ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق ئادىتى

ئۇيغۇرلار ياشىغان رايونلاردىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنى مىلادىدىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە ئولتۇراق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغان دېىىشكە بولىدۇ. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى ئوردۇبالىق (قارا بالخاسۇن) دىن تېپىلغان قەدىمكى چوڭ شەھەر خارابىسى ۋە بۇ جايدىن قېزىۋېلىنغان دېۋىرقاي، مىس پارچىلىرى، برۇنزا ئەينەك، نەپىس ھەيكەل، نەقىشلىگەن خىش، يارغۇنچاق قاتارلىق بۇيۇملار؛ ھازىرقى ئارا تۈرۈك ناھىيىسىنىڭ نوم يېزىسىدىكى «ئوغۇر چوقا» دېگەن قەدىمكى كەنت خارابىسىدىكى ئۆي ئىزلىرى، تۇرپاندىكى ئىدىقۇت، يارغۇل قەدىمكى شەھەر خارابىسى قاتارلىقلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەڭ كېيىن دېگەندىمۇ مىلادىنىڭ دەسلەپكى ئەسىرلىرىدىن باشلاپ تەدرىجىي ئولتۇراق تۇرمۇشقا كۆچكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تۇرالغۇ جاي ئىنسانلار ئەجدادىنىڭ ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش يولىدا ئېلىپ بارغان بىرىنچى تارىخىي پائالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بىرى. ئۇلار باشلانغۇچ جەمئىيەتتە ئەڭ ئالدى بىلەن بۈك چاتقاللىقلار، غار - ئۆڭكۈرلەر ۋە دەرەخ باشلىرىدىن تۇرالغۇ جاي ئورنىدا پايدىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، تەدرىجىي ئۆي ياساپ ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن، ئەمما ئۇنداق ئۆيلەر شاخ - شۇمبىلاردىن ياسالغان بولۇپ ناھايىتى ئاددىي ئىدى. كېيىنچە كىچىك تەبىئىي ئازگال ۋە دۆڭلۈكلەرنىڭ تارچۇقلىرىنىڭ ئۈستىنى شاخ - شۇمبىلاردا يېپىپ ئولتۇرۇپ - قوپىدىغان بولغان. مۇنداق ئۆيلەرنى بۈگۈنكى كەپە، ساتما، گېرەملەرنىڭ ئەڭ ئىپىتىدائىي شەكلى دېيىشكە بولىدۇ. ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كېلىپ چىققان يېڭى ئامىل ۋە زۆرۈرىيەتلەر ئەجدادلىرىمىزنى تۇرالغۇ جايدىمۇ يېڭى تەرەققىياتلارغا يۈزلەندۈردى. بۇنىڭ بىلەن قومۇش، ياغاچلار چۆرىسىگە قاتار تىكىلگەن يۇمىلاق تاملىق، گۈمبەز شەكىللىك ئۆيلەر؛ تاشتا قوپۇرۇلغان ئۈچ تاملىق ئۆيلەر؛ بىر نەچچە ياغاچ قىيپاش مىنگەشتۈرۈلۈپ ئۈستىگە تېرە، كىگىز يېپىلغان ئۆيلەر مەيدانغا كەلدى. مۇنداق ئۆيلەر كېيىنكى دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن چېدىر، ئاق ئۆي، ياغاچ ئۆي، سوقما تاملىق، كېسەك تاملىق ئۆيلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى ئىدى. ئەجدادلىرىمىز شۇ ئاساستا كېسەك قۇيۇپ، تام ئۆي سېلىپ ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن.