ئۆلۈم ئۇزىتىش: ئىسلام دىنىنىڭ ئۆلۈم ئۇزىتىش مۇراسىمىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپى تۇپراققا دەپنە قىلىش، ھەشەمەتچىلىك قىلماسلىق ۋە تېز چىقىرىشتىن ئىبارەت. بۇ دۇنيا تۇرمۇشى ئۇ دۇنيا ئۈچۈن سىناقتىن ئۆتۈش جەريانىدۇر. ئەجەل بىردۇر،ئۇ بىرلا قېتىم كېلىدۇ، ئۆزگەرمەيدۇ. ئۆلۈم رېئال تۇرمۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى، ئۇ دۇنيا تۇرمۇشىنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئۆلۈم ھاياتلىقنىڭ تۈگىشى ئەمەس، ئۇ قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئۇ پەقەتلا تەننىڭ يوقىلىشى ۋە روھنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، ئادەم ھاياتىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىشىدىنلا ئىبارەت. (قۇرئان كەرىم 20- سۈرە 55- ئايەت) ئىسلام دىنىدا جەسەت ساندۇققا سېلىنمايدۇ، ئوتتا كۆيدۈرۈلمەيدۇ. كۆيدۈرۈش، يەنى ئوت بىلەن جازالاش، ئاللاھقا خاس ئىش، بۇ ھوقۇق پەقەت ئاللاھنىڭ قولىدا بولىدۇ، ئىنسانلار ئىشلەتسە بولمايدۇ. ئىنسان تۇپراقتىن يارىتىلغان، ئۆلگەندىن كېيىن تۇپراققا قايتىدۇ. ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە، مېيىت ساندۇققا سېلىنمايدۇ، بەلكى كېپەنلەنگەن پېتى يەرلىككە قويۇلىدۇ. ئىنسان توپىدىن ياسالغان، يەنە توپىغا قايتىدۇ. مېيىت چىرىگەندىن كېيىن توپىغا سىڭىپ كېتىدۇ. ئىسلام دىنىدا قەبرە قاتۇرۇش بەلگىلەنمىگەن. يەرلىككە قويۇش، تېز ۋە ئاددىي- ساددا بولۇش كېرەك. ئادەم نەدە ۋاپات بولغان بولسا شۇ يەردە شۇ يەردە قويۇش بەلگىلەنگەن. شۇڭا مېيىتنى چوقۇم توپىغا كۆمۈش شەرت ئەمەس، دېڭىزدا كېتىۋاتقاندا پاراخوتتا ۋاپات بولۇپ كەتسە، باشقا شەرتلەرنى ئاداقىلغاندىن كېيىن دېڭىزغا قويۇۋەتسە بولىدۇ.