ئۇلۇس (ئېنگلىزچە: Nation) قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا بىر قەبىلە، مىللەت، بىرلىك دېگەندەك مەنسى بار. دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغان ئەگىشىپ ئۇلۇس سۆزنىڭ مەنىسى ئۆزگىرەپ يېڭى مەنە ئىپادىلەيدىغان بولدى.

ھازىر ئۇلۇس سۆزى مىللەت، قەبىلە، ئىرقى، دىندىن ھالقىغان، مەلۇم بىر خىل قىممەت قاراش ياكى سىياسى ئىدىيە، ۋە ياكى ئىنسانلار توپلىمىغا بولغان ئېتراپ ئاساسىدا ھاسىل بولغان ئىنسانلار سىياسىۋى توپلىمى ياكى جەمئىيەتى.مەسلەن:

  1. ئامېرىكا ئۇلۇسى: ئامېرىكا گىراژدانى بولغان ھەر بىر كىشى مىللەت، ئىرقى، دىن، جىنىسىي تەشنالىقى، تەبىقە ۋە باشقا خاراكتىر توپلاملىرىغان قارىماي ئامېرىكا ئۇلۇسدىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ئۇلۇسلۇق دۆلەتتۇر، ھەرگىزمۇ مىللى دۆلەت ئەمەس.
  2. گېرمانىيە ئۇلۇسى: گېرمانىيە پۇقىراسى بولغان ھەر بىر كىشى مىللەت، ئىرقى، دىن، جىسنى تەشنالىقى، تەبىقە ۋە باشقا خاراكتىر توپلاملىرىغان قارىماي گېرمانىيە ئۇلۇسدىشى ھېسابلىندۇ. گېرمانىيە ئۇلۇسدىشى ھەرگىزمۇ گېرمان مىللىتى ياكى خىرىستيان بولۇش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن گېرمانىيە ئۇلۇسلۇق دۆلەتتۇر، ھەرگىزمۇ مىللى دۆلەت ئەمەس.
  3. جوڭخۇا ئۇلۇسى: 56 مىللەتدىن تەركىپ تاپقان بىر غايىۋى ئورتاقلىق ئۇلۇسىدۇر.

ئۇلۇسلۇق ئىدىيە ئارقىسدا بەرپا بولغان دۆلەتلەر ئۇلۇسلۇق دۆلەت (Nation State) دېيىلدۇ. مەسلەن ئا ق ش، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ۋە مېكسىكا. مەلۇم بىر مىللەت ياكى ئىرىقنى ئاساس قىلىپ، مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان دۆلەت مىللى دۆلەت دېيىلدۇ، مەسلەن ئىسرائىل، بېرما، كورىيە، ياپونيە دېگەندەكلەر.