دېگەن ھەقىقەتكە بولغان قايىللىقىڭىزدىن كېلىپ چىققان. بىز ھەممىمىز ئوخشاش دەرىجىدە مۇھىم. شۇڭلاشقا، ھېچ قانداق بىر ئادەم ئېتىبارسىز قارالماسلىقى كېرەك. ھەر بىر ئادەمنى ئۆز ئىچىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. بۇ ھەممىمىز ئېرىشەلەيدىغان بىر نەرسە بولىشى كېرەك.

ئادەتتە ئاۋازى ئاڭلانمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئاۋازىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر خىزمەت ئورنىنى تېپىڭ. سىز ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ باياناتچىسى بولۇش بىلەن ئۆز-ئۆزىڭىزگە ناھايىتى رازى بولىسىز. ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە كىشىلەرنى بىر يەرگە ئەكىلىدىغان پۇرسەتلەرنى ئىزدەڭ. سىز مۇشۇ ساھەدە بىر لىدېر بولالايسىز. سىز دائىم كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىشىدىغان ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان روللارنى تاللاڭ. سىز ھەر بىر ئادەمنى «مەن ناھايىتى مۇھىم ئادەم» دېگەن ھېسسىياتقا ئەكىلىدىغان ئىشلاردىن ناھايىتى ھوزۇرلىنىسىز.

(22) خاسلىقنى ساقلاپ قېلىش (Individualization)

سىزنىڭ خاسلىقنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىش تالانتىڭىز تۈپەيلىدىن، سىز ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزگىچە سۈپەتلىرىگە ھەيران قالىسىز. ئادەملەرنى بىر تاياقتا ھەيدەش ياكى ئۇلارنى تۈرگە ئايرىشنى ياقتۇرمايسىز، چۈنكى سىز ھەر ئادەمنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشنى خالىمايسىز. ئۇنىڭ ئورنىغا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرگە ئەھمىيەت بېرىسىز. سىز تەبىئىي ھالدا ھەر بىر شەخسنىڭ ئىش بېجىرىش ئۇسلۇبى، ھەر بىر شەخسنىڭ مەقسىتى، ھەر بىر ئادەمنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقى، ۋە ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى قانداق بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقىنى كۆزىتىسىز. ھەر بىر شەخسنىڭ ھاياتىدىكى ئۆزىگە خاس ھېكايىلەرنى ئاڭلايسىز. سىزنىڭ مۇشۇ تالانتىڭىز سىزنىڭ ئۆز دوستلىرىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە نېمە ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق سوغىلارنى تاللاپ ئالالايدىغانلىقىڭىز، ھەمدە سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ كۆپ كىشىلەر ئالدىدا ماختىلىشنى ياخشى كۆرسە، يەنە بىر ئادەمنىڭ ئۇنداق ئىشلارنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. سىز باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆزىتىشكە ئاشۇنداق ئۇستا بولغاچقا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەپلىرىنى بايقىيالايسىز. سىزنىڭ مۇشۇ تالانتىڭىز سىزنى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك قوشۇنلارنى قۇرۇپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بەزىلەر بىر مۇكەممەل قوشۇننىڭ قۇرۇلمىسىنى ياكى ئۇنى قۇرۇپ چىقىش جەريانىنى ئىزدەپ يۈرگەن بولسا، سىز تەبىئىي ھالدا بىر ئۇلۇغ قوشۇن قۇرۇپ چىقىشنىڭ سىرى، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى ياخشى قىلىدىغان ئىشلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە كۆپلەپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلىسىز.

سىزنىڭ خاسلىقنى ساقلاپ قېلىش تالانتىڭىز تولۇق جارى بولىدىغان ۋە ئېتىراپ قىلىنىدىغان بىر كەسىپنى تاللاڭ. مەسىلەن، مەسلىھەتچىلىك، يېتەكچىلىك، ئوقۇتقۇچىلىق، ئىنسانلارنىڭ قىزىقىشلىرى ھەققىدىكى يېزىقچىلىق، ياكى سېتىقچىلىق. سىزنىڭ كىشىلەرگە ئۆزگىچە شەخس قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش ئىقتىدارىڭىز بىر ئالاھىدە تالانت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

(23) كىرگۈزۈش (Input)

سىز ھەممە ئىشنى بىلگۈسى كېلىدىغان ئادەم. سىز ھەممە نەرسىلەرنى يىغىسىز. سۆزلەر، پاكىتلار، كىتابلار ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يىغىشىڭىز مۇمكىن. ياكى بولمىسا كېپىنەك، قورچاق ياكى قېنىق قوڭۇر رەڭلىك رەسىملەر قاتارلىق ئەمەلىي نەرسىلەرنى يىغىشىڭىز مۇمكىن. سىزنىڭ نېمىلەرنى يىغىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار سىزنى قىزىقتۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن سىز ئۇلارنى يىغىسىز. سىزدىكى كۆڭۈل شۇنچە كۆپ نەرسىلەر سىزنى قىزىقتۇرىدىغان كۆڭۈلدۇر. دۇنيانىڭ چەكسىز رەڭدار بولۇشى ۋە مۇرەككەپ بولۇشى دەل سىزنى ھاياجانغا سالىدىغان نەرسىلەردۇر. سىزنىڭ كىتابنى كۆپ ئوقۇشىڭىز ئۆز نەزەرىيىلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بولماستىن، ئۆز ئىسكىلاتىڭىزغا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى يىغىش ئۈچۈن بولىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر سىز ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇ ھەر بىر يېڭى جاينىڭ سىزنى نۇرغۇنلىغان ئاسار ئەتىقە ۋە يېڭى نەرسىلەر بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقىدىندۇر. بۇ نەرسىلەر سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويغىلى بولىدىغان نەرسىلەردۇر. ئۇلارنى ساقلاپ قويۇشنىڭ نېمە قىممىتى بار؟ ئۇلارغا يېڭى ئەرىشكەندە، بۇ نەرسىلەرنىڭ قاچان ۋە نېمىگە لازىم بولىدىغانلىقى ئانچە ئېنىق بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن ئۇلار بىر كۈنى لازىم بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. ئاشۇنداق ئېھتىماللىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، سىز ئۇلارنى تاشلىۋېتىشنى زادىلا خالىمايسىز. ھەمدە ھەر خىل نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش، رەتلەپ چىقىش ۋە ساقلاپ قويۇشنى داۋاملاشتۇرىسىز. بۇ سىز ئۈچۈن ناھايىتى قىزىقارلىق ئىش. ئۇ كۆڭلىڭىزنى يېپيېڭى ساقلايدۇ. شۇنداقلا بىر كۈنى ئۇلارنىڭ بىر قىسمى سىزگە لازىم بولۇپ قالىدۇ.

سىز ھەر كۈنى يېڭى ئۇچۇر يىغىشقا مەسئۇل بولىدىغان ئوقۇتقۇچىلىق، تەتقىقات ياكى ئاخباراتچىلىققا ئوخشاش بىر خىزمەت ئىزدەڭ. سىز تەبىئىي ھالدا بىر داڭلىق پاكىت، سانلىق مەلۇمات ۋە ئىدىيىلەر ئامبىرى بولالىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا سىز ئۆزىڭىزنى مۇشۇ ساھەدىكى بىر مۇتەخەسسىس قىلىپ يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ كىرگۈزۈش تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپلا، سىز ئۆز كەسپىڭىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق بىر ئادەم بولۇپ چىقالىشىڭىز مۇمكىن.

(24) ئەقلىي پائالىيەتچانلىق (Intellection)

بۇ تالانتنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمىنى ئىنگلىزچە لۇغەتتىنمۇ ئىزدەپ تاپالمىدىم. ئۇنىڭ تەسۋىرلىنىشىگە ئاساسەن، ئۇنى ئۇيغۇرچىدا «ئەقلىي پائالىيەتچانلىق» دەپ ئالدىم (ئىنگلىزچە «intellect» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «ئۆگىنىش ۋە ئاساسلاش ئىقتىدارى، بىلىم ئىگىلەش ۋە چۈشىنىش قابىلىيىتى» دىن ئىبارەت).

سىز تەپەككۇر قىلىشنى، ۋە روھىي پائالىيەتلەرنى ياخشى كۆرىسىز. مېڭىڭىزنىڭ «مۇسكۇل» لىرىنى چېنىقتۇرۇشنى، ئۇلارنى ھەممە يۆنىلىشلەرگە تارتىشنى ياخشى كۆرىسىز. بەزىدە سىزنىڭ روھىي پائالىيىتىڭىز بىر ئىشقا مەركەزلەشكەن بولىدۇ. مەسىلەن، سىز بىر مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولىسىز، بىر ئىدىيىنى ئويلاپ چىقماقچى بولىسىز، ياكى يەنە بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەكچى بولىسىز. زېھنىڭىزنى زادى نېمىگە مەركەزلەشتۈرىدىغىنىڭىز سىزنىڭ قالغان ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزغا باغلىق. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنداق روھىي پائالىيەتلەرنىڭ بىرەر مەركىزى بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. سىزنىڭ ئەقلىي پائالىيەتچانلىق تالانتىڭىز سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى نېمىگە مەركەزلەشتۈرۈشىڭىزنى بەلگىلىمەيدۇ. ئۇ پەقەت سىزنىڭ ئويلاشقا ئامراق ئىكەنلىكىڭىزنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. سىز يالغۇز يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەم، چۈنكى سىز يالغۇز بولغاندىلا ئاندىن چوڭقۇر خىيالغا چۆكەلەيسىز ھەمدە بۇرۇنقى ئىشلار ئۈستىدە ئويلىنالايسىز. سىز ئارتۇق ئويلىنىدىغان ئادەم. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمراھسى، چۈنكى سىز ئۆز-ئۆزىڭىزدىن سوئال سوراپ، ئۇنىڭغا ئۈنلۈك ئاۋازدا جاۋاب بېرىپ، ئاندىن ئۇ جاۋابنىڭ قانداق ئاڭلىنىدىغانلىقىغا قاراپ باقىسىز. سىزنىڭ ئارتۇقچە ئويلايدىغىنىڭىز بەزىدە سىزنى نارازىلىققا ئېلىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن، يەنى سىز ئەمەلىيەتتە قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى كۆڭلىڭىزدىكى ئوي ۋە ئىدىيىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆز-ئۆزىڭىزگە نارازى بولۇپ قالىسىز. ياكى بولمىسا بىر كۈندىكى چوڭ پائالىيەتلەر ياكى بىر كىم بىلەن سۆزلىشىش قاتارلىق ئەمەلىي ئىشلاردىمۇ ئارتۇقچە ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ تالانتىڭىز سىزنى نېمىگە ئېلىپ بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ روھىي غىڭىلداش سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا باشتىن-ئاخىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

پەلسەپە، ئەدەبىيات، ياكى پىسخولوگىيە كەسىپلىرىنىڭ بىرسىدە ئوقۇشنى ئويلىشىپ بېقىڭ. سىز دائىم ئۆزىڭىزنى ئويلاشقا قوزغايدىغان نەرسىلەردىن ياخشى ھوزۇرلىنىسىز. ۋاقىت چىقىرىپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىڭ. سىز ئۈچۈن يېزىقچىلىق ئۆز تەپەككۇرلىرىڭىزنى ناھايىتى روشەنلەشتۈرۈش ۋە رەتلەپ-بىرلەشتۈرۈپ چىقىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولىشى مۇمكىن.

(25) ئۆگەنگۈچى (Learner)

سىز ئۆگىنىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىسىز. سىزنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان كەسىپنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سىزنىڭ قالغان تالانتلىرىڭىز ۋە سىزنىڭ بۇرۇنقى سەرگۈزەشتىلىرىڭىز بەلگىلەيدۇ. بىراق، كەسىپنىڭ نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆگىنىش جەريانى سىزنى ئىنتايىن قاتتىق جەلب قىلىدۇ. مەزمۇنى ياكى نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئۆگىنىش جەريانىنىڭ ئۆزى سىزنى ئالاھىدە ھاياجانغا سالىدۇ. دەسلەپتە بىلىۋالغان بىر قانچە پاكىتلارنىڭ خۇشاللىقى، سىز ئۆگىنىۋالغان نەرسىنى ئىشلىتىپ بېقىش يولىدىكى دەسلەپكى تىرىشچانلىق، ۋە ئىگىلىۋالغان بىر ماھارەتكە نىسبەتەن كۈچىيىپ مېڭىۋاتقان ئىشەنچ قاتارلىقلار سىزنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇرىدىغان جەريانلاردۇر. سىز ئۆگىنىشتىن ئېرىشكەن ھاياجانلىقنىڭ تەسىرى بىلەن، يېشىڭىز خېلە چوڭ بولۇپ قالسىمۇ پېئانو دەرسى ئېلىش ياكى بىر ئاسپرانتلىق ئوقۇشىغا كىرىشكە ئوخشاش ئىشلارنى باشلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ئىشلار سىزنى بىر دىنامىك خىزمەت مۇھىتىدا تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەشكە ئېلىپ بارىدۇ. سىز ئاشۇنداق بىر جەريانغا قاتنىشىش ئارقىلىق، بىر يېڭى نەرسە ھەققىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىسىز، ئاندىن يەنە بىر يېڭى نەرسىگە كۆچىسىز. سىزنىڭ بىر ئۆگەنگۈچى بولۇش تالانتىڭىز سىزنىڭ مەلۇم بىر كەسىپتە مۇتەخەسسىس بولۇپ چىقىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ياكى ئۇ سىزنىڭ بىر كەسپىي خادىم ياكى ئاكادېمىيىلىك ئۇنۋانى بار كىشى ئېرىشىدىغان ئابروينى قوغلىشىۋاتقىنىڭىزنى كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ. سىز ئۈچۈن ئۆگىنىش ئارقىلىق يېڭى نەرسىلەرنى بىلىۋېلىش ئۆگىنىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىدىغان نەتىجىلەردىن كۆپ مۇھىم.

مەلۇم شەكىلدىكى تېخنىكىلىق رىقابەت ئىقتىدارىنى تەلەپ قىلىدىغان بىر خىزمەت ئورنىنى ئىزدەڭ. سىز ئاشۇنداق كەسپىي بىلىم ۋە ئىقتىدارلارنى ئۆگىنىۋېلىش ۋە ئۇلارنى ساقلاپ مېڭىش جەريانىدىن ناھايىتى ھوزۇرلىنىسىز. كەسىپنى تېخنولوگىيىسى ۋە بەلگىلىمىلىرى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بىر ساھەدە تاللاشقا تىرىشىڭ. توختىماي يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ تۇرۇش تەلىپى سىزنى داۋاملىق روھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.

(26) ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزگۈچى (Maximizer)

ئىنگلىزچىدە ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان «ماخىمىزە» ۋە «مىنىمىزە» دېگەن ئىككى سۆز بار بولۇپ، مەن ھازىرغىچە ئۇيغۇرچىدە بۇ سۆزلەر بىلەن مەنىداش قىسقا سۆزلەرنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. ئىنگلىزچە «ماخىمىزە» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «ئىمكانىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگىچە ئۆستۈرۈش ياكى چوڭايتىش» بولۇپ، «مىنىمىزە» نىڭ مەنىسى بولسا «ئىمكانىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگىچە كىچىكلىتىش ياكى ئازايتىش» تىن ئىبارەت. مەسىلەن، «ئۈنۈمنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئۆستۈرۈش» دېگەننى ئىنگلىزچىدە «ماخىمىزە ئەففىكىئەنكي» دەيدۇ.

سىزنىڭ ئۆلچىمىڭىز ئوتتۇراھال ئادەم بولۇش ئەمەس، بەلكى ھەر بىر ئىشتا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىش. ئوتتۇراھال سىزىقىنىڭ ئاستىدىن ئازراق ئۈستىگە ئۆتۈش ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولۇپ، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئۇ ئانچە پايدىلىق ئەمەس. بىر ئىشنى «ياخشى» دېگەن دەرىجىدىن «ئەلا» دېگەن دەرىجىگە كۆتۈرۈش يۇقىرىقى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ناھايىتى كۆپ دەرىجىدە ھاياجانلىنارلىق بولىدۇ. مەيلى ئۆزىڭىزنىڭ بولسۇن ياكى باشقىلارنىڭ بولسۇن، كىشىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى (strength) سىزنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرىدۇ. سۇنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ ئۈنچە-مەرۋايىت ئىزدەيدىغان بىرسىدەك، سىز كىشىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئىزدەيسىز. بىر ئارتۇقچىلىقنى تاپقان ھامان، خۇددى بىر كىم سىزنى مەجبۇرلىغاندەكلا سىز ئۇنى پەرۋىش قىلىسىز، پىششىقلاپ ئىشلەيسىز، ھەمدە ئۇنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرىسىز. سىز ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ناھايىتى پارقىرايدىغان بولغىچە سۈرىتىسىز. سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلارغا بولغان مۇشۇنداق تەبىئىي خاراكتېرىڭىز باشقىلارنىڭ سىزگە «ئادەم كەمسىتىدىغان ئادەم» دەپ قارىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقلىرىنى قەدىرلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىشقا رازى بولىسىز. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تاپقان ۋە ئۇلارنى كۈچەيتكەن باشقا كىشىلەرمۇ سىزنى ئۆزىگە ناھايىتى جەلب قىلىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنى «رېمونت قىلىپ» قويماقچى بولغان كىشىلەردىن ئۆزىڭىزنى يىراق تۇتىسىز. سىز ئۆز ئۆمرىڭىزنى ئۆزىڭىزدە يوق قابىلىيەتلەرگە ھەيران قېلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشنى خالىمايسىز. ئۇنىڭ ئورنىغا سىز ئۆزىڭىزدىكى تۇغما تالانتلارنىڭ كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش يولىدا تىرىشىسىز. سىز ئۈچۈن شۇنداق قىلىش تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئىش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىش، ۋە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان ئىش.

باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ياردەملىشىدىغان بىر خىزمەت ئورنىنى ئىزدەڭ. چېنىقتۇرغۇچى، باشلىق، ئۇستاز، ياكى ئوقۇتقۇچىلىق روللىرىدا، سىزنىڭ باشقىلاردىكى ئارتۇقچىلىقلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىڭىز ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولىدۇ. چۈنكى كۆپۈنچە كىشىلەر ئۆزىنىڭ نېمىنى ئەڭ ياخشى قىلالايدىغانلىقىنى بايقىۋېلىش بىر ناھايىتى تەس ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

(27) ئىجابىيلىق (Positivity)

سىز كىشىلەرنى كەڭ-قوساقلىق بىلەن ماختاپ تۇرىسىز، كىشىلەرگە قاراپ كۇلۇپ تۇرىسىز، ھەمدە ھەر بىر ئەھۋالنىڭ ئىجابىي تەرىپىنى ئىزدەيسىز. بەزىلەر سىزنى «ئەندىشىسىز ئادەم» دەپ ئاتايدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا سىزدەك ئىجابىي مىجەزلىك بولۇشنى ئىستەيدۇ. كىشىلەر سىز بىلەن بىللە بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. سىزنىڭ قىزغىنلىقىڭىز تارقىلىشچان بولغاچقا، سىز بىلەن بىرگە بولغاندا ئۇلارمۇ ئىجابىي ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ. سىز بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇلارنىڭ روھىنى كۆتۈرەلەيسىز. ھەر بىر پروجېكتقا (تۈرگە) ھاياتىي كۈچ قوشالايسىز. ھەر بىر نەتىجىنى تەبرىكلەيسىز. بىر ئاماللارنى قىلىپ ھەر بىر ئىشنى ناھايىتى ھاياجىنارلىق ۋە جانلىق قىلىۋېتەلەيسىز. بەزى يامان پوزىتسىيەلىك كىشىلەر سىزنىڭ قىزغىنلىقىڭىزغا سوغاق سۇ سېپىشى مۇمكىن، ئەمما سىز ئۇنىڭلىق بىلەن ئۆز ئىرادىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرمايسىز. سىزنىڭ ئىجابىيلىق تالانتىڭىز ئۇنىڭغا يول قويمايدۇ. سىزدىكى بىر كۈچلۈك ئېتىقاد شۇكى، ھايات بولۇش بىر ئىنتايىن ياخشى ئىش، خىزمەت بىر ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىش بولالايدۇ، ھەمدە قانداق ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچار بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئادەم ئۆزىنىڭ خوشاللىقىنى يوقاتماسلىقى كېرەك.

سىز ئىجابىيلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر قانداق بىر خىزمەتتە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالىشىڭىز مۇمكىن. ئوقۇتقۇچىلىق، سودا-سېتىقچىلىق (شىركەت مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار شىركەتلەرگە ئالغۇزۇش)، كارخانا قۇرۇش، ۋە لىدېرلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئۆز تالانتلىرىڭىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىڭىزقا مۇۋاپىق كېلىشى مۇمكىن.

(28) مۇناسىۋەتلەشكۈچى (Relator)

بۇ تالانت سىزنىڭ ئۆز مۇناسىۋەتلىرىڭىزگە بولغان پوزىتسىيىڭىزگە قارىتىلغان. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، مۇناسىۋەتلەشكۈچى تالانتى سىزنى ئۆزىڭىز بىلىدىغان كىشىلەر تەرەپكە تارتىدۇ. سىز يېڭى ئادەملەر بىلەن تونۇشۇشتىن ئەيمىنمەيسىز. ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ باشقا تالانتلىرىڭىز سىزنى يېڭى ئادەملەر بىلەن تونۇشۇشتىن ناھايىتى ھوزۇرلىنىدىغان قىلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، سىز ئۆزىڭىزنىڭ يېقىن دوستلىرى بىلەن بىللە بولۇش ئارقىلىقلا زور مىقداردىكى خوشاللىق ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە بولىسىز. مۇناسىۋەتلەشكۈچى تالانتىڭىز بولسا سىزنى يېڭى كىشىلەر بىلەن تونۇشۇشقا ئۈندەيدۇ. سىز باشقىلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشنى خالايسىز. دەسلەپكى مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان ھامان، سىز مەقسەتلىك ھالدا بۇ مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىستەيسىز. سىز يېڭى تونۇشقان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى، ئۇلارنىڭ نىشانلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئەندىشىلىرىنى، ۋە ئۇلارنىڭ غايىلىرىنى بىلىۋېلىشنى ئويلايسىز. شۇنداقلا ئۇلارنىڭمۇ سىزنىڭكىنى بىلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىسىز. سىز بۇنداق يېقىنلىقنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى خەتىرى بارلىقىنىمۇ چۈشىنىسىز. مەسىلەن، بەزىلەر سىزدىن پايدىلىنىۋالماقچى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما سىز ئۇنداق خەتەرنى ئۆز رازىلىقىڭىز بىلەن قوبۇل قىلىسىز. سىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەقەت سەمىمىي مۇناسىۋەتنىڭلا قىممىتى بار بولىدۇ. بۇنى بىلىۋېلىشنىڭ بىردىن-بىر ئۇسۇلى بولسا، ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا تولۇق تاپشۇرۇشتىن ئىبارەت. سىز باشقىلار بىلەن قانچە كۆپ ئورتاقلاشسىڭىز، خەتەرلەرنىمۇ شۇنچە كۆپ تەڭ كۆتۈرىسىز. خەتەرنى قانچە كۆپ تەڭ كۆتۈرسىڭىز، بىر-بىرىڭىزگە ئۆزىڭىزنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىنى شۇنچە ياخشى ئىسپاتلاپ بېرەلەيسىز. مانا بۇ سىزنىڭ ھەقىقىي دوستلۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا باسىدىغان قەدەملىرىڭىز بولۇپ، سىز ئۇ قەدەلەرنى ئۆز رازىلىقىڭىز بىلەن باسىسىز.

دوستلۇقنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر خىزمەت ئورنىنى تېپىڭ. سىز تۈزۈلمىسى ھەددىدىن تاشقىرى قاتتىق بولغان ئورۇندا ئانچە ياخشى ئىشلىيەلمەيسىز. سىز خىزمەتكە ئېلىش كۆرۈشۈشىگە بارغاندا، شىركەتنىڭ ئىش بېجىرىش ئۇسۇلى ۋە شىركەت مەدەنىيىتىنى سوراپ بېقىڭ. خىزمەتداشلىرىڭىزغا باشقىلارنىڭ خىزمەت ئورنى ياكى ھوقۇقىغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى ۋە مىجەزىگە بەكراق قىزىقىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ. بۇ سىزنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ تالانتىڭىز بولۇپ، ئۇ باشقىلار ئۈچۈن ئۈلگە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

(29) مەسئۇلىيەتچانلىق (Responsibility)

سىزنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق تالانتىڭىز سىزنى ئۆزىڭىزنى ئاتىغان ھەر قانداق بىر ئىشقا پىسخولوگىيە جەھەتتىن ئىگە بولۇشقا ئۈندەيدۇ، ھەمدە، مەيلى ئۇنىڭ چوڭ ئىش ياكى كىچىك ئىش بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ تاماملىنىپ بولغىچە سىزدە ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭغا روھىي جەھەتتىن قاتتىق باغلانغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ. سىزنىڭ نامىڭىز ئۇنىڭغا باغلىق. ئەگەر سىز ئۇنى بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پۈتتۈرەلمەي قالىدىكەنسىز، سىز ئۆزلىكىڭىزدىن باشقىلار ئۈچۈن ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدىغان چارە-ئاماللارنى ئىزدەشنى باشلايسىز. سىز ئۈچۈن ئەپۇ سوراش يېتەرلىك ئەمەس. سەۋەب-باھانىلەرگە بولسا قەتئىي يول قويۇشقا بولمايدۇ. سىز ئۇ ئىشنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرمىگىچە، ئۆز-ئۆزىڭىزنى ئازراقمۇ كەچۈرمەيسىز. بۇ خىل ئەستايىدىللىق، بۇ خىل ئىشنى توغرا قىلىش ئىستىكىنىڭ سىزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىزنى قاپلىۋېلىپ، ھەمدە سىزنىڭ مۇكەممەل ئەخلاقلىقىڭىز بىلەن بىرلىشىپ، سىزنىڭ «تامامەن ئىشەنگىلى بولىدىغان ئادەم» دېگەن ئابرويىڭىزنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ. يېڭى مەسئۇلىيەتلەرنى تەقسىم قىلغاندا، كىشىلەر ئالدى بىلەن سىزگە قارايدۇ، چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ ۋەزىپىنى چوقۇم ئورۇنلايدىغانلىقىڭىزنى بىلىدۇ. ئەمما، كىشىلەر سىزدىن ياردەم سوراپ كەلگەندە، سىز چوقۇم بىر قىسمىغا ياردەم قىلىپ، يەنە بىر قىسمىنى رەت قىلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى، سىزنىڭ باشقىلارغا ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن ياردەم قىلىش مىجەزىڭىز بىلەن سىز بەزىدە ھەددىدىن ئارتۇق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىۋېلىشىڭىز مۇمكىن.

بىر ئىشنى باشلاپ، ئۇنى پۈتۈنلەي تاماملاپ بولغىچە ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىيەلەيدىغان بىر ئورۇندا ئىشلەڭ. باشلىقىڭىزغا بىر ئىشنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى، بىر ۋەزىپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا سىز قىلغان ئىشنى تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى، پەقەت ئۇ ئىش تولۇق تاماملىنىپ بولغاندىلا ئاندىن تەكشۈرسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ.

(30) ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى (Restorative)

سىز مەسىلە ھەل قىلىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىسىز. بىر نەرسە بۇزۇلۇپ قالغاندا بەزىلەر بىر خىل ۋەھىمىگە چۈشىدۇ، ئەمما سىز باشقىچە روھلىنىپ كېتىسىز. سىز مەسىلىنىڭ نامايەندىلىرىنى تەھلىل قىلىش، نېمىنىڭ توغرا ئىشلىمىگىنىنى تېپىپ چىقىش، ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئامالىنى تېپىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىسىز. سىز ئەمەلىي مەسىلىلەر، ئۇقۇم مەسىلىلىرى، ياكى خۇسۇسىي مەسىلىلەرنى ياخشى كۆرۈشىڭىزمۇ مۇمكىن. ياكى بولمىسا، ئۆزىڭىز بۇرۇن كۆپ قېتىم ئۇچراتقان، ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ ھەل قىلالايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچىڭىز بار بولغان مەلۇم بىر ئالاھىدە مەسىلىنى ئىزدىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ياكى بىر مۇرەككەپ ۋە ئۆزىڭىزگە تونۇشلۇق بولمىغان بىر مەسىلىگە يولۇققاندا، ئۇنىڭغا ناھايىتى قىزىقىپ كېتىشىڭىزمۇ مۇمكىن. سىزنىڭ زادى قانداق مەسىلىلەرگە قىزىقىدىغانلىقىڭىزنى سىزنىڭ قالغان تالانتلىرىڭىز ۋە بۇرۇنقى سەرگۈزەشتىلىرىڭىز بەلگىلەيدۇ. ئەمما شۇ ئىش ناھايىتى ئېنىقكى، سىز ھەر خىل نەرسىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى قايتىدىن ئىشقا قويۇشنى ياخشى كۆرىسىز. سىز بىر مەسىلىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنغان ئامىللارنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنى يوقىتىپ، بىر نەرسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە، بىر ئاجايىپ گۈزەل تۇيغۇغا ئىگە بولۇسىز. ئەگەر سىز ئارىلاشمىغان بولسىڭىز، بۇ ماشىنا، بۇ تېخنىكا، بۇ ئادەم، ياكى بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەشتىن توختايدىغانلىقىنى بىلىسىز. سىز ئۇنى ياسىدىڭىز، ئۇنى تىرىلدۈردىڭىز، ھەمدە ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈردىڭىز. سىزنىڭ ئۆز سۆزىڭىز بىلەن ئېيتقاندا، سىز ئۇنى قوغداپ قالدىڭىز.

سىز ھەر خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان، ياكى سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭىز ھەر خىل نەرسىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قابىلىيىتىڭىزگە باغلىق بولغان بىر خىزمەت ئورنىنى ئىزدەڭ. دورىگەرلىك، مەسلىھەتچىلىك، كومپيۇتېر پروگراممىلىرىنى يېزىش، ياكى خېرىدارلار مۇلازىمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالاھىدە ياخشى كۆرۈشىڭىز مۇمكىن.

(31) ئۆز-ئۆزىگە كاپالەتلىك بېرىش (Self-Assurance)

ئۆز-ئۆزىگە كاپالەتلىك بېرىش تالانتى بىلەن ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. يۈرىكىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىغا نىسبەتەن بىر خىل ئېتىقاد بار بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقىنى بىلىسىز—تەۋەككۈلچىلىك قىلالايسىز، يېڭى قىيىن ئۆتكەللەرگە جەڭ ئېلان قىلالايسىز، ھەمدە ئەڭ مۇھىمى ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىيالايسىز. ئەمما، ئۆز-ئۆزىگە بولغان كاپالەتلىكنىڭ مەنىسى ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىدىن چوڭقۇرراق بولىدۇ. سىزدە ئۆز-ئۆزىگە كاپالەتلىك بېرىش تالانتى بار بولسا، سىز ئۆز قابىلىيەتلىرىڭىزگىلا ئىشىنىپلا قالماي، ئۆزىڭىزنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارىغىمۇ ئىشىنىسىز. دۇنياغا نەزەر تاشلىغىنىڭىزدا، ئۆزىڭىزنىڭ كۆز-قاراشلىرىنىڭ ئۆزگىچە ۋە بىردىن-بىر ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. شۇنداقلا ھېچ كىم شەيئىلەرنى سىز كۆزەتكەندەك كۆزىتەلمەيدىغان بولغاچقا، ھېچ كىم سىز ئۈچۈن قارار چىقىرىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلىسىز. ھېچ كىم سىزگە نېمىنى ئويلاشنى دەپ بېرەلمەيدۇ. ئۇلار پەقەت سىزگە يول كۆرسىتەلەيدۇ. پەقەت تەكلىب بېرەلەيدۇ. بىراق، يەكۈن چىقىرىش، قارار ئېلىش ۋە ئىش-ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى پەقەت ئۆزىڭىزنىڭلا قولىدا بولىدۇ. سىزنىڭ ئۆز ھاياتىڭىزنى قانداق ياشاش توغرىسىدىكى بۇ ھوقۇق ۋە ئەڭ ئاخىرقى مەسئۇلىيەتچانلىق سىزنى ئازراقمۇ قورقۇتالمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، سىز بۇنى بىر تەبىئىي ئەھۋال، دەپ ئويلايسىز. ئەھۋالنىڭ نېمە ئەھۋال ئىكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، سىز توغرا قارارنى بىلىدىغاندەكلا قىلىسىز. بۇ تالانت سىزدە ھەر ۋاقىت بىر خىل جەزىملەشكەن ئىش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ. باشقا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئوخشىمىغان ھالدا، ئۇنىڭ قانچىلىك قايىل قىلارلىق ئىكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، سىز باشقا بىر ئادەمنىڭ گېپى بىلەن تەۋرەپ قالمايسىز. بۇ ئۆز-ئۆزىگە كاپالەتلىك بېرىش تالانتى جىم-جېت نامايان قىلىنىشىمۇ مۇمكىن، ياكى چوڭ ئاۋاز بىلەن نامايان قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. بۇ سىزنىڭ قالغان تالانتلىرىڭىزغا باغلىق. بىراق، ئۇ ناھايىتى پۇختا بولىدۇ. ئۇ نۇرغۇن ئوخشىمىغان بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىپ، سىزنى ئۆزىڭىزنىڭ توغرا يولىدا ساقلايدۇ.

يېڭى قۇرۇلغان، قائىدە-تۈزۈملىرى تېخىچە تولۇق تۇرغۇزۇلۇپ بولالمىغان بىر شىركەتنى ئىزدەڭ. سىز ئۆزىڭىزدىن كۆپلىگەن قارارلارنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر خىزمەت ئورنىدا ئۆز رولىڭىزنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرالايسىز. باشقىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ كۆز-قارىشىنى قوبۇل قىلىشقا قايىل قىلىدىغان بىر خىزمەت ئورنىنى تېپىڭ. سىزنىڭ ئۆز-ئۆزىگە كاپالەتلىك بېرىش تالانتىڭىزنىڭ باشقىلارنى قايىل قىلىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. بولۇپمۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ سىزدە قوماندانلىق قىلىش ياكى قوزغاتقۇچى تالانتىمۇ بار بولىدىكەن، تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. لىدېرلىق، سېتىقچىلىق، قانۇن، ياكى يېڭى شىركەت قۇرۇش روللىرى سىزگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىشى مۇمكىن.

(32) مۇھىملىق (Significance)

باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن مۇھىم بىر ئادەم بولۇشنى ئىستەيسىز. ئەڭ توغرا سۆز بىلەن ئېيتقاندا، سىز ئېتىراپ قىلىنىشنى، ئاۋازىڭىزنىڭ ئاڭلىنىشىنى، باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشنى، ۋە داڭلىق بولۇشنى ئويلايسىز. بولۇپمۇ ئۆزىڭىزدىكى ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقلارغا ئاساسەن داڭلىق بولۇشنى ۋە قەدىرلىنىشنى ئىستەيسىز. بىر ئىشەنچىلىك، كەسپىي ئالاھىدىلىككە ئىگە، ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەم قاتارىدا ئېتىراپ قىلىنىشقا ھاجەتمەن بولىسىز. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، باشقا ئىشەنچىلىك، كەسپىي ئالاھىدىلىككە ئىگە، ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشنى ئىستەيسىز. ئەگەر ئۇلار ئۇنداق ئادەملەردىن بولمىسا، سىز ئۇلارنى ئاشۇنداق ئادەملەردىن بولۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرىسىز. ياكى ئۇلاردىن ئايرىلىپ، ئۆز يولىڭىزغا ماڭىسىز. خىزمەتتىمۇ باشلىقىڭىزنىڭ ھەممە ئىشنى ئۆزىڭىزنىڭ خاھىشى بويىچە قىلىشقا يول قويۇشىنى ئىستەيسىز. سىزنىڭ ئاشۇنداق ئەھۋالغا بولغان تەشنالىقىڭىز ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، سىز ئۇ تەشنالىققا ھۆرمەت قىلىسىز. شۇڭلاشقا سىزنىڭ ھاياتىڭىز سىز تەشنا بولغان نىشان، نەتىجە، ياكى سالاھىيەتلەر بىلەن لىق تولغان بولىدۇ. سىزنىڭ فوكۇسىڭىزنىڭ ياكى مەركىزىي نىشانىڭىزنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىزنىڭ مۇھىملىق تالانتىڭىز سىزنى داۋاملىق تۈردە ئادەتتىكى ئادەم بولۇشقا ئەمەس، ئالاھىدە ئادەم بولۇشقا قاراپ يۇقىرىغا ئۆرلىتىدۇ. بۇ سىزنى توختىماي يېڭى پەللىگە يەتكۈزىدىغان تالانتتۇر.

ۋەزىپە ۋە ئىش-ھەرىكەتنى ئۆزىڭىز تاللايدىغان بىر خىزمەت ئورنىنى ئىزدەڭ. سىز مۇستەقىللىق ئاتا قىلىدىغان شەرت-شارائىتتىن ناھايىتى ياخشى ھوزۇرلىنىسىز. قىلغان ئىشىڭىزنى باشقىلار كۆرەلەيدىغان بىر مۇھىتتا ئىشلارنى ئەڭ ياخشى قىلىسىز. شۇڭا سىزنى مەركەز قىلىدىغان پۇرسەتلەرنى ئىزدەڭ. نامسىز ئىش قىلىشقا مەجبۇرى بولىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ.

(33) ئىستراتېگىيىلىك بولۇش (Strategic)

سىزنىڭ ئىستراتېگىيىلىك بولۇش تالانتىڭىز سىزنى قالايمىقانچىلىقلار ئىچىدىن ئەڭ ياخشى يولنى تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ بىر ئۆگەتكىلى بولىدىغان ماھارەت ئەمەس. ئۇ تەپەككۇر قىلىشنىڭ بىر باشقىچە ئۇسۇلى، ۋە ئەتىراپىدىكى دۇنياغا بولغان بىر يېڭىچە نەزەر. بۇ نەزەر سىزنى باشقىلار پەقەت مۇرەككەپلىكنىلا كۆرىدىغان ئىشلاردىكى ئەندىزىلەرنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا سىز بىر ئىشقا نىسبەتەن كۆپلىگەن يېڭى سنارىيىلەرنى ئويلاپ چىقالايسىز. ئۆز-ئۆزىڭىزدىن «ئەگەر بۇ ئىش يۈز بېرىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟» دەپ سوراپ، يوشۇرۇن ئەھۋاللارنى بايقىيالايسىز. ھەمدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار بولغان توسالغۇلارنى ئالدىن ۋە توغرا مۆلچەرلىيەلەيسىز. ھەر بىر يولنىڭ ئادەمنى نەگە ئاپىرىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرەلىگىنىڭىز سىزنى توغرا تاللاشلارغا ئېلىپ بارىدۇ. سىز ئادەمنى ھېچ قانداق بىر نەتىجىگە ئېلىپ بارمايدىغان يوللاردىن ۋاس كېچىسىز. ئۇتتۇرىمۇ-ئۇتتۇر قارشىلىققا ئېلىپ بارىدىغان يوللاردىن ۋاز كېچىسىز. قالايمىقانچىلىق تۇمانى ئىچىگە ئېلىپ بارىدىغان يوللاردىن ۋاز كېچىسىز. سىز ئۆزىڭىزنىڭ يولى—ئۆزىڭىزنىڭ ئىستراتېگىيىسى—نى تاپمىغۇچە، يول تاللاشنى توختاتمايسىز. ئۆزىڭىزنى ئۆز ئىستراتېگىيىلىرىڭىز بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئالغا قاراپ قەدەم تاشلايسىز. تاللاش ۋە ئىلگىرىلەش—مانا بۇ سىزنىڭ ئىستراتېگىيىلىك بولۇش تالانتىڭىزنىڭ كۈچىدۇر.

