ئۇرۇق سېلىش مۇراسىمى

<مايسا بايرىمى> كىشىلەرگە باھارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەندىن كېيىن، ھەر بىر دېھقان ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ جىددىي تەييارلىقىغا چۈشىدۇ. ئۇيغۇرلار خەير - ساخاۋەتلىك، ئۆز ئارا كۆيۈمچان خەلق بولغاچقا، تېرىلغۇ مەزگىلىدە قولۇم - قوشنىلار مەسلىھەتلىشىپ لايقۇتلىشىش گۇرۇپپىلىرىنى تۈزىدۇ. ھەر بىر ئائىلە تېرىلغۇ تەييارلىقى سۈپىتىدە ئۇلاغلىرىنى تېخىمۇ ياخشى بېقىشقا باشلايدۇ. تېرىلغۇ سايمانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ بۇزۇلغانلىرىنى رېمونت قىلىدۇ. ئۇرۇقلۇق بۇغداينى نەمدەپ تەييارلايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بىرەر مويسىپىت دېھقاننىڭ تەييار بولغان ئېتىزلىقىغا يىغىلىپ تەجرىبىلىك، ئاقيوللۇق بىر دېھقان قوش ھەيدەپ، ئۇرۇق سېلىشنى باشلاپ بېرىدۇ. بۇ ئېتىزغا قوش چىقىرىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى باشلاش مۇراسىمى دەپ ئاتىلىدۇ. مۇشۇ مۇراسىمدىن كېيىنلا تەرەپ - تەرەپتە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىپ كېتىدۇ. ئېتىزلار قوش ئاۋازى، ناخشا ئاۋازى بىلەن جانلىنىپ كېتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر بىر پەسلىدە ھەر بىر ئەمگەك تۈرىنىڭ ئۆزىگە خاس ناخشا - قوشاقلىرى بولغىنىدەك، ئۆزىگە خاس ئاھاڭ بىلەن قوش ھەيدەش ئەمگىكىنىڭ رىتىمىغا ماس ھالدا قوشچى تەرىپىدىن تۆۋەن ئاۋازدا ئېيتىلغان <قوشچى ناخشىسى> بار. ئۇنىڭدا قوش مەۋسۈمىنىڭ خاسىيىتى، كىشىلەرنىڭ تېرىلغۇ ئۇلاغلىرىغا بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەزمۇنلار تەسۋىرلەنگەن."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش