ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن ئۇر توقماق

بۇرۇنقى زاماندا بىر بوۋاي بىلەن موماي ئۈزىنىڭ ئۈچ-تۈت يېتىم نەۋرىلىرىنى بېقىپ، بىر دەريانىڭ بويىدا ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ پەقەت بىر تۈپلا قاغا جىگدىسى بار ئىكەن. ئۇلار تولىسى شۇ جىگدە بىلەن كۈن كەچۈرىدىكەن. ئەمما بۇ جىگدىگە قاغىلار ئۈگىنىۋاپتۇ. بىرى كەتسە، بىرى كېلىپ جىگدىگە ئارام بەرمەپتۇ. بوۋاي جىگدىنى قاغىلاردىن ساقلاشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپتۇ. ئويلا-ئويلا ئاخىر چارە تېپىپتۇ؛ بىر كەپتەرنىڭ باچكىسىنى ئۈلتۈرۈپ، قېنىنى پۇتلىرىغا، كىندىكلىرىگە، باشلىرىغا سۇۋاپتۇ-دە، جىگدىنىڭ ئاستىغا كېلىپ، ئۈلۈپ قالغاندەك بولۇپ يېتىۋاپتۇ. بىر چاغلاردىن كېيىن بىر قاغا جىگدىگە كېلىپ قونۇپ، كانىيىنى سوزۇپ قاقىلداپتۇ، بوۋاينىڭ يۈزىگە جىگدىلەردىن بىر نەچچىنى چوقۇلاپ چۈشۈرۈپ سىناپتۇ. قارىسا جىم. "ھە، بۇ بىر تاپ ئوخشايدۇ" دەپ پەسكە چۈشۈپتۇ. ئاستا ئالچاڭلاپ كېلىپ، بوۋاينىڭ قورسىقى ئۈستىگە چىقىپ، كىندىكىدىكى قېتىپ قالغان قانلارنى ئېلىپ يەپتۇ. ئۈغزىنى تەمشىپ شۇنداق قارىسا، راستلا خۇدا بەرگەن بىر ئولجا. شۇ يەردىن قاغا ئاۋۋال "ئۈلۈك"نىڭ كۈزىنى چوقۇپ يەي دەپ بىر سەكرەپ بوۋاينىڭ ئېچىلىپ قالغان ئېغزىغا قونۇپتۇ. كۈزىنى چوقۇش نەدە تۇرسۇن... قاغا ئۈز كويىدا قاپتۇ. قارىسا بارماقلىرى بوۋاينىڭ ئاغزىدا قىسىلىپ قاپتۇ. قاغا دەررۇ بىر ھىيلە ئويلاپ: "مۇبارەك بولسۇن تىرىلىپ قالغانلىرىغا بوۋاي!" دەپتۇ. بوۋاي "ھىم" دەپ ئېغزىنى شۇنداق ئېچىشىغا قاچماقچى بولغان قاغا ئەمدى ئۈزىنى بوۋاينىڭ چاڭگىلىدا كۈرۈپتۇ. ئاخىر قاغا:

__ باش-كۈزىڭىزنىڭ سادىغىسى بولاي، مېنى قويۇپ بەرسىڭىز! __ دەپ يالۋۇرۇپتۇ.

__ تاس قالدىم كۈزۈمنىمۇ ساڭا سادىغا قىلغىلى، ئەمدى سېنى قويۇپ بېرىش دېگەن نەدىكى گەپ، __ دەپ ئۇنىماپتۇ بوۋاي.

__ مەن سىزنى تۈگىمەس دۇنياغا يەتكۈزۈپ قوياي... __ دەپ يەنە يالۋۇرۇپتۇ قاغا.

__ مەن چىرايلىق سۈزلەرگە ئالدىنىپ، قېرىغاندا مۇشۇ كۈنلەرگە قالغان، ئەمدى ئۈمرۈمنىڭ ئاخىرىدا ساڭا ئالدىنىپ نەگە باراي، __ دەپتۇ بوۋاي.

__ مەن بولسام قاغىلارنىڭ ئەڭ قېرىسى، يېشىم بولسا مىڭدىن ئاشتى. ئاخىرقى ئۈمرۈمدە ۋەدەمگە شۇنداق بىر ۋاپا قىلىپ ئۈتەيكى، ئادەم بالىسى مېنى بىر بىلىپ قالسۇن... __ دەپ كوسا ئېڭەكلىرىنى بوۋاينىڭ ئوتۇندەك بارماقلىرىغا سۈركەپ يىغلاپتۇ. "قېرى قېرىنىڭ قاياشى" دەپ قاغىنى قويۇپ بېرىپتۇ. قاغا ئىنتايىن خۇش بولۇپ تەزىم قىلىپ:

__ قېنى، مېنىڭ ئارقامغا كىرىپ مېڭىڭ، __ دەپتۇ.

قاغا بىردەم ئۇ دەرەخكە، بىردەم بۇ دەرەخكە قونۇپ، ئاخىر بىر جاڭگالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاجايىپ يوغان قېرى بىر توغراققا كېلىپ قونۇپتۇ. بوۋاي ھاسىسى بىلەن دوڭغاقلاپ كېلىپ، ئەتراپقا شۇنداق قارىسا، مال-چارۋا دېگەن مىغىلداپ يايلىغان. قويلارنىڭ ئۈستىدە تورغايلار ئۇۋىلىغان، سۇلۇق، ئوتلۇق... شۇنداق چىرايلىق بىر جاڭگال. قاغا توغراقنىڭ تۈۋىدىكى كامارنىڭ يېنىغا چۈشۈپ:

__ خوش، بوۋاي، قېنى ئىلتىپات قىلسىلا، __ دەپ ئۈيىگە تەكلىپ قىپتۇ. بوۋاي:

__ بۇ كامارغا قانداق پاتىمەن؟ __ دەپتۇ. قاغا:

__ قېنى، قەدەملىرىنى قويسىلا، بىر گەپ بولار، __ دەپ قول باغلاپ تۇرۇپتۇ. بوۋاي "خەير" دەپ شۇنداق قەدەم تاشلىغاننى بىلىپتۇ، قالغىنىنى بىلمەپتۇ. كۈزلىرىگە ھەر خىل يورۇقلۇق كۈرۈنۈپتۇ، قۇلاقلىرىغا خىلمۇخىل يېقىملىق ئاۋازلار ئاڭلىنىپتۇ، ئالدىغا ئۈنچىلەر چېچىلىپ، قۇلۇپلار جاراڭلاپ، چوڭ ئىشىكلەر ئېچىلىپتۇ. قارىسا بوۋاي بىر بوستانلىقتىكى سۇپىغا كېلىپ قاپتۇ. قاغا بوۋاينى سۇپىنىڭ ئۈستىگە تەكلىپ قىپتۇ، ئۈزى سۇپىنىڭ بىر چېتىدىكى پۇتلىرىغا رەڭمۇرەڭ گۈللەر يامىشىپ كەتكەن بىر كۇرسا (ئورۇندۇق)نىڭ ئۈستىگە قونۇپ:

__ مەن بولسام قاغىلارنىڭ خىزىرى، شۇنداق بولسىمۇ ئادىتىمىز ئارقىسىغا كىرىپ، سىزگە يولۇقۇپ قالدىم... خەير، ۋەدىگە ۋاپا، قىرراق! __ دەپتىكەن، سۇپىنىڭ ئالدىغا بىر قارا ئېشەك پەيدا بوپتۇ. قاغا:

__ مانا بۇ ئېشەك سىزگە ۋاپالىق سوۋغىسى. سىز بۇ ئېشەككە شۇنداق مىنگەندە ئۈزىڭىزنى بىر يول ئۈستىدە كۈرىسىز؛ شۇ يول بىلەن مېڭىپ، كەچ قالسىڭىزمۇ ھېچكىمنىڭكىدە قونماي، ئۈيىڭىزگە بېرىڭ. ئەگەر دۇنيا لازىم بولسا مۇشۇ ئېشەكنى بىر كۈرپىنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ: "ساڭقاڭ (تېزەكلەڭ) ئېشىكىم، ساڭقاڭ، ئالتۇن-كۈمۈش ساڭقاڭ!" دېسىڭىز، سىزگە ئالتۇن-كۈمۈش ساڭقاپ بېرىدۇ، لېكىن بۇ سىرنى ھېچكىمگە ئېيتماڭ، __ دەپتۇ.

بوۋاي "خوپ" دەپ ئېشەككە شۇنداق مىنىشىگە، راست دېگەندەك، ئۈزىنى يول ئۈستىدە كۈرۈپتۇ. ماڭا-ماڭا كەچ بوپتۇ. ئالدىغا بىر تۈگمەن ئۇچراپتۇ. تۈگمەنچى چىقىپ "ۋاي قونۇپ كەتسىلە..." دەپ ئۈيىگە باشلاپتۇ. ئاخشىمى ياتاردا بوۋاي تۈگمەنچىگە:

__ ئۈشىكىمگە ئالتۇن-كۈمۈش ساڭقاڭ دېمەي، ئوبدان قاراپ قويسىلا، دەپ ئۇخلاپ قاپتۇ.

تۈگمەنچى كېچىدە ئاستا چىقىپ، ئېشەككە ھېلىقى گەپنى دەپتىكەن، بىرمۇنچە تەڭگە تېزەكلەپ بېرىپتۇ. تۈگمەنچى ئېشەكنى تېگىشىۋېلىپ، چاندۇرماي ئۈيىگە كىرىپ ئۇخلىۋاپتۇ. بوۋاي سەھەر تۇرۇپ، ئېشەكنىڭ ئالماشتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى سەزمەي، مىنىپ يولغا راۋان بوپتۇ، ئۈيىگە بېرىپ بولغان ۋەقەنى مومىيىغا ۋە نەۋرىلىرىگە سۈزلەپ بېرىپتۇ. يىراق-يېقىندىكى تونۇش-بىلىشلىرىدىن زىلچا-گىلەم سوراپ كېلىپ، ئۈيىگە ساپتۇ ۋە پادىشاھنىمۇ بۇ كارامەتنى كۈرۈشكە تەكلىپ قىپتۇ. ئۈشەكنى كۈرپىگە چىقىرىپ قاغا ئۈگىتىپ قويغان ھېلىقى سۈزلەرنى دەپتۇ. ئۈشەك جىم تۇرۇپتۇ، ئىككىنچى قېتىم دەپتۇ، ئېشەك يەنە جىم تۇرۇپتۇ، ئۈچىنچى قېتىم يەنە دەپتۇ، ئېشەك يەنە جىم تۇرۇپتۇ. ئاخىر كالتەك بىلەن راسا بىرنى ئۇرۇپ، ۋارقىراپ دەپتۇ، ئېشەك تاياققا چىدىماي بىر ئىنجىقلاپتىكەن، ئالتۇن-كۈمۈشكە تىكىلىپ ئولتۇرغان پادىشاھ تېزەك ئاستىدا قاپتۇ.

پادىشاھ غەزەپكە كېلىپ "جاللات!" دەپ ۋارقىراپتۇ، بىراق ئەتراپىغا قارىسا جاللات يوق. "كىمىڭنى ئەخمەق قىلىسەن-ھە!" دەپ بوۋاينى تازا ئۇرۇپ يەرگە چاپلىتىۋېتىپ كېتىپتۇ...

بىچارە بوۋاي ئەتىسى كۈزىنى ئاچسا، موماي ھەم يىغلاپ، ھەم تاپا-تەنە قىلىپ بېشىدا ئولتۇرغۇدەك. بوۋاي چىشىنى چىشلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئېشەككە مىنىپ جاڭگالغا يول ساپتۇ. قاغىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بولغان ئىشلارنى بايان قىپتۇ. قاغا بوۋاينىڭ گەپلىرىنى تولۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن "قىرراق" دەپتىكەن، دەررۇ بىر سۇپرا پەيدا بوپتۇ. قاغا:

__ مانا بۇ سۇپرىنى ئېلىڭ! قاچانكى غىزا-تاماق لازىم بولسا، "ئۈچىل سۇپرام، ئېچىل" دېسىڭىز، دەررۇ ئېچىلىپ، ئۈستىدە خىلمۇخىل تائاملار ھازىر بولىدۇ. يولدا ھېچ يەردە قونماڭ، سۇپرىنىڭ سىرىنىمۇ ھېچكىمگە ئېيتماڭ، __ دەپتۇ. بوۋاي خۇشال بولۇپ، سۇپرىنى ئېلىپ يولغا راۋان بوپتۇ. ماڭا-ماڭا كۈن كەچ بوپتۇ، يەنە ھېلىقى تۈگمەنچىنىڭكىگە چۈشۈپتۇ. يېتىش ئالدىدا:

__ ماۋۇ سۇپرىغا "ئۈچىل سۇپرام، ئېچىل!" دېمەي، ئوبدان قاراپ قويسىلا، __ دەپ ئۇخلاپ قاپتۇ.

تۈگمەنچى كېچىدە ئاستا قوپۇپ، خوتۇن-بالىلىرى بىلەن گەپنى بىر قىلىپ، "ئۈچىل سۇپرام، ئېچىل!" دېگەنىكەن، سۇپرىدىن خىلمۇخىل غىزالار چىقىپ كېتىپتۇ. تۈگمەنچى باي ئۇ غىزالارنى بالىلىرى بىلەن ھاپىلا-شاپىلا يېيىشىپ، قالغىنىنى جىمىقتۇرۇپ، سۇپرىنىمۇ تېگىشىۋاپتۇ. بوۋاي ئەتىگىنى سۇپرىغا زەن قويمايلا قولتۇقىغا قىسىپ، يولغا چۈشۈپتۇ. ئۈيىگە كىرە-كىرمەيلا مومايغا سۇپرىنىڭ سىرىنى سۈزلەپ، موماينىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئۈي راسلىتىپ، پادىشاھقا خەۋەر بېرىپتۇ. پادىشاھ بۇ قېتىم ئۈزى كەلمەي ۋەزىرلىرىنى ئەۋەتىپتۇ. ۋەزىرلەر سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇشۇپتۇ. نەچچە كۈندىن بېرى ئاچ قالغان نەۋرىلەرمۇ قوللىرىنى يۇيۇشۇپ، ئىشىكتە تەلمۈرۈشۈپ تۇرۇپتۇ. ھەممە تەييار بولغاندىن كېيىن، بوۋاي: "ئۈچىل سۇپرام، ئېچىل" دەپتۇ... ئىككى قېتىم دەپتۇ، ئۈچ قېتىم دەپتۇ، سۇپرىدىن ھېچ سادا چىقماپتۇ. ۋەزىرلەر كايىپ، بوۋاينى ئۇرۇپ يۇمىلىتىۋېتىپ، ئوردىغا قايتىپتۇ.

موماي يىغلاپ تۇرۇپ بوۋاينى يەنە تاپا-تەنە ئاستىغا ئاپتۇ. بوۋاي قانداق قىلىشنى بىلمەي، مەرتەم، مەرتەم، ئۈچ مەرتەم، دەپ يەنە جاڭگالغا يول ساپتۇ. بېرىپ قاغىنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. ۋەقەنى يەنە بايان ئەيلەپتۇ. قاغا:

__ خەير، بۇ ئاخىرقىسى بولغاي، قىرراق...! __ دەپتۇ. بوۋاينىڭ ئالدىغا بىر تۇلۇم پەيدا بوپتۇ. قاغا:

__ مانا بۇ تۇلۇم ئىچىدە بىر توقماق بار. قاچانكى بېشىڭىزغا كۈن چۈشىدىكەن، "ئۇر توقمىقىم، ئۇر!" دېسىڭىز، ھەر قانداق مۈشكۈل ئىشىڭىز ئاسان بولىدۇ، __ دەپ يەنە باشتا ئېيتقان گەپلەرنى جېكىپ، بوۋاينى يولغا ساپتۇ. بوۋاي يەنە ھېلىقى تۈگمەن ئالدىغا كېلىشىگە تۈگمەنچى چىقىپ:

__ ۋاي ئاكا، قونۇپ كەتسىلە... __ دەپ توسۇپتۇ. بوۋاي "خەير" دەپ ئېشەكتىن چۈشۈپتۇ. يېتىش ئالدىدا:

__ ماۋۇ تۇلۇمنىڭ ئىچىدە بىر توقماق بار، "ئۇر توقمىقىم، ئۇر" دېمەي، ئوبدان قاراپ قويۇشسىلا، __ دەپ ئۇخلاپ قاپتۇ. تۈگمەنچى خوتۇنى بىلەن تۇلۇمنى ئاستا باشقا ئۈيگە ئوغرىلاپ ئاچىقىپ، ئوتتۇرىغا قويۇپ، "ئۇر توقمىقىم، ئۇر!" دېگەنىكەن، تۇلۇمدىن توقماق چاچراپ چىقىپ، تۈگمەنچى ۋە ئۇنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى شۇنداق ئۇرغىلى تۇرۇپتىكى، ئاللا-توۋىنىڭ دەستىدىن جاھاندا تۇرۇپ بولغىلى بولماپتۇ. بوۋاي يۈگۈرۈپ چىقسا، ئىش باشقىچە... شۇ يەردىن بوۋاي توقماققا تېخىمۇ چىڭراق بۇيرۇق بېرىپتۇ. تۈگمەنچى: "ۋاي ئېشەكلىرىنى قايتۇرۇپ بېرەي" دەپ ئېشەكنى تېپىپ كەپتۇ. توقماق توختىماي خوتۇنىنى سېلىۋېرىپتۇ. تۈگمەنچىنىڭ خوتۇنى مىڭ بىر توۋا ئوقۇپ، سۇپرىنى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. توقماق يەنە توختىماپتۇ. ئۇلار: "بالىمىزدىن بالىمىزغا پەندىيات، يۈز مىڭ توۋا، توقماقنى توختىتىڭ بوۋا!" دەپ نالە قىپتۇ. بوۋاي:

__ "تۇر توقمىقىم، تۇر!" دەپتۇ. توقماق توختاپتۇ. بوۋاي ھەممە نەرسىلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئۈزىنىڭ ئاۋۋالقى ئېشىكىگە مىنىپ، ناخشىسىنى دۈڭ ئېيتىپ، يولغا راۋان بوپتۇ.

تەلەي كەلسە بېشىمغا،

يارىم كېلەر قېشىمغا.

توقماق يەيدۇ ئالدامچى،

توپا سالسا ئېشىمغا...

بوۋاي ئۈيىگە كېلىپ، موماينى قايىل قىلىپ، تونۇش-بىلىشلەرنى قىچقارتىپ يەنە پادىشاھقا يۈگۈرۈپتۇ. پادىشاھ "نېمە بالاغا قالدىم بۇ ئەخمەق گادايدىن" دەپ قوغلاپ چىقىرىپتۇ. پادىشاھنىڭ تەمەگە ئۈگىنىپ قالغان كۈڭلى بېسىلماي، "يەنە بېرىپ بېقىڭلار!" دەپ نەچچە ياساۋۇلىنى ئەۋەتىپتۇ.

غىزادىن كېيىن ئېشەكنىڭ كارامىتىنى كۈرسىتىپ، ياساۋۇللاردىن پادىشاھقا نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سوۋغا قىپتۇ.

پادىشاھ سوۋغىلارغا قانائەت قىلماي، نىيىتىنى بۇزۇپتۇ؛ بوۋاينىڭ ئۈيىنى قۇشقاچنىڭ ئۇۋىسىنى بۇزغاندەك بۇزدۇرۇپ، ھەممە نەرسىلەرنى خەزىنىگە ئالماق بوپتۇ. بۇنى ئوردىدىكى باغۋەن قېرى ئاڭلاپ قېلىپ، بوۋايغا خەۋەر قىپتۇ. بوۋاي ئۈگزىگە چىقىپ تەييارلىنىپ تۇرۇپتۇ. قارىسا، راست دېگەندەك بىر مۇنچە لەشكەر كېلىۋاتقۇدەك. لەشكەرلەر يېقىنراق كەلگەندە بوۋاي توۋلاپتۇ:

__ ھەي! لەشكەرلەر، ئارقاڭلارغا قايتىڭلار. ئالتۇن كېرەك بولسا ئەۋەتىپ تۇراي، بىزنى ئارامخۇدا كۈن كۈرگىلى قويۇڭلار، __ دەپتۇ. لەشكەرلەر ئۇنىماي باستۇرۇپ كەپتۇ. بوۋاي "خەير" دەپ توقماققا ئەمىر بېرىپتۇ:

__ "ئۇر توقمىقىم، ئۇر!"

توقماق لەشكەرلەرنى شۇنداق سالغىلى تۇرۇپتىكى، توپا-چاڭغا ئايلىنىپ، ئاران ئۈچ كىشى ئوردىغا قېچىپ قۇتۇلۇپتۇ. پادىشاھ غەزەپكە كېلىپ، ھەممە لەشكەرلىرىنى چىقىرىپتۇ. توقماقمۇ ھەممە كۈچىنى چىقىرىپ ئۇرغىلى تۇرۇپتۇ. خەلقلەر توقماقنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپتۇ. لەشكەرلەر ساينىڭ تېشىدەك قىرىلىپتۇ. ئوردا ئېلىنىپ، جەڭ تامام بوپتۇ. ئەل ئامان قاپتۇ. خەلقلەر ئۈز ئىچىدىن ئادىل بىر كىشىنى تېپىپ، پادىشاھ سايلاپتۇ. بوۋاي بىلەن مومايمۇ مۇرادىغا يېتىپ، ئالەمدىن ئۈتۈپتۇ.