ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي سايمانلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي سايمانلىرى مۇنداق ئىككى جەھەتتىكى سايمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

بىرىنچى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان سايمانلار، مەسىلەن، قازان - قومۇچ، چىنە - قاچا.

(1) قازان شەكىل جەھەتتىن پۇتسىز، پۇتلۇق ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. پۇتلۇقى داڭقان دەپ ئاتىلىپ ئاساسەن ئۈچ پۇتلۇق كېلىدۇ. ھەجىمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ چوڭ داڭقان، كىچىك داڭقان دەپ ئاتىلىدۇ. پۇتسىزى ئادەتىلىپ، ئەڭ چوڭى «داشقازان» دېيىلىدۇ. قازان ئۆزىنىڭ ياسالغان ماتېرىيالىغا قاراپ «چۆيۈن قازان»، «مىس قازان» دەپ ئاتىلىدۇ. مىس قازان جىمبىللىق، جىمبىلسىز ئىككى خىل بولۇپ، ھەجىمى ھەر خىل بولىدۇ. بۇ قازانلار داڭقاننى ھېسابقا ئالمىغاندا كېسەك ئوچاق، تۆمۈر ئوچاققا ئېسىپ ئىشلىتىلىدۇ. داڭقان پۇتلۇق بولغاچ مەخسۇس ئوچاق ھازىرلانمايدۇ. ئوچاقمۇ ئىككى خىل بولۇپ، «ئۆرە ئوچاق»، «يەر ئوچاق» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆرە ئوچاق كېسەل ياكى خىشتا ياسىلىپ تۇرخۇنلۇق كېلىدۇ. يەر ئوچاق يەر ئويۇن ياسىلىدۇ. بۇ خىل ئوچاق ئاساسەن ھويلا ۋە دالىدا ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا مەخسۇس تۇرخۇن چىقىرىلمايدۇ. تۆمۈر ئوچاق ئۈچ پۈتلۇق كېلىدۇ.

(2) چۆگۈن، چۆمۈچ، كوزا، ئىۋرىق، قاپاق، چېلەك، ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇرۇن ھازىرقى مىس(تۆمۈر) چۆمۈچ، چىلەك ئورنىدا ياغاچ چۆمۈچ، سۇغا (بۇمۇ ياغاچتىن ياسىلىدۇ) ئىشلىتەتتى. ئىۋرىق مەخسۇس قول يۇيۇش، چىنە - قاچا يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان بولۇپ، ساپالدىن ياسىلاتتى. ھازىر قاڭالتىردىن ياسالغان تۈرىمۇ چىقتى. چۆگۈن مىستىن ياسىلىدۇ، ھەجىمى، شەكلى ھەرخىل بولۇپ مەخسۇس سۇ قاينىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. كوزا، قاپاق، چېلەك، كۆكۈر، سۇ توشۇش ۋە سۇ ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. چېلەك قاڭالتىرىدىن ياسالغان بولۇپ، ئۇ ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن كېيىن ئومۇملىشىشقا باشلىغان، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كوزا، قاپاق ئىشلىتىلىپ كەلگەن. چېلەك كېيىنچە ئومۇملاشقان چىداملىق سايمان بولسىمۇ، قاپاق كېيىنچە يېز - قىشلاقلاردا ھازىرمۇ ئۆز رولىنى يوقاتقىنى يوق. كۆكۈر مىستىن ياسالغان بولۇپ ياپىلاق شەكىلدە كېلىدۇ.

(3) چىنە - قاچا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن چىنە - قاچىلىرىنى تۆت خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ:

بىرىنچى خىلى، ياغاچ، ساپالدىن ياسالغان چىنە - قاچىلار بولۇپ، ياغاچتا ياسالغانلىرى چۆچەك، ئاياق، تەڭنە، ياغاچ تاۋاق دەپ ئاتىلىدۇ. ساپالدىن ياسالغانلىرى غىدىر ياكى ھېجىر دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تاش سىرلىق، سىيدام ئىككى خىل كېلىدۇ. تەڭنىنىڭ ئاساسلىقى خېمىر يۇغۇرۇش ۋە كىر يۇيۇش ئۈچۈن (كىر يۇيىدىغان تەڭنە ئايرىم بولۇپ، قەدىمكى نامىدا ئاتىغاندا «چارا» دەپ ئاتىلىدۇ) ئىشلىتىلدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلىرى «مەخسۇس تاماق يېيىش، ئۇسسۇزلۇق ئىچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ. بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى قاچا - قۇمۇچلىرىدىن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەڭنىدىن باشقىلرى ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن ئىستېمالدىن قالدى.

ئىككىنچى خىلى، مىستىن ياسالغان بولۇپ، مىس تاۋاق (لېگەنمىس چەينەك، مىس چىنە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە مىس چەينەكتىن باشقىلىرى ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن ئىستېمالدىن قالدى.

ئۈچىنچى خىلى، فار - فۇردىن ياسالغان قاچىلار. بۇ چوڭ - چىنە ھەر خىل چىنە تەخسە، چىنە تاۋاق (لېگە)، چىنە چەينەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چىنە ئادەتتە پىيالە، سىركايە دەپ ئاتىلىدۇ.

تۆتىنچى خىلى، تۈنىكىدىن ياسالغان سىرلىق قاچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، تۈنىكە چىنە، تۈنىكە چەينەك، تۈنىكە لېگەن، تۈنىكە چۆمۈچ، تۈنىكە ساپلىق، تۈنىكە كورا، سىرلىق ۋە سىرسىز ھەر خىل داس (جاۋۇر) قاتارلىقلار.

بۇنىڭدىن باشقا شېشىدىن ياسالغان ھەر خىل قەندەل، ۋازا، ئىستاكان ۋە شېشە، فار - فۇردىن ياسالغان ھەر خىل مۇراببا قاچىلىرى، چايدان قاتارلىقلارمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدۇ. بۇ تىپتىكى قاچىلار مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20 - 50 - يىللىرىدىن كېيىن ئومۇملاشقان.

ئۇيغۇرلار ئادەتتە، فارفۇر ياسالغان چىنە - قاچىلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدۇ. مېھمان ئالدىغا چىنە - قاچىدا غىزا، تاماق قويىدۇ. شۇڭا مېھمانغا ئاتاپ زاپاس چىنە - قاچا ساقلايدۇ. شۇنىڭدەك فارفۇر، شېشىدىن ياسالغان چىنە - قاچا، قەندەل، ۋازا قاتارلىقلارنى ئۆي زىننىتى سۈپىتىدە ئويۇن - تەكچىلەرگە ياكى دېرىزە ئالدىدىكى شىرە ئۈستىگە تۈرى بويىچە ھەرخىل شەكىلدە چىرايلىق تىزىپ قويىدۇ. ھازىر شەھەر - بازار رايونلىرىدا مەخسۇس بۇلۇڭ ئىشكاپ، تىك ئىشكاپ ئىچىگە تىزىش ئومۇميۈزلۈك ئادەتكە ئايلاندى. مۇشۇ قاتاردا يەنە ساماۋەر، لوڭقىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. ساماۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۆي سايمانلىرىدىن بولۇپ، چاي قاينىتىش ۋە زىننەت بۇيۇم تەكچىگە ياكى دېرىزە ئالدىدىكى شىرەگە تىزىپ قويۇلىدۇ. لوڭقا مەخسۇس زىننەت بۇيۇمى بولۇپ، ياز كۈنلىرى يېڭى ئېچىلغان گۈللەر چىلاپ قۇيۇلۇش بىلەن ئۇمۇ ئويۇق ياكى تەكچىگە تىزىپ قويۇلىدۇ.

ئىككىنچى، ئادەتتىكى سايمانلار، ئادەتتىكى سايمانلار قوشۇق (ياغاچ قوشۇق، مىس ۋە قەلەي قوشۇق)، چوكا، سىم ۋە ياغاچ چويلا، سۇپۇرا، ئاشتاختا، نوغۇچ، كۆمەچدان، تاۋا، ئاپتۇۋا، چىلاپچى، تەرەتلىك كوزا، ئىدىش، پالتا، كەكە، ھاۋانچا، ئەگلەك، تاتقۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاپتۇۋا، چىلاپچى بىر قەدەر ئەلا، نەپىس بۇيۇملاردىن بولۇپ، ئادەتتە مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا «تەرەتلىك» دەپ ئاتالغان. ئىۋرىق تەرەت ئېلىشقا ئىشلىتىلىپ قالماستىن، ئادەتتە قول يۇيۇشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. فارفۇردىن ياسالغان چىنە - قاچىلارنى ئالساق ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆي سايمانلىرىدىن بولۇپ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئۇنداق قاچىلار يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى، تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇرلار ئىچىگە تارقالغان ۋە ئۇيغۇرلار ئارقىلىق غەربكە تارقالغان.