ئۇماچ

ئوماچ-ئاساسەن ئائىلىۋى تاماق تۇرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئاساسەن مىجاز تەڭشەش ئېھتىياقى تۈپەيلىدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .بۈگۈنكى كۈندە ئوماچ ، كىشىلەرنىڭ ئەتىۋارلىق يىمەكلىكىگە ئايلانماقتا . بولۇپمۇ يۇقۇرى ئىستېماللىق كىشىلەر تۇرمۇش تەرتىۋىنى مۇنتىزىنلاشتۇرۇپ ، ئوماچ ئىچىشنى كۈندىلىك ئىستىمالدىكى مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى قىلماقتا . ئىلگىرى ئوماچ ئىچېش نامراتلىقنىڭ بەلگىسى بولسا ، ئەمدىلىكتە ئۇ يۇقۇرى ئىستىماللىق كىشىلەرنىڭ كۈدىلىك يىمەكلىگى بولۇپ قالدى .

ئېتىش ئۇسۇللىرى - ئاساسەن قۇرۇق سۇغا تەييارلىغان خۇرۇچلارنى سېلىپ قاينىتىشتىن ئېبارەت بولۇپ ، سىزنىڭ قايسى خىل ئوماچنى تالىشىڭىزغا باغلىق .

ئوماچ تۇرلىرى :

1.ئىماتا

2.بۇلغاما

3.ئۇن ئومىچى

4.شورپا ئومىچى

5.تۇرۇپ ئومىچى

6.ئەلا سورۇقلۇق تېرىق ئومىچى

7.سۆك ئومىچى

8.سېمىز ئومىچى

9.بۇغداي ئومىچى

10.كەندىر ئۇرۇقى ئومىچى

11.قوناق ئۇنى ئومىچى

12.ئارپا ئۇنى ئومىچى

13.گۈرۈچ ئۇنى ئومىچى

14.سۇپساق ئوماچ (گۆشسىز ئوماچ)

15.تۇخۇم ئومىچى

16.غورا ئومىچى

17.تۈگۈنەك ئومىچى

18.چامغۇر ئومىچى

19.سەۋزە ئومىچى

20.گۆش ئومىچى

21.مېڭە ئومىچى

22.تەڭنە ئومىچى

23.ئەۋزور

24.سۈت زېڭى

25.قېتىق زېڭى

26.ئالىقات زېڭى

27.شەربەت زېڭى

28.بېدە زېڭى

29.ماي زېڭى

30.كۆتات زېڭى

31.شوخلا زېڭى

32.قورىما زاڭ

33.قوناق يارمىسى

34.چۈلە

35.يەجمە

36.شودىردام

37.چېچىلماق

38.ۋاپادان

39.شىلەمپەت

40.ئاتىلا

41.قورىغان ئوماچ

42.بېدە ئومىچى

43.گۆش سالغان ئوماچ

44.چامغۇر سالغان ئوماچ

45.گۈلە سالغان ئوماچ

46.قورقغان سىقماق

47.گۆش سالغان سىقماق

48.بېدە سالغان سىقماق

49.ماش سالغان سىقماق

50.چامغۇر سالغان سىقماق

51.گۈلە سالغان سىقماق

52.خەندىلەك

53.شۇڭغۇتماق

54.كۆجە

55.قېتىق كۆجىسى

56.سىقماق ئاش

پايدىلانغان ماتېرياللار:

1. ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسى (شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى. 2007-يىل 6-ئاي 1-نەشىرى)