باشقىلارغا قارىغاندا سىز ھەر خىل تەسىرلەرنى جىق ئېنىق كۆرەلەيسىز. مۇشۇ ئىقتىدارىڭىزدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى تەپسىلىي پىلانلاپ چىقىڭ. سىزنىڭ كېيىنكى نۇقتىغا يېتىپ بارغاندا نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە تەييارلىقىڭىز بار بولغاندىلا، ئاندىن بىر ئىشنىڭ سىزنى نەگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىزنىڭ قىممىتى بار بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئىنتايىن لاياقەتلىك مەسلىھەتچى ئىكەنلىكىنى ئەتىراپىڭىزدىكىلەرگە بىلدۈرۈڭ. باشقىلار «بۇ ئىشقا ھېچ قانداق ئامال يوق» دېگەن يەكۈنگە كېلىپ بولغان بىر ۋاقىتتا، سىز ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرەلەيسىز.

(34) باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش (Woo)

سىز يېڭى ئادەملەر بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ياخشى كۆرىسىز. ناتونۇش ئادەملەر سىزنى قورقۇتالمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ناتونۇش ئادەملەر سىزنى روھلاندۇرۇۋېتىشىمۇ مۇمكىن. ئۇلار سىزنى جەلب قىلىدۇ. سىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلگىڭىز، ئۇلاردىن سوئال سورىغىڭىز، ھەمدە ئورتاق قىزىقارلىق تېمىلارنى تېپىپ، ئۇلار بىلەن بىر پاراڭ باشلاپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقىڭىز كېلىدۇ. بەزى كىشىلەر پاراڭلىشىدىغان گەپلەر تۈگەپ كېتەرمىكىن، دەپ ئەنسىرەپ، سىز بىلەن بىر پاراڭ باشلاشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدۇ. ئەمما سىز ئۇنداق قىلمايسىز. سىزنىڭ قىلىدىغان گېپىڭىز تۈگەپ قالىدىغان ئىشلار ئانچە يۈز بەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە، سىز ناتونۇش ئادەملەر بىلەن بىر پاراڭ باشلاشنى ياخشى كۆرىسىز. بۇنىڭ سەۋەبى، سىز جىم-جىتلىقنى بۇزۇپ، باشقىلار بىلەن بىر مۇناسىۋەت باشلاش ئارقىلىق بىر خىل قانائەت ھېس قىلىسىز. ئاشۇنداق بىر مۇناسىۋەتنى باشلىغاندىن كېيىن، سىز ناھايىتى خوشاللىق بىلەن ئۇنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆز يولىڭىزغا ماڭىسىز. سىز ئۈچۈن يەنە ئۇچرىشىدىغان يېڭى ئادەملەر، قىلىدىغان يېڭى ئىشلار، ئارىلىشىدىغان يېڭى كىشىلەر توپى بار. سىزنىڭ دۇنيارىڭىزدا ناتونۇش ئادەم يوق، پەقەتلا سىز تېخى كۆرۈشۈپ باقمىغان ناھايىتى كۆپ دوستلىرىڭىزلا بار.

ھەر كۈنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىدىغان خىزمەتتىن بىرىنى تاللاڭ. يەرلىك تەشكىلاتلارغا كىرىڭ، ھەر خىل جەمئىيەتلەرگە سەييارە ئىش قىلىپ بېرىڭ، ھەمدە سىز ياشاۋاتقان جايدىكى تەسىر دائىرىسى كەڭ كىشىلەر بىلەن دوست بولۇڭ.

ئوتتۇز-تۆت تۈرلۈك تۇغما تالانتنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. تۆۋەندە مەن بۇ 34 تۈرلۈك تالانتنى تىزىپ، ئۇلارغا قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتىمەن. سىز يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، پەقەت تۆۋەندىكى تىزىملىككە بىر قېتىم قاراش چىقىش بىلەنلا بۇ 34 تۈرلۈك تالانتنى ئېسىڭىزگە ئالالايسىز.

6. 34 تۈرلۈك تالانت تىزىملىكى

1. نەتىجە چىقارغۇچى: قىلغان ئىشىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش (Achiever)

2. قوزغاتقۇچى: كىشىلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش (Activator)

3. ماسلىشىشچانلىق: يېڭى ياكى يېڭى ئۆزگەرگەن ئەھۋاللارغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزگىرىش ياكى ئۆزگەرتىلىش ئىقتىدارى (Adaptability)

4. ئانالىتىك: ناھايىتى كۈچلۈك ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى (Analytical)

5. ئورۇنلاشتۇرغۇچى: بىر خىل ئالاھىدە تەرتىپ ياكى مۇناسىۋەتتە ئورۇنلاشتۇرۇش، پىلانلاش ياكى تەييارلاش (Arranger)

6. ئېتىقاد: مەلۇم مىقداردىكى يادرولۇق قىممەت قاراشلىرىغا ئىگە بولۇش (Belief)

7. قوماندانلىق قىلىش: مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا ماھىر بولۇش (Command)

8. ئالاقىلىشىش: باشقا بىر ئادەم ياكى باشقا بىر ئادەم توپى بىلەن ئاغزاكى ۋە يازما شەكىلدە ئالاقە ياكى مۇناسىۋەت قىلىش ئىقتىدارى (Communication)

9. رىقابەت: باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىش ئىقتىدارى (Competition)

10. باغلىنىشلىق: ھەممە ئادەملەر ئۆز-ئارا باغلانغان، دېگەن قاراشقا ئىگە بولۇش (Connectedness)

11. بىردەكلىك: ھەممە ئادەملەرگە بىردەك-باراۋەر مۇئامىلە قىلىش (Consistency)

12. ئارقا كۆرۈنۈش: بۈگۈننى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۆتمۈشكە قاراش (Context)

13. مۇلاھىزە قىلىش ياكى سالماقلىق: ئېھتىياتچانلىق ۋە سەگەكلىك، كىشىلەرگە ئانچە سىر بەرمەسلىك (Deliberative)

14. تەرەققىي قىلدۇرغۇچى: باشقىلاردىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى بايقاپ، ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىشقا تىرىشىش (Developer)

15. ئىنتىزامچانلىق: پىلانلىق ۋە تۈزۈملىك ئىش ئېلىپ بېرىش، ئىشلارنى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدىكى توغۇرلۇق بىلەن قىلىش (Discipline)

16. ئورتاقلىق: ئەتىراپىدىكى كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىنى توغرا بايقاپ، چۈشەنچە ۋە ھېسسىيات جەھەتتە ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىش (Empathy)

17. زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈش—فوكۇس: ئۆزى ئۈچۈن نىشان تۇرغۇزۇپ، ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن كومپاس قىلىش (Focus)

18. خىيالچان: كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى مۆلچەرلەش ۋە پەرەز قىلىشقا قادىر كېلىش (Futuristic)

19. قوشۇلۇش: تۇيغۇ ۋە پىكىردە باشقىلار بىلەن بىردەك بولۇش ياكى باشقىلارغا قوشۇلۇش (Harmony)

20. ئىدىيەخۇمار: ھەر خىل ئىدىيىلەرگە مەستانە بولۇش (Ideation)

21. ئىچىگە ئالغۇچى: ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە كۆپرەك كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش (Includer)

22. خاسلىقنى ساقلاپ قېلىش: ئادەمنىڭ ئۆزگىچە سۈپەتلىرىگە ھەيران قېلىش، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرگە ئەھمىيەت بېرىش (Individualization)

23. كىرگۈزۈش: ھەر خىل ئۇچۇر ۋە نەرسىلەرنى يىغىپ، كېيىن ئىشلىتىش ئۈچۈن ساقلاپ قويۇش (Input)

24. ئەقلىي پائالىيەتچانلىق: تەپەككۇر ۋە باشقا روھىي پائالىيەتلەرنى ياخشى كۆرۈش (Intellection)

25. ئۆگەنگۈچى: يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈش (Learner)

26. ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزگۈچى: ھەر بىر ئىشتا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىش، ئىش ئۈنۈمى ياكى نەتىجىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئەڭ يۇقىرى چېكىگىچە ئۆستۈرۈش ياكى چوڭايتىش (Maximizer)

27. ئىجابىيلىق: ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى تەرىپىنى، ھەر بىر ئىشنىڭ ئىجابىي تەرىپىنى كۆرۈش (Positivity)

28. مۇناسىۋەتلەشكۈچى: ئىمكانقەدەر كۆپرەك ئادەملەر بىلەن تونۇشۇش ۋە ئارلىشىشنى ياخشى كۆرۈش (Relator)

29. مەسئۇلىيەتچانلىق: ئۆز ئىشىغا باشتىن-ئاخىر ئىگە بولۇش (Responsibility)

30. ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى : مەسىلە ھەل قىلىشنى ياخشى كۆرۈش (Restorative)

31. ئۆز-ئۆزىگە كاپالەتلىك بېرىش: ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىغا نىسبەتەن چوڭقۇر ئېتىقاد ۋە ئىشەنچكە ئىگە بولۇش (Self-Assurance)

32. مۇھىملىق: ئېتىراپ قىلىنغان مۇھىم ئادەم ۋە داڭلىق ئادەم بولۇشنى ئىستەش (Significance)

33. ئىستراتېگىيىلىك بولۇش: ئىستراتېگىيىلەرگە باي بولۇش، قالايمىقانچىلىقلار ئىچىدىن ئەڭ ياخشى يولنى تېپىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش (Strategic)

34. باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش: يېڭى ئادەملەر بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش (Woo)

7. ئاخىرقى سۆز

ھەممە ئادەم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشنى ئويلايدۇ. مەلۇم بىر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشنى ئۆزىڭىزنىڭ غايىسى قىلىپ تاللاش ئانچە قىيىن ئەمەس. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نەرسە «غايە تىكلەشنىڭ 10 ئۆلچىمى» بولۇپ، مەن ئۇ 10 ئۆلچەمنى بىر ئايرىم ماقالىدە مەخسۇس چۈشەندۈردۈم. لېكىن، ئاشۇ ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش، ياكى ئاشۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىش، قەدەمنى قانداق ئېلىش، قايسى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. بولۇپمۇ ھازىر ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياشلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. مەن 2007-يىلىدىن بۇرۇن مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بايان قىلىدىغان بىرەر كىتاب ياكى ئىلمىي ماقالىلەرنى ئوقۇپ باقمىغان ئىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 29 يىل بۇرۇن، يەنى 1982-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ئۆزەمنىڭ شۇ ۋاقىتتىن بۇرۇنقى سەرگۈزەشتىلىرىمگە ئاساسەن، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مۇنداق بىر تەڭلىمىسىنى تۈزۈپ چىققان ئىدىم:

مۇۋەپپەقىيەت = تالانت + تىرىشچانلىق + پۇرسەت

2007-يىلى يازغان «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى» دېگەن ماقالىدە، مەن يۇقىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسىنىڭ 2-نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم:

مۇۋەپپەقىيەت = (پۇرسەت + تەلەي) x (ئىقتىدار + تىرىشچانلىق) + تالانت + يۈكسەك قىزىقىش

بۇ يەردىكى «x» كۆپەيتىش بەلگىسىدۇر. ئۇ ماقالىنى توردا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بەزى ئوقۇرمەنلەر مەندىن ئۇ تەڭلىمىنى تۈزۈپ چىقىشقا نېمە تۈرتكە بولغانلىقىنى سورىدى. مەن ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردىم:

نەقىل:

مەن 1976-يىلىدىن 78-يىلىغىچە يېزىدا قايتا تەربىيە ئېلىۋاتقاندا، ھېچ قانداق قىممىتى يوق بىر ئادەم ئىدىم. كۈنىگە 10 سائەت ئەتىراپىدا ئىشلىگەن بولساممۇ، ماڭا بىر پۇڭمۇ پۇل بەرمەيتتى. مېنىڭ ئىشلىشىم پەقەت ھەر كۈنى قوسىقىمنى تويغۇزۇپ، شۇ ئارقىلىق ھاياتىمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئىككى يىلدىن كېيىن بىر ئىشچى ياكى خىزمەتچىلىك خىزمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ چاغدا بىرەر جاننىڭ ئانچە قىممىتى يوق ئىدى. ئەگەر مەن ئۆزەم چېنىقىۋاتقان كوناشەھەر (ھازىرقى ئونسۇ) ناھىيىسى بىلەن ئاقسۇ شەھىرى ئوتتۇرىسىدىكى 10 كىلومېتىر يولنى پىيادە بېسىش جەريانىدا بىرەر ۋەقەگە ئۇچراپ ئۆلۈپ قالغان بولسام، ئۆز ئاتا-ئانام ۋە تۇغقانلىرىم مېنى ئىزدىگەندىن باشقا، يول بويىدا ياتقان مېنىڭ ئۆلۈكۈمنى كۆرگەن كىشىلەر مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمگە پەرۋامۇ قىلىپ قويمايتتى. مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىم، نېمە سەۋەبتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىم بىرەر گېزىت خەۋىرىگىمۇ يارىمايتتى.

1978-يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن، مەن ئۆزۈم ئۈچۈن مۇنداق ئىككى پرىنسىپ تۈزدۈم. بىرىنچى، ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياخشى ئۆگىنىش. ئىككىنچى، ماڭا بېرىلگەن قوشۇمچە ۋەزىپىلەرنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياخشى ئىشلەش. مۇشۇنداق قىلىپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مەن ئۆزۈم بۇرۇنقىدىن ئانچە ئۆزگىرىپ كەتمىگەن بولساممۇ، مېنىڭ قىممىتىم پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. مەن ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەندىم. بېيجىڭگە ئايروپىلان بىلەن يىغىنغا بارىدىغان بولدۇم. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى، شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ ياشلار جورنىلى ۋە جۇڭگو خەلق گېزىتى قاتارلىق تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىندىم. بۇ تەشۋىقلەردە ئېيتىلغان نەرسىلەر راس ئىدى. ئاساسەن مېنىڭ قانداق قىلىپ ئوقۇشتا ئەلا كېتىۋاتقانلىقىم، قانداق قىلىپ ئۆزلىكىمدىن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقانلىقىم، ھەم قانداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەۋاتقانلىقىم توغرىسىدا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن جەمئىيەت، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ماڭا يۈكسەك دەرىجىدە ھۆرمەت قىلدى. مېنى ئىنتايىن قەدىرلىدى. مەن تۇرىۋاتقان ياتاق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشخانىسى بولۇپ، ئۇ ئىشخانا بىر ئوقۇش بىناسىنىڭ ئىچىدە ئىدى. مەن بەزىدە ھاجەتخانىغا بارسام، مېنىڭ كېلىۋاتقىنىمنى كۆرگەن بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مېنىڭ تېخى خېلى يىراقتا ئىكەنلىكىمگە قارىماي، ھاجەتخانىغا كىرمەي، مېنى ئالدىدا كىرسۇن، دەپ ساقلاپ تۇراتتى. مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىپ كېتىشىنى قىلچىمۇ ياقتۇرمايتتىم. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى مەن پەقەت ئۇلارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن ھۆرمىتى، مېنى قەدىرلىشى، دەپ چۈشىنەتتىم. داۋاملىق ھاياجان ۋە خوشاللىق ئىچىدە ئۆتەتتىم. تۇرۇپ-تۇرۇپ كۆزۈمدىن تەسىرلىنىش ياشلىرى چىقىپ تۇراتتى.

شۇنىڭ بىلەن ئويلىنىشقا باشلىدىم: بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئالدىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئەركىن سىدىقتىن ئىبارەت بىر ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەندە ھېچ قانچە ئۆزگىرىش بولمىدى. لېكىن مېنىڭ قەدرى-قىممىتىمدە غايەت زور ئۆزگىرىش بۇلۇپ كەتتى. بۇ نىمە ئۈچۈن؟ بۇرۇنقى مەن بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىرنىڭ نېمىسى ئوخشىمايدۇ؟

مانا ئاشۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش جەريانىدا، «مۇۋەپپەقىيەت = تالانت + تىرىشچانلىق + پۇرسەت»، دېگەن تەڭلىمىنى تۈزۈپ چىققان ئىدىم. (نەقىل تۈگىدى)

2007-يىلىدىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەت، نىشان ۋە غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ھەققىدە بىر قانچە پارچە داڭلىق كىتابلارنى ئوقۇدۇم، ھەمدە ئۇلارنى ماقالە قىلىپ يېزىپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇردۇم. مەن ئىگىلىگەن يېڭى بىلىملەر ئاساسىدا يۇقىرىدىكى ئىككى تەڭلىمىنى قايتا تەكشۈرگىنىمدە، ئۇلارنىڭ خېلە يۇقىرى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن. ئىككىنچى تەڭلىمىدىكى «تەلەي» نى كۆپلىگەن مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق مۇتەخەسسىسلىرى ئانچە ئېتىراپ قىلىپ كەتمەيدىكەن. لېكىن، ئامېرىكىدىكى ھەر خىل مۇكاپاتلاش مۇراسىملىرىدا مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈن سەھنىگە چىقىپ، سۆز قىلغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ «مەن باشقىلارغا قارىغاندا تەلەيلىك» دېگىنىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن. مەزكۇر ماقالىدا «تالانت، ئىقتىدار، يۈكسەك قىزغىنلىق ياكى قىزىقىش» دېگەن ئۇقۇملار ئۈستىدىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە توختالدىم. مېنىڭ يۇقىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىلىرىنى تۈزۈپ چىقىشىمدىكى سەۋەب، سىزگە ئاشۇ تەڭلىمە بويىچە ئىش كۆرۈشنى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن ئەمەس. پەقەت سىزگە، ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشنى ئويلايدىغان باشقا بارلىق ياشلارغا قايسى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەكلىكىنى تەكلىب شەكلىدە بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈندۇر. روشەنكى، بۇ تەڭلىمىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان شەرتلەر ھەرگىزمۇ مۇتلەق ئەمەس. لېكىن، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان خېلە كۆپ كىشىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغان ئامىللارنى ئاشۇ ئىككى تەڭلىمىدە كۆرسىتىلگەن ئامىللارغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن. ئۇنى مەزكۇر ماقالىدا تونۇشتۇرۇلغان، «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» دېگەن كىتابتىكى ئىلمىي قاراشلاردىنمۇ تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مېنىڭ قىسقىچە تەرجىمالىمنى ئوقۇپ باققان ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، مەن ھازىرغىچە ئىنتايىن كۆپ ئىسسىق-سوغۇقلۇقنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باقتىم. بىر كەمبەغەل بالا، دېھقان، ئىشچى، ئوقۇغۇچىلار كادېرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، تەتقىقاتچى، ئىنجىنىر ۋە مۇتەخەسسىس قاتارلىق نۇرغۇن روللارنى ئېلىپ باقتىم. شۇنداق بولغاچقا، بۇ قېتىم مەن ئۈچۈن «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ چۈشىنىش، ھەمدە 34 تۈرلۈك تالانتنى ئۆزۈمگە باغلاپ، مەندە ئۇلاردىن قايسىلىرى بار، قايسىلىرى يوق ئىكەنلىكىنى بايقىۋېلىش ئانچە تەسكە توختىمىدى. لېكىن، ئەگەر سىز ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى بولسىڭىز، مەزكۇر ماقالىنى بىر قېتىم ئوقۇش بىلەنلا ئۆزىڭىزدىكى تالانتلارنى تولۇق ۋە توغرا بايقىۋېلىشىڭىز ئانچە ئاسانغا توختىماسلىقى مۇمكىن. سىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى بىر مەزگىل كۈزىتىش، تەكشۈرۈش ۋە تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئەگەر سىز بىر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىرەر كەسىپ تاللىيالمىسىڭىز ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئەقىلسىز چاغلىماڭ. ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر مانا مۇشۇنداق ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا «ئۆز كەسپىنى جاكارلىمىغان ئوقۇغۇچى» دېگەن بىر كاتېگورىيىسىنى چىقارغان. يەنى، سىز پەقەت مەكتەپنىلا تاللاپ، كەسىپنى بېكىتمەي تۇرۇپلا بىر ئالىي مەكتەپكە كىرەلەيسىز. مەكتەپكە كىرىپ، دەسلەپكى 2 يىل ئومۇمىي دەرسلەرنى ئوقۇش جەريانىدا سىز ئوخشىمىغان كەسىپلەرنىڭ دەرسلىرىنى ئاڭلاپ بېقىپ، ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىڭىز، ۋە ئۆزىڭىزدە قانداق تالانتلارنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز. ئاندىن دەسلەپكى 2 يىللىق ئوقۇشنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىڭىزگە بىر كەسىپنى تاللاپ، ئالىي مەكتەپتىكى قالغان ئىككى يىل ۋاقىتتا ئاشۇ كەسىپتە ئوقۇيسىز. گەرچە مۇشۇنداق بىر جەرياننى تاللايدىغانلار ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەقەت تەخمىنەن 10-20 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلسىمۇ (بۇ مېنىڭ شەخسىي پەرىزى)، ئامېرىكىدىكى ياشلار ئۈچۈن مانا ئاشۇنداق بىر تاللاش مەۋجۇت. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بۇنداق تاللاش پۇرسەتلىرى يوق. شۇنداق بولسىمۇ مەن يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇم. يەنى، تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى ياشلار ئۈچۈنمۇ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بىلەن ئۆزىدىكى تالانتلارنى بايقاش ئۈچۈن مەلۇم جەريان كېتىدۇ.

سىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنىڭ تۇغما تالانتلىرىغا توغرىلاپ، ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان بىر كەسىپنى تاللىشىڭىز كېرەك. مەلۇم مىقداردىكى كىرىمگە ئېرىشىپ، جېنىڭىزنى بېقىپ ياشىشىڭىز، ياكى بولمىسا باي بولىشىڭىز ئۈچۈن پۇل تاپقىلى بولىدىغان بىر كەسىپنى تاللىشىڭىز كېرەك. ئۆز مىللىتىڭىزگە تۆھپە قوشۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆمرىڭىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر قىممىتى بار كەسىپنى تاللىشىڭىز كېرەك. بىر قىممىتى بار كەسىپنى تاللاشتا سىزنىڭ ئېتىقاد تالانتىڭىزنىڭ رولى بەك چوڭ بولۇپ، ھازىر ئۇيغۇرلار بۇ تالانتقا ئىنتايىن قاتتىق ئېھتىياجلىق. بۇلاردىن باشقا، مەن ئەسكەرتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆرگەن يەنە بىر ئىش شۇكى، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش بىلەن بەخىتلىك بولۇش بىر ئىش ئەمەس. بىز ئامېرىكىدا كەسىپتە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، ئەمما تۇرمۇشتا ۋەيران بولۇپ، ئازراقمۇ بەخىتلىك بولالمىغان كىنو ئارتىسلىرى ۋە ناخشىچىلارنىڭ ھېكايىلىرىنى داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرىمىز. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىشىنى كۆزلەپ، ئۇنىڭغا بىرەر كەسىپنى تەكلىب قىلغان ياكى مەجبۇرلىغان ۋاقتىدا، «بالام مۇشۇ كەسىپ بىلەن ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلالارمۇ؟» دېگەن سوئالنىمۇ سوراپ قويغىنى ياخشى. مەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يۇقىرىدىكى كەسىپكە ئائىت ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىدا مەزكۇر ماقالىنىڭ بەلگىلىك ياردىمى بولۇشىنى ناھايىتىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.‏