ئۆپكە بىلەن ئۇرۇش ئويۇنى

ئۆپكە بىلەن ئۇرۇش - خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر خەلقى ئەينى زامانلاردىكى ھەر يىلى سەيلە، تاۋاپ قىلىش ۋاقتىدا باشقا پائالىيەتلەر بىلەن بىرگە ئېلىپ بارىدىغان ئويۇن بولۇپ، ئىككى كىشى قارىمۇ قارشى بولۇپ ئۇرۇشىدۇ. بۇ ئويۇننىڭ رىقابەتلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، چاققانلىق، كۈچلۈكلۈك ۋە چەبدەسلىك تەلەپ قىلىنىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى: ئىككى كىشى ئىختىيارىي ئاساستا بەلنىڭ يۇقىرى قىسمى يالىڭاچ، باش كىيىىسىز ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقى تۈرۈلگەن ھالەتتە سورۇنغا چۈشۈپ، تەييارلانغان كالىنىڭ ئۆپكىسىدىن بىردىن ئالىدۇ. مۇسابىقە باشقۇرغۇچى مۇسابىقىلەشكۈچىلەرنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۆپكە بىلەن ئۇرۇشنى باشلاش ئىشارىسى بېرىدۇ. مۇسابىقىلەشكۈچىلەر كالىنىڭ كانىيىنىڭ ئۆپكىگە يېقىن يېرىدىن تۇتۇشۇپ بىر - بىرىنىڭ يۇقىرى گەۋدە قسىمىغا ئۇرىدۇ. ھەر قايسىسى چەبدەسلىك بىلەن توسۇپ، يۇقىرىقى گەۋدە ۋە باش قىسمىغا تەگكۈزمەسلىككە تىرىشىدۇ. ئۆپكە يۇمشاق بولغىنى ئۈچۈن ئادەتتىكىچە ئۇرۇلغانغا كىشى ئۆرۈلۈپ كەتمەيدۇ. بۇ ئويۇندا يۇقىرىقى گەۋدە ۋە باش تەرەپكە ئۇرالىغىنى يەڭگەن، يەنە ئۈچ كىشىنى يەڭسە باتۇر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئويۇندا ئۆپكە بىلەن ئۇرماي مۇشت بىلەن ئۇرۇشقا، ئۆپكىنىڭ كانىيىنىڭ ئۈچ قىسمىدىن تۇتۇپ ئۇرۇشقا، يىقىلغان كىشىنى يەنە ئۇرۇشقا بولمايدۇ. ئۆپكە بىلەن ئۇرۇش ئەينى زاماندا خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنى بولغان بولسىمۇ، كېيىنچە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ ئويۇنلار قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلدى. [1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش