ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﺳﯩﺪﯨﻖ- 1971 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘرﭘﺎن ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﮕﯩﻢ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪا ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن. 1992 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪر ﭘﯩﺪاﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣلاپ، «ﺗﯘرﭘﺎن ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. شۇنىڭدىن بۇيان ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ «ﺗﯘرﭘﺎن ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»ئىدارىسىدە مۇخبىر، مۇھەررىر، ئەدەبىي بەت مۇھەررىرى، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺧﻪۋەرﻟﻪر ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘدﯨﺮى ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﻪپ كەلمەكتە. ﺋﯘ 2009- ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﺪا ﻛﺎﻧﺪﯨﺪات ﺋﺎﻟﯩﻲ دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯟاﻧﻐﺎ ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘدﯨﺮ ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮﯨﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯟاﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق ﻳﺎﺷلار ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴىنىڭ ﺋﻪزاﺳﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪزاﺳﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت - ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪزاﺳﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ رەﺋﯩﺴﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯧﯖﻪشنىڭ ﺋﻪزاﺳﻰ.

يازغۇچىلىق ھاياتى

تەھرىرلەش

ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى 1989 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮن ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪر ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗلاردا ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﺎزﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪدەر 800 ﭘﺎرﭼﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺷﯧﺌﯩﺮ، ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ، ﻧﻪﺳﯩﺮ ۋە ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. 1995-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﻧﻪﺷﺮﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻐﺎن ( رازاق ﺗﯚﻣﯜر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ) «ﭘﻪرۋاز ﻗﯩﻞ ﺗﯘرﭘﺎن»، «ﺋﺎﺗﻪش ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﻪر» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎب ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯘ ﻳﺎزﻏﺎن «ﻗﺎﻳﺪﯨﺴﻪن دﯨﻠﺪار» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪر ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ 2001 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ، «ﺑﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت، ﺑﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎزاب» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮلار ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ، «ﺋﯩﺪﯨﻘﯘت ﺋﻮﻏلاﻧﻠﯩﺮى» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﭼﻮڭ ﮬﻪﺟﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺋﻮﭼﯧﺮﯨﻜﻰ 2003-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻨﻐﺎن. بۇ كىتاب ھەققىدە تۇرپاندا مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاپتورغا تون كىيگۈزۈلگەن. «ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎن» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ 4-ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2004-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﺪا ﻧﻪﺷﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن. 2005-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪا ﺋﯘﻧﯩﯔ 5-ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ «ﺳﯧﮭﯩﺮﻟﯩﻚ زﯦﻤﯩﻦ -ﺗﯘرﭘﺎن»، 2007 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﺪا 6 - ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ «ﻳﺎﻏﺎﭼﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ»ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﻠﺪى. 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﺪا ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ - ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﻮش ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎل ﻗﻮﻟلاﻧﻤﺎ «ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜك ﻳﯘرﺗﯩﻤﯩﺰ» ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪر ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ «ﺑﻪرﮔﻪن ۋەدﯨﻤﯩﺰ ۋەدە» ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﺮون ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ۋە ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻠﯩﺮى ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗلار ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻳﯜرەﻛﺴﯩﺰ ﺳﯚﻳﮕﯜ»، «ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ ﻳﻪر ﺷﺎرى»، «ﻛﯚﻣﯜﻟﻤﻪس ﺋﯩﺰلار»، «ﻣﯧﮭﻨﻪت ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮى» ، «ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ 40 ﻳﯩﻞ»، «ﻳﯜرەك ﺳﻮۋﻏﯩﺴﻰ»، «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟلاﻧﻤﺎ»، «ﺋﺎﭘﺮﯦﻠﺪﯨﻜﻰ ﮔﯘﮔﯘم ﭘﻪﺳﻠﻰ»، «ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜر ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﺴﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﺗﻮﭘلاﻣلارﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن. «ﻳﺎرﻏﻮل ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮى»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ «ﺗﯩﻞ - ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت»دەرﺳﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ 4 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1 - ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻐﺎ، «ﺋﯩﺪﯨﻘﯘت ﺋﻮﻏﻠﻰ»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ «ﺗﯩﻞ - ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت»دەرﺳﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ 6 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1 - ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن. «ﺋﺎﺑﺪۇﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘر ۋە <3 ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪر> » ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮى ﻗﺎزاﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪە ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن «ﻣﻪرﯨﭙﻪت»(ﺳلاۋﯨﻴﺎﻧﭽﻪ)ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ژۇرﻧﺎﻟﻨﯩﯔ 2007 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 8 - ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻧﯩﺪا ﺳﯜرﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن «ﻳﯧﯖﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 60 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ - ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟلاﻧﻤﺎ»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪت 4 - ﺗﻮﻣﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮرﻧﯩﯔ ﺗﯚت ﭘﺎرﭼﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮى ﺧﻪﻧﺰۇﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن. 2010 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎن ﺳﻪﻳﻴﺎھ، ﺷﺎﺋﯩﺮ دۇرﺳﯘن ﺋﯚزدەن ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ «ﻗﺎﻳﻨﺎق» ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺗﯜرﻛﭽﻪ «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻛﺎرﯨﺰﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﻪﭘﻪر»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﺘﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮرﻧﯩﯔ ﻛﺎرﯨﺰ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯩﺌﯧﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜرﻛﭽﻪ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪن. ﺋﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ رادﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎت ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮى ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن «ﺋﻮت ﻳﯘرﺗﻰ ﺋﻪدﯨﺒﻠﯩﺮى»، «ﻛﯩﺘﺎﺑلار ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺳﯚﮬﺒﻪت»، «ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻰ»، «ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚز»، «ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ۋە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت»، «ﺑﯧﺰەﻛﻠﯩﻚ ﮔﯜﻟﺰارى»، «ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻮدﯨﻴﯩﺴﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﭘﺮوﮔﺮاﻣﻤﯩلاردا ﺋﯩﺶ - ﺋﯩﺰﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن، «ﺋﯩﺸﭽﯩلار ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ»، «ﺋﯩﺸﭽﯩلار ۋاﻗﯩﺖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»، «ﺗﯘرﭘﺎن ژۇرﻧﯩﻠﻰ»، «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى»، «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮى» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺖ- ژۇرﻧﺎﻟلاردا ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن. ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﻲ ﺧﻪﻟﻖ رادﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ رادﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ﺧﻪﻟﻖ رادﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﻠﯩﺮﯨﺪا ﺷﯧﺌﯩﺮ، ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮى ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﻠﻐﺎن، ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪن. «ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﺘﺎ ﺑﺎﮬﺎر»، «ﻣﯧﮭﻨﻪت ﻧﺎۋاﺳﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن 2008 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ «ﻗﯘرﺑﺎن ﮬﯧﻴﺘﻠﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺳﯩﻨﺎرﯨﻴﯩﻠﯩﺮى ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺑﻪدﺋﯩﻲ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻓﯩﻠﯩﻤﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯦﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪن، «ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﺘﺎ ﺑﺎﮬﺎر»ﻓﯩﻠﯩﻤﻰ DCV ﭘلاﺳﺘﯩﻨﻜﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪن. 30 دﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ ﮬﻪر دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ رادﯨﺌﻮ - ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻠﯩﺮى ۋە ﺳﻪﮬﻨﯩﻠﻪردە ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎن.

شاش -شەرەپلىرى

تەھرىرلەش

ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﺳﯩﺪﯨﻖ - 1994- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﺋﯘدا ﺗﯚت ﻳﯩﻞ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2-، 3- دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ «ﻣﯘﻧﻪۋۋەر مۇھەررىر»ﻟﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن، 1995 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘرﭘﺎن ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﻪت-ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ «ﻳﯧﯖﻰ دەۋر ﺗﯘرﭘﺎن ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﺎﭘﺘﻮر» ، ﻛﻮﻣﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﻳﺎﺷلار ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺗﯘرﭘﺎن ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪارﯨﻠﻪر ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ «10 ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﻳﺎش» ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﺎﮬﺎلاﻧﻐﺎن. تۇرپان ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎرﺗﻜﻮم ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎت ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘرﻏﺎن «ﻳﯘرﺗﯘﻣﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﻤﻪن» ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪر ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﭘﺎرﭼﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮى ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﻪﺳﻪر ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﺎﮬﺎلاﻧﻐﺎن. 1996-ﻳﯩﻠﻰ «ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎت ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﮭﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﺎﻏﯟەن» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﺋﻪﺳﯩﺮى ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ رادﯨﺌﻮ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﮬﺎلاﺷﺘﺎ 2-دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن. 2000 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘرﭘﺎن ۋﯨلاﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎت، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎر ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗلاﻧﻐﺎن. 2001 - ﻳﯩﻠﻰ «توغراققا ئايلانغان ئادەملەر» ناملىق ھېكايىسى ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت-ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ -«ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﺎﻧﺘﻪﯕﺮى ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ» ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن. 2003-ﻳﯩﻠﻰ «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﻧﯩﯔ 1-دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎرﯨﻲ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮى، «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﺎﭘﺘﻮرى، ﺗﯘرﭘﺎن ۋﯨلاﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﺎﮬﺎلاﻧﻐﺎن «10 ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﻳﺎش»ﻧﯩﯔ داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪن ﻳﺎش ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﺎﮬﺎلانغان. 2004-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪا «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﺪا ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن «ﺋﺎﺑﺪۇﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘر ۋە ﺋﯜچ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪر» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن 2-ﻗﯧﺘﯩﻢ «ﺧﺎﻧﺘﻪﯕﺮى ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ»ﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن. 2005 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘرﭘﺎن ۋﯨلاﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ «ﻛﯚزﮔﻪ ﻛﯚرۈﻧﮕﻪ ﺋﻮن ﻳﺎش»ﻧﯩﯔ داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪن ﻳﺎش ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﺎﮬﺎلاﻧﻐﺎن. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ «ﺗﯘرﭘﺎن ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»دە ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن «ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺳﯘ ﻛﯚز ﻳﯧﺸﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘن» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن 2 - دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ئېرىشكەن. 2007 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘرﭘﺎن ۋﯨلاﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ «ﺋﻮن ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﺎﺧﺒﺎراﺗﭽﻰ»ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى، «ﺗﺎرﯨﺦ - ﺗﻪزﻛﯩﺮە ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎر ﺷﻪﺧﺲ» ﺑﻮﻟﯘپ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗلاﻧﻐﺎن.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش

خەلىق تورى http://uyghur.people.com.cn/165019/11240472.html