ئۇممۇ سەلەمە[1]، ئەسلى ئىسمى ھىند بىنت ئەبى ئۇمەييە / ئەبۇ ئۇمەييەنىڭ قىزى ھىند. (ئەرەبچە:  أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ أُمُّ سَلَمَةَ هِنْد بنت أبي أُميَّة)، (ھ. بۇرۇن 29 – ھ. 61 / م. 594 – 680) يولدىشى ئەبۇ سەلەمە بىلەن دەسلەپتە مۇسۇلمان بولۇپ، ھەبەشىستانغا ۋە مەدىنەگە ھىجرەت قىلغانلاردىن. تۇل قالغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى نىكاھىغا ئالغان ۋە «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلغان دانا ۋە فەقىھە زات[2].

ئۇممۇ سەلەمە
ھز. مۇھەممەدنىڭ رەڧىقىسى
تۇغۇلۇشھ. بۇرۇن 29 / م. 594
ۋاپاتىھ. 61 / م. 680
جۆرە(لەر)ئەبۇ سەلەمە
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
بالىلىرىزەينەب بەرراھىش سەلەمە
زاراھ، ئۆمەر، رۇقىيە
ئاتا-ئانىسىئەبۇ ئۇمەييە بىن ئەل مۇغىرە
ئاتىكە بىنت ئەمر بىن رەبىئا

ئۇنىڭ ئاتىسى مەخزۇم قەبىلىسىنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرىدىن ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئىچىدە سېخى دەپ ئاتالغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى، يەئنى ئەبۇ ئۇمەييە بىن مۇغىرە بىن ئابدۇللاھنى[3] يولۇچىلارغا ئوزۇق بەرگۈچى دېيىشەتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ يۇرتىنى نىشان قىلىپ كەلگەن ياكى ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشقا ماڭغان ھەرقانداق كىشى ئوزۇق ئالمايتتى.

تۇنجى ئېرى تەھرىرلەش

ئۇممۇ سەلەمەنىڭ يولدىشى— ئابدۇللاھ بىن ئابدۇلئەسەت بولۇپ، ئىسلامغا دەسلەپكى قەدەمدە كىرگەن 10 كىشىنىڭ بىرى ئىدى[3]. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، ئەبۇبەكرى ۋە بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا بىر قانچە كىشى ئىسلامغا كىرگەن ئىدى. مۇسۇلمانلارغا بولغان بېسىمنىڭ ئارتىشى بىلەن ئېرى ئىككىسى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغانىدى. بۇ سەپەردە سەلەمە ئىسىملىك بىر قىزى بولدى. ھىند بىنت ئەبى ئۇمەييە ئەلمەخزۇمىيە، ئۇممۇ سەلەمە (سەلەمەنىڭ ئانىسى) دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى.[3]

ئۇممۇ سەلەمە — ئېرى بىلەن بىرگە مۇسۇلمان بولغان. شۇنداقلا ئىسلامغا بۇرۇن كىرگەنلەردىن ئىدى. ئۇنىڭ ۋە ئېرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىق خەۋىرى تارقىلىشى بىلەنلا قۇرەيشلىكلەر ئەنسىرەشكە باشلىدى ھەم ئۇ ئىككىسىگە قاتتىق تاشلارنى ئېتىپ، ئېغىر ئەزىيەتلەر يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىمانى تەرۋېنىپ قىلچە ئىككىلىنىپ قالمىدى.

ئىككەيلەنگە يەتكەن ئەزىيەت بەك قاتتىق بولغان مەزگىللەردە پەيغەمبىرىمىز ساھابىلارنى ھەبەشسىتانغا ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت قىلدى، بۇ ئىككىيلەن مۇھاجىرلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى. بۇ ئىككىسى چىرايلىق ئۆيىنى، يۇقىرى مەنسەپ ئابرۇينى يېقىن ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى، يۇرتداشلىرىنى، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قايرىپ قويۇپ، ھەممىنى مەككىدە تاشلاپ قويۇپ، غېرىپ- مۇساپىرلىق يۇرتىغا يول ئالدى.

ئۇممۇسەلەمە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى، ھەبەشىستان پادىشاھى- نەجاشىنىڭ (ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى جەننەتتە نۇرلاندۇرۇۋەتسۇن!) ھىمايىسىگە ئېرىشكەن تۇرۇقلۇق، ۋەھىي چۈشكەن ئورۇنغا ۋە توغرا يول مەنبەسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئىشتىياق ۋە تەلپۈنۈش، بۇ ئىككىسىنىڭ يۈرىكىنى تەلپۈندۈرەتتى، بۇ ۋاقىتتا، ھەبەشىستاندا تۇرۇۋاتقان مۇسۇلمانلارغا، مەككىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى كۆپىيىپتۇ! ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىب بىلەن ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قۇرەيشلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان ئەزىيىتى يەڭگىللەپتۇ! دېگەن خەۋەرلەر يېتىپ بارغىلى تۇردى ۋە ئۇلارنىڭ بەزىسى مەككىگە قايتماقچى بولدى، ئۇلارنى ئىشتىياق ھەيدىسە، تەلپۈنۈش چاقىراتتى.

ئۇممۇ سەلەمە ۋە ئۇنىڭ يولدىشى قايتقۇچىلارنىڭ ئەۋۋەلقىسى بولدى. لېكىن قايتقۇچىلار، ئۆزلىرىگە يېتىپ بارغان خەۋەرنىڭ مۇبالىغە ئىكەنلىكىنى، ھەمزە ۋە ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلگىرىلەشلىرى قۇرەيشلەرنىڭ زەربىسىى ئارقىلىق بېسىقتۇرۇلغانلىقىنى سەزدى.

مۇشرىكلار، مۇسۇلمانلارنى ئازابلاش ۋە قىيناشتا، ھەددىدىن ئېشىپ، بۇرۇن ئىشلەتمىگەن بېسىملارنى ئىشلىتىشكە ئۆتكەن ئىدى.

بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبىرىمىز، ساھابىلەر مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت قىلدى، ئۇممۇ سەلەمە ۋە ئۇنىڭ يولدىشى، ئۆز دىنىنى ساقلاپ قېلىش، ئۆزىنى قۇرەيشلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، بۇ قېتىممۇ ھىجرەت قىلغۇچىلارنىڭ ئالدى بولۇشنى مەقسەت قىلدى.

لېكىن ئۇ ئىككىسىنىڭ ھىجرىتى، ئۇلار ئويلىغاندەك ئاسان بولماي، ئەكسىچە ئىنتايىن مۇشەققەتلىك ۋە ئازابلىق بولدى، بۇ قېتىمقى ھىجرەتتە بارلىق تىراگېدىيىلەرنى بېسىپ چۈشىدىغان بىر، تىراگېدىيە مەيدانغا كەلدى. بۇ پاجىئەلەرنى ئۇ مۇنداق ھېكايە قىلىدۇ:

ئەبۇسەلەمە (سەلەمەنىڭ ئاتىسى) مەدىنىگە كېتىشنى مەقسەت قىلىپ، ماڭا بىر تۆگە تەييارلاپ مېنى مىندۈردى ۋە بالامنى قۇچىقىمغا ئېلىپ بەردى، تۆگىنى ئۆزى يېتىلىدى، بىز ھېچنېمىگە قارىماستىن يۈرۈپ كەتتۇق.

مەككىدىن ئايرىلىش ئالدىدا بىزنى مېنىڭ قەبىلەمدىكى مەخزۇم جەمەتىدىن بىر قانچە ئادەم كۆرۈپ قېلىپ، ئالدىمىزنى توسىۋېلىپ يولدىشىم ئەبۇسەلەمەگە:

— سەن ئۆزۈڭنى بىزدىن ئېلىپ قېچىۋاتقان بولساڭمۇ، ئايالىڭنى نېمىشقا ئېلىپ ماڭدىڭ؟ ئۇ بىزنىڭ قەبىلىنىڭ قىزى! سېنىڭ بۇنى بىزدىن ئېلىۋېلىپ، باشقا شەھەرلەرگە ئېلىپ بېرىشىڭغا يول قويىمىزمۇ؟— دېدى ۋە يۇپۇرلۇپ كېلىپ، مېنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالدى.

يولدىشىمنىڭ قەبىلىسى بولغان- ئابدۇلئەسەد جەمەتىلدىكىلەرمۇ، يولدىشىم ئابدۇللاھتىن قەبىلەمدىكى كىشىلەرنىڭ مېنى ۋە بالامنى تارتىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاچچىقلىشىپ كېتىشتى- دە، مېنىڭ قەبىلەمدىكىلەرگە قاراپ:

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر نېمە دەپ بىزنىڭ ئادىمىمىزدىن بالىنى تارتىۋالىسىلەر؟ ئابدۇللاھ بىزنىڭ بالىمىز، شۇڭا بالىغا بىز ئىگە! — دېگىنىچە كېلىپ، كىچىك بالام سەلەمەنى تارتىۋالدى. بۇنى كۆرگەن مەخزۇم قەبىلىسى كىشىلىرى ئۇلارنىڭ قولىدىكى بالىنى: «بىزنىڭ قەبىلىگە تەۋە!» دېگىنىچە بېرىپ ئۇلاردىكى بالىنى تارتتى، نەتىجىدە بالىنى تارتىشىپ يۈرۈپ، بىچارە سەبى بالىنىڭ قولىنى چىقىرىۋېتىشتى ۋە بالىنى يارىدار ھالەتتە يولدىشىمنىڭ جەمەتىدىكىلەر ئېلىپ كېتىشتى.

مەن بۇ بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىشتىن، ئائىلىمىزنىڭ پارچىلىنىپ، ئۆزۈمنىڭ تەنھا قالغانلىقىمنى سەزدىم.

يولدىشىم بولسا، ئۆز دىنىنى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەدىنىگە يول ئالدى. بالام ئابدۇلئەسەد جەمەتىدىكىلەر بىلەن، يۇمران قولى چىقىرىلغان ھالدا كەتتى. مېنى بولسا، قەۋمىم- مەخزۇم جەمەتىدىكىلەر ئېلىپ قېلىشتى. بىردەمدىلا، مەن، بالام، ئېرىم ئۈچىمىز ئۈچ تەرەپكە ئايرىلدۇق!...

مەن شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر كۈنى ئەتىگەندە ھەتەمە دېگەن جايغا چىقىپ، تاكى كەچ كىرگىچىلىك مېنىڭ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەمگە شاھىت بولغان بۇ ئورۇندا ئولتۇرۇپ، بالام ۋە ئېرىم بىلەن ئارىمىزدا يۈز بەرگەن ئاشۇ دەقىقىدىكى كۆرۈنۈشنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ يىغلايدىغان بولۇپ قالدىم، بۇ ئەھۋاللار بىر يىلچە داۋاملاشتى...

ئاخىرى، قېشىمدىن تاغامنىڭ جەمەتىدىن بولغان بىر كىشى ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ مېنىڭ بۇ ھالىمغا ئىچ ئاغرىتىپ، شەپقەت قىلىپ، مېنىڭ جەمەتىمدىكىلەرگە:

— بۇ مىسكىن ئايالنى قويۇۋەتسەڭلار بولماسمۇ؟! سىلەر ئۇنى بالىسىدىن، ئېرىدىن ئايرىۋېتىپسىلەر! — دەپ جەمەتىمدىكى كىشىلەرنىڭ دىلىنى يۇمىشىتىپ، ئۇلارنىڭ مېھرىبانلىقىنى قوزغاشقا ئۇرۇندى. ئاخىرى ئۇلار ماڭا:

— خالىساڭ ئېرىڭگە قوشۇلىۋال! — دېيىشتى.

لېكىن مەن يۈرەك پارەم بولغان بالامنى، مەككىدىكى ئابدۇلئەسەد جەمەتىدىكىلەرنىڭ قېشىدا قالدۇرۇپ، مەدىنىدىكى ئېرىمنىڭ يېنىغا قانداقمۇ كېتەلەيتتىم؟!

مەن ھىجرەت يۇرتىغا كېتىپ، كىچىك بالام بولسا مەككىدە قالسا، مەن ئۇنىڭ خەۋىرىنى بىلمەي- كۆرمەي كۆز ياشلىرىم قانداقمۇ قۇرۇسۇن؟! ھەسرىتىم قانداقمۇ بېسىلسۇن؟!

بىر تۈركۈم كىشىلەر مېنىڭ غەمگە پېتىپ، ھەسرەتلىنىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ مېنىڭ بۇ ھالىمغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئابدۇلئەسەد جەمەتىدىكىلەرگە مەن توغرىلىق گەپ قىلىپ، ماڭا ئىچ ئاغرىتىشنى تەلەپ قىلىشتى، ئۇلار شۇئان بالامنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىشتى.

مەن بىرگە يولغا چىقىدىغان بىرەر ئىشەنچىلىك ئادەمنى تاپقۇچە مەككىدە كۈتۈپ تۇرۇشنى خالىمىدىم. مەن كۈتۈلمىگەندە بىرەر چاتاق چىقىپ، ئېرىم بىلەن ئۇچرىشالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ تېزلىكتە تۆگە تەييارلاپ، بالامنى قۇچىقىمغا ئېلىپ ئېرىمنى ۋە دىنىمنى دەپ، مەدىنە تەرەپكە يول ئالدىم. يولدا مەن بىلەن بالامدىن باشقا ھېچ ئادەمزات يوق ئىدى.

مەن تەنئىمگە يېتىپ بارغان چېغىمدا، ئوسمان ئىبنى تەلھەگە ئۇچراپ قالدىم، ئوسمان مەندىن:

— ئى يولۇچىغا ئوزۇق بەرگۈچىنىڭ قىزى! نەگە ماڭدىڭ؟ — دەپ سورىدى، مەن دەرھال:

— ئېرىمنى مەقسەت قىلىپ مەدىنىگە ماڭدىم، — دېدىم.

— سىز بىلەن بىرەر ئادەم يوقمۇ؟

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بىلەن مۇشۇ كىچىك بالام ۋە بۈيۈك ئاللاھ بار.

— ئاللاھ بىلەن قەسەم، (بۇ ۋاقىت تېخى ئوسماننىڭ مۇسۇلمان بولمىغان چاغلىرى ئىدى) مەن سىزنى مەنزىلىڭىزگە يەتكۈزۈپ قويمىغىچە ھەرگىز سىزنى يالغۇز تاشلاپ قايتمايمەن! — دېدى- دە! تۆگەمنىڭ چۇلۋۇرىدىن يېتىلەپ ماڭدى، مەن بۇ ۋاقتقىچە، ئەرەبلەرنىڭ ئىچىدىن ئۇنىڭدەك ئېسىل، پەزىلەتلىك ئادەم بىلەن سەپەرداش بولۇپ باقمىغان ئىدىم. مەن يولدا بىرەر ئورۇنغا چۈشەر بولسام، ئۇ تۆگەمنى چۆكتۈرۈپ مەن ئۆزۈمنى تۈزەشتۈرۈپ، يەرگە چۈشكىچە، مەندىن يىراق تۇراتتى، مەن تۆگىدىن چۈشۈپ بولغىنىمدا، ئاندىن تۆگىنىڭ قېشىغا كېلىپ، يۈك- تاقلىرىمنى يېشىپ، تۆگىنى دەرەخ تۈۋىگە ئېلىپ بېرىپ سايىدا ياتاتتى، ماڭىدىغان چاغ بولسا، ئۇ تۆگەمنى تەييارلاپ قېشىمغا ئەكېلىپ بېرىپ، مەندىن يىراق تۇرۇپ، مېنى مىنىشكە ئۈندەيتتى، مەن مىنىپ تۆگە ئۈستىدە ئورۇنلىشىپ بولغان ۋاقتىمدا، ئاندىن تۆگىنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنى يېتىلەپ ماڭاتتى.

ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك مۇشۇنداق قىلىپ، تاكى بىز مەدىنىگە يېتىپ كەلگۈچە داۋام قىلدى. بىز ھەتتا مەدىنىگىمۇ يېتىپ كەلدۇق.

بىز مەدىنىدىكى ئەمىر ئىبنى ئەۋف قەبىلىسىگە كەلگەندە، ئوسمان:

— سىزنىڭ ئېرىڭىز مۇشۇ كەنتتە! سىز بۇ كەنتكە ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بىلەن كىرىڭ! — دېدى- دە، مەككىگە قايتىپ كەتتى.

مانا بۇ ئۇممۇ سەلەمەنىڭ بىزگە سۆزلەپ بەرگەنلىرى.

ئۇزاق ئايرىلىشتىن كېيىن، پارچىلىنىپ كەتكەن ئائىلە جەم بولدى. ئۇممۇ سەلەمەنىڭ كۆزى ئېرىگە قاندى، ئابدۇللاھ ئۇممۇ سەلەمە ۋە بالىسى بىلەن ئائىلە بەختىگە ئىگە بولدى. ۋاقىت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاندەك تېز ئۆتۈشكە باشلىدى.

مانا بۇ ئوھۇد ئۇرۇشى، ئۇ بەدىردىن مۇسۇلمانلار بىلەن زەپەر قۇچۇپ، غەلىبىگە ئېرىشىپ قايتقاندىن كېيىنكى ئۇرۇشلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئېرى ئابدۇللاھ بەدىردىن كېيىنكى بارلىق ئۇرۇشلاردا قەيسەرلىك بىلەن باتۇرلارچە جەڭ قىلىپ قايتقان ئىدى. لېكىن بۇ قېتىمقى ئوھۇد ئۇرۇشىدىن قاتتىق جاراھەتلىنىپ قايتتى. ئۇ جاراھىتىنىڭ سىرتى ساقايغىچە داۋالاندى، بىراق ئۇنىڭ جاراھىتى ئىچى تەرىپىدىن بۇزۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، جاراھەت ئېغىزى ئېچىلىشى بىلەن تەڭ ئابدۇللاھ، ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. ئۇ جاراھىتىنى داۋالىتىۋېتىپ، ئايالى ئۇممۇ سەلەمەگە:

ـ ئى ئۇممۇ سەلەمە! مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرەر كىشىگە مۇسىبەت يەتسە، ئۇ: «بىز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىمىز! ۋە بىز ئاللاھ تەرەپكە قايتىمىز! دېسۇن» دېگەنلىكى ۋە «ئى ئاللاھ! مېنىڭ مۇسىبىتىمگە ئاساسەن ماڭا ئەجىر بەرسەڭ! ئى ئاللاھ! سەن خالىساڭ ماڭا بۇنىڭدىن ياخشىسىنى ئىز باسار قىلىپ بەرسەڭ! دېسۇن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان، — دېدى.

ئابدۇللاھ ئۇدا بىر قانچە كۈن ئورنىدىن تۇرالمىدى، بىر ئەتىگىنى پەيغەمبىرىمىز ئۇنى يوقلاپ كەلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئىشىكتىن چىقاي دېگەندە ئابدۇللاھ جان ئۈزدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك قولى بىلەن ھەمراھىنىڭ كۆزىنى يۇمدۇرۇپ قويدى ۋە قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ تۇرۇپ:

— ئى ئاللاھ! ئابدۇللاھنى كەچۈرگىن! ئۇنىڭ ھايات دەرىجىسىنى ماڭا يېقىن قىلغىن! ھايات قالغانلارغا، ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى ئىزباسار قىلىپ بەرگىن! بىزنى ۋە ئۇنى كەچۈرگىن! ئى جەمئىي كائىناتنىڭ تەربىيىچىسى! ئۇنىڭ قەبرىسىنى كېڭەيتىپ، نۇرلاندۇرۇپ بەرگىن! — دەپ دۇئا قىلدى. لېكىن ئۇممۇ سەلەمە، ئېرى ئابدۇللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ بەرگەن سۆزىنى ئەسلەپ: «ئى ئاللاھ! مەن مۇشۇ مۇسىبەتكە ئاساسەن سەندىن ئەجىر تەلەپ قىلىمەن» دېدى. لېكىن: «ئى ئاللاھ! ماڭا ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى ئىزباسار قىلىپ بەرسەڭ!» دېگەن سۆزنى قىلىشقا تىلى بارمىدى، چۈنكى ئۇنى ئاللاھ تائالادىن سورايدۇ. ئەپسۇس! بۇ ئايال ئۈچۈن ئۆز ئېرىدىن ياخشى كىممۇ بولسۇن؟ لېكىن ئۇ ئويلىنىپ تۇرمايلا، دۇئاسىنى تاماملىدى. مۇسۇلمانلار بۇ مۇسىبەتكە قاتتىق قايغۇرۇشتى. ئۇلار بۇندىن بۇرۇن ھېچكىمنىڭ مۇسىبىتىگە بۇنچىلىك قايغۇرمىغان ئىدى.

ئۇممۇسەلەمەگە: «ئەرەبلەرنىڭ تۇل ئايالى» دەپ نام بەردى.

بۇ ۋاقىتتا، ئۇممۇسەلەمەنىڭ مەدىنىدە، تېخى قانات قۇيرۇقى تولۇق يېتىلمىگەن كىچىك قۇش كەبى، سەبي بالىسىدىن باشقا ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى قالمىغان ئىدى.

مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلار ئۆز زېممىسىدە ئۇممۇ سەلەمەنىڭ ھەققى بارلىقىنى ھېس قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئېرىگە تۇتقان قارىلىق ئىددىتى تۈگىشى بىلەنلا، ئەبۇبەكرى سىددىق (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) ئۇممۇ سەلەمەگە، خېرىدار بولۇپ كەلدى، ئۇ بۇ تەلەپكە ماقۇل دېمىدى.

ئاندىن ئۆمەر كەلدى، ئۇنىمۇ ئەبۇبەكرىدەك قايتۇردى.

ئاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ كەلدى، ئۇممۇسەلەمە رەسۇلۇللاھقا:

ـ يا رەسۇلۇللاھ! مەندە ئۈچ خىل خىسلەت بار! بىرىنچىدىن مەن كۈندەشلىكى يامان ئايال، مەندىن خاپا بولۇپ ماڭا ئاچچىقىڭ كەلسە ئاللاھنىڭ مېنى ئازابلىشىدىن قورقىمەن، ئىككىنچىدىن مەن ياشىنىپ قالغان ئايال. ئۈچىنچىدىن مېنىڭ بالام بار، — دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

ـ سەن دېگەن كۈندەشلىككە كەلسەك، مەن ئاللاھ تائالادىن، سەندىن بۇ ئىشنى كەتكۈزۈۋېتىشنى تىلەيمەن، يېشىم چوڭ دېيىشكە كەلسەك، مېنىڭمۇ يېشىم چوڭ، بالام بار دېگەنگە كەلسەك، سېنىڭ بالاڭ مېنىڭمۇ بالام، — دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى نىكاھىغا ئالدى.

ئاللاھ ئۇممۇ سەلەمەنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئابدۇللاھتىنمۇ ياخشى كىشىنى ئىزباسار قىلىپ بەردى. مانا بۈگۈندىن باشلاپ، مەخزۇم قەبىلىسىدىن بولغان ھىندى (ئۇممۇ سەلەمە)، يالغۇزلا، سەلەمەنىڭ ئانىسى بولماستىن بەلكى پۈتكۈل مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى بولۇپ قالدى.

ئۇنىڭ ئىسلام تارىخىدا مەشھۇر بولۇپ قالغان يەنە بىر قىسسىسى بولۇپ، بۇ ۋەقە مۇنداق بولغان ئىدى.

ھىجرىيەنىڭ 7- يىلى مەككىگە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن بارغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابلىرىنى توسۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ساھابىلارغا رۇخسەت قىلىشنى كېلەركى يىلىغا بېكىتىش ھەققىدە «ھۇدەيبىيە سۈلھىسى» دەپ ئاتالغان سۈلھىنى ئىمزالاشتى.

سۈلھىدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ قۇربانلىق قىلىڭلار، ئاندىن چېچىڭلارنى چۈشۈرۈڭلار» دېدى. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ساھابىلەردىن بىرمۇ ئادەم ئورنىدىن تۇرمىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىسىمۇ، ئۇلاردىن يەنىلا ھېچكىم ئورنىدىن تۇرمىغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممۇسەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا ئادەملەرنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇممۇسەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا:

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سەن مۇنداق قىلىشنى خالامسەن؟ سەن سىرتقا چىقىپ ئاندىن ھېچكىمگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن قۇربانلىقىڭنى بوغۇزلا، ساتىراچنى چاقىرىپ چېچىڭنى ئالدۇر، — دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىرتقا چىقتى، ھېچكىمگە گەپ قىلماستىن قۇربانلىقنى بوغۇزلىدى، ساچتىراچنى چاقىرىپ، چېچىنى چۈشۈرتىدۇ. بۇنى كۆرگەن ساھابىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ قۇربانلىقىنى بوغۇزلايدۇ.

دېمەك، ئۇممۇ سەلەمە ئانىمىز ئۆزىنىڭ ئەقىللىقى بىلەن ساھابىلارنى ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىدىن ساقلاپ قالغان.

ئاللاھ جەننەتتە ئۇممۇسەلەمەنىڭ يۈزىنى نۇرلاندۇرۇۋەتسۇن! ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن! ۋە ئۇنىمۇ رازى قىلسۇن! ئامىن!

  1. "Peygamber Efendimizin Evliliklerinin Sebep ve Hikmetleri, Prof.Dr.Mehmet SOYSALDI" (PDF). Archived from the original (PDF) on 2013-09-21. Retrieved 2016-11-21.
  2. ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
  3. 3.0 3.1 3.2 Kâinatın Efendisi Peygamberimizin Hayatı, Salih SURUÇ, 370. baskı, s.486