ئۇلىنىش تور-تېخنىكا شىركىتى

شىركەت ھەققىدە تەھرىرلەش

ئۇلىنىش تور-تېخنىكا شىركىتى 2009-يىلى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بولۇپ، مەخسۇس تور ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپى شىركەت، شىركەت كۆلىمى 150 كۇۋادىرات، 15 نەپەر مۇقىم خىزمەتچى ۋە 30 نەپەر ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان خىزمەتچى قوشۇنى بار، ئۇلىنىش شىركىتى بايرىقى ئاستىدا، ئۇچۇر تورى، ۋە نۇر تورى قاتارلىق داڭلىق تور بىكەتلەر بار. ھەرقايسى شىركەتلەرنىڭ شىركىتىمىز بىلەن تور ئېلانلىرى ھەمكارلىقى ۋە يانفون يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىچىش تۈرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

ئۇلىنىش تورى تەھرىرلەش

ئۇلىنىش (www.ulinix.cn) تورى 2005-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلىنىش تورىنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشى، كۆرۈنمە يۈزىنىڭ كۆركەم ھەم چىرايلىق بولۇشى، مەزمۇنلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىنىڭ تېز بولۇشى سەۋەبلىك، يىللاردىن بېرى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ تور كۆرگۈچىنىڭ باش بېتىگە ئايلانغان. ئۇلىنىش تور بېكىتىنىڭ تور ئادرېسى www.ulinix.cn باشقا نامدىكى ئۇلىنىش تور بېكەتلىرى يەنى ئۇلىنىش كوم ياكى بىر قىسىم خاتا يېزىلغان ئۇلىنىش تور بېكەتلىرى بىلەن بىر ئەمەس بەلكى ھەممىسى ئايرىم-ئايرىم تور بېكەتلەردۇر، تورداشلارنىڭ بۇ ئەھۋالنى ئېنىق ئايرېۋىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

نۇر تورى تەھرىرلەش

نۇر تورى ئۇلىنىش شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى تور بېكەت بولۇپ، كۈندىلىك زىيارەت ۋە مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىش سانى جەھەتتە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلىنىش شىركىتى 2012-يىلدىن باشلاپ نۇر تورىنىڭ يانفون ئەپ دېتاللىرىنى تەتقىق قىلىپ تورداشلارغا ھەقسىز ئېچىۋەتكەن، ئايفون، ئاندىرويىد ۋە ۋىندوۋس فون سېستىمىلىق يانفونلاردىمۇ نۇر تورىنى نورمال كۆرگىلى بولىدۇ. نۇر تورى مەزمۇن ۋە سەھىپىلەclientرنىڭ يېڭىلىنىشى جەھەتتە تېخىمۇ ئىزدەنمەكتە. ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى داڭلىق ماركا يارىتىش ۋە تورداشلproductارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشماقتا!

ئۇچۇر تورى تەھرىرلەش

ئۇچۇر تورى ئۇلىنىش تور-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى ئۆي-مۈلۈك، خىزمەت، نىمكەش ماشىنا، نىمكەش بۇيۇملار، تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى، ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار قاتارلىق خەلىققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلارنى تەمىن ئېتىدىغان تور بېكەت. ئۇچۇر تورىنىڭ كۈندىلىك يېڭىلىنىدىغان ئۇچۇرلار سانى 3000 دىن ئاشىدۇ، چوڭ شەھەرلەردىكى نىمكەش ئۆيلەرنىڭ %60 تى ئۇچۇر تورى ئارقىلىق سودىلىشىدۇ. يىلدا 20 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئورۇنلىرى ئۇچۇر تورى ئارقىلىق ئادەم تولۇقلايدۇ. ئۇچۇر تورىنىڭ يانفون ئەپ دېتالىمۇ بار بولۇپ يانفون ئابونتلىرىمۇ شىددەت بىلەن كۆپەيمەكتە.

[1]