ئۆمەرباي ھاجى ئاخۇنبايوۋ

ئۆمەر باي ھاجى 1870 يىلى قەشقەر شەھرىدىكى ئاخۇنبايوۋ ئوغلى ئىسمائىل (پاختا)ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .قەشقەر چاسا ۋە خانلىق مەدرىسلەردە دىنىي بىلم ئالغان .1896-يىلدىن باشلاپ،ئاكىسى كىرىم بايھاجىم بىلەن چارروسىيە ،ئەنگىلىيە ،ھىندىستتان،ئافغانىستان ،پاكىستتان قاتارلىق رايونلارنىڭ سودا شەھىرىدە ۋە ئىچكىرى ئۆلكىنىڭ سىچۇئەن ،جىڭدۇ،سۇجۇ ،خاڭجۇ ،ۋۇۋى، خەنكۇ،جاڭيى قاتارلق جايلاردا سودا ساراي، دۇكان قۇرۇپ ۋاكالەتچىلەر تۇرغۇزۇپ سودا قىلغان .

1921-يىلى ئاكىسى كىرەم ئاخۇن باي ھاجىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن ،ئاكىسى ۋارىسلىق قىلىۋاتقان ،ئاخۇن بايوۋ چوڭ ئائىلىسىنىڭ بارلىق مال- مۈلكى ،تىجارىتىگە ۋارىسلىق قىلغان ھەم ئاكىسى كىرەم باي ھاجىنىڭ 1916-يىلدىن باشلاپ ئۆتەۋاتقان قەشقەرىيە (جەنۇبىي شىنجاڭ )مىللەتلەر مەجلىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆستىگە ئالغان .شۇنىڭدىن باشلاپ 1937-يىىلى شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغىچە جەنۇبىي شىنجاڭ مىللەتلەر مەجلىسىنىڭ رەئىسى بولۇش بىلەن بىرگە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا سودا بىلەن شۇغۇللانغان .ئۇنىڭ ئىچكى تاشقى سودىسى غايەت زور بولغان .

ئۆمەر باي ھاجىنىڭ روسىيىدە تۇرۇشلۇق سودا ۋەكىلى مامۇت ئاخۇن (قاپاق )ئاكىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ،1929ـ1930- يىللاردىكى بىر يىللىق روسىيىگە چىقارغان مال سوممىسى 11مىليون روبلى (ئۇ يىللاردا روبلىنىڭ قىممىتى ئۈستۈن بولغاچقا ،روبلى خەلقارا پۇل ياكى ئالتۇن ھېسابلىنىپ ،روسىيە بىلەن بولغان مۇئامىلە روبلى بىلەن ئۆلچىنەتتى )بولغان . ئاشۇ يىللاردا بىر روبلى بىر سوم تىللا ھېسابلىناتتى. ئون روبلىغا ئون سوملۇق بىر تىللا كېلەتتى.بۇنىڭدىن باشقا ھىندىستان ،پاكىستان ،ئافغانىسستان ، كەشمىر ،راۋالپىندى ۋە ئىچكى ئۆلكىدىكى سوممىسىمۇ غايەت زور بولغان .

ئۆمەر بايھاجىنىڭ چەتئەلدىلا 36 سودا سارىيى بولغان .جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ناھىيە ،ۋىلايەتلىرىدىمۇ سودا ساراي ،دۇكان ،خام ئەشيا سېتىۋالغۇچىلىرى بولۇشىدىن تاشقىرى ،شىنجاڭدا توققۇز ئورۇندا توققۇز مويكا ،تۆت ئورۇندا پاختا يۈك پىرىسلاش زاۋۇتى ،ئىككىى ئورۇندا سۇ كۈچى بىلەن ئىشلەيدىغان چىگىت ئايرىش زاۋۇتى ،ھەر قايسى ناھىيە ۋىلايەتلەردە قول بىلەن چۆرۈپ پاختىدىن چىگىت ئايرىيدىغان 180 دىن ئارتۇق ماشىنا (سوۋېتتىن كىرگۈزۈلگەن )،شىنجاڭ دائىرىسىدە مال توشۇيدىغان 200 دىن ئارتۇق ھارۋا، ئىچكى ئۆلكىگە مال توشۇيدىغان 40 گودۇڭ (تۆت ئاتلىق )ھارۋا چارروسىيە ۋە ھىندىستان ،پاكىتانلاردا مال توشۇيدىغان 1000 دسىن ئارتۇق ئات قاتارلىق ۋەجى بولغان .

