ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك دەرەخلەر

شىمالىي ئافرىقا دېڭىز قىرغىقىدىن ئانچە يىراق بولمىغان كانارى تاقىم ئارىلىدا ئەجدىھا دەرىخى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دەرەخ بولۇپ، ئۆمرى 10 مىڭ يىلغا يېتىدۇ، مانا شۇ دەرەخ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «10 مىڭ ياشلىق بوۋاي» ھېسابلىنىدۇ.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

تەھرىرلەش

ئۇيغۇرچە نامى :ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك دەرەخلەر

ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك دەرەخلەر ھەققىدە

تەھرىرلەش

ئارچا دەرىخىھازىر ئىنسانلار ئىچىدە ھايات تۇرۇۋاتقان ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەرنىڭ يېشى تەخمىنەن 110 نەچچە ياش بولۇۋاتىدۇ. ھايۋانات ئىچىدىكى ئۆمۈر چولپىنى تاشپاقا بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن ياشىغانلىرىنىڭمۇ 300 يىلدىن ئاشمايدۇ. ئاتالمىش «تاشپاقا مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ» دېگەن سۆز ئەمەلىيەتتە ئىشەنچىسىز، چۈنكى نۇرغۇن تاشپاقىلارنىڭ يېشى پۈتۈنلەي مۆلچەر بويىچە ئېيتىلغان. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ تاشپاقىنىڭ يېشى دەرەخنىڭ يېشىغا قارىغاندا يەنىلا ھېچقانچە چوڭ ئەمەس.

ئېلىمىزدىكى ئادەتتە دائىم ئۇچرايدىغان دەرەخلەرنى ئالساق، ئالما دەرىخى 100-200 يىل، نەشپۈت دەرىخى 300 يىل، ياڭاق دەرىخى 300-400 يىل، زەرەڭ 400-500 يىل، ئاق تېرەك بىلەن قارىغاي 500-600 يىل، كامفارا دەرىخى 800 يىل، ئەنجۈر 1000 يىل، ھىمالايا كېدرى 2000 يىل، شەرقىي شىمال قارىغىيى بىلەن ئارچا 3000 يىل ياشىيالايدۇ. پەقەت نەچچە ئون يىللا ياشايدىغان دەرەخلەرنى قسىقا ئۆمۈرلۈك دەرەخلەر دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.

ئالاقىدار بايان

تەھرىرلەش

5پارچەئەجدىھا دەرىخىئەگەر باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك دەرەخلەرگە سېلىشتۇرساق، يۇقىرىدا ئېيتىلغان بۇ دەرەخلەرنى پەقەت «ئۇكىسى» دېيىشكە بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى «دۇنيا بوۋىسى» دەرىخىنىڭ ئۆمرى 4000 يىلغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر تۈپ «دۇنيا بوۋىسى» گەرچە 7800 يىل ياشىغان بولسىمۇ 21-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلگەن. لېكىن «دۇنيا بوۋىسى» مۇ ھەقىقىي قېرى ئۆمۈر چولپىنى ھېسابلانمايدۇ. شىمالىي ئافرىقا دېڭىز قىرغىقىدىن ئانچە يىراق بولمىغان كانارى تاقىم ئارىلىدا ئەجدىھا دەرىخى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دەرەخ بولۇپ، ئۆمرى 10 مىڭ يىلغا يېتىدۇ، مانا شۇ دەرەخلا ئىسمى-جىسمىغا لايىق «10 مىڭ ياشلىق بوۋاي» ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، دەرەخلەرنىڭ ئەمەلىي ئۆمرى يەنە تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئاپەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغاچقا، ھەر بىر تۈپ دەرەخ ئاشۇنداق كۆپ يىل ياشىيالمايدۇ.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش