ئۇيغۇرلاردىكى ئۆلۈم-يىتىم ئادەتلىرى

ئۇيغۇرلاردا ۋاپات بولغۇچى ئىنتايىن ھۆرمەتكە ئىگە.شۇڭا ۋاپات بولغۇچى ئەربولسا«مەرھۇم»، ئايال«مەرھۇمە»دېگەندەك سۆزلەر ئىشىلىتىلىدۇ.ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇنىڭ تاۋۇتى قەبرىستانغا قەدەر كۆتۈرۈپ بېرىلىدۇ.ۋاپات بولغۇچىنىڭ بىۋاستە تۇغقانلىرى قارلىق تۇتۇپ ئەرلەر بىلىگە ئاق باغلايدۇ، ئاياللار بېشىغا ئاق ياغلىق سالىدۇ.تاۋۇت ئۇزىتىلغانغا قەدەر ئارىلىقتا ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگەن ئاياللارغىمۇ ئاق ياغلىق سېلىپ قويىدۇ.ۋاپات بولغۇچىنىڭ «يەتتە نەزىرىسى» بېرىلمىگۈچە بىۋاستە ئەر تۇغقانلار بېلىدىكى ئاقنى يەشمەيدۇ، ساقال-بۇرۇتىنى ئالمايدۇ.بىۋاستە ئايال تۇغقانلار ۋاپات بولغۇچىنىڭ قىرىقى بولمىغۇچە (بەزىدە يىلىغىچە) بېشىدىكى ئاقنى ئالمايدۇ.قىزىل-تىزىل كىيىم كىيمەيدۇ.«قىرىق نەزىر»دە ياكى«يىل نەزىر»دە ياشانغان بىر ئايال تەسەللىي سۆزىنى قىلىپ ئاق سالغۇچىنىڭ بېشىدىكى ئاقنى ئېلىۋېتىپ، باشقا ياغلىق سېلىپ قويىدۇ.بۇ«قارىسىنى ئۇشتۇش»دەپ ئاتىلىدۇ.ھازىدار ئائىلىدە ئۇيۇن-كۈلكە ۋە باشقا تاماشا ئىشىلىرى زادى بولمايدۇ.ھەتتا قولۇم-قوشنىلارمۇ ئۆز ئۆيىدە كۆڭۈل ئاچىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارمايدۇ.ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇرۇق-تۇغقانلار ئىچىدە تەييار بولۇپ قالغان توي كېچىكتۈرۈلىدۇ.توينى قىلمىسا بولمايدىغان ئەھۋال بولسا ھازىدار ئائىلىنىڭ رازىلىقىنى ئالىدۇ.

ۋاپات بولغۇچى ئۈچۈن بېرىلىدىغان «ئۈچ نەزىر»، «يەتتە نەزىر»، «قىرىقى نەزىر»، «يىل نەزىر» دېگەندەك نەزىرلەر پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولسىمۇ، لېكىن بەزى يەرلەردە (بولۇپمۇ تۇرپان رايۇنىدا) يۇقىرىقىدەك نەزىرلەرنى ئۆتكۈزۈشتىن تاشقىرى يەنە «سىپارە» (بەش نەزىر)، «يۈز كۈنلۈك نەزىر» دېگەندەك نەزىرلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.ھەتتا بەزى يەرلەر (خوتەن)دە «يىگىرمە كۈنلۈك نەزىر» چوڭ ئۆتكۈزۈلسە، بەزى يەرلەردە (تۇرپان رايۇنىدا)سىپارە چوڭ ئۆتكۈزىلىدۇ.«ئۈچ نەزىر»ئاساسەن مۇردىنى سۇغا ئالغۇچىنى رازى قىلىش مەقسەت قىلىنغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پەقەت يۇغۇچىلار ۋە ئىمام-مەزىنلەر قاتنىشىدۇ.بۇلارنىڭ بىرى«باش يۇغۇچى»، يەنە بىرى «ئاياغ يۇغۇچى»قالغان ئىككىسى سۇ قۇيۇپ بەرگۈچى.«باش يۇغۇچى» مۇردىنىڭ بېلىنىڭ يۇقىرىقى قىسمىنى، «ئاياغ يۇغۇچى»بەلنىڭ ئاستىنقى قىسمىنى يۇيىدۇ.يۇغۇچىلار يالغۇز مېيىتنى يۇيۇپلا قالماستىن، يەنە كېپەننى تىكىپ تەييار قىلىدۇ ۋە مۇردىنى كېپەنگە ئالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىدار ئائىلە ئۇلارنى ئىمكان بار ياخشى رازى قىلىشقا تىرىشىدۇ.ۋاپات بولغۇچىنىڭ نىمكەش كىيىملىرىنى يۇيۇپ تازىلاپ، يۇغۇچىلارغا قۇيىدۇ.بەزىلەر بولسا ۋاپات بولغۇچىنىڭ كىيىم-كىچىكى ئاياغ ئاستى بولۇپ قالىدۇ، دەپ ئەن رەخت، پۇل قۇيىدۇ.قايسى خىلدىكى نەرسە قۇيۇلسۇن، «باش يۇغۇچى»، «ئاياغ يۇغغۇچى» بىلەن سۇ قۇيۇپ بەرگۈچى پەرقلەندۈرۈلىدۇ.مۇردا يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن كېپەنگە ئېلىنىدۇ.كېپەنگە قىزىلگۈل سۈيى ياكى ئالدىن تەييارلاپ قۇيۇلغان زەمزەم سۈيى سېپىلىدۇ.باشقا نەزىرلەر ئۆز لايىقىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.ئۆلگۈچىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئۆز ئالدىغا نەزىر بېرىدۇ.ھازىر بولسا ئائىلە باشلىقى پەرزەنتلەر نامىدىن بىرلا قېتىم نەزىر بېرىدىغان بولدى.بۇ ياخشى ئەھۋال.ئۇيغۇرلاردا ھەر پەيشەنبە كۈنى «ئەرۋاھ» لارغا ئاتاپ ياغ پۇرىتىدىغان ئەھۋال داۋاملاشماقتا.ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھەممە «ئەرۋاھ» لار جۈمە كۈنى مەككىگە توپلىنىپ ناماز ئوقۇيمىش.مەككىگە بېرىش ئۈچۈن «ئەرۋاھ» تېتىك بولۇشى لازىممىش.ھەر پەيشەنبە كۈنى ياغ پۇرىتىلسا «ئەرۋاھلار»تېتىكلىشىپ مەككىگە بالدۇرلا بارارمىش.

مۇردا يۇيۇلۇپ كېپەنگە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن ۋاپات بولغۇچىنىڭ بالا-چاقىلىرى، يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرى مۇردا بىلەن ۋىدالىشىدۇ.ۋاپات بولغۇچى ئەر بولسا ئۇنىڭ ئايالى، ئەگەر ئايال بولسا، ئۇنىڭ ئېرى مۇردا بىلەن ۋىدالاشمايدۇ.سەۋەبى جان چىققاندىن كېيىن ئەر ئايالغا، ئايال ئەرگە يات بۇلۇپ كېتىدۇ-دە، بىر-بىرىنى كۆرۈش «نامەھرەم»بولىدۇ، دەيدىغان قاراش ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى كۈچلۈك.

ئېرى ئۆلگەن ئايال ياكى ئايالى ئۆلگەن ئەر ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۆلگۈچىنىڭ يىلى بولمىغىچە ئەرگە تەگمەيدۇ ياكى ئۆيلەنمەيدۇ (ئايرىم ئەھۋاللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا)، ئەگەر بۇنىڭغا رىئايە قىلماي ئەرگە تەگسە ياكى خوتۇن ئالسا، پەرزەنتلەر نارازى بولىدۇ، جامائەت تەگەيدۇ.

جىنازا نامىزى مەسچىتتە ئۇقۇلىدۇ.ناماز چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن ناماز چۈشۈرگۈچىگە ناماز ھەققى، نامازغا قاتناشقان غېرىپ-غۇرۋالارغا «ئىسقات» بېرىلىدۇ.ئىسقات ئالغۇچىلار ۋاپات بولغۇچى ئۈچۈن خالىسانە ناماز ئوقۇپ قۇيىدۇ، ناماز چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ، قەبرىستانلىققا بارىدۇ.جەسەت گۆرگە قۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، جامائەت ئۇدۇل ھازىدار ئائىلىسىگە پەتىگە كېلىپ، قۇرئان-تىلاۋەت قىلىپ قايتىدۇ.ئەتىسى بامدات نامىزىدىن قايتقان جامائەت يەنە پەتىگە كىرىپ، قۇرئان-تىلاۋەت قىلىدۇ.جىنازىدىكى مۇردىنىڭ ئەر ياكى ئىكەنلىكىنى تاۋۇتقا يېپىلغان يوپۇقتىن بىلگىلى بولىدۇ.ئايالنىڭ تاۋۇتىغا گۈللۈك ئېسىل رەختلەردىن يوپۇق يېپىلىدۇ.ئەر بولسا ئاق ياكى قارا سىدام رەختتىن قىلىنغان يوپۇق يېپىلىدۇ.

قەبرە ئۈچۈن قۇرۇق يەر تاللىنىدۇ.ئۆتمۈشتە ھەر بىر ئائىلە جەمەتىنىڭ ئۆز ئالدىغا قەبرىستانلىقى بولاتتى.چەتتىن كېلىپ قالغانلار ۋاپات بولسا «مۇساپىرلار قەبرىستانلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان ئومۇمىي قەبرىستانلىققا كۆمۈلەتتى.قەبرە ئىگىلىرى قەبرىنى يوقلىغىلى چىقسا قەبرىنىڭ توپىسىنى يۆلەپ ئىگىزلىتىپ قۇيىدۇ ھەم ئۇچار قۇشلار يېسۇن دەپ، ئۈستىگە دان چېچىپ قويىدۇ.بەزىلەر قەبرىنىڭ توپسى ئۇچۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن گۈمبەز ياساپ قويىدۇ.قەبرىنىڭ باش تەرىپىگە قەبرە تېشى ئورنىتىپ، ئۇنىڭغا ۋاپات بولغۇچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى يېزىپ قويۇلىدۇ.بەزىدە قەبرىنى تۈمۈر ياكى رىشاتكا ئىچىگە ئېلىپ قويىدۇ.بەزىدە قەبرە ئەتراپىغا دەل-دەرەخ تىكىپ، گۈل-گىياھ تېرىپ ئۆستۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.

بەزىلەر جەسەتنى ئىلاج بار يول بويىدىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىدۇ.ئۇلار يولدىن ئۆتكۈچىلەر قەبرىستاندىكىلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ قويىدۇ، دېگەننى ئۈمىد قىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق قوشاق پەيدا بولغان ۋە ساقلانغان:

مەن ئۆلەرمەن، مەن ئۆلەرمەن.

يولدا قويماڭلار مېنى.

يولدا قويساڭلار قويۇڭلار،

چۆلدە قويماڭلار مېنى.

ۋاپات بولغۇچى ئۈچۈن بېرىلگەن نەزىر تۈگىگەندىن كېيىن ئائىلە جەمەتى قەبرىستانلىققا بېرىپ، قەبرىنى يوقلاش، شۇنداقلا ھەر بىر روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتلادا نامازدىن كېيىن قەبرىستانلىققا بېرىپ قەبرە يوقلاش ئادىتى ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا.

ئۇيغۇرلاردا«ئاتا-ئانامنىڭ ئايىغىدا ياتىمەن» دېگەن ئارزۇ كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياقا-يۇرتلاردا ۋاپات بولغۇچىنىڭ ۋەسىيتىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ جەسىتى يۇرتىغا ئېلىپ بېرىلىپ دەپنە قىلىنىدىغان ئەھۋاللار ياكى جان ئۈزۈشتىن ئىلگىرى ئۆز يۇرتىغا ئەكېتىدىغان ئەھۋالار ھازىرمۇ بار.

بەزى ياشانغان ئادەملەر بالا-چاقىلىرىنى ئالدىرىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ھايات ۋاقتىدىلا ئۆلۈملۈكىنى ھازىرلاپ قويىدۇ، يەرلىكنى كولىتىپ تەييارلاپ قويىدۇ.

ئائىلە چوڭلىرىدىن بىرى (مەيلى ئاتا، مەيلى ئانا)ئاغرىپ قېلىپ ساقايمىسا، كېسەلنىڭ تەلىپى بويىچە شۇ ئائىلىدە تەييار بولۇپ قالغان توينى قىلىۋېتىدۇ.ئەگەر بۇنىڭغا ئۈلگۈرەلمەي كېسەل ۋاپات بولۇپ كەتسە، جەسەتنى دەپنە قىلماي تۇرۇپ نىكاھ ئوقۇتۇپ قويۇپ، ئاندىن جەسەتنى ئۇزىتىدۇ.بۇ ئاتا- ئانىنىڭ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشقا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرستىدۇ.

ھازىدار ئائىلە ھازا بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۆز ئائىلىسىدە تاماق يېيىش ئىمكانىيتى بولمايدۇ.ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنا ۋە ئەل-ئاغىنىلەر ئائىلىسى بىرەر ھەپتە، ھەتتا بىرەر ئايغىچە تاماق ئېتىپ ئەكىلىپ تۇرىدۇ.كەلگەن تاۋاققا ھازىدارلار ۋە باشقىلار ئېغىز تېگىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا ئىگە-چاقىسىز، يېتىم-يېسىرلار، مۇساپىرلار ئۆلۈپ قالسا، ئۇنى «خالىس ئۆلۈم» دەپ، يۇرت مەھەللە بىرلىكتە نامىزىنى چۈشۈرۈپ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى جامائەت خالىسانە ياردەم قىلىپ دەپنە قىلىدىغان ئادەت بار. بۇنداق خالىس ئۆلۈمنى ئۇزىتىشنى ساۋابلىق ئىش دەپ ھېسابلايدۇ.


مەنبە:ئابدۇكېرىم راخمان قاتارلىقلار تۈزگەن، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 2008-يىلى نەشىر قىلغان «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى»ناملىق كىتابتىن.