ئۇقۇشىمىزچە ئۆمەر باي ھاجى ھەر قانداق شارائىتتا نەچچە يۈز مىڭ سەر تەڭگە ،يامبۇ ، ئەنگىلىيە ،چارروسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تىللا ،چىرۋۇن،روبلى قاتارلىق پۇللىرىنى ساقلاپ كەلگەن .پۇل پاخاللىقى يۈز بېرىپ باھا ئۆرلەيدىغان بولسا (شۇ چاغدا ئۇيغۇر جەمئىيىتدە مال باھاسى ئالتۇن -كۈمۈش بىلەن ئۆلچىنەتتى .چۈنكى بىر قوي ياكى بىر تاغار بۇغداي، قوناق ساتقان دېھقان .چارۋىچى تەڭگە باھاسىغا قاراپ ساتاتتى ۋە پۇلغا تەڭگە ئالاتتى) ، ئۇ ئۆزى يالغۇز ياكى قەشقەر بايلىرى بىلەن بىر نەچچە مىلىيون سەر تەڭگىنى مۇۋاپىق باھادا سېتىپ بېرىپ ، باھانى تەڭشەيتى. باھا توختىغاندا سېتىۋالاتتى . ھازىر ھايات شاھىتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ئۆمەر باي ھاجى ئائىلىسىنىڭ جايلاردا 30 مىڭ مودىن ئارتۇق ( سېتىۋالغان، بوز يەر ئاچقان) تېرىلغۇ يېرى بولۇپ ، ئېلىنغان ھوسۇل شۇ جايدىكى ئىسكىلاتلاردا ساقلىنىپ ، خەلققە ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىلگەن ،ئۇرۇق ئۈچۈن ھەقسىز تارقىتىپ بىرىلگەن . ئاپەت بولغان يىللاردا خەلققە ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلگەن.

بۇنىڭدىن باشقا قەشقەردە ئاشلىق كەم بولىدىغان ئەتىياز پەسلىدە يەكەندىن ھەر ھەپتىدە 2000 مىڭ تاغاردىن ئارتۇق ئاشلىق سېتىۋىلىپ ئېلىپ كېلىپ ،ئۆز باھاسىدا سېتىپ خەلقنى تەمىنلەپ كەلگەن . دىنىي پەننىي مەكتەپنى قوللاپ كەلگەن . تارىختىكى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتلەر پەننىي مەكتەپ ئېچىشىمىزغا يول قويمىغان بەلكى قارشى تۇرغان .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلار يېڭى مەكتەپنى چەكلەش سىياسىتىنى <مىللەتلەر مەجلىسى رەئىسى> بولغان ئۆمە باي ھاجىم ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغان .ئۆمەر باي ھاجىم ئېغىزىدا ھە -ھۇ دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئابدۇرېھىم بايۋەتچى،ئابلىز ھاجىم بايۋەتچى قاتارلىق تۇغقانلىرى ئارقىلىق تۆشۈك دەرۋازىسى ،نەزەر باغ يولىدىكى مەكتەپ،1917-يىلى توقام مەدرىستە يۈسۈپ زىيا ئاچقان بوغالتىرلىق مەكتىپى ،ھازىرقى ۋىلايەتلىك نېفىت شىركىتى ئورنىدىكى ئالتە سىنىپلىق مەكتەپ ،كېرەمباغ ئۇدۇلىدىكى (ھازىر ئورنى قالمىدى)كەنجاخۇن خەلپىتىم ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەكتەپ،ھازىرقى شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىقلار ئۆمەر باي ھاجىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن سېلىنغان مەكتەپلەردۇر.ئۇندىن باشقا ئۆمەر باي ھاجىم بىر قانچە مەدرىسلەرنىڭ ئوقۇش راسخوتلىرىنى بېرىپ كەلگەن .

پەن زو خەن يېزىپ قالدۇرغان ،سىياسىي كېڭەش تارىخىي ماتېرىياللىرى 1-سانىدا ئېلان قىلغان <ئازادلىقتىن بۇرۇنقى شىنجاڭ سودىسىنىڭ ئومۇممىي ئەھۋالى >دېگەن ماقالىسىدا :<شىنجاڭ سودىسىدا ،ھۈسەن باي ،ئۆمەر بايلار ھەممىدىن چوڭ سودىگەرلەر ئىدى. بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ سودىسى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى دۆلىتىمىزدىكى سودىگەرلەر ئىچىدىمۇ بىرىنچىلىككە ئۆتەتتى>دېگەن باھاسى ئۆمەر باي ھاجى سودىسىغا بېرىلگەن توغرا باھادۇر. ئۆمەر باي ھاجى 1937-يىلى شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ،تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلدى.